مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 66939|ئىنكاس: 669

نىمىشقىمۇ چىرايلىق بولغىيتتىڭ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8417
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7308
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 6697 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 07:07:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                                      ھىكايە
                                                             مەنبە:غەيرەت ھۇشۇر.يەنى ئوزۇم.
   (بۇ ئەسىرىم مىسرانىم ۋە دوستۇم تورىغا مەنسۇپ،باشقا تورغا رۇخسىتىمسىز بىرىشكە بولمايدۇ)
                                                                              1
    -قۇتقۇزۇڭلار،قۇتقۇزۇڭلار...،-قىزلارنىڭ ئالا -تاغىل توۋلاشلىرى كېمە ئۇستىدە ئاپتاپقى قاقلىنىپ ياتقان مۇراتنىڭ تاتلىق خىياللىرىنى ئۇزۇپ قويدى.ئۇ كېمە ئىچىدىن بوينىنى تەستە كوتۇرۇپ ئەتىراپقا باقتى.ئوزىگە يېقىنلام كول يۇزىدە  بىر كېمىگە چىقىۋېلىشقان 4-5 قىز كولگە چۇشۇپ كەتكەن بىرىگە قارىشىپ باشقىلاردىن ياردەم تىلىمەكتە ئىدى.
  -قۇتقۇزۇڭلار،دوستىمىز سۇغا چۇشۇپ كەتتى،ئادەم بارمۇ...،-قىزلارنىڭ جىددىلىشىۋاتقانلىغى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى،بىراق قىزلارغا يېقىن يەردە بىرە كىمە كورۇنمەيتتى،ئۇلارنىڭ ئاۋازى كول يۇزىدە ئەكىس سادا بولۇپ ياڭرىغاندىن باشقا نەتىجە بەرمەيتتى خالاس.چۇنكى مۇراتتىنن باشقا بىرى بۇ ئاۋازلارنى ئاڭلىغۇدەك دائىرىدە ئەمەس ئىدى.
    مۇرات ئويلاشقۇدەك ۋاقىتنىڭ قالمىغانلىغىنى سەزدى،بولمىغىنىدا سۇدا بىر شۇڭغۇپ،بىر لەيلەپ يۇرگەن قىزنىڭ ھالى خەتەرلىك .ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇ سۇ ئۇزۇشنى بىلمەيدىغاندەك قىىلاتتى،قالايمىقان ھەركەتلىرى بۇ نوختىنى ئىسپاتلاپ ،ئۇنىڭ بارغانچە ھالسىراۋاتقانلىغىنى كورسىتەتتى.مۇرات پالاقنى قولىغا ئېلىپ كېمىنى قوزغاتتى،شۇنچە تىز پالاق ئۇرسىمۇ كېمىنىڭ تىز ماڭماسلىغىدىن ئۇنىڭ ئىچى تىت-تىت بولدى.چۇنكى قىز سۇ تىگىگە چوكۇپ كىرىپ كەتكەنچە كول يۇزىدە كورۇنمەي قويدى.ئارلىق يىگىرمە مىتىرچە قالغىنىدا پالاقنى تاشلىغان مۇرات سۇ ئاستىغا شۇڭغىدى...
   -"پولتوڭ"-، قىلغان ئاۋازدىن تېخىچە ھوشىنى تاپالماي چوقىرشىۋاتقان قىزلار ئاۋاز چىققان كەينى تەرەپكە قارىشىپ لەپپەڭشىپ قالغان كېمە ۋە كېمە قېشىدىن ئىككى مىتىردە يىراقلىقتىكى كول يۇزىدە پەيدا بولغان  چەمبىرەك داۋالغۇش دولقۇنلىرىنى كورۇپ، دوستىنى بىرىنىڭ قۇتقۇزۇش ئۇچۇن كولگە سەكرىگەنلىگىنى پەملىشىپ جىم بولۇشتى،ئۇلار بايا دوستىنىڭ كولگە چۇشۇپ كەتكىنىدىن جىددىلەشكىنىمۇ  كەينى تەرەپتە ئوزىگە يېقىن كېمىنى كورمىگەن ،دوستى چۇشۇپ كەتكەن تەرەپكىلام قارىشىپ چۇقۇراشقان  ئىدى. مانا ھازىرئۇلار جىم بولۇشۇپ دوستى چوكۇپ كەتكەن كول يۇزىگە قارىشىپ تۇرۇشتى.بىر كەمدە كول يۇزىدە مۇراتنىڭ بېشى كورۇندى،ئۇ  چوكۇپ كەتكەن قىزنى ئوزىدىن يىراق قلغان ھالەتتە كولدىن سۇزۇپ چىقتى ۋە  كېمە تەرەپكە ئۇزۇپ كېلىپ قىزنى كېمىدىكىلەرنىڭ  تارتىۋېلىشى ئۇچۇن كېمە گىرۋىگىگە سۇندى.ھودۇققان قىزلار پۇتۇن سەپ تارتىپ دوستىنى تارتىۋېلىشقا ئاتلاندى.كېمە ئېغىرلىق مەركىزى بۇزۇلۇپ بىر يانغا قىيسايدى.مۇرات؛
   -دىققەت قىلىڭلار،ھەممىڭلار بىريانغا چۇلغاشماڭلار،-ئەپسۇس ئۇنىڭ  سوزىنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغۇچە داۋالغۇپ كەتكەن كېمىدىكى ئىككى قىز  ئوزىنى تەڭپۇڭ تۇتالماي كولگە موللاق ئاتتى،مۇرات خەتەرنىڭ يېقىنلاپ قالغىنىنى سەزدى،سەگەكلىكىنى يوقۇتۇشقا بولمايتتى.ئۇ قۇتقۇزۇپ چىققان قىزنى تىزلىكتە كېمە ياغىچىدىن ئارتىلدۇرۇپ كېمە ئىچىگە تاشلاپ يېڭىدىن قۇتقۇزۇشقا موھتاجلارغا يېقىنلاشتى،ئەپسۇس تارىخىدا سۇ ئۇزۇش توگۇل تېزىدىن ئاشقۇدەك سۇغا كىرىپ باقمىغان شەھەرلىك ئىككى نازىنىن مۇراتقا تەڭ ئېسىلدى،مۇرات قىزلار بىلەن سۇ تېگەگە چوكۇشكە باشلىدى،ئۇلار مۇراتقا ئېسىلىۋان بولغاچقا مۇراتنىڭ  ھەركەت قىلىشى  توسالغۇغا ئۇچراپ سۇ ئۇزۇش توگۇل ئوزىنى ئېلىپ قېچىشقىمۇ ئامال بولمىدى.ئۇنىڭ كاللىسى ئىشلىدى.ئوزىنىڭ بوينىغا گىرە سېلىۋالغان ،ئۇزىگە ئالدىدىن ئېسىغان بىرىگە كىلىشتۇرۇپ كاللا قويدى،كول يۇزىدە قان كورۇندى، قىز ھۇشسىزلاندى،كەينىدىن ئوزىگە ئېسىلغان يەنە بىرىنى ئالدى تەرىپىگە تارتىپ ئوتكۇزۇپ گەدىنىگە زەرىپ بىلەن ئۇرۇپ ھۇشسىزلاندۇردى ۋە ئۇنى كول يۇزىگە تارتىپ چىقىرىپ كېمىدىكى دوسلىرىنىڭ  تارتىۋېلىشى ئۇچۇن سۇندى.كېمىدىكىلەر باياتىنقى يۇز بەرگەن ۋەقەدىن ساۋاق ئالغان بولغاچ بىرىلام  دوستىنىڭ قولىدىن تارتتى.مۇرات بۇ قىزنىڭ دوسلىرىنىڭ قولىغا ئوتكۇنىنى كورۇپ چوڭ بىر تىنىۋالدىدە كول ئاستىغا شۇڭغۇدى.ئۇنىڭغا كول ئاستىدا يېرىم لەيلەپ ياتقان قىزنى تاپماق تەسكە چۇشمىدى.چۇنكى ئۇنىڭدىن قان ئېقىۋاتقان بولغاچ مۇرات سۇ ئاستىدا كوزىنى ئېچىپ ئۇنىڭ تۇرغان ئورنىنى بىلدى.قىزلار كېمىگە ئەپ چىقىلدى.ئۇچ قىز كېمىگە دۇمدا قىلنىپ ياتقۇزۇلدى.كېيىن چۇشۇپ كەتكەن ئىككى قىز بىلەن مۇرات ھەپىلىشىپ ئولتۇرماي دەسلىۋېدە چۇشۇپ كەتكەن قىزنى دۇمبە تەرىپىدىن بېسىشقا باشلىدى.قىزنىڭ ئېغزىدىن ھەر بېسىشتا سۇ ياناتتى،بىراق قىز  ھۇشىغا كېلەي دىمەيتتى.يانىدىغان سۇمۇ توختىدى.قىز تېخىچە ھۇشسىز،مۇرات قىزنى ئوڭدا قىلىپ رۇسلىدى.ئۇنىڭ كوكسىدىن بېسىپ سۇنئې  نەپەسلەندۇرۇشكە باشلىدى،بۇمۇ كار قىلمىدى،بولمىغىنىدا  ئېغزىنى قىزنىڭ ئېغزىغا  ئاپىرىپ قولىدا ئىككى كالپۇكنى قايرىپ تۇرۇپ  يېڭىلا سۇمرىگەن ساپ ھاۋانى قىزنىڭ ئوپكىسىگە بىۋاستە پۇۋلىدى،بىر قېتىم،ئىككى قېتىم،ئۇچ قېتىم... قاتتىق ھوتۇلۇپ نەپەسكە كىرگەن قىزنىڭ ئېغزىدىن يانغان سۇ مۇراتنىڭ يۇزىگە چاچرىدى،ھاتتا بۇ سۇنى مۇرات ئىچىۋالمىدىم دىيەلمۇگۇدەك دەرىجىدە دەل نەپەس يېڭىلاۋاتقان مۇراتنىڭ  ئېغزىغا كىرىپ كەتتى.
   ھۇشسىز ئىككى قىزنى ئىككى دوستى دۇمبىسىدىن بېسىپ سۇ ياندۇرۇپ بولغان بولسىمۇ ھۇشىغا كەلمىگەن ئىدى.مۇرات كولدىن ئالقىنىغا سۇ ئېلىپ ئۇلارنىڭ يۇزىگە سەپتى ئۇلار  ئەندىكىپ ھوشىغا كېلىشتى،كاللا يىگەن قىزنىڭ پىشانىسى يېرىلغان بولۇپ قان تېخىچە چىقىۋاتاتتى.يەنە بىرى بولسا گەدىنىنى ئۇۋلىغىنىچە ئەتىراپقا باقاتتى،مۇرات قۇتقۇزغان قىزنىڭ بېشىنى قۇچىغىغا ئېلىۋالغان بولۇپ قىز بېشىنى يات بىرىنىڭ قۇچىغىدا كوردىمۇ ئەپ قېچىش ئۇچۇن كوتۇردى. ئەپسۇس سۇ يۇسۇنى سۇ ئىچىدە تىك تۇرغىنى بىلەن سۇدىن ئايرىلسا لەشكە ئايلانغىنىدەك ئوزىنى خېلى تىتىك كورگەن قىز بېشىنى مىدىرلىتىشقىمۇ ئامال قىلالمىدى،ئۇنىڭ كوز جىيەكلىرىدىن ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى ۋە ؛
   -مېنى قويىۋېتىڭ،نىمانداق بېشىمدىن بېسىۋالىسىز،-دەپ مۇراتقا ئالايدى،مۇرات قىزنىڭ كاللىسىدا دەردى بارمۇ دىگەندەك دوسلىرىغا قارىدى،دوسلىرى ھېچ ئىش يوقتىكىدەك دوستىغا قاراپلا ئولتۇرىشاتتى،مۇرات؛
   -كىم بېشىڭىزنى بېسىۋاپتۇ،يېڭىدىن ھۇشىڭىزغا كەلگەن بولغاچقا بېشىڭىز ئېغىر بىلىنگەن گەپ،-دىدى.قىز؛
   -مەن ھۇشۇمدىن كەتتىمما ؟،-دەپ دوسلىرىغا قارىدى،ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ قىز قىسقا مۇددەتلىك خاتىرىسىنى يوقاتقاندەك قىلاتتى،پىشانىسىدىن قان چىقىۋاتقان قىز ئورنىدىن تۇرىۋېلىپ دوستىغا قاراپ تۇرغان بولغاچ ئالدىراپ جاۋاپ بەردى؛
   -شۇنداق،تاس قالدىڭ دىگىنە سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغىلى،سېنى قۇتقۇزىمەن دەپ مەنمۇ سۇغا چۇشۇپ كەتتىم دىگىنە،-ئۇ ئوزىنىڭ توھپىسىنى دوستىغا بىلدۇرۇشكە ئالدىرسا كىرەك،ئوز يارىسىنى بىلمىگەن ئىدى.مانا ھەزىر پىشانىسىدىن ئاققان قان كوزىگە سىرغىپ چۇشتى بولغاي پىشانىسىنى سۇرتۇش ئۇچۇن قولىدا  يۇزىنى سۇرتتى،قان قولىغا يۇقتى،قاننى كورگەن قىز قاندىن قورقۇش كىسىلى بار ئادەمدەك ۋاقىراپ كەتتى؛
   -ۋاي ئولەي،يۇزۇمدە قان نىمە قىلىدۇ،مېنى كىم ئۇردى،-مېنى كىم ئۇردى دىگەن گەپنى قىلغان قىزنىڭ يادىغا بىر نەرسە يەتتى بولغاي  مۇراتقا ئالىيىپ قاراپ تۇرۇپ قالدى ۋە ئوۋغا ئېتىلغان شۇڭقاردەك مۇرات تەرەپكە ئېتىلىپ مۇراتنىڭ يۇزىگە تىرناق سالدى،مۇراتنىڭ يۇزىدە قىزنىڭ تىرناق ئىزى قان بىلەن بېسىلدى،مۇرات؛
   -ساراڭ،ئالجىپ قالمىغانسەن،-دەپ قىزنى سىلكېۋېتىپ قۇچۇغىدىكى قىز بېشىنى سىلكىپ چۇشۇردى ۋە سۇغا ئوزىنى ئاتتى،سۇ يۇزىگە چىققىنىدا قىزلارغا قاراپ؛
   -سىلەرنى قۇتقۇزغان مەنمۇ ساراڭ،مەن كەلمىسەم  يۇنۇس پەيغەمبەرنى قۇتقۇزغان بىلىق ئوزۇپ كېلىپ سىلەرنى قۇتقۇزسا بولۇپتىكەن ،- دەپ ئوز كېمىسى تەرەپكە ئۇزۇپ كەتتى،كاللا ۋە گەدەنگە مۇش يىگەن قىز تەڭلا توۋلىدى؛
   -قۇتقۇزۇپتىمىش،ئادەمنى ئۇرۇپ ھۇشسىزلاندۇرۇپ قۇتقۇزغاننى نەدە كورگەن،لۇكچەك،-مۇرات تەرەپتىن ئاۋاز كەلدى؛
   -ئۇرۇپ ھۇشسىزلاندۇرۇپ ئوزۇمنى قوغدىمىسام،مەندەك ئىپپىتىنى يوقاتمىغان بىر يىگىتنى سۇ ئاستىغا بېسىپ ئەكىرىپ نىمە قىلماقچى ئىدىڭلار،مەن لوكچەك بولسام سىلەر كوچىدىكى كىملەرگە ئوخشاپ قالدىڭلار ؟،ھا ھا ھا،-سۇ يۇزىدە قاتتىق كۇلگەندىكى ئەكىس سادا ياڭرىدى...
                                                                  
                                                         *                          *                            *
   يۇزىدىكى تاتۇق ساقايماي تۇرۇپ مۇرات دوستى ئەكبەرنىڭ تويىغا مەجبۇرى يىگىت قىلىپ تاللاندى. قىز كوچۇرۇش ئۇچۇن قىز تەرەپكە يىتىپ كېلىشكەن ياشلار شوخ توي  ناخشىسىنى جىرلاپ زالنى چاڭ كەلتۇردى.توينىڭ قىززىقى دەپ قىز تەرەپنى يۇمشاق كىرىسلو ئۇستىگە قوش قات قىلىپ كورپە سالدۇرۇپ ئەكبەرنى كىرىسلو ئۇستىدىكى توت قات كورپە ئۇستىدە ئولتۇرغۇزۇشتى ۋە ئىككى يېنىدا ئىككى يىگىت ئورۇن ئېلىشتى.
   -ئەسسالام،-پەتنۇستا گۇل، قول ياغلىق كوتۇرۇشكەن قىزلار ئىگىلىپ  سالام بىلەن ياشلار ئورۇن ئېلىشقان ئويگە يىتىپ كېرىشكىنىدە قىزلارنىڭ گۇزەللىگىدىن ياشلار ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قېلىشقان ئىدى،ئۇلارغا سالام قايتۇرۇشنىمۇ ئۇنتىغان بولۇپ كىنو ئارتىسلىرىمۇ بۇنچە گۇزەل بولماس...،ئەپسۇس بۇ قىزلارنى بۇ يۇرتتىكى يىگىتلەردىن بىرىمۇ تونىمايدىغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئەتلەستىن ئىشلەنگەن كىيىملىرىمۇ ئەتلەس يۇرتىنىڭ يىگىتلىرىنى تاڭ قالدۇرماقتا ئىدى.
   -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،-قىزلار تېخىمۇ ئۇنلۇك،تۇلۇق قىلىپ سالام يوللاشتى؛
   -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،-بومبا پارتلىغاندەك ئۇنلۇك سالام قايتۇرۇلدى،توي زالىدا ئەكىس سادا ياندى،قىزلار چوچۇپ كەتتى.قىز قولدىشىدىن بىرى گەپ ئاتتى؛
   -ئەكبەرجان بۇ دوسلىرىڭىزنى داڭلىق خور ئومىگىدىن باشلاپ كەلمىگەنسىز،-مۇراتمۇ بوش كەلمىدى؛
   -سىلەردىن بۇرۇن كىرگەن پۇرىقىڭلاردا مەس بوپ قاپتىمىز،-قىزلارنىڭ چاچقان ئەتىرىنىڭ پۇرىغى خېلىلام كۇچلۇق ئىدى،بايا گەپ قىلغان قىز؛
   -ۋاي بىلمەي قاپتىمىز ئەمەسمۇ،ئەسلى قىزلار يوق تۇرمىدىن كەلگەنلەر ئىدىڭلارغۇ،شۇڭا قىز زاتىنى كورۇپ ھۇشسىزلىنىشىڭلار ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئىدى ،-ئەكبەر تۇرمە ساقچىسى ئىدى،ياشلاردىن قىقاس-چوقان كوتۇرۇلدى، ئەمما تىزلام بېسىقتى،ئادەتتە قىزلارغا گەپ بەرمەيدىغان مۇرات جىم بولدى،بۇ قىزلارغا تەڭ كىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىگىنى ئۇ بىلىپ يەتكەن ئىدى.ئەكبەرگە گۇل تاقالدى،قول ياغلىق سوۋغا قىلنىپ بولۇپ،ئىككى يىگىتكە ئىككى قىز تەڭ گۇل تاقاۋېتىپ مۇراتنىڭ چىرايىغا قاراپ سالغان قىز قولداش چىقىراپ تاشلىدى؛
   -ۋاي قارا جەمىلە، ھېلىقى يۇنۇس بېلىقى،-قىز شۇنداق دىدىيۇ گۇل تاقاش ئۇچۇن سانچىغان ئىلغاقنى مۇراتنىڭ كوكسىگە سانچىۋەتتى،مۇرات -"ۋايجان "دەپ توۋلاپ سالدى ۋە قىزنىڭ چىرايىغا قاراپ پىشانىدىكى روشەن تارتۇقنى كوردى ۋە بۇندىن بىر ئاي بۇرۇنقى كولدە قۇتقۇزىۋالغان ،يۇزىدىكى تارتۇقنى ھەدىيە قىلغان بىشەم قىز ئىكەنلىگىنى تونىدى،قىزلار مۇراتقا قاراپ قېلىشقان بولسىمۇ ،تىزلا ھۇشىنى تېپىپ گۇلنى جايىغا تاقاپ قول ياغلىق قىستۇرۇپ ئۇلگەردى،بىراق مۇراتنىڭ ئىلغاق سانچىلغان يىرىدىن قان چىقىپ كوينىگىنىڭ تۇگمىدەك يىرىنى قىزىل گۇلدەك بويىغان ئىدى...
   قىزلار قايتارىدا مۇراتقا سەمىمى تەلەپپۇزدا؛
   -رەخمەت،سىزنى كوپ ئىزلىگەن ئىدۇق،ئەپسۇس تاپالماي نائۇمۇت بولغىنىمىزداسىز بىلەن ئۇچراشقىنىمىزدىن بەكمۇ خۇششالمىز،-دەپ قويۇپ چىقىپ كىتىشتى...ياشلار بۇنچە گۇزەل ئۇچ قىزنىڭ مۇراتنى كورۇپ بۇنچە قىلىپ كېتىشىدىن ھەسەت قىلىشىپ تىللىرىنى تامشىتىشىپ  قېلىشتى...
   -مۇرات -بىزگىمۇ تونۇشتۇرۇپ قويارسەن...
   -مۇراتتىن ئومۇت كۇتكىلى بولاتتىمۇ ؟،توغۇلمىغان قىزنىمۇ كۇنلەيدىغان تۇرسا...
   -يۇزىڭدىكى تارتۇق مۇشۇ ئۇچ قىز بىلەن ئېلىشقاندىكى ئىزناغۇ دەيمەن...
   -شۇنداق بولماي نىمە بولاتتى دوسلار،مۇرات دوستىمىز قىزلار بىلەن چېلىشقىلى بەك ئامراق تۇرسا...
   يىگىتلەرنىڭ كۇلكە-چاخچاقلىرى توي ئاخىرلاشقۇچە مۇراتقا گەپ ئېتىش بىلەن بولدى،مۇرات ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۇلارغا جاۋاپ قايتۇرمىدى.
    توي ئاخىرلىشىپ ئەكبەرنى يېڭى كېلىن بىلەن بىر ھوجرىغا ئەكىرىپ قويۇپ قايتىشقا تەمشەلگەن مۇراتنى قىز قولداشلىرى توسىۋېلىشتى؛
   -سىز يىگىتقۇ،بىزنى ئويگە يەتكۇزۇپ قويۇش مەجبۇرىيىتىڭىز بار،قاچىمەن دىمەڭ،-يەنە بىر يىگىت قىزلارنىڭ بۇ سوزىدىن بەك خوشال بولۇپ كەتتىمۇ قىزلارغا  خوشامەت قىلىشقا باشلىدى؛
   -خانلىرىم -گۇزەللەر ئۇچۇن خىزمەت قىلىشنى شەرەپ دەپ بىلىمىز،مېنىڭ ماشىنامغا مەرھەمەت قىلىشسىلا ئوزلەرنى چاقتۇرماي،ساق-سالامەت ئويگە يەتكۇزۇشكە كېپىللىك قىلىمەن،-ئۇ ماشىنىسى تەرەپكە ئىشارەت قىلىپ ئىگىلىپ تۇردى.پىشانىسىدە تارتۇق بار قىز؛
   -گۇزەللەرگە خىزمەت قىلىشنى شەرەپ دەپ بىلسىڭىز،يېڭى كېلىن ئارىمىزدىكى ئەڭ گۇزىلى،مۇنۇ توي كوينىگىنى «رۇخسار»توي مۇلازىمەت ئورنىغا يەتكۇزىۋېتىڭ ،چۇنكى بۇنى ئۇ كەيگەن .ئۇ بولسا بۇگۇنكى ئەڭ گۇزەل قىز.گۇزەللەر ئۇچۇن خىزمەت قىلىڭ ئەمىسە،ئۇلار بىزنى ساقلاپ قالمىسۇن،مۇنۇ يىگىت بىزنى ئاپىرىپ قويسىمۇ بولىدۇ،- دەپ توي كوينىگىنى يىگىتكە تۇتقۇزۇپ يەنە بىر يىگىتنى يولغا سالدى...مۇراتنىڭ پىشانىسىدىن تەر قۇيۇلۇشقا باشلىدى،ئالدىدىكى قىزلارنى نىمىشقىمۇ بۇرۇن كورمەپتى بولغاي،نىمە دىگەن چىرايلىق قىزلار بۇ،بولۇپمۇ جەمىلە دىگىنى ياساپ پۇتتۇرۇلگەندەك،نوخسانسىز گۇزەللەردىن ئىدى،ئۇ نىمىشقىكىن مۇراتقا قاراپلا تۇراتتى،بىراق زۇۋان سۇرمەيتتى،ئارىدا يەنە كاللا يەپ تارتۇق بولغان قىز سوز باشلىدى؛
   -نىمانداق قاراپلا تۇرىسەن جەمىلە،ھېلىقى كۇنى- كالپۇكلىرىڭنى كەرىپ چىشىڭغا سويگەن،ئۇسسىغىنىدا بېخىللىغىدىن سەن ئىچىۋالغان سۇنىمۇ زايە قىلىشقا چىدىماي قۇستۇرۇپ ئىچىۋالغان يۇنۇس بېلىغى دەل مۇشۇ،-مۇرات ئوزىگە قاراپلا تۇرغان بۇ قىزنىڭ ئوزى قۇتۇلدۇرغان بىرىنچى قىز ئىكەنلىەىنى بىلگىنىدە كاللا يەپ ئالا -جوقا سوزلەپ قالغاندىكىدەك ھالدا ۋالاقشىۋاتقان قىزنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاشقا رايى بارامدۇ دىسە،ئۇ خىيال قىلاتتى،ھېلىقى كۇنى قىزلارنىڭ بۇنچە گۇزەللىكىنى نىمىشقا بايقىمىغان بولغۇيتتىم،بەلكىم جىددىلەشكەن نىرۋام دىققەت قىلدۇرمىغان چېغى،ھېلىمۇ كىچىكمەيمەن،ئۇنىڭ ئۇستىگە گۇزەللەرنىڭ گۇزىلى مەن قۇتقۇزغان ئاساسلىق قىزكەن ئەمەسمۇ،كەلگۇسىدە ئۇ مېنىڭ بولۇپ قالامدۇ تېخى...؛
   -يىگىت چىرايلىقمىكەن،-تارتۇقنىڭ نوقۇشىدىن ھۇشىنى تاپقان مۇرات باشقا گەپمۇ قىلماي قىزلارنى ماشىنىسىغا چىقىرىپ ئولارنى ئېلىپ يۇرۇپ كەتتى...
   -ئويۇڭلار قاياقتا،-مۇرات سورىدى.يەنە ھېلىقى ئالا-جوقا؛
   -ئوينىڭ گېپىنى قىلماي بىزنى ياخشىراق بىر تاماقخانىغا باشلىمامسىز،توي دىگەندە بىرە ئۇستەل راسلىمامدىغان بۇ يۇرتتا،توڭ پولو بىلەن ھېلىقى لەغمىنىچۇ،ھەي بولدىلا بىزنى بىر  تويغۇدەك تاماق بىرىدىغان يەرگە باشلىسىڭىزلا بولاتتى،-ئۇنىڭ غۇدىراشلىرىدىن بۇ يۇرتلۇق ئەمەسلىگى چىقىپ تۇراتتى،توي تامىغىمۇ تېتىمىغان بولسا قورسىقىنىڭ ئاچقىنى ئىنىق،قىزلار "رىۋايەت" تاماقخانىسىغا كىرگىنىدە ئالا-جوقا يەنە سوزلەپ كەتتى؛
   -جەمىلە قارىغىنە بۇ يۇنۇس بىلىغىنىڭ بىزنى باشلىغان يېرىگە،بەلكىم ئوزى پاناھلىنىپ ئادەمگە ئايلىنىۋالغان ئوڭكۇرلەرغۇ بۇ،ھەجەپ بىر تۇيغۇ بىرىدىكىنا،-چايخانىغا ئورۇنلاشقان قىزلار بۇرۇن بۇ يەرگە كەلگەن بولسىمۇ ئىككىنجى قەۋەتكە چىقىپ باقمىغاچقا قەدىمى ئوڭكۇر ئۇسلۇبىدا لاھىيەلەنگەن بۇ چايخانىدىن ھەيران قالماقتا ئىدى.مۇرات سوز باشلىدى؛
   -نىمە يەپ،قانداق چاي ئىچىسىلەر ؟،-قىزلارنىڭ گەپ قىلىش پاتىنىتى بولسا ھېلىقى ئالا-جوقىدا بولسا كىرەك؛
   -گوش نان،كاۋاپ،ئىتالىيە چوپى،پولۇ،زەپە چاي،-ئۇ تاماق تىزىملىگىنى ئوقۇۋاتامدۇ ياكى تاماق بۇيرىتىۋاتامدۇ بۇنى بىلمىگەن كۇتكۇچى قىز ؛
   -قانچىلىكتىن يازىمەن،-دەپ سورىدى،ئالا- جوقا كۇتكۇچىگە بىر ئالىيىپ قويۇپ؛
   -ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن دىگەننى ئۇقمامسىز،بىركىشلىكتىن بولسا بولدى،تېتىپ كورىمىز،-كۇتكۇچى قىز تاماق تالۇنىنى ئۇزۇتۇپ 120سوم دىگىنىدە قىزلار تەڭلا پورتماللىرىنى ئاقتۇرقا باشلىدى،مۇرات يانچۇغىدىن پۇرلىشىپ كەتكەن پۇللارنى چىقىرىپ ئارىسىدىن يۇز سوملۇقتىن ئىككىنى ئايرىپ كۇتكۇچىگە ئۇزاتتى.قىزلار پارچىسى بار
دەپ   تۇرىۋېلىشقان بولسىمۇ مۇرات؛
  -بىزنىڭدە قىزلارنى پۇل خەجلىتىش دەيدىغان سوزنى لوغىتىمدىن تاپالمايسىلەر،-دەپ ئۇلارنى رەت قىلدى،ئالا-جوقا قۇشۇق قاتتى؛
   -شۇنداقمۇ ؟بۇ گېپىڭىزنىڭ ھوددىسىدىن چىقماق تەس بولارمىكى،بىزنىڭ خەجىمىزنى تولەپ بولالماي ئىككى كۇندە يوقالماڭ يەنا ؟،-مۇرات ئۇنىڭ گەپلىرىگە جاۋاپ بىرىشنى ئۇشۇقچە بىلدىمۇ ئومۇمدىن گەپ ئېلىش ئۇچۇن؛
   -ئىسمىم مۇرات،داشو پۇتتۇرۇپ ئىش كۇتكەچ ئاتاملارغا ياردەملىشىپ سودا قىلىۋاتىمەن،ئوزۇم مۇشۇ شەھەردىن،-دەپ  ئوزىنى تونۇشتۇرۇپ سىلەرچۇ دىگەندەك جەمىلە دىگەن قىزدىن جاۋاپ كۇتۇپ ئۇنىڭغا باقتى،يەنە شۇ ئالا-جوقا؛
   -سىز كوزىگە كىرىپ كەتكۇدەك تىكىلىپ ئولتۇرغان دوستىمىزنىڭ ئىسمى جەمىلە،مېنىڭ نەفىسە،بۇياقنىڭ بولسا ئايشە ،ھەممىمىز ئۇرۇمچىدىن. تويى بولغان روشەننىڭ ساۋاقداشلىرى،-دەپ ئوزلىرىنى تونۇشتۇردى.تاماق چايلار كەلتۇرۇلدى،ئەپسۇس كاۋاپ بىر زىخلا ئىدى،نەفىسەنىڭ  ئاچچىغى كەلگەن بولسىمۇ ھەممە تۇردىن بىردىن دىگەن بولغاچقا گەپ قىلالمىدى.بىر زىخ كاۋاپتىكى توت تىكە گوشنى بىردىن بولۇشۇپ يىيىشكەن بولدى،ئەپسۇس يېغى مۇراتقا تەخسىملەندى.ئارىدا كوپ گەپ سوزلەر بولدى.قىزلارنىڭ دىيىشىچە ھېلىقى كۇنى ئۇلار قۇتقۇزىۋېلىنغاندىن كېيىن باشقىلار مۇراتنىڭ ئۇلارنى ئۇرۇپ ھۇشسىزلاندۇرغىنىنى توغرا دەپ چۇشەندۇرۇپتۇ،بولمىسا ئۇچىلىسىنىڭ ھالاك بولىشى مۇقەررەر ئىكەنتۇق.شۇڭلاشقا ئۇلار مۇراتتىن  كوپ كەچۇرۇملارنى سورىدى،مۇراتمۇ كەچۇرگەن بولدى،تارقالغىنىدا مۇرات قىزلارنى شەھەرنىڭ مەركىزىدىكى يۇلتۇزلۇق مېھمان كۇتۇشكە ئاپىرىپ قويۇپ ئەتىگە كورۇشۇشكە كېلىشىپ ئويىگە قايتتى،ئۇنىڭ كوڭلى بەكمۇ خوش ئىدى، جەمىلەدەك گۇزەللەرنىڭ خىيالى ئۇنى مەس قىلاتتى.بولۇپمۇ قايتار ۋاختىدا جەمىلەنىڭ؛
   -ئەتە كەلمەي قويماڭ جۇمۇ،يولىڭىزغا قارايمىز،روشەنلەرنى كورۇشكە بىزنى باشلاپ بارمىسىڭىز بولمايدۇ،-دەپ تاتلىق كۇلگەندىكى پەيدا بولغان زىنىقى  كوز ئالدىدىلام ئۇنى قىينايتتى،مۇھاببەتنىڭ ئوقلىرى دەل جايىغا تىگىۋاتاتتى...
                                                    *                      *                         *
    (مەلۇم شەھەر ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىق ئىشخانىسى)
   ئىدارە باشلىغى جىددى قىياپەتتە يوليۇرۇق بىرىۋاتاتتى،ئىشخانىدا پەقەتلەم توتلا ئادەم بولۇپ بىرى  نازارەت زەھەر تازىلاش باشقارما باشلىغى، بىرى زەھەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن ئىدارە باشلىغى ۋە يەنە بىرى ئىدارە زەھەر تازىلاش ئەترەت باشلىغى يۇنۇس ئىدى.ئىدارە باشلىغى سوزلىمەكتە؛
   -نازارەتتىن جىددى بۇيرۇق كەلدى،خىزمىتىمىزنى قوللاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇن باشقارما باشلىغى ئادىل ئوزى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلماقچى،بۇگۇنكى باش قوشۇش يېغىنىدىن خاتىرە قالدۇرۇشقا بولمايدۇ،سەۋەپ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش،بوگۇنكى يېغىن مەزمۇنىدىن  مۇشۇ تۇرغان توتىمىزدىن باشقا بىرىنىڭ خەۋەردار بولىشى چەكلىنىدۇ،تۇۋەندە ھازىرقى خىزمەت ۋە ۋەزىيەت توغرىسىدا ئادىل باشقارما باشلىغى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئەپ بارىدۇ،-ئىدارە باشلىغى سوزىنى توگۇتۇپ ئادىل باشقارما باشلىغىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا قولاق سالدى؛
  -ئىگىلىشىمىزچە چەتئەل زەھەر ئەتكەسچىللىرى بىلەن شەھرىمىزنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇروھىدىكىلەر بىرلىشىپ ئىچكىرى ئولكۇلەرگە چەتئەلدىن بىر تۇركۇم زەھەر يوتكىمەكچى بولاۋېتىپتۇ،بۇ قېتىمقى زەھەرنىڭ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كوپ بولۇپ ،ئاقىۋەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش بەكمۇ تەس.شۇڭلاشقا بىرىنجى قول نازىرنىڭ بىۋەستە قوماندانلىغىدا بىر قېتىملىق زەھەرگە قارشى كورەشنى قانات يايدۇرماقچى بولاۋاتىمىز،بىلىشىمىزچە ئىچكى جەھەتتە ئۇلارغا ماسلىشىۋاتقان خادىملىرىمىزمۇ بولىشى مۇمكىن.شۇڭلاشقا مەخپىيەتلىك ئوتكىلى چىڭ تۇتىلىشى كىرەك.يولداشلار ھازىرقى ۋەزىيەتنى كوزەتكىنىمىزدە دۇشمەن يۇشۇرۇن ،بىز ئاشكارە ، ئۇلارنى رازۋىدكا قىلىشقا كوپ ئادەم ئاجىرتىشقا بولمايدۇ،مەركەزدىن كەلگەن خەۋەرلەردە ئەيتىلىشچە ئۇلار ئارىسىغا بىزنىڭ  قولاقلىرىمىز مۇۋاپپىقىيەتلىك سىڭىپ كىرگەنلىگى مەلۇم،قولاقنىڭ كىملىگىنى بىزمۇ بىلمەيمىز.خەۋەر كۇتۇشكە توغرا كىلىدۇ،ھازىرقى بىزنىڭ خىزمىتىمىز  پەقەت مەلۇم ۋىلايەتتىكى تۇرمىگە يۇشۇرۇن ئادەم كىرگۇزۇپ تۇرمە ئىچىدە سىرتتىكىلەرگە قوماندانلىق قىلىۋاتقان مۇشۇ زەھەر گۇروھىدىكىلەرنىڭ كاتىۋېشىغا يېقىنلىشىش،ئادەمنى مەن تاللاپ قويدۇم،سىلەر ئۇنى زەھەر سېتىۋاتقان كورۇنىشتە تۇتۇپ تۇرمىگە قاماشقا ۋە جىددى ھالەت شەكلىدە ۋەزىپە ساقلاشقا مەسئۇل،بىراق خىزمىتىڭلاردىن شۇ ۋىلايەت ج خ ئورنىدىكىلەر خەۋەر تاپسا بولمايدۇ،چۇنكى بۇ قېتىمكى ھەركىتىمىز ئۇ ۋىلايەتتە پەقەت تۇرمىدىكى شۇ جىنايەتچى بىلەن چەكلىنىدۇ خالاس...
   يېغىن ئاخىرلاشتى،ئۇلار جىددى تارقالدى،ئادىل باشقارما باشلىغى ئىدارە باشلىغى بىلەن قېلىپ قالدى...
    (داۋامىنى جىددى يېزىۋاتىمەن،ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇراي،داۋامىنى بۇرۇنقىدەك ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ پۇتتۇرۇشكە كېپىللىك قىلىمەن،مۇۋاپىق بولسا تەستىقلاپ قويۇڭلار...)

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 10 ئىجادىيتىڭىز ئۈۈلمىگەي !

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30171
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1176
تۆھپە نۇمۇرى: 102
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2011-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 07:44:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋوۋ~~~~~~~
نىمىانداق كۆپ  مەن كەچتە ئالدىرماي ئوقۇياي.!
ساقلىۋالدىم ئەمسە.!

مەن سۆيمەيمەن،مەن سەزمەيمەن ،مەن چۈشەنمەيمەن ،مىنىڭ كۆڭلۈم ئاللىبۇرۇن قۇرۇغدىلىپ بولغان!

كۆك بۆرە ئىكەنسە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26217
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4145
تۆھپە نۇمۇرى: 206
توردا: 507 سائەت
تىزىم: 2011-1-14
ئاخىرقى: 2012-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 07:49:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىڭىز راسلام ياخشى چىقىپتۇ.......

ھاياتقا ئۈمۈد بى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27297
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6565
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2012-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 07:49:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (sada0903) نىڭ يازمىسىغا

ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن ، شۇنداق تەسىرلىك ...

ئۆزگىنى قوي ئۆزى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7998
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5414
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 3471 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2012-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 08:07:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى يېزىپ بوپ ھايىت دەۋىتەرسىز ئەمسە ، ئاخىرىنى ساقلايمەن . [s:166]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5006
تۆھپە نۇمۇرى: 663
توردا: 4416 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 08:07:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلى ھېكايە ئىكەن . مەن ياختۇرپ قالدىم .ئاخىرى چىقسا بولاتتى .

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 1694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14821
تۆھپە نۇمۇرى: 478
توردا: 3891 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 08:17:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىلغان تىمىكەن بۇ ....!

http://blog.sina.com.cn/esma88

سسەنسز كىىچە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26963
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2922
تۆھپە نۇمۇرى: 217
توردا: 427 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2011-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 08:22:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
manmu ahrni saklawatiman bak yahxi yezepsisz

ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق..

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8998
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7016
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 7819 سائەت
تىزىم: 2010-9-4
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 08:58:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسىرىڭىزمۇ قىز كەلتۇرۇش كىلىشىمىگە ئوخشاش نادىر ئەسەردەك قىلىپ تۇرىدۇ،ئەمدى بۇ ئەسەرنى ئىزدەپ يۇرۇپ ئوقۇيدىغان بولدۇقتە،سىزدەك مەسئوليەتچان يازغۇچىنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى بەك ساقلىتىۋەتمايدىغانلىغىغا ئىشىنىمىز،قەلەم تۇلپارلىرىڭىز ھىرىپ قالمىغاي!

ئىبراھىمجان ئىر

باش رەسىمى نىقابلانغان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 2375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26435
تۆھپە نۇمۇرى: 3036
توردا: 6427 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2012-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 09:05:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش