|
|
|
|
[align=justify] پۇل تاپىمەن دەيدىكەنمىز، ئاۋال ھېساب-كىتاب قىلىشنى بىلىشىمىز كېرەك. ھەممىڭلار ھېساب-كىتاب قىلىشقا ئۇستا، لېكىن مۇنداق بىر نەچچە ھېسابنى قىلىپ باقمىغان بولۇشۇڭلار مۈمكىن:[align=justify] بىرىنچى، تەن ساقلىقنىڭ ئۆزى پۇل تاپقانلىق. ھازىر داۋالىنىش، دورا پۇلى بەك قىممەت، نەچچە ئون مىڭ، نەچچە يۈز مىڭنى تاپقان بىلەن، بىر ئاغرىش بىلەنلا قاقسەنەم بولۇپ قىلىشىمىز مۇمكىن، شۇڭا كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش بىزدىكى نامراتلىقنىڭ بىرىنچى سەۋەبى بولۇپ قالدى. 20 نەچچە ياشتىلا قان بېسىم يۇقىرى بولۇش، 40 نەچچە ياشتىلا شامال دارىپ پالەچ بولۇپ قىلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ تاماكا-ھاراققا زىيادە بىرىلىش، قالايمىقان يەپ-ئىچىش بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ئەمەس؟ مايلىق چاينى تاشلىۋېتىپ، قىچا تېرىماي، يىل بويى ھايۋانات يېغى يېيىش بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ئەمەس؟ ساغلاملىق ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىشكە كۆڭۈل بۆلمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ئەمەس؟ بالىلار ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك سېتىۋالغاندا ساختا-ناچار يېمەكلىكلەردىن ھۇشيار بولماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ئەمەس؟ قاراپ بېقىڭلار، نۇرغۇن جايلاردا ھاۋانى ئىس-تۈتەك قاپلاپ، تۇرخۇنلار ئورماندەك قەد كۆتىرىپ، زەھەرلىك گازلار ئادەمنى نەپەس ئالالماس قىلىۋەتتى، ھاۋا ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشى ھەممە ئادەمنى ئاغرىتىپ قويسا، بۇ زادى ئەرزىمدۇ؟[align=justify] [align=justify] ئىككىنچى، پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيىلىگەنلىكنىڭ ئۆزى پۇل تاپقانلىق. پەرزەنت ياخشى بولسا نامرات ئائىلە باي بولالايدۇ، ئەكسىچە بولسا باي ئائىلە چوقۇم نامراتلىشىپ كېتىدۇ. ئادەم ھامان قېرىيدۇ، پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيىلەش ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئوتتۇرا-ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەزىلەر بالىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ كارى بولماي، شەھەرگە پۇل تاپقىلى كېتىدۇ. نۇرغۇن پۇل تاپتىمۇ دەيلى، ئەگەر بالىلىرىدىن بىرەرسى زەھەر چەكسە ياكى تۈرمىگە كىرىپ قالسا، پۈتۈن ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى شۇندىن ئېتىبارەن زۇلمەت ئىچىدە قالىدۇ. بۇنداق ياشىغاننىڭ يەنە نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشتە بولۇپمۇ ئەخلاققا ۋە خاراكتېرغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەسئۇلىيەتچانلىقى يوق بىر ئادەم باشلىقىغا ۋە قول ئاستىدىكىلەرگە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشتىن ئاۋۋال ئاتا-ئانىسىغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىدۇ، ئاتا-ئانىسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئوبيېكتى قىلىدۇ. سىز ئۇلارنى سىرتقا چىقىپ بىر ئىش قىل دەيسىز، ئەمما بۇنداق ئىنساندىن ھەممە ئادەم ئېھتىيات قىلىدۇ، بىزار بولىدۇ، نەگىلا بارسا قارشى ئېلىنمايدۇ، بۇنداق ئادەمنىڭ قانچىلىك تەرەققىيات ئىستىقبالى بولسۇن؟ نەتىجىدە سىرتتا ئىشى ئەپلەشمەي، ئائىلىگە قايتىپ قان شورىغۇچى قۇرت بولىدۇ. ئائىلىدە بۇنداق قان شورىغۇچى قۇرت بولسا ئون مىڭ، يۈزمىڭنى قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ پايدىسى يوق. چۈنكى بىر تەدبىردە خاتالاشتىڭىزمۇ بولدى، بارلىق پۇلىڭىز بىر كېچىدىلا يوق بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق مىساللار ئاز ئەمەسقۇ؟[align=justify] [align=justify] ئۈچىنچى، مودىدىن ھوشيار تۇرغانلىقنىڭ ئۆزى پۇل تاپقانلىق. مۇتلەق كۆپ قىسىم مودىنى سودىگەرلەر تەييارلاپ، ئاخبارات ۋاستىلىرى داڭلاپ پەيدا قىلىدۇ. ئون يۈەنلىك كىيىمنى سېتىۋالماي، مىڭ يۈەنلىك كىيىمنى سېتىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىككىلا كىيىم پەقەت ئىسسىقلىق ساقلايدۇ، پاسۇن پەرقىمۇ چوڭ ئەمەس. يەنە بەزى جامائەت پىكرىدە بۈگۈنى «قوش قاپاق چىرايلىق بولىدۇ» دېسە، ئەتىسى «يالاڭ قاپاق چىرايلىق بولىدۇ» دەيدۇ؛ بۈگۈنى «قىزىل چاچ چىرايلىق بولىدۇ» دېسە، ئەتىسى «يېشىل چاچ چىرايلىق بولىدۇ» دەيدۇ. سىز راست ئوخشايدۇ دەپ ئۇنىڭغا ئەگەشسىڭىز خەقنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ، ئەخمەقلەرچە خەقكە ئاقچا ئاپىرىپ بەرگەن بولىسىز. بەزى ئېلېكتر سايمانلىرىنى ئالساق، نەچچە ئەۋلاد يېڭىلاش تېخنىكىسى ئاللىقاچان بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ ئەمما سودىگەرلەر مەخپىي تۇتىدۇ، بازارغا بىر قېتىمدىلا سالماي، بەلكى سىزنى بىر قېتىم-بىر قېتىمدىن يېڭىلاشقا مەجبۇر قىلىدۇ، چۆنتىكىڭىزدىكى پۇلنى بىر-بىرلەپ سۇغۇرىۋالىدۇ، باشتا بىر يانفون ئالسىلا بولىدىغان ئادەمگە ئاقىۋەت بەش يانفون ئالغۇزىدۇ؛ ئەسلى بەش قوي باقىدىغان ئادەمنى ئاخىرىدا بىر قوي باققاندەكلا قىلىپ قويىدۇ. بۇ زىيانمۇ ئەمەس؟ مۇشەققەت چېكىپ شەھەردە ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار بىر يىلدا ھېچقانچە كۆپ پۇل تاپالمايدۇ، ئۆيگە قايتقاندا پۇلنى شەھەردىكى مودا نەرسىلەرگە تېگىشىپ ئېلىپ كېلىدۇ. كارغا يارىمايدىغان بۇ نەرسىلەرنى كۆرگەندە ھەممە ئادەم زىيان بولغاندەك ھېس قىلىدۇ.[align=justify] [align=justify] تۆتىنچى، ئاددىي-ساددا ياشاشنىڭ ئۆزى پۇل تاپقانلىق. «گۈلنىڭ ئېچىلىشى بىر مەزگىل، گىياھ تۆت پەسىلدە يېشىل». بۇ تەمسىلدە تۇرمۇشتىكى چوڭ قائىدە سۆزلەنگەن. دۆلەتمەن، راھەت-پاراغەتلىك ئائىلىلەرنىڭ خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئاجىز بولىدۇ، چۈنكى تەننەرق بەك زور، يايما بەك چوڭ، كېمە چوڭ بولسا كەينىگە بۇرۇلۇش قېيىن بولىدۇ، ئىگىزدىن يىقىلسا بەك ئاغرىيدۇ. شۇڭا بايلار خەۋپى يۇقىرى ساھەدىكىلەر، شۇنداقلا غېمى ئەڭ كۆپ توپ، دېيىلىدۇ، ھەتتا ھەر كۈنى تاماق يېگەندىمۇ بىزدەك ھوزۇرلىنالمايدۇ، ھەر ۋاق تاماقنى قاپىقىنى تۈرۈپ يەيدۇ، مۇقەررەر شۇنداق بولىدۇ. ئىقتىسادشۇناسلار: بۇ يەردە «چەت ئېففېكتى»بار، دەيدۇ. بۇ سۆزنى چۈشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ھېچقىسى يوق، بەزى پاكىتلارغا قاراپ باقسىڭىزلا بولىدۇ.مىسال: بايلارنىڭ بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش (ئوقۇتۇش) تەسرەك، چۈنكى ئۇنىڭدا بېسىم ئاز ئەمەسمۇ. شۇنداقلا بايلارنىڭ ئۆيى ئاسانلا جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ نىشانى بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى نامراتلاردا ھېچقانچە نەپ بولمىسا جىنايەتچىلەر ئۇلارنى ئىزدەپ نېمە قىلىدۇ؟ بۇ نۇقتىدا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىمۇ پۇل، قوغدىغۇچىنى بېقىش، بۆرە ئىت بېقىش، ئىگىز تام سېلىشقىمۇ پۇل كېتىدۇ ئەمەسمۇ. بايلار پۇل تاپقاندا يەنە ئويۇن-تاماشا قىلىدۇ، ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېلىپ تاغ-دەريالارنى كۆرۈپ، ھەيران قېلىشىدۇ، تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىدۇ، ئەمما سىز بىر سېنت خەجلىمەي، ھەر كۈنى بۇلاردىن ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ، نېمىشقا ئۆزىڭىزنى شۇنداق نامرات چاغلىغۇدەكسىز؟ بايلار پۇل تاپقاندا يەنە بەدەن چېنىقتۇرىدۇ، ئەزالىق كىنكاسى سېتىۋېلىپ، قورسىقىنى تويسىلا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىگە بېرىپ، بولجۇڭلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۈستىۋېشىنى تەرگە چۆمدۈرىدۇ، ئەمما سىز بىر سېنت خەجلىمەيمۇ ھەر كۈنى بولجۇڭلىرىڭىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈۋاتىسىز ۋە تەرلەۋاتىسىز، نېمىشقا بۇنى پۇل ئەمەس دەپ قارايسىز؟[align=justify] مەنبە: http://www.6yao.com/dp-tid-197634 دىن قىسمەن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى.
|
|
|
|
|
|