|
|
|
|
Facebook نىڭ قۇرغۇچىسى نېمىشقا كاستۇم-بۇرۇلكا كىيمەيدۇ
ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن فىلىم << Facebook:جىنسىيەت، پۇل،تالانىت ۋە ئاسىيلىق توغرسىد ا>> ناھايىتى كۆپ سېتىلدى. بۇ كىنودا خارۋراد ئۇنىۋېرسىتىېتى پىسخۇلۇگىيە ئىنىستىۇتىنىڭ ئوقوغۇچىسى مارك.زاكىربېرگ كومپيۇتېرنىڭ ئالىدىدا ئولتۇرۇپ، تامامەن يېڭى بولغان ئۇسۇللارنى ئويلاشقا باشلايدۇ: <<ئۇ دۇنيادىكى ھەممە كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تور بېكەت قۇرۇش ئىدى>>. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ساۋاقدىشى بىلەن Facebook نى قۇرىدۇ. ئەمما كېيىن ئىقتىسادىي مەنپەئەت ھەر كىمنى ئۆز سەنىمىگە دەسستىدۇ. ئەمما كىنۇدا ماركنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس جېس. ئېيسىنبېرگ ئازراق نەپكە ئېرىشىدۇ. ئېيسىنبېرگ ھازىرغىچە 18 تۈرلۈك كىنو مۇكاپاتلىرىغا نائىل بولغان بولۇپ، ئۇ ھازىر دۇنيادىكى يىللىق داڭلىق شەخىسكە ئايلىنىپ قالغان.
مارك.زاكىربېرگ ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىFacebook نىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن <<ئىككىنچى بىل.گېيتىس>> دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېىتىنىڭ كومپيۇتېر ۋە پىسخولوگىيە ئىنىستۇتىدىن ئوقۇشتىن چېكىنگەن. <<فۇربۇس>>ژۇرنىلىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، مارك زاكىبېرىگ 2008-يىلىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياش كاتتا باي بولۇپ، ئۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچى مىليادىر ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ كىنودا رىژىسسۇر ئامالىنىڭ بارىچە ماركنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى، ئۇنىڭ باشقا ھېچقانداق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن پەرقلىق ئەمەسلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تېرىشقان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاجايىپ مايكا، نەچچە يىرتىق پادىچىلار ئشىتىنى، ئادىداس ماركىلىق تەنھەرىكەت ئايىغى كىيگۈزگەن، ھەمدە ئۇنى گەپ قىلغان ۋاقىتتا ئازراق قورۇنىدىغان قىلىپ كۆرسەتكەن.
ئۈستۈنكى رەسىمنىڭ سول تەرپتىكىسى بولسا خۇددى ئەيسا پەيغەمبەردەك تەسۋىرلەنگەن مارك.زاكىربېرگ، ئوڭ تەرەپتىكىسى بولسا <<ئىجتىمائىي ئالاقە تورى>> فىلىمىنىڭ تەشۋىقات رەسىمى، بۇ تەشۋىقات رەسىمىنىڭ ئۈستىگە مۇنداق يېزىلغان <<بەش يۈز مىليون كىشى بىلەن دوسىتلىشىشتا، دۈشمەنلىشىشپ قىلىشتىن ساقلىنىش تەس>>. <<دەۋر>> ژۇرنىلىنىڭ ھەپتىلىق سانىنىڭ يىللىق شەخىس باھالىشىشىنىڭ ئاساسلىنىدىغىنى بولسا، <<500 مىليون كىشىنىڭ رىشتىسىنى باغلاپ، بىزنىڭ تۇرمۇش شەكلىمىزنى ئۆزگەرىتتى>>.
يۇقىرى رەسىمدىكىسى بولسا Facebook نىڭ ئۈچ قۇرغۇچىسى (بۇلار فىلىمدا رول ئالغۇچىلار) سول تەرەپتىن شېس. ئەيلىنبېرگ، ئوتتۇرسىدىكى جىياسىدىن، دېربۇسېك، ئوڭ تەرپتىكىسى بولسائاندىرو.جىفىردى،
ئاستى تەرەپ(بۇلار ئەمەلىيەتتىكى Facebook نىڭ قۇرغۇچىلىرى) سولدىن بىرىنچىسى مارك.زاكىربېرگ، ئوتتۇرسىدىكىسى شىيۋېس.پاك، ئوڭ تەرەپتىكىسى بولسا، ئىدۋاردۇ.ساۋىيلىن.
<<ئىجتىمائىي ئالاقە تورى>> فىلىمىدە ئۇ ساپما كەغ كىيىپ ئىسپات ئاڭلاش يېغىنىغا قاتنىشىدۇ.
فىلىمدە مارك.شاكىربىرگ كالتە يەڭ مايكا ۋە ساپما كەش بىلەن ئاممىۋى سورۇنغا كىرىدۇ
ئۇ فىلىمدە خىرىدارلار بىلەن سۆھبەتلەشكىلى بارغاندا، كاستۇم-بۇرۇلكا كىيمەي، بىر قۇر ئازادە كىم كىيىدۇ
كومپيۇتېر ئالىدىدا ئولتۇرغا مارك.زاكىربېرگ ئالىدىغا Gap دېگەن خەت چۈشۈرۈشلگەن بىر تەنھەرىكەت كىيىمىنى كېيىپ ئولتۇرىدۇ، ئەرلەر بۇنى راستىنلا ناھايىتى كېلىشكەن دەپ قارىشىمۇ مۇمكىن، بۇنىڭ ئازراقمۇ خاتاسى يوق.
ئەمەلىيەتە مارك.زاركىبېرگنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋەتكىنمۇ راسىت، ئۇ نەچچە قېتىملىق Facebook نىڭ ئاخبارات ئېالن قىلىش يېغىنىدا، ئۇ داۋامىلىق ئاددىيلا مايكا، پادىچىلار ئىشتىنى ۋە تەنھەرىكەت ئايغى كېيگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ بۇ كۆرۈنۈشىنى ئاخبارات ۋاستىلىرى خۇددى سىتۋې. جوبىسنىڭكىگە ئوخشاش پەن-تېخنىكا كەسپىي بەلگىسى بولىشمۇ مۇمكىن دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامېرىكا <<مودا ئەپەندىم>> ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق باھالىشىدا كىيىنىشى ئەڭ ناچار شەخىس بولۇپ باھالاندى.
Facebook نىڭ خوجىدارىنىڭ شەرەپ مۇنبرىىدە نامى بار، ئەمما داۋاملىق مايكا، ئەركىن-ئازادە پادىچىلار ئشىتىنى ۋە ئادىداس ماركىلىق تەنھەرىكەت ئايىغىنى كېيىپ يۈرگەچكە، <<مودا ئەپەندىم>> ژۇرنىلى ئۇنىڭغا مۇنداق باھا بەرگەن:<<سىزنىڭ پۇلىڭىنزىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن، سىنزىڭ قولىڭزىدا قانچىلىك ئادەمنىڭ مەخپىيىتىنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سىزمۇراسىم كىيىمى كيىشكە تېگىشلىك ئاممىۋى سورۇنلاردا مايكا ۋە پادىچىلار ئىشتىنى كىيسىڭىز بولمايدۇ، سىز باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن، تېخىچە ئالدىقى كۈنلەردە خارۋراد ئۇنىۋېرسىتېىغا 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلدىڭىز، سىز ناھايىتى نەچچە مىڭ دوللار خەجلەپ Zegna ماركىلىق كاستۇم-بۇرۇلكا ئېلىپ كىيسىڭىز، ئۆلۈپ قالامتىڭىز؟>> مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ IT مودا دۇنياسىنى چۈشەنمىگەن ھالدا ئېيتىلغان بىر سەمىمىي سۆز بولسىمۇ، ئەمما IT نۇقتىسىدا تۇرۇپ كۆزەتكەندە ۋاقتىمىزدا، ھەممىمىز مۇشۇنداق يۈرۈشكە ھەۋەس قىلىمىز، خۇددى جوبىسمۇ Levis ماركىلىق پادىچىلار ئىشتىنى كېيىپ يۈرۈشكە ئامراق بولغاندەكلا.
بەلكىم، مارك.زاكىربرە كىلەر يىللىق شەرەپ مۇنبىردىن ئورۇن ئالالماسلىقىمۇ مۇمكىن، ئۇ پۈتۈن دۇنيا بويىچە پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق بايلاردىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەزەلدىن بايلىققا ئۆزىنى ئۇرغان ئەمەس. ئۇ North Face ماركىلىق تەنھەرىكەت كۆينىكىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئادىداس ماركىلىق ساپما كەشنى كىيىپ يۈرۈيدۇ، باشقىلار ئۇنى مازاق قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ خىل كۆرۈنۈشى باشقىلارغا بولغان بىر خىل ھۆرمەتسىزلىك>> دەپ قارىغاندىمۇ ئۇ شۇنداق قىلىدۇ.
ئامېرىكا <<مودا ئەپەندىم>> ژۇرنىلى يېقىندا <<2010-يىللىق مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ئادەمنى ئۇيالدۇرىدىغان تىزىملىكى>> نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بىز بۇنىڭدىن ئالدىنقى توققۇز نەپەر ئادەمنى ئۇيالدۇرىدىغان دەرىجىدە كىيىنگەن مەشھۇر كىشىلەرگە قاراپ باقايلى:
بۇ 2010-يىلىدىكى ئەڭ داڭلىق كىنو چولپىنى روبېرت.پاتتىسون بولۇپ، ئۇنىڭ سىرىتقى كۆرۈنۈشى ناھايىتى ئاسانلا باشقىلارنى جەلىپ قىلىدۇ، شۇڭلاشقا نۇرغۇنلىغان كىنۇ مەستانىلىرى ئۇنى ياخشى كۆرگەن، بەلكىم كۆپچىلىك ئۇنىڭ بۇنداق ئۈسىۋىشىنىڭ قالايمىقان ھالەتتىكى كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ شەخسىي تۇرمۇش جەھەتتە يۇيۇنۇشنى تازا ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدىغان بولۇپ، دائىم ئۆزىگە تازا ماس كەلمەيدىغان كىيىملەرنى كېيىشكە ئامراق ئىكەن. ھەتتا ئۇ تېخى كاستۇم-بۇرۇلكا ئۆزىنى تېخىمۇ مۆتىۋەر قىلىپ كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدىكەن. ئەمما ئۇنىڭ ۋەيرانە چېچى ئۇنىڭ سىرىتقى كۆرۈنۈشىگە خىلىلا نۇقسان يەتكۈزگەن.
بۇ كەيېت. پررېينىڭ ئېرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئسمى رۇسسېل. رانىېد. ئۇنىڭ ئەپتىدىن بىر خىل ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرگە سەلبى تەسىر بېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قىياپىتى ئەنگلىيە ئەرلىرىنىڭ قىياپىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، بەلكىم ئۇ بىر سەنئەتكار بولغىنى ئۈچۈنلا ئكزىنىڭ مۇشۇنداق قىياپىتىنى ياخشى كۆرىدىغاندۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭدىن، ئۇنىڭ سىھرىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدىغان كىيىملەرنى كېيىشنى ئارزۇ قىلىشقان.
بەلكىم ئەرلەر ئازراق ساقال-بۇرۇت قويسا باشقىلارغا ئەرلەرگە خاس تۇيغۇنى تېخىمۇ ياخىش بېلەشىم مۇمكىن، ئەمما بۇ كىشى داۋاملىق ساقال-بۇرتىنى پاك-پاكىز قىرىپ يۈرۈيدىغان كىشى بولۇپ، ئۇ كاستۇم بۇرۇلكا بىلەن گالاستۇككا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇرۇن ئۇنىڭ بەدەن شەكلى ناھايىتى كېلىشكەن ھەم ئورۇق ئىدى، ئەمما ھازىر ئۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئازراق سەمرىپ قالغان بولۇپ، بىر قەدەر ئازادىراق كاستۇم -بۇرۇلكىلارنى ئۇنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولسا بولاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگەۈ كاستۇم-بۇرۇلكا بىلەن گالاستۇكىنىڭ رەڭىمۇ بىر خىل، ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئۆزىگە جاپا يۈكلىشىنىڭ زۆرۈريىتى بارمىدۇ؟
بۇنىڭ ئىسمى نىك. كاننون بولۇپ، ئۇنىڭ كىيىم كىيىشى بەدىنىگە پەقەت ماس كەلمەيدۇ، ئۇ ھەر قېتىم سەھنىگە تاامشىبىنلارغا خۇددى باشقىلارنىڭ كاستۇم-بۇرۇلكىسىنى ئۆتنە ئالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئائىلە جاندۇقلىرى بولمىسۇن ياكى كىيىم-كىچەك جەھەتتە بولمىسۇن، ئۇنىڭ خاسلىقى باشقىلارغا ياخشى تەسىر بەرمەيدۇ، مەيلى ئۇنىڭ مۆرىسىنى چىقىرىپ قويۇشى بولسۇن ۋە ياكى ئۆزىگە چوڭراق كىلىدىغان كىيىملەرنى تاللىشى بولسۇن، ئىشقىلىپ ئۇ شۇنداق كۆرۈنىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىىدىكى كىيىملەرنى سىناپ باقماقچى بولسا، ئۇ كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان يېشىل رەڭلىك گالاستۇك تاقىسا بولىدۇ.
بۇنىڭ ئىسمى ئىد.ۋېستىۋېك، ئۇ <<ياماق ئاتاققا قالغان قىز>> ناملىق كىنودىكى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە كىلشىكەن يىگىت، ئەمما ئۇ بىر قارىماققا ئادەمگە راستىنلا ئىد.ۋېستىۋېكتەك تۇيغۇ بەرمەيدۇ، ئۇ ئادەتتە كىشىلىك تۇمۇشتا ناھايىتى ئۆزگىچە كىيىنىپ يۈرۈيدىغان بولۇپ، ئۇ مەيدىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، V شەكىللىك مايكىلارنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئادەتىكى بۇ قىياپىتى بىلەن كىنۇدىكى قىياپىتىدە پەرق بەك چوڭ. ئەگەر سىزنى ئۇنى <<سېھرىي كۈچى يۇقىرى >> دەپ باھالىماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئۇنىڭ كۆزەينىكى ۋە كۆڭۈل خوشى ئۈچۈن ئېسۋلغان نەرسىلىرىگە قاراپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئېنىقكى ئۇيەنىلا كىيىم كىيىشنى ئۇقىدىغان ئەر چولپان بولۇپ تۇرالمايدۇ.
بۇنىڭ ئىسمى جارد.لىتو بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى چولپان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر ئۇ كەينىگە ئۆرۈلسە قىزلارغىلا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇ داۋاملىق پادىچىلار ئىشتىنى كېيىپ، خۇددى ھەربىيلەرنىڭكىگە ئوخشايدىغان ئاياغ كىيىپ، موخۇ ( بىر خىل چاچ شەكلى) چاچ شەكلىنى قويۇپ يۈرۈيدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق قىياپىتى خۇددى باشقىلارنى جەلىپ قىلىشنى ئويلايدىغان قىزلارنى ئەسلىتىدۇ. راسىتىنى ئېيتقاندا، بۇنداق ياسىنىش بىر ئەرككە ماس كەلمەيدۇ. ئۇ ھەقىقەتەن كېلىشكەن، ھەرقانداق پاسوندىكى ئەرلەر كىيىمىنى كىيسە ئۇنىڭغا ناھايىتى يارىشىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ باقسا بولىدۇ.
بۇلار چارلىز. سىن، داۋىد. سىپىت، نكولاس كەيگ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇدىن 20 يىل بۇۇرنلا نام قازىنىپ بولغانىدى. ئەمما 2010-يىلىغا كەلگەندە بۇ ئۈچ شەخىسنىڭ ياسىنىشى دەۋرگە ماسلىشالماي قالدى، ئۇلارنىڭن كىيىۋالغانلىرى ئەينى يىللارنىڭ ياكى ئاللىبۇرۇن مودىدىن قالغان نەرسىلەردىن ئىبارەت. ئەمما ئۇلار ھازىرغا كەلگەندە ئۆزىنىڭ ياش قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ئۆزىنى تۈزەپ، ئۆزىگە خاس ئۆزگىچە ئۇسلۇپنى ساقلىشى كېرەك ئىدى.
بۇ بولسا جون.مايور بولۇپ، ئۇ ئامېىرىكىدا تۇرغان ۋاقىتتا، نۇرغۇن كىشىلەر ھەقىقەتەن ئۇنى ئىسمى-جىمىغا لايىق كېلىشكەن ياش دەپ تەرىپلەشكەنىدى. ئەمما ئۇنىڭ كيىنىشلىرى يەنىلا باشقىلارنىڭ كۆزىەە سىغمىدى، چۈنكى ئۇ كىيگەن كىيىملەر بەك قىسقا ھەم تار ئىدى. ئۇ كىيىۋالغان ئىشتىنىنىڭ پاسونى ناھايىتى سەت بولۇپ، ئۇنىڭ چاچ پاسۇنى ئالدىنقى ئەسردە مودا ھېسابلىنىاتتى. ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھالىىتنى ئۆزگەرتمەيدىغان بولسا، ئۇنىڭ بۇ ئەپتىگە قاراپ بىرمۇ قىز ئۇنىڭ تەلىپىنى قۇبۇل قىلمايدۇ.
بۇ كىشىنىڭ ئسمى رۇش. لىمباگ بولۇپ، ئۇنىڭ كىيىمگە بولغان قارىشىدا بىر خىل جانلىقلىق كەمچىل، ئۇ تېىخى ئۆزىنىڭ تاقىۋالغان گالاستۇكىدىن ناھايىتى رازى، ھەر قىتىم ئۇ كاستۇم كىيگەندە مۇشۇنداق ئالا-بۇلا گالىستۇك تاقايدۇ. |
مەنبە بۇ يەردىن كىرىڭ
|
|
|
|
|
|