مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 982|ئىنكاس: 16

تۇمان ئىچىدىكى تاۋۇت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 1687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14802
تۆھپە نۇمۇرى: 478
توردا: 3888 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-16 05:05:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                تۇمان ئىچىدىكى تاۋۇت
                            
                                                 كېيسى كوسېي ( ياپۇنيە )
                                                  ئارمان  تەرجىمىسى

[align=justify]ئاپامنىڭ ھەمىشە قۇلىدىكى يىڭنە ئىشلىرىنى توختىتىپ كۆپ سۈيىگە دېرىزىدىن تىكىلىپ قاراپ كىتىشلىرى ھىلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە . ئاپام كەم  سۆز ، ئۇچۇق چىراي ، مۇلايىم ئايال ئىدى . كەپسىزلىك قىلغان  چاغلىرىمدا ماڭا دەشنام بەرمەستىن ، غەمكىن كۈلۈمسىرەپ : < خەپ ، مۇشۇ قىز بالىنى قانداق قىلسام  بۇلار ! > دەپلا قۇياتتى . ئاپامنىڭ چىرايىغا قاراپلا ، ئۇنى رەنجىتىپ قويغانلىقىمنى بىلەتتىم ، ئىچىمدە ئەمدى ھەرگىز قاقشاتمايمەن ، دەپ ئويلايتىم . ئاپامنىڭ كۆڭلى خوش چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن ئويناشنى ياخشى كۆرەتتىم ، بىز ئورمانلىققا بېرىپ ياۋا ئالۇچا يىغاتتۇق ، كۆل بۇيىدىن گۈل تېرىپ گۈلدەستە ياسايتۇق . بۇنداق چاغلاردا ئاپام خۇددى كىچىك بالىدەك مەن بىلەن مۆكۈشمەك ئويناپ كىتەتتى ، قوللىرىمدىن تارتىپ تانسا ئوينايتى . ھېرىپ ماغدۇرى كەتكەندە ئوتلاقتا ئوڭدىسىغا يېتىپ ئارام ئالاتتى .

[align=justify]ئاڭلىسام ، دادم ئۆيدىن چىقىپ كەتكىلى ئۇزاق بولغانىكەن ، مەن دۇنياغا كىلىپ تېخى ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم . مەن بالىلارغا خاس ساددىلىق بىلەن ، ئاپامنىڭ غەمكىن يۈرۈشى دادامنىڭ يوقلىغىدىن بولسا كىرەك دەپ ئويلايتىم . شۇڭا ، دادامنىڭ ئىشلىرىنى كوچىلاپ سورىمايتىم ، ئاپامنىڭ گەپلىرىگە قاراپ ، دادام ھامىنى بىر كۈنى قايتىپ كىلىدۇ ، دەپ ئىشىنەتتىم .

[align=justify]بەش-ئالتە ياشلاردا بولسام كىرەك ، بىر كۈنى ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرسىدە ئوۋ قىلىپ يۈرگەن بىر نەچچە ئەر كىشى ئۇچرىدى . بۇرۇن ، كۆلنىڭ نېرىقى تەرپىدە بىر باينىڭ قەلئەسى بار ، باي دائىم مۇلازىملىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئورمانلىقتا ئوۋ قىلىدۇ ، دەپ ئاڭلايتىم . شۇ كۈنى باينى تۇنجى كۆرىشىم ئىدى . ئۇ مىنى كۆرۈپلا ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ < قىزچاق ، ئۆيىڭىز نەدە ؟ > دەپ سورىدى . ئۇ ئاپامنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن چىرايى بىردىنلا ئېچىلىپ ، < بىزنىڭ قەلئەگە بېرىپ ئويناپ كىتىڭ ، بۇلامدۇ ؟ > دېدى . مەن تېڭىرقاپ قالدىم . باي < خاتىرجەم بۇلۇڭ ، سىزنى بىردەمدىن كىيىنلا ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويىمەن > دېدى سەمىمىيلىك بىلەن . مەنمۇ نېرى-بېرىسىنى ئويلىمايلا ئۇنىڭ ئېتىغا مىنگىشىپ قەلئەگە باردىم ، ئۇ يەردە يوغان تام مەش سېلىنغان زالنى ، قاپ-قارا دۇبۇلغا ساۋۇتلار ھەيكەلدەك قاتار تىزۋېتىلگەن دەھلىزنى تاماشا قىلدىم . ئېچكىركى ئويدە يېشى مەندىن كىچىك ، كىسەلچان ، چىرايلىق كىيىنگەن بىر قىز تۇراتتى . مىنى كۆرۈپلا قىزنىڭ چىرايى تۇتۇلدى ، قارماققا كىسەل دەستىدىن قاتتىق ئازاپلىنۋاتقاندەك كۆرىنەتتى .

[align=justify]قاراڭغۇ چۈشەي دىگەندە ئېسىل تورىتلارنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلسەم ، ئاپام قاتتىق خاپا بۇلۇپ كەتتى . ئۇنىڭ مىنى شۇنداق قاتتىق ئەدەپلىشى تۇنجى قېتىم ئىدى ، شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىم بۇلۇپ قالدى . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ مىنى قەلئەگە ئىككىنجىلەپ ئەۋەتمەس بولدى .

[align=justify]كەچ كۈز كىرگەندە كۆل يۈزىدە قۇيۇق تۇمان كۆتۈرۈلۈپ ، ئەتراپتىكى ئورمانلىق ئاپئاق پەرەنجە كەيگەندەك كۆرىنەتتى . ئۈچ يىلدىن كىيىنكى تۇمانلىق كۈزدە مەن قەلئەدە ئۇچراتقان ھېلقى قىز ئۆلۈپ كەتتى . تاۋۇت بېسىلغان كىمە قۇيۇق تۇمان قاپلىغان كۆلدىن ئۈزۈپ ئۆتتى ، مەھەللىدىكىلەر قىزنىڭ مېيتىنى يۇپۇرماقلار سارغايغان ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرسىدىكى قەبرىستانلىققا ئېلىپ ماڭغان ئىدى . مەھەللىنىڭ ھەممە يېرىدە باينىڭ ۋارىسى قالمىغانلىقى توغرىسىدا گەپ بۇلۇشقا باشلىدى  . شۇ چاغدا باينىڭ قىزىنىڭ ئۆلىمى مەن بىلەن باغلىنىپ قالغانلىقىنى نەدىن بىلەي ، كۆلنىڭ نېرىقى چىتىدە بولغان بۇ مۇسىبەتكە قاتتىق ئېچىنغان ئىدىم .

[align=justify]قىشنىڭ بىر ئاخشىمى ئاپامنىڭ ئاستىنقى قەۋەتتىن كېلۋاتقان قاتتىق ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم . دېرىزە تەكچىلىرىگە قار دۆۋلىنىپ كەتكەن ئىدى . پەلەمپەيگە يىقىنلىشىپ پەستىكە ئۆينى كۈزەتتىم . تام مەشنىڭ ئالدىدا بەستىلىك بىر بۇۋاي ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئاپام بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى .

[align=justify]- ياق بۇ ئىشقا ھەرگىز ماقۇل دىيەلمەيمەن . بالا مىنىڭ ، بەرمەيمەن . سالا قىلغىنىڭېزنىڭ پايدىسى يوق . باينىڭ ئۆزى كەلسىمۇ بىكار ، بالىنى ھەرگىز بەرمەيمەن ، گىپىم گەپ ! - دېدى ئاپام .

[align=justify]بۇۋاي نىملەرنىدۇر دەپ گۇدۇڭلىدى ، ئۇ ئاپامنى گەپكە كىرگۈزۈشكە ئۇرنىۋاتقاندەك قىلاتتى  . بۇۋاي قەلئەنىڭ خۇجىدارى بۇلۇپ ، ئاپامنىڭ قېشىغا ئۇنى باي ئەۋەتكەن ئىدى .

[align=justify]- بايغا يەتكۈزۈپ قۇيۇڭ ، ئۇ مىنى ياخشى كۆرەتتى . مەنمۇ ئۇنىڭ كۆڭۈل بەرگن ئىدىم ، ھازىرمۇ كۆڭلۈم بار . لىكىن ، ئۇ ئۆيلەنگەندىن كىيىن مۇھەببىتىمنى ئۈزمىسەم بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم . بۇنىڭ بىر ئايال ئۈچۈن قانچىلىك ئېغىر ئازاپ ئىكەنلىگىنى ئۆزىڭىزمۇ چۈشنىسىز . مۇشۇ بالا بولغاچقا دەرىت-ھەسرەتكە چىداپ كەلدىم . بالىنى مەندىن تارتىۋېلىش  مىنى ئۆل دىگەنلىك . بايغا يەتكۈزۈپ قۇيۇڭ ، بالا شۇنىڭ ، لىكىن بالىنى ھەرگىز ئۇنىڭغا بىرەلمەيمەن .

[align=justify]ئاپامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تىترەپ كەتتىم . ئۆتكەندە مىنى قەلئەگە نىمىشقا ئاپاردىكىن دىسەم ، باي ئاپامنى ياخشى كۆرىدىكەندە ! مەن ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنىڭ مەسئۇلى بولسام كىرەك ؟ دېمەك ، دادام قانداقتۇر ئۆيدىن چىقىپ غايىب بولۇپ كەتكەن ئەمەسكەن ، كۆلنىڭ نېرىقى تەرپىدىكى قەلئەدە تۇردىكەن . شۇ دادام ئاپامدىن مىنى قەلئەگە ئېلىپ كىتىشنى تەلەپ قىلىۋېتىپتۇ - دە !

[align=justify]مەن قەلئەنڭ مىراسخورى بۇلۇشنى خىيالىمغا كەلتۈرۈش ئورنىغا باينىڭ شەخسىيەتچىلىك قىلىپ ، مىنى ئاپامدىن تارتىۋالماقچى بولغانلىقىغا قاتتىق نەپرەتلەندىم . مەن پەلەمپەيدىن يۈگۈرۈپ چۈشتۈم - دە ، ئاپامنى چىڭ قۇچاقلاپ :< سىزدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن ، ئاپا > دەپ توۋلىدىم .

[align=justify]مېنى قەلئەگە ئېلىپ كېتىشكە سالا قىلىپ كېيىن يەنە نەچچە قېتىم ئادەم كەلدى . بۇنىڭ تەپسىلاتلىرى ئىسىمدە قالماپتۇ . بەزىدە كۆل بۇيىدا سۇغا چۈشۈپ ئويناپ ياكى ئورمانلىقتا ياۋا ئالۇچا يىغىپ قايتىپ كىلىپ ، ئاپامنىڭ ئىشىك ئالدىدا غەمكىن قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ يەنە قەلئەدىن ئەلچى كەلگەنلىكىنى بىلەتتىم .

[align=justify]ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي قەلئەدە كاتتا تانسا كېچىلىگى ئۆتۈزۈلدى . تانسىغا ئاپام بىلەن ئىككىمىزنىمۇ ئېيتىشقان ئىدى . تانسىنى تۇنجى قېتىم كۆرىۋاتقاچقا قاتتىق ھاياجانلاندىم . بېشىمغا قانداق قىسمەتلەنىڭ چۈشۈشنى ئەسلا بىلمەيتىم . ئاپام بايدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈردى . دەسلەپتە مەن ئاپام باينىڭ مېنى تارتىۋېلشىدىن قورقۇپ شۇنداق قىلۋاتسا كىرەك ، دەپ ئويلىدىم ، لىكىن ئاپام باي بىلەن ئۇچراشقاندا بۇرۇنقى مۇھەببەت ئوتلىرىنىڭ يۈرەكلەرگە تۇتىشىپ كىتىشىدىن قورىققان ، باي نەسەب - تەبىقە يۈزسىدىنلا ئۆز ئۆز ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا توي قىلغانلىقىنى ، ھازىرمۇ خۇتۇنى بىلەن بەخىتسىز  ئۆتىۋاتقانلىقىنى  بىلەتتى . بۇلۇپمى قىز ئۆلگەندىن كىيىن باي بىلەن خۇتۇنى بىر - بىرىگە چىراي ئاچماس بۇلۇپ قالغان  ئىدى . ئۇلار نۇمۇس كۈچىدىنلا  بىر ئۆيدە ئۆتىۋاتاتتى .

[align=justify]تانسا قەلئەنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلدى . كۆزنى قاماشتۇردىغان كۆركەم ئاسما چىراغ ئاستىدا ئالپىتە كىيىنگەن ئەر - ئاياللار مۇزىيكىغا تەڭكەش قىلىپ كىپىنەكتەك لەرزان تانسا ئوينىماقتا ئىدى . ئۇلۇغ ئېچىلغان بالكۇن ئىشكىدىن ياز ئاخشىمىنىڭ مەيىن شاملى يەلپۈپ تۇرسىمۇ زالدىكى كىشلەر چىلىق - چىلىق تەرلەپ كەتكەن ئىدى . مەن ياش بايۋەتچىلەرنىڭ قورشاۋىدا قالدىم ، يۈزۈم ئوت ئېلىپ كەتكەندە كۆيۈشكە باشلىدى . بىر نەچچە قول تانسا ئوينىغاندىن كىيىن بالكۇنغا يالغۇز چىقىپ ساپ ھاۋادىن قانغۇچە نەپەس ئالدىم . سان - ساناقسىز يۇلتۇزلار كېچە ئاسمىنىدىن ئېقىپ چۈشىۋاتقاندەك تېنىمسىز چاقنايتى . شۇ ئەسنادا مەيدىسى ئۇچۇق كەچلىك مۇراسىم كىيمى كىيگەن بىر ئايال قېشىمغا كېلىپ ، خۇش تەبەسسۇم بىلەن : <  ياشلارغا شادلىق بېغىشلىغان بۇ تانسىدىن تۇلىمۇ مەمنۇنمەن > دېدى . تۇرقىدىن ئۇنىڭ باينىڭ خانىمى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇردۈم . مەن خىيال ئىچىدە ئۇنىڭ چىرايىغا سەپسالدىم . ئايال ئىنتايىن چىرايلىق بولسىمۇ ، لىكىن غەمكىن ، ئەلەملىك كۆزلىرىدىن بىر خىل بەخىتسىزلىك ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى .

[align=justify]زالدىن تېخىمۇ قاتتىق كۈلكە ئاڭلاندى . زالغا قارىسام ئاپام باي بىلەن زالنىڭ ئوتتۇرسىدا تانسا ئويناۋېتىپتۇ . ئاپامنىڭ بۇرۇنقى پەرىشانلىقى ئاللىقاياقلارغا ئۇچقان ، كىپىنەكتەك يەڭگىل ئەگىپ ئويناۋاتاتتى . ئۇنىڭ گۈزەل چىرايى ھاياجاندىن شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى .  ئىككىلىسىنىڭ كۆزلىرى ئاجايىپ نۇرلىنىپ كەتكەن ، تەشنا يۈرەكلەر ۋىسال شادلىغىدا شىرىن بەخىتكە چۈمۈلۈپ خۇشال تەپمەكتە ئىدى . شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ بىر - بىرىگە بولغان ئامراقلىقى ھەر قانداق ئادەمنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ تۇراتتى .

[align=justify]باينىڭ خۇتۇنى تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ئاغزىنى تۇتۇپ ، يىنىك ئوھ تارتىپ قويدى . ئۇنىڭ كۆزلىرى رەشىك ئوتىدا يانماقتا ئىدى .

[align=justify]مەن بۇ ئىشلارنى ئاپامنىڭ يۈزىگە سالمىدىم . لىكىن ، شۇ قېتىمقى تانسىدىن كىيىن ئاپام ئۇزاقتىن بۇيان يۇشۇرۇپ كەلگەن قايناق مۇھەببەتلىك ھىسياتىنى باسالماي ، ئۆزىنى باينىڭ ئختىيارىغا تاپشۇرۋەتتى . مەن بۇنى كىيىنرەك سېزىپ قالدىم . كېچىللىرى ئۇيقۇم قېچىپ ، ئاپامنىڭ قېشىغا چىققاندا ، ئۇنىڭ كارىۋاتتا يوقلۇقىنى كۆرەتتىم .

[align=justify]ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى قايسى دەرجىگە يەتكەنلىگىنى ئېنىق بىلمەيمەن . لىكىن ، ئاپام شۇنىڭدىن باشلاپ ئېچىلىپ - يېيلىپ يۈىدىغان ، خۇشاللىقتىن ناخشىمۇ ئېيتىپ قۇىدىغان بۇلۇپ قالدى . ئۇ بۇرۇن شىرەگە ئورمانلىقتىن تىرىپ كەلگەن ياۋا گۈللەرنى تىزىپ قۇياتتى . مانا ئەمدى مەخسۇس ئادەم بۇيرۇتۇپ ، شەھەردەن گۈل ئەكەلدۈردىغان بولدى . مۇشۇنداق كۈنلىرى باي مۇلازىملىرى بىلەن ئوۋغا چىققاچ ئۆيىمىزگە كىلىپ ئۆتەتتى .

[align=justify]- مىنى بۇزۇق ئايالكەن دەپ قالغانسەن قىزىم ، شۇنداقمۇ ؟ دەيتتى ئاپام مىنى باغرىغا بېسىپ ، - لىكىن ئامال قانچە ؟ ماقۇل دىمىسەم  ، سىنى تارتىۋالىدۇ . سىنى تارىتقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن بارلىقىمنى ئاتىدىم .

[align=justify]ئاپامنىڭ باشقا باھانە تاپالماي مۇشۇنداق دەۋەتقانلىقى ماڭا ئايان ئىدى . راستىنى ئېيىتقاندا ئاپام باينى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرەتتتى . مەن چوڭ بولغانسىرى ئاپامنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى كەچۈردىغان بولدۇم . ئاپام ئەمدى بۇرۇنقىدەك ھەسرەت چىكىپ پەرىشان يۈرمەيدىغان بولدى ، ئۇنىڭ بۇلبۇلدەك خۇش ناۋا قىلىپ يۈرۈشلىرىنى كۆرۈش مەن ئۈچۈن ئالەمچە خۇشاللىق ئىدى .

[align=justify]شۇ قېتىمقى تاسا بۇلۇپ ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتتى . جاھاننى قۇيۇق تۇمان باسقان بىر سەھەردە ئاپامنىڭ ئۆيدە يوقلۇقىنى بايقىدىم  . ئۇ ئالدىنقى كېچىسى چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كىرمىگەندەك قىلاتتى ، بۇنى زادىلا تۇيماپتىمەن . ئاپامنىڭ ئۆيدە يوقلىقى  مىنى ئىختىيارسىز ئەندىشىگە سېلىپ قويدى . بىرەر پىشكەللىك بولماس دەپ ئويلايمەنۇ ، لىكىن يەنىلا قولۋاقنى ھەيدەپ كۆلنى ئىزدىدىم . ئاپام باي بىلەن دائىم كىمىدە كۆرىشەتتى . شۇڭا ئۇلارنى چۇقۇم كۆلدە دەپ ئويلىغان ئىدىم .

[align=justify] تۇمان ئىچىدە ئاپامنى بىر سائەتتەك ئىزدەپ يۈرۈپ ، بىردىنلا يىراقتىن سۇغا ئۇرلىۋاتقان پالاق ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم . بىر پەستىن كىيىن قولۋاق بىلەن كىلۋاتقان بىر ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈندى . يىقىنلاشقاندا قارىسام ، بايىنىڭ خانىمى ئىكەن . مېنى كۆرۈپلا خانىمنىڭ چىرايى ئۆڭدى .

[align=justify]- سىزمۇ بىرسىنى ئىزدەپ چىقىپسىز - دە ؟ ئاپىڭىزنى ئىزدەۋاتىسىزغۇ تايىنلىق ! - دېدى ئۇ تىترەپ تۇرۇپ .

[align=justify]- ياق ھىچكىمنى ئىزدەۋاتقېنىم يوق ، ئاپام ئويدە قەھۋە قاينىتىۋاتىدۇ ، - دېدىم مەن .

[align=justify] خانىم گىپىمنى ئاڭلاپ ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلۈپ قويدى .

[align=justify]- شۇنداقمۇ ؟ ئىلاھىم ، دىگىنىڭىزدەك بولسۇن .

[align=justify]قولۋاق تۇمان ئىچىدە كۆزدىن يۈتۈپ ، ھالسىز ئۇرۇلغان پالاق ئاۋازىلا كۆز يۈزىدە ئەكىس سادا قايتۇرماقتا ئىدى .

[align=justify]كۆڭلۈم ئۈيگەندەك بۇلۇپ < ئاپا !> دەپ بار ئاۋازىم بىلەن توۋلىغىلى تۇردۇم ، لىكىن كۆلنىڭ ۋەھىمىلىك ئەكىس سادادىن ئۆزگە ئاۋاز ئاڭلانمىدى . قولۋاقنى قارشى قىرغاققا ھەيدەپ كېتىۋاتاتىم . تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بىر نەچچە پاي ئوق ئاۋازى كۆلنى لەرزىگە كەلتۈردى . ئوق ئاۋازىدىن قورقۇپ تۈگۈلۈپ كەتتىم . كۆڭلۈم تۇيغان پىشكەللىك ئاخىرى يۈز بەردى ، دەپ ئويلىدىم ھەمدە ئاپامنى تېخىمۇ قاتتىق چاقىرىشقا باشلىدىم .

[align=justify]خانىم تۇمانلار ئارسىدا ئاپام بىلەن باي ئۇچراشقان ئۆينى تېپىپ ، جۇدالىق دەردىنى ئۇزاق تارىتقان ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ چىڭ قۇچاقلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالغان ئىدى . خانىم باشتا باي بىلەن ئاپام ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتكە ئىشەنمەسلىككە تىرىشقان .

[align=justify]ئۇلارنىڭ زالدا بىر- بىرىگە ھىرىسمەنلەك بىلەن تەلمۈرۈپ تانسا ئويناۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ، دۆلەتمەنلەرگە خاس تەكەببۇرلىقىنىڭ كۈچىدىن ئۇلار ئوتتۇرسىدا مۇھەببەت بۇلۇشنى ئەقىلگە سىغدۇرالمىغان . باينىڭ قەلئەدىن چىقىپ كەتكىنىنى سەزسىمۇ بىلمەسكە سېلىپ يۈرگەن . خانىم ، ئەگەر كۈندەشلىكنى چاندۇرۇپ قويسام ، بىر بەدەۋى خوتۇننى ئۆزۈمدەك ئىسىلزادە خانىمغا تەڭلەشتۈرگەن بۇلىمەن ، دەپ ئويلىغان .

[align=justify]لىكىن ، كىشلەرنىڭ ئۇششاق سۆزلىرى ئۇنىڭ ئىززەت - نەپسىگە تەگكەن . ئۇ ئەسلىدە ئاپامنى بىر رەسۋا قىلاي دەپ  ئۆزى قولۋاق ھەيدەپ چىققان . لىكىن ، ئاپامنىڭ باينى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى باينىڭ نەسەپ - مەرتىۋىسىگە قىزىقىپ قىزىقىپ قالغانلىقتىن ئەمەسلىكى ، مۇھەببەت ئالدىدا ئايال كىشىنىڭ ئىززەت - نەپىسى بىر تىينغا ئەرزىمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يىتىپ ، باي بىلەن ئاپامنى ئېتىۋەتمەكچى بولغان . رەشىكلىك ئوتىدا پۇچىلانغان خانىم شۇنداق قىلماقتىن ئۆزىگە چارە تاپالمىغان . لىكىن ، ئۇ مۇھەببەتنى يۇقىتىمەن دەپ ئۆزىنىمۇ ھالاك قىلغان .

[align=justify]تۇمانلىق كۆلنى  زىلزىلگە كەلتۈرگەن ئوق ئاۋازى بۇ ئىشلارنىڭ مەڭگۈگە ئاخىرلاشقانلىقىدىن دىرەك بىرەتتى . بۇ ئىشلار مىنىڭ نالە - پەريادىمغا مىتمۇ قىلىپ قويماي يۈز بېرىپ ، دەقىقە ئىچىدە تامام بولدى .

[align=justify] ئۆز ۋاقتىدا ئاپام بىلەن كۆل بۇيىدا ئوينىغان چاغلىرىمدا ئاخىرى بىر كۈن ئۈچ تاۋۇت قاتار بېسىلغان كېمىنىڭ تۇمانلىق كۆل باغرىنى يېرىپ ئۆتىدىغانلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم . ھېلىمۇ ئېنىق ئىسىمدە ، شۇ كۈنى مەن تاۋۇت ئېلىپ ماڭغان كېمىنىڭ ئارقىسىدەكلا كېمىدە ئولتۇرغان ئىدىم . كۆڭلۈم تۇمانلىق كۆلدىن چاچرىغان بۇژغۇندا پۈتۈنلەي ھۆل بۇلۇپ كەتكەن ئىدى .

[align=justify]

[align=justify]

[align=justify]مەنبەسى - دۇنيا ئەدبىياتى ، 1999 يىللىق 2 - سان

[align=justify]

[align=justify]


http://blog.sina.com.cn/esma88

مەڭگۈلۈك ئاخسا ش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11813
تۆھپە نۇمۇرى: 581
توردا: 1343 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-16 05:35:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەققىقەتەن ياخشى  يېزىلغان ئەسەر ئىكەن ، تەرجىمە قىلىپ  بىزنىڭ ھوزۇرۇمۇزغا سۇنغىنىڭزدىن خۇشالمەن !

سېنىڭ مۇھەببىتىڭ مېنى شۇنچىلىك مۇلايىم ، شۇنچىلىك رايىش قىلۋەتتى .

★كأز تةگمىسۇن★

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5070
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5383
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 420 سائەت
تىزىم: 2010-7-29
ئاخىرقى: 2012-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-16 05:35:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى بۇلۇپ مەن ئوقۇپتىمەن ! ھارمىغايسىز !

كۆرگىلى ھەر كۈنى كەلگەيسەن مىنى، بىر كىتىپ ھەرگىزمۇ كەلمەي قالمىغىن.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23112
يازما سانى: 907
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6723
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 866 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-16 06:21:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز  ياخشى تىمىكەن....رەھمەت

HALKIM UQUN   JENM   PIDA

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 716
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8619
تۆھپە نۇمۇرى: 329
توردا: 1420 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-16 06:56:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يېزىلغان ئەسەر ئىكەن [s:166]

خەلقم ئۇچۇن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26622
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2252
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 555 سائەت
تىزىم: 2011-1-17
ئاخىرقى: 2011-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-16 07:22:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئەكەن بۇ ھارمىغايسىز

ئاللاھ مۇرادىمىزغا يەتكۈزسۇن

ھايا-ئىيماننىڭ ج

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30599
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1183
تۆھپە نۇمۇرى: 102
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2011-2-16
ئاخىرقى: 2011-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-16 08:35:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەرت يەتمىسۇن ياخشى ئەسەركەن. [s:166]  [s:173]

ئەدەپ-ئەخلاق مىنىڭ قەدىر-قىممىتىم، ھايا - ئىيمان مىنىڭ ئەڭ زور  بەختىم  . ھىجاپ مىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئىسىل زىننىتىم، بۇلار مىنىڭ ياشاشتىكى ئەڭ توغرا نىشانىم.

ھايا-ئىيماننىڭ ج

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30599
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1183
تۆھپە نۇمۇرى: 102
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2011-2-16
ئاخىرقى: 2011-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-16 08:38:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ باش سۆرىتىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ رەسىمىمۇ؟

ئەدەپ-ئەخلاق مىنىڭ قەدىر-قىممىتىم، ھايا - ئىيمان مىنىڭ ئەڭ زور  بەختىم  . ھىجاپ مىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئىسىل زىننىتىم، بۇلار مىنىڭ ياشاشتىكى ئەڭ توغرا نىشانىم.

ئۆزۈڭنى يەڭ ,شۇن

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3435
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 949 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-16 10:21:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت!لېكىن راستىنى دېسەم مەن ياپونلارنىڭ رەقەملىك تېخنىكىسى بىلەن قېلىچىغا بەكرەك قىززىقىمەن!

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ.

مىنىڭ يۇرتۇم ماڭ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3649
يازما سانى: 1354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8596
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 472 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-16 10:52:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا چىكپسز  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]

كۆرگىنىڭدىن كۆپ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21815
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3846
تۆھپە نۇمۇرى: 216
توردا: 526 سائەت
تىزىم: 2010-12-11
ئاخىرقى: 2011-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-16 11:05:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن رەھمەت سىزگە . ئەپسۇس لىندىغان ئىشىم بىرىنچى بۇلۇپ كۈرۈش پۇۇرسىتىگە ئىرىشەلمەي قاپتىمەندە

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ .

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2066
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17650
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6707 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-17 01:36:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چەتەللىكلەرنىڭ ئاشنىدارچىلىق مۇھەببىتىنىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇنداق بولىدۇ.ئۇنى قانداق بىزەپ كۆرسەتمىسۇن خاتا دىگەن ھامان خاتا.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەجرىڭ بىر ئۆمۈر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27614
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3051
تۆھپە نۇمۇرى: 221
توردا: 515 سائەت
تىزىم: 2011-1-24
ئاخىرقى: 2012-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-17 09:29:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يىزىلغان ئەسەر ئىكەن. ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!! [s:166]  [s:166]  [s:166]

ئەجرىڭ بىر ئۆمۈر يۈرەك قېتىمدا..........

ھايا-ئىيماننىڭ ج

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30599
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1183
تۆھپە نۇمۇرى: 102
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2011-2-16
ئاخىرقى: 2011-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 04:46:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:153]

ئەدەپ-ئەخلاق مىنىڭ قەدىر-قىممىتىم، ھايا - ئىيمان مىنىڭ ئەڭ زور  بەختىم  . ھىجاپ مىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئىسىل زىننىتىم، بۇلار مىنىڭ ياشاشتىكى ئەڭ توغرا نىشانىم.

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 856
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7763
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2823 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 04:56:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن كۆپ رەخمەت !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش