مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: دەقيانو

مىسرانىمدا تورداشلارنى زىيارەت قىلش يولغا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10713
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-29 06:57:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

8(ئەل قىزى)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

دەقيانۇسنىڭ زامانىدا............ دەپ چۆچەكلەرنى باشلايتى چوڭلار  ،بەلكىم بۇرۇنقى پادىشالاردىن بولىشى مومكىن

ئەتە تېخمۇ گۈزەل

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1257
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1147
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-29 07:06:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاللا دىسە پاچاق دەيدىغان تىما ماۋۇكەن .ەمەسما

ئەتە تېخىمۇ گۈزەل .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 428
يازما سانى: 1201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3224
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 1495 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2011-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-29 07:10:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى باشلىنىش.
تۇلۇق ئۇقۇشقاۋاقىت قىستاپ يېنىمدائىڭراپ ياتىدۇ.
پۇرسەت چىقىرىپ كۆڭۈل سۆزۈمنى ھەرقايسىڭلارغا بىلدۈرمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 927
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10713
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4917 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-29 07:11:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى راستىنلا ئەزالار زىيارىتى ئوخشايدۇ دەپ يۈگۈرەپ كىرىپتىمەن دىسە . [s:24]

پىسخولوگىيە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2281
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 38031
تۆھپە نۇمۇرى: 472
توردا: 1851 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-29 07:49:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازايلا دىسەمغۇ نەچچە ئون كېلو ئىلھام تۇرۇپتۇ، لېكىن شۇ ئالدىراشچىلىقتا....
ياخشى يېزىپسىز.....

http://309357575.qzone.qq.com  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 370
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10758
تۆھپە نۇمۇرى: 378
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-29 08:10:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋايەي ، نىمانداق بىر زىيارەت خاتىرسى بۇ ؟!
مىنىڭ خىزمىتىم ئالدىراش بولمىغان بولسا مەنلام زىيارەت قىلاكەمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 370
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10758
تۆھپە نۇمۇرى: 378
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-29 08:14:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىر ئىشنى باشلىغاندىكىن كىچىك بالىلارنىڭ قونچاق ئوينىغىنىدەك ئىش قىلماي ، ئاستىدىكى زىيارەت خاتىرسىگە ئۇخشاشراق قىلايلى مانداق !


قىزىلى سورالغان سۇئال ، قارىسى قارشى تەرەپنىڭ جاۋابى !


ئەسسالامۇئەلەيكۇم « مىسرانىم » مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالار . پىقىر « ئىشەنچ » تىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام ! مۇنبەر ھەم تور بىكەت ھەققىدىكى بىرقىسىم ماڭا چۈشىنىكسىز بولغان يەرلىرىنى چۈشىنىۋىلىش مەقسىتىدە توربىكەت قۇرغۇچىسى بولغان « مىسران » نى زىيارەت قىلدىم . ئەمسە ھەممىڭلار دىققىتى تۆۋەندىكى زىيارەت خاتىرسىدا بولسۇن

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مىسران ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن ! سىز بىر توربىكەتنىڭ بۇلۇپمۇ مۇنبەر باشلىقى بۇلۇش سۈپپىتىڭىز بىلەن « مۇنبەر » دىگەن ئۇقۇمغا تەبىر بېرىپ باقامسىز ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، سىزمۇ ھەم شۇنداق . جانابىي ئاللاھتىن بارلىق دوستلار بەخىت ئامات تىلەيمەن .
مۇنبەر دېگىنىمىز كىچىك مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تورداشلار توردا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان مەلۇم بىر يىغىلدىغان سورۇن بولسا چوڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر مۇنبەرگە قىزىقىپ قالغۇچىنىڭ ئەڭ يېقىن سىرداش دوستى. ھەم توردىكى ئىللىق ئائىلىسىدۇر. يەنى پىكىرلىشىش سورۇنى بولۇپ ، روھىي چۈشكۈنلەر تورداشلار بىلەن بىرگە كۆڭلىنى كۆتۈردۇ ، خوشاللىق ھەم ئازابنى تەڭ تۆكىدۇ ! مەلۇم ئىشتا قىيىنچىلىققا يولۇقسا مەسلىھەت سورايدۇ . خوشاللىق ئازاب ، مېھىر ، دوستلۇق ، ھەممىسى مۇشۇ مۇنبەر دىگەن ئاتالغۇغا مۇجەسسەملەنگەن . بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان bbs دېگىنىمىز بولسا شۇنداق سىرلىق مەنالار پۈتۈلۈپ كەتكەن ئىنگىلىسچە ئاتالغۇسى !

« مىسرانىم » توربىكىتىنى سىز قۇرۇپسىز . كۆپۇنچە توربىكەت قۇرغۇچىلار مۇنبەرگە ئاشۇ توربىكىتىنىڭ نامى بىلەن كىرىدۇ . لىكىن سىز misranim دىگەن بۇ ئىسىمنى قوللانماي misran دىگەن ئىسىمنى قوللىنىپسىز ! بۇنىڭدا بىرەر ئالاھىدە سەۋەب بارمۇ قانداق ؟ misran دىگەن ئىسىمنىڭ مەنىسىنى بىر ئىزاھلاپ بەرگەن بولسىڭىز بۇپتىكەن !

شۇنداق ، مىسرانىم تور بېكىتىنى 08 - يىلى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى قۇرغان ، ئەسلى مىسران تور بېكىتى دەپ قوراي دىگەن ئىدىم . نەدىن بىلەي ، ئۇ ئىسىم چەتئەللىكنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىپتۇ .(مىسران دىگەن ئېگىلمەس سۇنماس قېلىچنىڭ سىموۋلى). قانداق ئىشقا ئىشلەتكىننىمۇ بىلمەيمەن ! شۇنىڭ بىلەن ئويلىنىپ ئاخىرى < ئىم > قوشۇمچىسىنى ئۇلاپلا ئالدىم ، مەسىلەن < كىتاب > < كىتابىم > دېگەنگە ئوخشاش ، مىسران بولسا مېنىڭ شەخسىي تەخەللۇسۇم بولغان بولسا < مىسرانىم > پۈتكۈل مىسرانىمنى قوللىغانلارنىڭ ، يەنى < ئىم > قوشۇمچىسى مېنىڭ دېگەنلىكتۇر .. . شۇڭا مەيلى ھەرقانداق جايدا بولسۇم مىسرانىم دىگەن ئاتالغۇنى چوڭ مەنىدىن توربەتكە ئىشلەتتىم . بىراق ئۇ ھەرگىزمۇ مەن شەخسىنىڭ تەخەللۇسىغا ۋەكىللىق قىلالمايدۇ . شۇڭا گەرچە مىسرانىم دىگەن ئەزا بار بولغان بولسىمۇ ئۇنى ئىشلىتىپ باقمىدىم . مېنىڭ مۇنبەردىكى تورداشلارغا ئالاھىدە مېھرىم بار، ئانچە مۇنچە بولسىمۇ ئۇلار بىلەن بىر داستىخاندا داخىل بولغۇم كېلىدۇ، ھەم تىمىلىرىنى سېغىنىمەن ، شۇڭا مىسران دىگەن تەخەللۇستا مۇنبەردىكىلەر بىلەن بىرگە بولىمەن !

قىسقىچە تەرجىمھالىڭىز بىلسەم بۇلامدۇ ؟ قىسقىچە تەرجىمھالىڭىزغا بىر ئىزاھات بېرىۋەتكەن بولسىڭىز بۇپتىكەن !

قىزىقىپ ياخشى كۆرىدىغان ئىشىم : ھۆسىنخەت يېزىش ، توربەت لاھىيلەش . ئاۋاز ئىشلەش .
كەمچىلىكىم ، بەكلا سەپرا . كۆڭلۈم خالىمايدىغان ئىشنى بىرەرسى زورلىسىمۇ قىلمايمەن ، ئادەم كۆپ جايلارغا ئۆزۈمنى پەقەت ئۇرمايمەن ، خالىي يالغۇزلۇقنى خالايمەن !
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك تونۇشتۇرۇپ تۇرسام بولار! قالغىننى ئاۋۇ مىسرانىمدىكىلەرنىڭ ئالامەت تارىخىدا ئانچە مۇنچە سۆزلەپ قويغان q


ئالدىنقى جاۋابىڭىزدا " ئانچە مۇنچە بولسىمۇ ئۇلار بىلەن بىر داستىخاندا داخىل بولغۇم كېلىدۇ " دەپسىز قارىغاندا تورداشلار يىغىلىشىغا ئالاھىدە كۆڭۇل بۇلىدىغان ئۇخشىمامسىز ؟ سىزنىڭچە تورداشلار يىغىلىشىنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار ؟ زىيانلىق تەرىپىمۇ بارمۇ قانداق ؟

ياقەي . دىمەكچى بولغىنىم مۇنبەردىلا دىمەكچى . مەن مۇنبەردە بىرەرسى بىلەن تونۇشۇپ ياكى ئۇنىڭ بىلەن كۆرشۈپ دىگەندەك ئىشلارنى قىلىپ باقمىدىم . تورداشلار يىغىلشى مۇنداق بىر قانچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ، يەنى ئۆز ئارا تونۇشۇش ، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش جەھەتلەردە پايدىلىق ، بىراق بۇنىڭ پايدىسىدىن زىينى كۆپرەك ، يەنى ئىچى پۇشۇپ تۇرغان بالىلار ئولتۇرۇش ، يىغىلىشقا بېرىپ قالسا چاتاق ، ھازىرقى ئولتۇرۇش قوپۇشلار ئىچىم  ،چېكىم لەردىن ئايرىلالمايدۇ ، شۇڭا مەن ئولتۇرۇش دىگەندەكلەرنى بەك قوللاپ كەتمەيمەن ، مەلۇم ياخشى ئىش ئۈچۈن يىغىلغان بولسا ئۇنىڭ يولى باشقا . خۇدايىم بۇيرىسا كىيىن "  مىسرانىم " دىكىلەرنىڭ ھەممىنى ئۆزۈم بىر يىغىمەن !

ھەممىمىزگە مەلوم بولسا كېرەك بىرە تور بىكەت قۇرۇپ ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇنچىلىك ئاسانمۇ ئىش ئەمەس . سىز بۇ تور بىكەتنى ھەم مۇنبەرنى قۇرۇش جەريانىدا بىرە قىينچىلققا دۇچ كىلىپ باقتىڭىزمۇ قانداق ؟

شۇنداق . قىيىنچىلىققا ئۇچۇرمىدىم ئەمەس ئۇچۇردىم . مۇنبەر قۇرۇپ 5 ئاي بولغان ۋاقىتتىلا ، مۇنبەرگە مەلۇم تىمىلار يوللىنىپ قالغانلىق مېنىڭ يۇيۋەتمىگەنلىك سەۋەبىم بىلەن نېفىتلىق ساقچى ئەتىرتى تەرپىدىن جازالاندىم . باشتا توربەت ياسايمەن دىگەندە ئائىلەمدىكىلەرنىڭمۇ قارشىلىقىغا ئۇچۇرغان . كىيىن كوچا كويلاردا قالايمىقان ئىشلانى قىلىپ يۈرگەندىن توردا پاكىزە تۇرغىنىڭ ياخشىكەن دەپ ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ

سىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزويىڭىز نىمە ؟ سىز بۇ ئارزويىڭىزغا يىتىش ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشتىڭىز ؟

مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم . مۇستەقىل ئېگىلىك تىكلەش . بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دائىم تېرىشىۋاتىمەن . بىراق نۇقۇل ھالدا مەلۇم بىر ئىشنى تۇتۇپ قىلمىدىم . ئاللاھ خالىسا كىيىنكى ھايات مۇساپەمدە يەنىلا تېرىشىمەن

ھەممىمىزگە مەلوم نۇرغۇنلىغان تورداشلىرىمىز بۇرۇن بۇ توربىكەتكە ناخشا ئاڭلاش ئۈچۈنلا كىرىدىگەنتۇق . بۇنىڭ سەۋەبى ، سىزنىڭ ناخشا - مۇزىكىغا قىزىشىڭىز بىلەن توربىكەتتە ئەڭ يىڭى ناخشا - مۇزىكىلارنى ئېلان قىلىپ تۇرىشىڭىزدىمۇ قانداق ؟

شۇنداق . بۇرۇن مەنمۇ ناخشا ئېيتاتتىم نۇرغۇن دوسىتلار ماڭا مەدەتلەرنى بەرگەن ئىدى . چىننۇرى تور بېكىتىدە نۇرغۇن ناخشىلىرىم چىققان . ھەم تورداشلار ماڭا مەدەت ئېلھاملارنى بەرگەن . QQ لىرىغا قوشۇۋالغان ، QQ دا ئادەم كۆپ بولغاچقا ئاساسەن ناخشىچى دوستلار ئۆزى ئېيتقان ناخشىلارنى ماڭا ئەۋەتىپ بېرىدۇ ، شۇڭىلاشقا تور بېكىتىمىزدە ئىجادىي ناخشىلار كۆپ . تورداشلارغا ماس كېلدىغان لىرىك مۇڭ ناخشىلار كۆپ سالماقنى ئېگەللەيدۇ !

ئاخىرىدا باشقۇرغۇچىلاردىن ھەم مۇنبەردىكى ھەربىر ئەزادىن نىمىلەرنى كۈتىسىز ؟ تورداشلارغا دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزىڭىز بار ؟

ئەزالاردىن سەمىمىي ئۆتۈندىغىنىم شۇكى ، ھاياتنى قەدىرلەيلى . قىسقىغىنە ھاياتىمىزنى مەنىلىك ئىشلارغا سەرىپ قىلايلى ، مەيلى مۇنبەر ، جەمئىيەت ۋە ياكى ئائىلدە بولسۇن ، ئۆزگە خاس ، مىللىي  ئۆرىپ ئادىتىمىزگە خاس تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرسەك . ئۇيغۇر دىگەن نامىمىزغا چۇشلۇق مىللىتىمىز ، ھەقىقىي ئۆرىپ ئادىتىمىزگە ماس كېلدىغان ئەخلاق پەزىلەت يېتىلدۈرشىمىز كېرەك . بولۇپمۇ ھازىرقى زاماندا ياخشى بىلەن يامان بەك ئاسان پەرىقلىنىدۇ . شۇنداق بولغان ئىكەن ئۆزىمىزگە خاس بولغان ئۆزگىچە تۇرمۇش شەكلىنى ياراتساق . ھەم ئاخىردا مۇنداق بىر ھېكايە بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇراي :

بىر ئادەم ئېگىز قىيادىكى بۈركۈت ئۇۋىسىدىن بىر بۈركۈت بالىسىنى تۇتۇۋاپتۇ . ئۇ بۈركۈت بالىسىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ، توخو كاتىكىگە سولاپ، توخولار بىلەن بىللە بېقىپتۇ . بۇ بۈركۈت بالىسى توخولار بىلەن بىللە دانلاپ يۈرگەچكە ، ئۆزىنىمۇ توخو دەپ قاپتۇ .

بۇ بۈركۈت ئاستا - ئاستا چوڭ بولۇپ پەيلىرى تولۇپتۇ ، ئىگىسى ئۇنى ئوۋ بۈركۈتى قىلىپ چېنىقتۇرماقچى بوپتۇ . لېكىن كۈنبويى توخولار بىلەن بىللە تۇرغانلىقتىن، ئاللىقاچان توخولار بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش بولۇپ قاپتۇ، ئۇ ئۇچۇشنى ئارزۇ قىلمايدىكەن .

ئىگىسى تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قىلىپ باققان بولسىمۇ، ھېچقانداق ئۈنۈمى بولماپتۇ . ئاخىرى ئۇنى تىك قىيانىڭ قىرىغا ئېلىپ كېلىپ ، ئۇنى بىراقلا ئېتىۋېتىپتۇ. بۈركۈت خۇددى بىر تاشقا ئوخشاش ئۇدۇل پەسكە چۈشۈشكە باشلاپتۇ. ئالاقىزادىلىك ئىچىدە ئۇ جان- جەھلى بىلەن قاناتلىرىنى كېرىپتۇ . شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاخىرى ئۇچۇپتۇ.


زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 3548
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19121
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8358 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-29 09:01:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا.....ھا...... !
كاللا دىسە پاقالچاق ، ئۈتلەيمەن دېسە يەيمەن دەيدۇ نىمە دېگەن قىزىق ھە!

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ئوماق قىزىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 132
يازما سانى: 2063
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15107
تۆھپە نۇمۇرى: 559
توردا: 9685 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-29 10:02:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىيارىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرامسىز ،،،شۇنداق بولسا مىسرانجاننى بىر زىيارەت قىلىپ باققان بولسىڭىز


ما ئىنكاس ئىناۋەتسىز   ،،،،،،،،،،،

سەنئەتكە بىرىلگەن مىللەت چۈشكۈنلەشكەن مىللەتتۇر

تەدبىرىڭ قانداق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1742
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9948
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 2144 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-29 10:08:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇيلۇق قىزىغا: مىسراننى راستىنلا زىيارەت قىلدىڭىزمۇ نىمە؟ ئاۋۇ ھېكايە بەك ياخشى ئىكەن، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار، مەنىسى چوڭقۇر ھىكايە ئىكەن، ماڭا بەك تەسىر قىلدى، قەلىمىڭىزگە رەھمەت!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش