ئىشقىيار نامەت لەتىپىلىرى
ئۇيۇپ كەتتىم
قوشنىسىنىڭ ئوغلى ئۆككۈزگەن بەزمىنىڭ ئاخىرى ھويلىدا تانسا ئويناشقا ئۇلاشتى . بىر نەچچە قىلىقسىز يىگىتلەرنىڭ قالايمىقان پىرقىرىشىپ ، ھەدەپ « ئۇيۇپ كەتتۇق ، ئۇيۇپ كەتتۇق» دەپ ۋاقىراشلىرىدىن غىجىقى كەلگەن ئىشقىيار نامەت بىر چاغدا تانسا مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ مىدىرلىماي تۇرىۋالدى .
ــــ ئىشقىياركا نېمە بولدىڭىز ؟ ــــ دەپ سورىدى قوشنىسىنىڭ ئوغلى بىر چاغدا ئۇنىڭدىن ھەيران بولۇپ . شۇ سوئالنى كۈتۈپ تۇرغان ئىشقىيار مىدىرلىماي تۇرۇپ چۈشەندۈردى :
ــــ ئاغىنىلىرىڭىز ئۇيۇشنى بىلمەيدىكەن ، ئۇلارغا ئۇيۇشنى كۆرسىتىپ قوياي دەپ ، پىرقىرغۇچتەك ئۇيۇپ كەتتىم .
يېڭى شەيئى ۋە كونا كادىر
ئىشقىيار نامەتنى قىززىقچى دەپ ئاڭلىغان بىر دېلىغۇل يىگىت ئۇنىڭغا تۇنامسىز چاقچاقلارنى قىلىۋەردى . خېلىغۇچە ئۈنچىقمىگەن ئىشقىيار ئاخىر ئۇنى ئىككى ـ ئۈچلا ئوخشىتىۋېدى ، يىگىت چىدىيالماي ۋاقىرىدى :
ــــ يېڭى شەيئىلەرنى چۆكەر ، دەپ كىم ئېيتتى ساڭا ؟
ئىشقىيار چاقچاق بىلەن جاۋاب ياندۇردى :
ــــ كونا كادىرلارنى كولاڭلار دېگەن ھۆججەتنى كىم بەردى ساڭا؟
تۇتىدىغان يەر قالمىسۇن
مەھەللە خەلق ئەسكەرلىرى ئۆگىنىش كۇرىسىغا كىرىپ قالغان ئىشقىيار نامەتنى تولا نوقۇپ ـ سىلكىپ تارتىشتۇرۇپ ، تازىمۇ قىينىۋەتتى . شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىشقىيار كادىردىن رۇخسەت سوراپ ساتىراشخانىغا كىردى ـ دە ، ساتىراش چاچ ـ ساقاللىنى ئېلىپ بولغاندىمۇ ئورنىدىن قوپماي ئولتۇرىۋەردى .
ــــ ئىشىقىيارئاخۇن تۇرسىلا ، چاچ ـ ساقاللىنى ئېلىپ بولدۇم . ئىشقىيار ساتىراشقا بۇيرىدى :
ــــ قۇلىقىمنىمۇ كېسىۋىتىڭ ! ساتىراش ئەجەبلەندى :
ــــ نېمىشقا ؟
ئىشقىيار نامەت ئۇنىڭغا چۈشەندۈردى :
ــــ خەلق ئەسكەرلىرى تۇتقۇدەك يەر قالمىسۇن دەيمىنا !
پىچاق ئۆتمىسە
بىر ئايال باشلىق ئىشقىيارغا ھال ئېيتتى :
ــــ ئايال كىشى باشلىق بولسا قاملاشمايدىكەن ، پىچىقىم كەسمەيدۇ .
ئىشقىيار نامەت ھېلىقى ئايالغا كۆيۈنگەندەك قىياپەتتە مەسلىھەت بەردى :
ــــ پىچاق ئۆتمىسە قايچا بىلەن كېسىڭ !
تەشكىلسىز قالماي دەپ
مەھەللىگە چۈشكەن كادىرلار قىيىن ـ قىستاق بىلەن ئېغىز ئاچۇرماي ، ئىشقىيار نامەتنى ئەكسىلئىنقىلابچىغا چىقاردى . ئارقىدىنلا بىر كادىر ئۈستەلگە مۇشتلاپ ۋارقىرىدى :
ــــ ئىشقىيار ئيتتە ، نېمە ئۈچۈن ئەكسىلئىنقىلابىي تەشكىلارقا قاتناشتىڭ ؟
يولسىزلىقتىن زەردىسى قاينىغان ئىشقىيار جاۋاب بەردى :
ــــ تەشكىلسىز قالماي دەپ .
مەنبە: 2003-يىلى 5-ئايدا نەشىردىن چىققان، ماخمۇت مۇھەممەت تۈزگەن «دۇردانە لەتىپىلەر» دېگەن كىتابتىن ئېلىغان. شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى.