مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3209|ئىنكاس: 24

مەن تەتىلنى قانداق ئۆتكۈزدۈم؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11523
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 02:51:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2011-يىلى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى مەكتىپىمىزدىكى ھەممە ئوقۇغۇچىلار  ئۆيلىرىگە خۇشال ھالدا قايتىشتى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىغان  ساۋاقداشلىرىم ، دوستلىرىمنى غېرىبانە قەلبىم بىلەن  زورىغا كۈلۈپ ئۇزاتتىم.  
      مەنمۇ   خوتەن قاراقاشنىڭ يىراق سەھراسىدىكى  قېرىپ مۇكچەيگەن  ئانامنى  ۋە تەرسا مىجەز بولسىمۇ،  مېنى ھەممىدىن چوڭ كۆرىدىغان دېھقان دادامنى سېغىنىمەن. مېنىڭمۇ ئۆيگە بېرىپ ئۇلار بىلەن دىدارلاشقۇم كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالىغا ھال، مۇڭىغا مۇڭ بولۇپ، ئۇلارنىڭ غېرىبانە كۈلبىسىنى ئىللىتقۇم، ئايىغىدا باش قويغۇم كېلىدۇ. ئەمما  مەسئۇلىيەت ۋە ئۆزۈمدىكى ئەرلىك بۇرچ مېنى  غۇلجىنىڭ بۇ سوغۇق ، قەھرىتان قىشلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلدى.   مەن ئاتا- ئانامنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يەڭگىللىتىشىم، 23 ياشقا كىرىپ قالغان ئوغۇل بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇلاردىن ئالغۇچى ئەمەس ، بەلكى ئۆزۈم تېپىپ ھالاللاپ يېگۈچى ھەمدە ئۇلارغىمۇ مېنىڭ چوڭ بولغانلىقىم ،  زەبەرداس ئوغۇل بولۇش ئۈچۈن قەدەم تاشلاۋاتقانلىقىمنى بىلدۈرۈشىم كېرەك.           ئانام ۋە دادام ماڭا < بالام قايتىپ كەل، پۇل سېلىپ بېرەيلى، سىزنى بەك كۆرگۈم كەلدى، خان بالام، غوجام بالام ، بىزنى كۆرگىڭىز كەلمىدىمۇ؟ نېمە قىلىسز  خەقنىڭ شەرىدە بۇ سوغۇق قىشتا.....> دېگەن دىلنى ئېزىدىغان گەپلەرنى قىلغاندا، پۈتۈن بەدىنىمگە ئولاشقان بىرخىل تىترەك  كۆزۈمگە لىققىدە ياش ئېلىپ كەلدى. ئەمما < ئانا ،دادا ، مەن سىلەرنى ياخشى كۆرىمەن، سىلەر مېنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ زور بەختىم ۋە خۇدايىم. سىلەرنى رازى قىلىش ۋە قۇللۇقىڭلاردا بولۇش مېنىڭ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىكى ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇغان ئەڭ شەرەپلىك ۋە  ئېغىر مەسئۇلىيتىم.  ئەمما، مەن سىلەرنى سېغىنمىغانلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى  سىلەرگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتىم ئۈچۈن ، ئۆزۈمنى   بۇ غېرىبانە شەھەردىكى ئازاپ كۈلبىسىگە تاشلىدىم. دۇنيادا، ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى ئازابقا دۇچار قىلالايدىغان كىشىلەر ئاز بولسا كېرەك.ماڭ ئىشىنىڭلار، مەن سىلەر بەرگەن ناننى ۋە پۇلنى ھالاللاپ خەجلەيمەن ۋە يەيمەن..>
   مانا  غۇلجىنىڭ ئىككى كۈن قېلىن قار ياغسا ئۈچ كۈن ھاۋا ئېچىلىدىغان مۇزدەك باغرىدا بىر ئايدەك تەتىلنى ئۆتكۈزۈپتىمەن.  دوستلىرىم ۋە ساۋاقداشلىرىم، ئاتا- ئانا، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم يوق بۇ شەھەردە خېلىلا تىنجىققان ۋە يېتىمسىرغا بولساممۇ  ،  كۈندە ئالدىراشچىلىق ئىچىدە يۈرۈش مەندىكى ئۇ ئازابلارنى ئۇنتۇلدۇردى.  بەلكىم ئالدىراشچىلىق  ھەرقانداق ئازابنى ۋە كۆڭۈلسىزكىنى ئۇنتۇش ھەمدە يالغۇزلۇقنى يېڭىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى بولسا كېرەك.     ئۇنداقتا مەن قىشلىق تەتىلىمنىڭ مانا مۇشۇ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە نېمىلەرنى قىلدىم، يەنە نېمىلەرنى قىلىمەن ؟  
   1- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن باشلاپ ، ھەركۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېنىستىتۇتىمىزنىڭ ئېنگىلىزتىلى كۇرىسىدا ئېنگىلىز تىلى ئۆگەندىم. ھەركۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن 5 كىچە  ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋات چىقىرىش كۇرىسى ئېچىپ، خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي بالىلاردىن 20 نەپەر سەبىيگە  ئانا تىلىنى ئازتۇلا ياكى خېلى چوڭقۇر دەرىجىدە مۇھەببەت ئۇرۇقىنى تىكتىم.   بىر قارارلىق كۇرۇس بۈگۈن ئاخىرلاشتى. ئۇلار ئېلىپبەنى تۈگەتتى.   2-ئاينىڭ10-كۈنىدىن باشلاپ ئىككىنچى قارارلىق كۇرۇستا، يەنە 11 ئوقۇغۇچۇم ئوقۇش باشلايدۇ. مەن يەنە ئانا تىلىمدىن  ،  ئۇيغۇر تىلىمدىن ئۇلارغا دەس بېرىمەن. مەن بۇ تىلى چىقمىغان ھەم ئۇيغۇر تىلىنى كەمسىتىدىغان، سۆزلىيەلمەيدىغان بالىلارغا  ئانا تىلىنى ئۆگىتەلىگەنلىكىم ئۈچۈن، ھەرقانداق ئادەمدىن بەخىتلىكمەن.  ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكى 6 ياش، چوڭى 14 ياش، لېكىن ئۇلار يەسلىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە خەنزۇ مەكتەپلەردە ئوقۇغان، ئائىلىدە خەنزۇچە پاراڭ قىلىدىغان، ئۇيغۇرتىلى ۋە مەدەنىيتىدىن خېلى ياتلاشقان، ئەمما ئاتا ئانىسىنىڭ زورى بىلەن كېلىپ كۇرۇسۇمدا ئوقۇۋاتقان بالىلار ئىدى. مەن مۇھىمى ئۇلارنىڭ ماڭا بەرگەن ئىككى توكتەك پۇلىغا ئەمەس، مۇھىمى ئۇلار ئالدىدىكى قەرزىم،  مەسئۇلىيتىم، ۋە  مەجبۇرىيتىم ئۈچۈن  ئۇلارغا بارچە مۇھەببىتىمنى بېغىشلىدىم، تۇنجى قېتىم ئوقۇتقۇچى بولدۇم.
   بۇ جەرياندا بەزى  قىيىنچىلىقلارغا ۋە تەجرىبىلەرگە ، شۇنىڭدەك كۈلكىلىك ئىشلارغىمۇ يولۇقتۇم،   كۆپچىلىككە تەجرىبە سۈپىتىدە قالدۇراي:  
مېنىڭ  بۇ  ئۇيغۇر ، ئەمما خەنزۇچە ئوقۇغان سەبىيلىرىم، ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ< ئۇيغۇرچە سۆزلىسەك بىئارام بولىمىزكەن ( 不舒服 ) دېگەندە  خورلۇق ھېس قىلغان بولسام،  ئۇيغۇرچىنى ئۆگىنىپ نېمە قىلىمىز، دۆلەت تىلىنى بىلىمىز، مۇئەللىم بىزگە ئومۇملاشقان تىلنى (پۇتۇڭخۇانى) ئۆگەنسەڭلار،ھەم ئومۇمىي تىلدا سۆزلىسەڭلار ، سىلەرنىڭ كەلگۈسىنىڭ خوجىلىرى ،  مىللىي تىلدا سۆزلىسەڭلار ئارقىدا قالىسىلەر، قالاقلىق دېدى،، دېگەن گەپلىرنى ئاڭلىغاندا، پۇت قوللىرىم تىترەپ، ئانا تىلىم_ ئۇيغۇر تىلىمنىڭ  ھاقارىتىدىن بوغۇلدۇم،  ئەمما مەن بۇ  سەبىيلەرنىڭ ئۆزگەرگەن قەلبىگە   سەۋرچانلىق، خوتەنلىكلەرچە  جاھىللىق بىلەن  ئانا تىل ئۇرۇقىنى چېچىش  ۋىجدانىي قەرىز ھەم تارخ ماڭا يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت، مېنىڭ ئەڭ ئالىي شەرىپىم.  مەن ئۇلارغا ئۇيغۇرلانىڭ تارىخى ،مەدەنىيتى ، شان - شەۋكىتىنى خەنزۇ تىلىدا بولسىمۇ يەتكۈزۈپ، ئانا تىلى ۋە مىللىتى ئۈسىتدە ئاز تولا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ بولۇپ، ئۇلارغا كۈندە 3 تىن 4 كىچە ھەرپ ئۆگىتىپ ، خېلى كۆپ ئۆنۈمگە ئېرىشتىم، نەتىجىدە 14 ئوقۇغۇچۇم مېنىڭ نەزىرىمدىكى لاياقەتلىك ئوقۇغۇچى، قالغان ئوقۇغۇچىلىرىم، دىلى قېتىپ ، مۇزلاپ كەتكەن ۋە  دىللىرىغا ئۆزگەرمەس   يات       بىر تامغا  بېسىۋېتىلگەن بولغاچقا   ئۇلار يۈزەكى ئېگىلىدى. بۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىمەن.

     مۇنداق بىر قىززىق ئىش مېنى ھازىرغىچە كۈلكىگە قويدى، بۇ بەلكىم ئاچچىق كۈلكىدۇر. سىنىپتا ھەرپ ئۆتۈش ئاخىرلىشپ ، غۇنچەم ئېلىپبەنى تۈگەتتىم دېگەن تېكىسكە كەلگەندە بالىلاردىن ئۇيغۇرچە  سوئال سورىدىم. يەنى سىلەر بىلىدىغان رەڭلەرنى دەپ بېقىڭلار دەپ  سورىسام،  ئاق ، قىزىل، يېشىل ، كۆك،،،،دېگەندەك ھەممە رەڭىنى دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن  ئۇيغۇرچىغا ئانچە تىلى كەلمەيدىغان ، يەنە بىر خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي(مىنكوخەن)  ئوقۇغۇچۇم ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇئەللىم، مەنمۇ بىر رەڭنى بىلمەن دەپ، :        شەپەرەڭ                دېدى.  يېرىم كۈن كۈلۈپتىمەن. ئۇ نېمىگە كۈلىسىز دەپ ئاچچىقلاپ قالدى ، مەن ئۇنىڭغا بۇ رەڭ ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئۇيغۇرتىلىدا بىرخىل كېچىدە ھەرىكەت قىلىدىغان قۇشنىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى دەپ بەردىم. ئۇ ئۆزىنىڭ بەكمۇ  خىجىل بولغانلىقىنى ئېيتتى.        بۇنداق يومۇرىستىك ئىشلار دەرسىخانىدا بولۇپ تۇردى.  

  لېكىن بۇ جەرياندا ئويلاپ قالدىم ،ئانا تىلىنى بالىلارغا ئۆگتىش كېرەككەن، ئۇلارنىڭ دىلىغا تامغا ئويۇش كېرەككەن، ئۇلارغا مىللىتىمىزنىڭ ئوغرى قاراقچى ئەمەس، قالاق ،تەرەققىي قىلمىغان مىللەت ئەمەس، بەلكى تارىخى مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى ۋە ئانا تىلىمىزنىڭ ئورنىنى تونۇتىشىمىز كېرەككەن. ئۇلارنىڭ 57- مىللەت بولۇپ شەكىللىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن،  ئۆزىمىزنىڭ ئەجدادلار ئۇلاپ بەرگەن ئۇ  ئاناتىل مىراسىمىزنى ۋە مەنىيەتلىرىمىزنى بالىلارنىڭ قەلب ئەينىكىگە  ئويۇپ چىقىشىمىز كېرەككەن.... ھەي ، ئانا تىلىم، سېنىڭ غورۇرۇڭ پايخان بولسا ماڭا ماتەم بولىدۇ. سېنىڭ ئىززىتىڭ مېنىڭ بەختىم. سېنى قوغداش ۋە سېنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش مېنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيتىم. ...
                                   2011-يىلى 2- ئاينىڭ 12- كۈنى غۇلجىدا يېزىلدى.
          مەنبە: ئۆز قەلىمىم  
           __      زىيالىي

ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Asman + 100 ئاخىرى ئۇشبۇ يازمىڭىزنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر
kuzum + 50 ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ ئىنىم
musilina + 100 ئەھمىيەتلىك تېما
iman01 + 50 ناھايىتى ياخشى قىلىپسىز !

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 300   باھا خاتىرىسى

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»

تۆنوگۇن بىلەن بۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24724
يازما سانى: 413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13049
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 2607 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2013-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 04:17:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ ھەممىدىن بەك قورقىدىغىنىم 57- مىللەتنىڭ بارلىققا كىلىشى !   بۇنى داۋاملاشۇتۇرپ  كېتىشىڭىزنى ئاللادىن تىلەيمەن !

مەن ئۇرۇمچىگە كەلگىلى 5 كۇن بولدى مۇشۇ بەش كۇن ئىچىدە ناھايىتى ئالدىراش ئوتتۇم چۇنكى مەن دادامغا ياردەملىشىپ دۇكانغا مال سېتىۋالغىلى كۇندە بازاغا باراتتىم ،  مەن مۇشۇ جەرياندا مەكتەپ يېشىدىكى نەچچە بالىلارنى كوردۇم بۇلۇپمۇ بۇگۇن جىق ئۇچراتتىم ،  ئۇلار  يولدا  مېڭىۋېتىپ خەنزۇچە پاراڭلىشىپ مېڭىپتۇ مەن بەك ئەپسۇسلاندىن ،  بۇلۇپمۇ تۇنجى قېتىم ئىككى قىز شۇنداق  ئۇماق قىزكەن يىراقتىنلا كۇرۇپ كوڭلۇمدە بۇ نىمانداق چىرايلىق چڭو بولغان قىزدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم ، لىكىن يېنىمدىن ئۇتۇپ كەتكىنىدە  شۇنداق بىر ىۇرسىنىۋەتتىم ، ئەسلىدە بۇ ئىككى قىزنىڭ چىرايلىق ئەمەس  نەقەدەر  سەت  ئىكەنلىكىنى  بۇ چىرايىنىڭ  ئىشەكتىمۇ بارلىقىنى  بىلدىم   چۇنكى ئۇلار خەنزۇچە  پاراڭلىشىپ كېتىۋاتاتتى !     

مۇشۇنداق ئانا  تىلىنى ئىشلەتمەيدىغان ئوز ئارا باشقا تىلدا  سوزلىشىدىغان ئادەمدىن ئىشەك ياخشىكەن چۇنكى : ئىشەك جېنىدا بىرسى بىرسى بىلەن ئوز ئارا يىراقتىنلا  پۇرىقىنى پۇراپ بىر سى بىرسىگە ھاڭرىشىپ قۇيۇدۇ ۋە ئوز ئارا  ئانا  تىلىدا  ھاڭرىشىپ سوزلىشىدۇ !  

ئىملا خاتالىقىم ناھايىتى ئېغىر  كەچۇرۇشۇڭلارنى ئۇمۇد قىلىمەن !   تۇزۇتىۋاتىمەن ! ئىزچىل تۇزۇتىمەن !
مىنىڭ  ئۇستىدىكى  سوزلىگىنىمنىدە بۇ سوزلەرنىڭ 18 ياشلىق بالىنىڭ  قولىدا  بېسىلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ قۇيۇڭ ! بەزەن يەرلىرىدە كوڭلۇمدىكىنى ياخشى ئىپادىلىيەلمەي خاتا مەزمۇنغا كەتكەن بۇلۇشى مۇمكىن ئۇقۇرمەنلەرنىڭ توغرا  چۇشۇنۇپ ئۇقۇشىنى ئۇمۇد قىلىمەن !

بۇرۇن دىگەن بۇرۇن ، ھازىر دىگەن ھازىر .  تونوەۇنگە بۇگۇن ئ.وخشاشدۇ ؟

ھاياتقا ئۈمۈد بى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27297
يازما سانى: 1190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9441
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 1665 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 04:28:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (ziyaliy) نىڭ يازمىسىغا

ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن ... نادىرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ...

كۆك بۆرە ئىكەنسە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26217
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7236
تۆھپە نۇمۇرى: 296
توردا: 608 سائەت
تىزىم: 2011-1-14
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 04:30:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر 57_مىللەت بارلىققا كەلسە نىمە بولۇپ قالار.............

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 947
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15632
تۆھپە نۇمۇرى: 1724
توردا: 6163 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 04:34:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مە نىلىك ئۆتكۇزۇپسىز ، مەنمۇ مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە گەپ قىلسا چۇشەنمەيدىغان  57- مىللەتكە تەۋە ئۇيغۇرلارغا باشقىچە قارشىم بار مىنىڭ ،   كىم دەيدۇ خىەنزۇچە ئۇقۇمىسا ئىستىقبالى يوق دەپ ؟  ئانا تىلنى ئۇگۇنۇپ بۇلۇپ ،خنزۇچىنىمۇ يەنە باشقا تىللارنىمۇ ئۇگەنسە بۇلدۇ ،  ...  بەزى مىنكاۋخەنلەرگە ھەيران قالمەن ، تاس تاس قالدۇ . ئتا ئانىسنىمۇ ۆكيدۇرۇپ خەنزۇچە دەپىنە قىلغىلى .........

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

يۈرىكىمدە لىققى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20583
يازما سانى: 2591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28323
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2463 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 04:57:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەتىلىڭىزنى ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپسىز ، ئاپىرىن!  ئانا تىىلىنى بىلمەسلىك نومۇس! بىلمىگەنلەرگە بىلدۈرۈش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز!57- مىللەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن اللە ساقلىسۇن!
كېلەچەكنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئاشۇ سەبىي غۇنچىلىرىمىزغا ئانا تىلىمىزنىڭ  قەدرىنى ، ئۇلۇغلىقىنى ، مۇھىملىقىنى بىلدۈرەيلى!  ئۆيىلىرىدە بالىلىرىغا ئانا تىلدا سۆزلىمەي خەنزۇچە  سۆزلەيدىغان  ئاتا ئانىلارغا بەك ئاچچىقىم كېلىدۇ!
مېنىڭ ئەتراپىمدىمۇ بار تېلفۇن قۇبۇل قىلسا خەنزۇچە   پاراڭلاشمىسا كۆڭلى يېرىم بولىدىغان جا مىنكاۋخەنلەر! (مىنكاۋخەن ئەمەس بولمىسا!)

قېرىنداشلىرىم!ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى!چۈنكى تىل مىللەتنىڭ جېنى!!!!
  

       "تىلغا ئېتىبارسىزلىق ---ئەلگە ئېتىبارسىزلىقتۇر!   (ئەلىشىر نەۋائىي) "

ا

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېلىپ ماڭدى، مەن ئېيىتتىم: -مېنى نەگە ئاپىرىسەن؟ ئۇ ئېيىتتى: -ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭىزىغا!...

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12389
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32435
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 04:59:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەتىلنى ناھايىتى مەنىلك، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپسىز، اللاھ ئىشلىرىڭزغا ئاسانچىلىق بەسۇن، سىزنىڭ ئىرادىڭىزگە قايىل بولدۇم، ئىلىم ئېلىش ۋە ئىلىم بېرىش يولىدا ھارماي ئىزدىنىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 05:05:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بۇنداق ئەھۋالنى ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولدۇ .
  دوستىڭىزغا تىلفۇن نومۇرنى دەپ بىقىڭە ؟
ئۇيغۇرچە دەپ بىردىغانلار كۆپمۇ ياكى خەنزۇچە دەپ بىردىغانلارمۇ ؟

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 05:06:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەتىلىڭىزنى ھەقىقەتەنمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپسىز .
نەچچە خىل تىل بىلەيلى ،بىلمىگەنلەر ئۈگىنەيلى ،لىكىن ئانا تىلىمىز تاشلىنىپ قالمىسۇن .

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ھەربىر تىنغان تى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6922
يازما سانى: 1941
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13672
تۆھپە نۇمۇرى: 723
توردا: 3012 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 05:07:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز .تەتىلىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپسىز .. بىراق يۇقىرقى كۆپچىلىكىنىڭ ئىنكاسى باشقىچە . راس جەمىيەتتە ئۆز ئانا تىلنى تاشلاپ ئاددەتتىكى ئەھۋالدىمۇ خەنزۇچە پاراڭلىشىدىغانلار كۆپ .. لىكىن خەنزۇچە پاراڭلاشتىڭ دەپ ھەممنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدۇ دە ..جەمىيتىمىزگە تۆھپە قوشۇۋاتقان مىنكاۋخەنلارمۇ  ئاز ئەمەسقۇ ...  
ئۆز ئانا تىلىمىزنى ئاياپ ئولتۇرماي كۈچەيتەيلى

ئالدىمغا ئالەمچە خۇشاللىق كەلسىمۇ كۈلىمەن .ئالەمچە خاپىلىق كەلسىمۇ كۈلىمەن ،چۈنكى دۇنياغا كىلىشممۇ يىغا ،كىتىشىممۇ يىغا ، پەقەت مىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇملا  كۈلكە.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش