.
ئاشىقمەن ئەپەندى:
بۇرادەر، سەن مېنى مەيلى گاداي يا خانغا ئوخشاتقىن،
نى پەرۋايىم، بىراق ئاۋۋال تىرىك ئىنسانغا ئوخشاتقىن.
.
تارئۇرۇم:
يىتىلگەن تەقۋىدارىمنى گاداي،شاھ دىشكە نە ھەددىم،
«تىرىك ئىنسان»لا دەپ قالماي؛ پىرى-چولپانغا ئوخشاتقىن.
.
ئاشىقمەن ئەپەندى:
ياشاي دەپ زاتى ئىنساندەك ئۆزۈمگە مىڭ پىچاق ئۇردۇم،
غەلەت بولسا مەگەر لەۋزىم مېنى ھايۋانغا ئوخشاتقىن.
.
تارئۇرۇم:
چۈشەركەنمىز ئانا باغرى ئىڭەلەپ ئەيبى،غەۋغادا،
باھار،ياز،كۈز؛ گۈدەك،ياش،چال...ئۇنى ئالۋۇنغا ئوخشاتقىن.
.
ئاشىقمەن ئەپەندى:
ھاياتلىق ئالىمى چەكلىك،كىلىپ-كەتمەك ئىكەن قىسمەت،
شۇ قىسمەتنى ئۆمۈر ئاتلىق ئەزىز مېھمانغا ئوخشاتقىن.
.
تارئۇرۇم:
كىلىپ –كەتمەك ئەزەل قانۇن،يېزىلمىش؛قىسمىتى ھەرخىل،
شۇ قىسمەتتە پۇچۇلغايمىز، ئۇنى شەيتانغا ئوخشاتقىن.
.
ئاشىقمەن ئەپەندى:
يۇمۇپ كۆز ئاچقىچە ئەللىك باھار، كۆز ئۆتتى ئالدىمدىن،
بىراق سۇلغان گۈلۈمنى يۈز ۋەيا توقسانغا ئوخشاتقىن.
.
تارئۇرۇم:
زامان ئاتقان ئوقى مۆلدۇر، ماكان جىسمىڭغا تەققاستۇر،
ئوقى تەگسە ئەجەپلەنمەي ئۇنى دەۋرانغا ئوخشاتقىن.
.
ئاشىقمەن ئەپەندى:
كۆڭۈل-كۆكسۈمدە بىر ئوت بار ۋەتەن-ئەل ئىشقىدا يانغان،
ئۇنى مەھشەرگىچە ئۆزمەس لاۋا-گۈلخانغا ئوخشاتقىن.
.
تارئۇرۇم:
سالاپەتتە تۈگەل ئىنسان بۇ سۆز تەكرارىدا مەغرۇر،
كېچىش جاندىن ئەمەلىڭنى، چوقان،پەرمانغا ئوخشاتقىن.
.
ئاشىقمەن ئەپەندى:
ۋۇجۇت مۈلكۈم ھامان قاقشال ئوتۇندەك كۆيسىمۇ، ئەمما
قوقاسنىڭ ئاستىدا چوغ بار، ئۇنى ۋىجدانغا ئوخشاتقىن.
.
تارئۇرۇم:
قوقاستەك پەيلى بەھرىڭنى زامانداشقا قىلىپ مەشئەل،
ھارارەتلىك چوغۇڭنى ئول ئىلىم-ئىرپانغا ئوخشاتقىن،
.
ئاشىقمەن ئەپەندى:
كىشىدە بولمىسا ۋىجدان،غۇرۇر،ئىنسانى ھىس-تۇيغۇ،
ئۇنى لاي بۇت ۋەيا ئۈنمەس پىچەك بىردانغا ئوخشاتقىن.
.
تارئۇرۇم:
ئۇدۇم ئەجدادىدىن تۈۋرۈك مەگەركى روھىيەت بولسا،
بىجاقىلماي چېچىلغاننى ساياق،سەرسانغا ئوخشاتقىن.
.
ئاشىقمەن ئەپەندى:
مۇبادا كۆز يۇمۇپ قەۋرەم تېگىدىن بىر سادا كەلسە،
مۇراتقا يەتمىگەن ئىزگۈ-تىلەك، ئارمانغا ئوخشاتقىن.
.
تائۇرۇم:
خىتابى روھ جاراڭلاپكىم ئەكىس ئاۋاز يانار تاغدىن،
«ئوغۇز» ھەتتاكى «ئەفرا»نى ئۇدۇم؛دەرمانغا ئوخشاتقىن.
.
ئاشىقمەن ئەپەندى:
قاچانكى دەشتى-ھىجراندا تىرىك مەجنۇننى ئۇچراتساڭ،
ئۇنى سەۋدايى-ئاشىق مەن كەبى نىمجانغا ئوخشاتقىن.
.
تارئۇرۇم:
بىرەر قۇدرەتمۇ نىمجانغا تەسەۋۋۇردەك چىمەنزارنى،
پەلەكنىڭ چاقى دەۋرەشنى قەسەم،پەيمانغا ئوخشاتقىن.