ئۇزاق بوپتىكەن مىسرانىمغا ئەسەر يوللىمىغىلى ،شۇڭا بۈگۈن دوسلارغا ئۆزۈم ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ئۇسۇللارنى تۇنۇشتۇراي دەپ بۇ تېمىنى يازدىم.
ئادەتتە بىز كومپىيۇتىردىكى ھۆججەتلەرنى تىلفۇنغا كۆچۈرمەكچى بولساق سانلىق مەلۇمات سىمى (数据线 ) ياكى كۆك چىش (蓝牙)ياكى ئىنفىراقىزىل نۇر (红外线) ئىقتىدارلىرىدىن بىرىنى تاللاپ ئىشلىتىمىز .
بىراق مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۇقۇرقى ئۇسۇللارنىڭ ھىچقايسىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ئەھۋاللارغىمۇ دۇچ كىلىمىز .
ئەگەر يۇقۇرقىدەك ئەھۋاللارغا يۇلۇققاندا بىز كومپىيۇتىردىكى ھۆججەتلەرنى يانفۇنغا كۆچۈرۈشكە ئامالسىز قالامدۇ ق؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس !
تىلفۇنىڭىز پەقەت تورغا چىقىپ دىتال چۈشۈرەلىسىلار بۇ ئىشلارنى بىردەمدە قىلىپ كىتەلەيسىز .
beam it up scotty تور بىكىتى ئەقلى ئىقتىدارلىق كۆچۈرۈش لاھىيىسىنى يولغا قويدى .يەنى كومپىيۇتىردىكى دىتاللارنى تورغا يوللايمىز ،بۇ توربەت شۇ دىتالنى تىلىفۇنىمىز ئوقىيالايدىغان ھۆججەت شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ ھەم سېغىمىنى كىچىكلىتىپ بېرىدۇ .
بىرىنچى قەدەمدە بۇ تور بىكەتنى ئاچىمىز .
بىكەت ئادىرىسى :
http://beam-it-up-scotty.com/
بۇنىڭدىكى 1دىگەننى بېسىپ كومپىيۇتىردىكى ھۆججەتنى كۆرسۈتۈپ بېرىمىز .
2دىگەننى بېسىپ ھۆججەتنى تورغا يوللايمىز .
بۇ نى باسقاندىن كىيىن ئاستىدىكى رەسىم ئېچىلىدۇ
بۇ نىڭدىكى سان قۇيۇلغان ئورۇنلار ئىپادىلەيدىغان مەزمۇن:
1 .压缩(mp3播放,具有32kb/秒 پىرىسلاش
2.压缩(mp3播放,为128kb/秒 پىرىسلاش ،
3.不压缩 پىرىسلىماسلىق
بۇ لادىن ئۆزىمىز قىلماقچى بولغاننى تاللىۋالىمىز.
بۇنىڭدىكى 4دىگەننى بېسىپ بۇ دىتالنى يوللايمىز .
باسساق ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك ئەسكەرتمە كۆزنىكى چىقىدۇ
1. بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئېلخەت ئادىرىسىمىزنى (电子邮件،e-mail ) يازىمىز .
2. توغرە بەلگىسىنى قويىمىز .
3. قۇشۇلۇش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز .
ئەسكەرتىش : بىز يولىغان دىتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى بىز يازغان ئېلخەت ئادىرىسىمىزغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ .
مانا بۇ مىنىڭ سوخو تورىدىكى ئېلخەت ئادىرىسىمغا كەلگەن خېتى .
رەسىمدىكى كۆكتە بويالغان ئورۇننى كۆچۈرۋالىمىز
.(بىز يوللىغان دىتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى ئېيتىپ بېرىدۇ )
مانا ئۆستىدىكى ئادىرىسنى ئاچساق مۇنۇ بەت ئېچىلدى . كاتاكچە ئېچىگە ئېلىنغان ئورۇندىكى تور ئادىرىسىنى تىلفۇنىمىزدا ئېچىپ شۇ دىتالنى چۈشۈرۋالساقلا بولدى .
ئەسكەرتىش :دىتالنى تورغا يولىغاندا دىتال ئىسمى خەنزۇچە بولسا تور بەت قوللىمايدۇ ،شۇڭا ئىنگىلىزچە ھەرىپ ياكى سان ئۇيۇپ ئاندىن دىتالنى تورغا يوللاڭ
بۇ دىتالنى تورغا يوللاپ 5 مىنوت ئىچىدە چۈشۈرۋىلىشىڭىز كېرەك
دىتال چۈشۈرگەندە تىلفۇنىڭىزنىڭ ئېقىم مىقدارىنى تۇتۇۋالىدۇ ،پۇلىڭىزغا قاراپ ئىش قىلاسىز .
رەسىمدىكى ئۇسۇللارنى ئۆزەم بىر قوللۇق سىنىغان . چۈشەنمىگەن بولساڭلار ئۇچۇر قىلىڭلار ياكى مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا خەت قالدۇرۇڭلار .
مەنبە : ئۆز قەلىمىم
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى