سىز قايسى تور تېلفۇنىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىسىز ؟
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
پەن تېخنىكىنڭ ئۇچقاندەك تەرەقى قىلىشىغا ئەگىشىپ ،خەۋەرلىشىش ساھەسىدىمۇ بۆسۈش خارەكتېرلىك يېڭىلىقلار مەيدانغا كەلدى.خەۋەرلىشىش كۈندىن-كۈنگە زامانىۋىلىشپ بارىدۇ.بىز ھازىر باشقىلار بىلەن ئائىلە مۇقۇم تېلفۇن،قول تېلفۇن،توردا ھەمىمىز ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان QQ ,MESSENGE ,SKYP......قاتارلىق ئالاقىلىشىش ۋاستىسى ئارقىلىق ئالاقە قىلىپ كىلىۋاتىمىز. يىقىنقى يىللاردا بىز يۇقارقى ئالاقىلىىشىش ۋاستىسىدىن باشقا يەنە تور تېلفۇنى بىلەنمۇ يۈز كۈرۈشتۇق.ھازىر كۆپ ساندىكى دوستلار بۇنى دېمىسەممۇ بىلىدۇ.
ھازىر تور تېلفۇنى خېلى كۆپ مەسلەن : skyp---- nono---- uucall----shutter----kc---voip--飞信,阿里通 قاتېرلىقلار..
شۇڭا مەن تور يۈزىدە دوستلار بىلەن مۇشۇ تور تېلفۇنىدىن قانداق ئۈنۈملىك پايدىلىنىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقچى.ئاۋال مەن ئۆزەم ئىشلىتىپ باققان بىر قانچە تور تېلفۇنى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ باقاي..
مەن ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا يەنى 2006-يىلى كومپىيۇتېر ئالغاندىن باشلاپ مۇشۇ تور تېلفۇنى بىلەن يۈز كۈرۈشكەن. زاماننىڭ كەينىدە قاپتىكەنمەن ھا ھا ...مەن باشتا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن skyp بىلەن تۇنۇشتۇم ،يامان يېرى پۇل قاچىلاش بەك ئاۋارچىلىق،چۇقۇم دوللار قاچىلىشىڭىز كېرەك ،مەن گەرچە بۇ تور تېلفۇنىغا ئانچە ئېھتىياج بولمىساممۇ بىر سىناپ بېقىش تۈرتىكىسىدە مۇئەللىمگە يالۋۇرۇپ بىر دوستى ئارقىلىق دوللار قاچىلىتىپ ئىشلەتكەن، ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى. كىيىن چەتكە ئوقۇشقا چىقىش ئۈچۈن يول ماڭغاندا بەك ئەسقاتتى بۇ كاساپات ھىى ھىى .كىيىن،توردا بىر تىيىنمۇ پۇل تۆلىمەي ھەقسىز تېلفۇن قىلدىغان shuuter بىلەن تۇنۇشتۇم، بۇ دىتالنىڭ QQ
غا ئوخشاش پاراڭلشىش ئىقتىدارىدىن باشقا نۇمۇر جۇغلاپ باشقىلارغا تېلفۇن قىلغىلى بۇلدىغان ئارتۇقچىلىقى بار ئىدى،لېكىن كۆپ ساندىكى دوستلار مۇشۇ QQ.... messenger.... skyp..قاتارقىلق ئالاقىلىىشىش يۇمتالغا كۈنۈپ قالغان بولغاچقا،تور دۇنياسىدا ئانچە ئۇمۇملىشىپ كەتمىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇمۇر جۇغلاش ئۈچۈن بۇ دىتالنى دائىم ئېچىپ قۇيىشىڭىز كېرەك، قانچىقى جىق ۋاقىت ئېچىپ قويسىڭىز شۇنچە جىق نۇمۇرغا ئىرىشىسىز.تېخى تەلەي سناش ئارقىلىق «قىما» ئويناپ نۇمۇر ئۇتقىلى بۇلىدۇ،مەنمۇ باشتا نەچچە كۈن جۇغلىغان نۇمۇرۇم يېرىم سائەت سۆزلىشىشكە يەتمەي «قىما» ئويناپ باققان.باشتا بىر ئاخشام ئېتىشىپ خېلى جىق ئۇتىۋالدىم،ئەتىسى ئاخشىمى خوشاللىقىمدا يەنە بىر تالىيىمنى سىناپ باقاي دەپ دونى چوڭ چوڭ تىكىپ نەچچە مىنۇتتىلا 1 ئايدا جۇغلىغان نۇمۇرىمنى سېلپ بەردىم.شۇندىن باشلاپلا ئۇتتۇرغانغا تەن بېرىپ بۇ يۇمتال بىلەن مەڭگۈ خوشلاشتىم. ئاساسلىقى جۇغلىغان نۇمۇردا ئۇزۇن ۋاقىت تېلفۇن قىلغىلى بولمايكەن،تۇرۇپ-تۇرۇپلا ئۈزۈلۈپ قالىتى،ئەڭ يامان يېرى كومپىيۇتېرنىڭ سۈرىتىنى بىر ئاز ئاستىلىتىپ قۇيىدىكەن.ھازىر دولستلار ئىشلىتىپ كېلى ۋاتامدۇ بۇنى بىلمەيمەن.
شۇنداق قىلىپ مەن يەنىلا skyp نى ئىشلىتىشنى داۋام قىلدىم.لىكىن ماۋۇ چەتكە ئوقۇشقا كەلگەندىن كىيىن nono 阿里通。。。voip
بىلەن يۈز كۈرۈشتۈم ،بۇنىڭ ئىچىدە ماڭا ياققىنى يەنىلا voip بولدى ...ئىسىت ئۆكەن كۈنلىرىم نىمىشقىمۇ بالدۇرراق مۇشۇ ئاداش بىلەن
دوست بولمىغاندىمەن دەپ كەتتىم.چۈنكى بۇ دىتالنى قول تېلفۇنىنىڭ ئۆزىگىلا قاچىلاپ تېلفۇن قىلغىلى بۇلىدۇ.بۇ يۇمتالنى قوللايدىغان تېلفۇنلار بولسا ئاساسلىقى iphone......symbian......nokia...android.....windows mobile قاتارلىقلار.
بۇ تور تېلفۇنىغا يەنىلا شۇ دوللار ياكى ياۋرۇ قاچىلايمىز.مەن ئادەتتە ياۋرۇ قاچىلايمەن.ئەڭ تۆۋەن پقىممەت تۇلۇقلاش سوممىسى 10 ياۋرۇ.ئادەتتە 10 ياۋرۇ قاچىلاپ قويساق 5 ياكى 6 ئاي ئىشلىتىمىز. 10 ياۋرۇغا سىزگە 90 كۈن ھەقسىز سۆزلىشىش ۋاقتى بېرىدۇ،ھەر ھەپتىدە 200 مىنۇت سۆزلىشىش ۋاقتى بار،بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە ،مىنىتۇغا ئادەتتە 0.01 يۈەن ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا 0.02يۈن (بۇ خەلىق پۇلى )
قانداق ئەرزەنمىەن؟ ۋەتەندە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان قايتۇرما كارتىدىن مىڭ ئەۋزەل.90 كۈنلۈك ھەقسز ئىشلىتىش ۋاقتىڭىز توشقاندىن كىيىن
ئاۋۇ 10 ياۋرۇنى ئىشلىتىشكە باشلايسىز،بۇ 10 ياۋرۇمۇ نەچچە ئاي يىتىدۇ، خەلىق پۇلىغا سڭدۈرگەندە يۇقۇردا دىگەندەك ھەر 1 مىنۇتىغا 0.05يۈەندىن ئەڭ قىممەت بولغاندا 0.25 يۈەن. تېخى بەزىدە تېلفۇن قىلغاندا ،تېلفۇن نۇمۇرىنىڭ ئالدىغا رايۇن نۇمۇرىنى قۇشۇپ ئۇرسىڭىز يەنىلا ھەقسىز ماڭىدۇ .مەسلەن:0086139xxxxxxxx دېگەندەك،بۇ تېخىمۇ ياخشى بىر ئارتۇقچىلىقى.....مەن ئادەتتە كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ تېلفۇن قىلىمەن. بۇيەرنىڭ تور تەرەقىياتى نەھايتى ناچار،بۇنى بۇ يەردە سۆزلەپ تۈگۈتەلمەيمەن. خەلىق پۇلىدا 180يۈەنگە سىمسىز تورغا چىقىدىغان usb بىلەن كارتىدىن بىرنى بىرىدۇ. ئايلىق ئېقىم مىقدارى ھازىر 8 گېبايىتقا چىقتى. توردا ناخشا ئاڭلاش،كىنو كۈرۈش مۇمكىن ئەمەس،بىر نەرسە چۈشۈرۈپ سالسىڭىزغۇ بولدى ،تور سۈرۈتى كالا ھارۋىسىغىلا ئوخشاپ قالىدۇ.توردا بىر نىمە چۈشۈرسىڭىز 1سىكىنوتتا 20kb دىن ئاشمايدۇ..قانداق بۇلامدىكەن. مەنمۇ باشتا 1 ئاي مۇشۇ سىزمىسز تورغا چىقاتتىم،شۇ چاغدىمۇ بۇ تور تېلفۇنىدا باشقىلار بىلەن شۇنداق راۋان ،سۆزلىشلەيتىم. ھازىر بولسا ئۆيۈمگەسىملىق تور ئەكىردىم.ئايلىق تور ھەققە 130يۈەن خەلىق پۇلىغا تەڭ،ئېقىم مىقتارىغا چەك يوق، توردىن بىرنىمە چۈشۈرۈش سۆرىتى ئەڭ يۇقۇرى بولسا 50kbs لىكىن تېلفۇن قىلسام قول تېلفۇنىدا سۆزلەشكەندەكلا
سۆزلىشىمەن.
بۇ تور تېلفۇنى چەتئەل بىلەن تولا ئالاقە قىلدىغان شەخىس ياكى شىركەت ،ئاممىۋى تېلفۇنخانا، چەتئەلدە ئۇقۇۋاتقان ئوقۇچۇچىلار،ۋەتەندىكى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بالىلىرى بار لارغا باك ماس كېلىدۇ،ئەلۋەتتە باشقا ساھەدىكى ھەرقاندان ئادەملەرگىمۇ ماس كېلىۋېرىدۇ .( بۇلۇپمۇ ماۋۇ ئامىۋى تېلفۇنخانا، چەتئەلگە فاكىس يوللايدىغان دۇكانلارغا تېخمۇ بەك ماس كېلىدۇ)
خۇلاسە : بۇ تور تېلفۇنىدا ھەرقانداق دۆلەت تەۋەلىكىدە تۇرۇپ تۆۋەندىكى دۆلەتلەرگە تېلفۇن قىلسا ،ھەربىر مىنىتۇغا ئالدىغان پۇل ئۆلچىمى
مەن خەلىق پۇلىغا سىڭدۈرۈش ئاساسىدا يازىمەن..
90 كۈنلۈك ھەقسىز ئۇرۇش ۋاقتىدا ،جۇڭگونىڭ مەيلى تېلگىراف بولسۇن،مەيلى بىرلەشمە ئالاقە بلسۇن،ۋە ياكى كۆچمە ئالاقە بولسۇن
ھەرقاندىقىغا ئۇرسىڭىز ھەقسىز، يەنە ئامېرىكا،تەيۋەن،شىياڭگاڭ ،كانادا،رۇسيە،تايلات،گېرمانىيە،پوورتىگالىيە،ئىسپانىيە،
ئاۋىستىرىيە،سىنگاپور،ئەنگىلىيە قاتاارلىقلارغا ھەقسىز ماڭىدۇ.لىكىن مەن بەزىدە تۈكىيە،قازاغىستان ،ياپۇنيەگىمۇ ئۇرۇپ باقىمەن،قاراپ باقسام ھەقسىز ماڭىدىكەن. بۇ كارتىنى چەتتەلدە ئۇقۇغان بالىلار 3ياكى 4 بالا بىرلىشىپ سېتىۋالىدۇ،يەنى ئورتاق ئىشلىتىمىز.ئاساسلىقى ئۈيۈمىزدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىمىز،بۇنداق بولغاندا 1 ئادەم 50 يۈەنگە 6 ئاي ئۆيدىىلىرى بىلەن ھەر ۋاقىت كۈرۈشۈپ تۇرالايدۇ.
دوستلار قېنى سىلەرمۇ بۇنىڭدىن ياخشىراق تور تېلفۇنى بولسا تۇنۇشتۇرۇپ باقساڭلا
ماۋۇ مەزكۇر يۇمتالنىڭ تور ئادېرسى
www.smartvoip.com دېتالنى مۇشۇ بەتتىن چۈشۈرۈڭ
ھەق ئېلش جەدىۋېلى توردۇمۇ بار شۇنداق بولسىمۇ رەسىم ئارقىلىق يوللاپ قۇياي .توردىكى ھەق ئېلىش جەدىۋىىلىنى كۆرمەكچى بلسىڭىز
http://www.smartvoip.com/en/calling-rates.html ماۋۇ بەتنى ئېچىڭ