مەنمۇ ئادەتتە ئۇزۇن يوللۇق تىلىفون قىلسام تور تىلىفونىدىلا قىلىمەن .
مەن 阿里通 بىلەنمۇ ھەپىلىشىپ باققان ... ئەمما ئۇ شىنجاڭ رايونىدا ئىشلىمەيدىكەن . شۇڭا ھازىر kc تور تىلىفونىنى ئشلىتىپ كېلىۋاتىمەن . ئۇزۇن يوللۇق ياكى شەھەر ئىچى تىلىفونى بولسۇن ئوخشاش 1 مودىن ماڭىدۇ . ئەمما تاۋباۋدا kc تور تىلىفونىنىڭ پۇلىنى ساتىدىغانلار نۇرغۇن . 10 يۈەنلىك تور تىلىفون پۇلىنى 5 يېرىم كويدىن 6 كويغىچە ئالغىلى بولىدۇ . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بىر مىنۇتلۇق سۆزلىشىش ھەققى 5 يېرىم پۇڭدىن 6 پۇڭغىچە بولدى دىگەن گەپ .
ئۇنىڭ ئۈستىگە قايتۇرما كارتىغا ئوخشاش تورغا چىقماي ئۆزىمىزنىڭ تىلىفونى ئارقىلىقلا باشقىلارغا تىلىفون قىلالايمىز ....... پۇلىنى kc تور تىلىفوندىن تۇتۇپ ماڭىدۇ .
مانا بۇ تاۋباۋدىكى بۇ خىل تور تىلىفونىنىڭ سۆزلىشىش ھەققىنى ساتىدىغان تور بەت ئادىرىسى : ئەرزىنىنى تاللاپ سېتىۋالساق بولىدۇ .
http://s8.taobao.com/search?q=kc ... d=0&mode=63
بۇ دىتالغان ئەزا بولىدىغان تور بەت ئادىرىسى :
http://www.keepc.com/voip/?vt=76706167
بۇ دىتالنى توردىن چۈشۈرۈپ ، ئەزا بولۇپ دىتالغا پۇل قاچىلىغاندىن كىيىن دىتالنى ئۆزىمىزنىڭ تىلىفونى بىلەن باغلايمىز . ياكى ئەزا بولغاندا تىلىفون نۇمۇرىمىز ئارقىلىق ئەزا بولساق ئۆزى ئاپتوماتىك باغلىنىدۇ . ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ تىلىفونى ئارقىلىق
kc نىڭ قول تىلىفون ئارقىلىق تىلىفون قىلىدىغان مۇلازىمەت تىلىفونىغا ئۆزىمىز تىلىفون
قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ تىلىفون نۇمۇرىنى ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ بېرىمىز .
kc نىڭ قول تىلىفون ئارقىلىق تىلىفون قىلىدىغان مۇلازىمەت تىلىفون نۇمۇرى :
15012600081
ئۇلار بىزگە تىلىفون قايتۇرىدۇ . بىز تىلىفوننى ئالساق تىلىفوننى بىز تىلىفون قىلغان قارشى تەرەپكە ئۇلاپ بېرىدۇ .... ئىش تامام ۋەسسالام ...!
ئۆزى ئەرزان .... ئۇزۇن يوللۇق ئۇرسىڭىزمۇ ، قىسقا يوللۇق ئۇرسىڭىزمۇ ئوخشاش 6 پۇڭ ئەتراپىدا ماڭغان بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .... سىناپ بېقىڭ ....
[s:153]