مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 832|ئىنكاس: 16

يازماڭلار !   ( غەزەل) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياردەم مەزمۇنى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28708
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5618
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2011-2-1
ئاخىرقى: 2011-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 08:26:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ئۇزۇن بولدى دىدارلىشىپ ئەھۋال سوراشمىغىنى. ئەمما بۈگۈن دېدارلاشتۇق،
دېدارلىشىش يۈزىسىدىن بىر شېئىرنى ھۇزۇرۇڭلارغا ئېلىپ كەلدىم، بىر ئوقۇپ باھارىڭلارنى بەرگەن بولساڭلار؟!


                                                 يازماڭلار


           ئېي،تورداشلار! تېتىقسىز، <<رىۋايەت>> نى يازماڭلار!
           ھېچ بىر كىشى كۆرمىگەن، <<جىنايەت>> نى يازماڭلار!


           <<ئاڭلىمايدۇ>> دېمەڭلار، <<قۇلىقى بار تۆت تامنىڭ>>،
           خىيانىتى <<تۆتقۇلاق>>، <<ھىدايەت>> نى يازماڭلار!


            ئېيتمىساقمۇ بىلىدۇ،   كۆزى   كۆپتۇر   خەلىقنىڭ ،
            يارا قىلىپ يۈرەكنى، <<قاباھەت>> نى يازماڭلار!


            بۇنداق دېسەم، <<دېھقاننىڭ ھالاۋىتى نۇرغۇن>> دەپ،
            <<نەق>>قە <<نىسى>> قوشۇلغان <<پاراغەت>> نى يازماڭلار!


            ئۆتكەن ئىدى بۇندىنمۇ بۇرۇن نۇرغۇن <<ئىش-پىش>> لار،
            سۈكۈت قىلىپ، بىردەملىك <<مالامەت>> نى يازماڭلار!


            راست باي بولسا يوللاردا يۈرەرمىدى تىلەمچى،
            ئاخچا بەرسە يالغاندىن <<ھالاۋەت>> نى يازماڭلار!


            تۇتقىنىمىز ئۈچ بولسا، ئۈچيۈزى بار <<بۇلۇڭ>> دا،
            چىقمايدىغان ئاخىرى <<خىيانەت>> نى يازماڭلار!


            خەق تاپقاننى <<بايقىسا>>، كۆرىۋىلىپ ژورنالدىن،
            ئوغۇرلۇقچە ئېرىشكەن <<كامالەت>> نى يازماڭلار!


            <<ئەسلى ئېغىر كېسەلتى،ئورۇن تۇتۇپ ياتقان>> دەپ،
            <<ساخاۋەت>> تە ساقايغان، <<سالامەت>> نى يازماڭلار!


            يەر تەۋرىسە ئۈچ-تۆت بال، شەرىقتە ھەم غەرىپتە،
            قان يىغلىتىپ خەلىقنى، <<مالامەت>> نى يازماڭلار!


            يوقاتقىنى ئاز دەمسىز، خۇدا بەرگەن <<دەسمى>> نى،
            بىر كېچىدە ئۇپرىغان <<ئامانەت>> نى يازماڭلار!


             كىم قىلغانتى؟ دېگەننى، ھەممىسىلا <<ئۇنتىغاق>>،
             ھاياجاندا كىپ قالغان <<فاساھەت>> نى يازماڭلار!


             يېگىنىدىن كۆپ تۇرسا، يېمىگەننىڭ سورىقى،
             قەرىز ئېلىپ تولدۇرغان <<دارامەت>> نى يازماڭلار!


             <<باي بوپ كەتتى سۈت سېتىپ،دۆڭمەھەللىدە بىر قىز>> دەپ،
             خېجىل قىلىپ ئەر خەقنى، <<ساباھەت>> نى يازماڭلار!


             شىددەت بىلەن كېڭەيسە، <<شەھەرلىشىش قۇرۇلۇشى>>،
             پۇلغا يەرنى تېگىشكەن <<ھاماقەت>> نى يازماڭلار!


             راست گۈزەلدۇر يۇرتۇمنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇشقىقى،
             گۈزەللىككە چىللىغان <<ساياھەت>> نى يازماڭلار!


             ھەققىنى يەپ يېتىمنىڭ ئاغزى-بۇنى ياغلانسا،
             بىلمەي،  ھارام يېدۈرگەن <<تاپاۋەت>> نى يازماڭلار!


             كېرىكى يوق <<فېرمىچى>>، تۇرسا بۇندا <<باخمىچى>>،
             ياۋا كەكلىك كۆندۈرگەن <<ماھارەت>> نى يازماڭلار!


             <<گۇاڭگاۋ>> قىلدى تېلۋىزۇر، ئاتىسى يوق يېتىمنى،
             قولىغا پۇل تۇتقۇزۇپ، <<خىجالەت>> نى يازماڭلار!


             پۇرسەت دېگەن بىر كېلەر تۇتىيادۇر نېممىتى،
             قاقشاۋېرىپ ئادەمگە، <<نادامەت>> نى يازماڭلار!


             <<ئۇ ئىشىك>> تە قان بىلەن ئالسا تاھارەت بىلدۈرمەي،
             <<بۇ ئىشىك>> تە دوڭغايغان <<ئىبادەت>> نى يازماڭلار!


             <<يازماڭ>> دېسەم بەرىبىر، يازمايدىغان تائىنلىق ،
             يازساڭلارمۇ ئىشقىلىپ، <<قىيامەت>> نى يازماڭلار!



     ھە،قېرىنداشلار! <<يازماڭلار ! دەپ قويۇپ،نىمانچە يېزىۋەتتىڭ؟>>دەپ، يۈرمەڭلار. بۇنداق ئۇزۇن يېزىشىمدا
مۇنداق ئىككى باھانەم بار:

     1.  <<يازماڭلار>>دەپ، بىر ئېغىزلا گەپ قىلسام، تەستىقلانماي قالمىسۇن دېدىم.
     2.  يازمايدىغىنىمىزدىن ،يازالمايدىغىنىمىز كۆپ بولغاندىن كىيىن ، كەلمىسىمۇ يېزىپ قويدۇم.

   باھانەم تۈگىدى، يازمايدىغان ئېنكاسلارنى يېزىپ سالمىغايسىلەر!


                                           مەنبە:   ئېدىقۇت
     
            

ئۇيغۇر مەن! ئۇرغۇي ئەمەس،                شۇڭقار مەن! قۇرغۇي ئەمەس.

ئىللەت تۈزەلمىگ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12088
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8348
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1809 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 09:18:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باھانىڭىز بىر ئالبېنى بىرىشكە ئەرزىيدىكەن،،،،،،،، [s:178]

كۈنلىشىمدۇر  ھەتتا  مىنىڭ  شامالمۇ، ئامرىغىمنىڭ گۈل مەڭزىگە سۆيدى دەپ. ۋە   بەزىدە   كۈنگە   پەشۋا   ئاتىمەن، ئاپتىپىدا  يارنىڭ  يۈزى  كۆيدى  دەپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13794
يازما سانى: 1563
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5746
تۆھپە نۇمۇرى: 1992
توردا: 849 سائەت
تىزىم: 2010-10-13
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 09:24:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شئېردىن پۇت قولۇم باغلاپ قۇيۇلغان دەك بۇلۇپ قالدىم ئەلۋەتتە يازالمايمەندە !!

ئۆلۈم يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈلۈك باشلىنىشى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29336
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 19246
تۆھپە نۇمۇرى: 2417
توردا: 891 سائەت
تىزىم: 2011-2-6
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 09:24:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز   تىرىشىڭ

تۈگىمەيدۇ بۇ ھەۋەس،
ئۆزۈلگىچە تا نەپەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10659
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8264
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2011-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 09:38:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز دوستۇم   .
شىئرىڭىزدا بەزەن دوسلىرىمىز دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن  ئىشلار باركەن ..
<باشلىق كىلىدۇ > دىگەن شىئىرغا ئوخشاش ، بۇشىئرمۇ جانلىق ھەم يىقىشلىق  يىزىلىپتۇ   .  

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھمىيەتلىك تىمىلار بولسا يوللاپ تۇرۇڭ

قايان باقسام ئىسلام يىتىم غىرىپ يىتىم، ئىسلام ئۈچۈن كۆيگەن يۈرەك جانلار يىتىم. يىتىملىكتە ھەمراھ ئىزدەپ كارۋان ئىزدەپ، ھىجىرەت قىلغان مۇسۇلمانلار قاپتۇ يىتىم.

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 1312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1096 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 09:56:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي نېمە دەيدىغانسىز!!!يازمىساق قەتئىي بولمايدۇ!!!قىلنى قىرىق يېرىپ،قىلنى پىل قىلىپ چىقارمىساق ماۋۇ ئېكرانغا ،كۇنۇپكا تاختىسىغا،بىرجۈپ قولىمىزغا ئەڭ مۇھىمى بىردەملىك ئىپلاس ساختا<ئالىيجاناب>ۋىجدانىمىزغا تا قىيامەتكىچە يۈز كېلەلمەيمىز!
(قىسمەن ئەزالارغا قارىتىلدى خاتا چۈشىنىپ ئۆزىڭىزنى ئازابلاب يۈرمەڭ)

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›

ئەركە مۇشائېرچى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6923
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8545
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 10:07:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى غەزەلكەن يېزىڭلار دەپ يازغان بولسىڭىز تېخىمۇ كۆپ يازامدىكەنسىز دەيمەن.

مىنىڭ يۇرتۇم ماڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3649
يازما سانى: 2305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11949
تۆھپە نۇمۇرى: 509
توردا: 580 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 10:19:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقپتۇ بۇ يازمىلىرىڭىز  [s:166]  [s:166]

قۇشنىڭ ئۇيقۇسىد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9196
يازما سانى: 1227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15490
تۆھپە نۇمۇرى: 435
توردا: 4704 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 10:34:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىلارنىڭ يىزىشقا لايىق ياكى ئەمەسلىكىنى يازغۇچىلارنىڭ يىزىقچىلىق ئۆلچىمىگە لايىقلاشتۇرۇپ يازغانلىرىمىزنىڭ يارىغان-يارىمىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالساقلا خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىشتىن ساقلىنىشنىڭ رەت  قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەتلىكىنى چۈشەنمەسلىككە ئامال يوق. [s:127]

سۆزلەشنى بىلمىسەڭ،تىڭشاشنى ئۈگەن.

ئىنسان  بولساڭ غۇرۇلۇق بول.

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6404
يازما سانى: 5064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12676
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 6952 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 10:53:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ،ئاپرىن. [s:166]

ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىشى كېرەك،ئاندىن باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرشەلەيدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش