مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1608|ئىنكاس: 19

ئەڭ يېڭى  يۇمۇرلار(تەرجىمە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ۋىجدانسىزنى ھاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23453
يازما سانى: 670
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8592
تۆھپە نۇمۇرى: 371
توردا: 1427 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2014-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 02:10:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشخانىنى windows قا ئوخشاتساق

بىر ئاشخانىنىڭ سودىسى ياخشى ئەمەسكەن، شۇنىڭ بىلەن خوجايىن باشقا بىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. ئاشخانىنى سېتۋالغان يېڭى خوجايىن ئەسلى بىر يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ سېتىش بۈلۈمىنىڭ دىرىكتورى ئىكەن. ئۇ ئاشخانىنىڭ سودىسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئويلاپ يېڭى بىر ئۇسۇلنى ئويلاپ تېپىپتۇ. تىجارەت باشلاپ بىرىنچى كۈنى ،بىر مېھمان ئاشخانىغا كىرىپ پەقەت لەغمەندىن بىر تەخسە بويرۇتۇپتۇ ، تاماق تەييار بولۇپ چىقىشىغا :
مۇلازىم: ئەپەندىم ،مىنى چاقىرىپتىكەنسىز ،بىرەر ئىش بارمىدى؟
مېھمان: تاماقتا چىۋىن بار ئىكەن
مۇلازىم: شۇنداقمۇ ؟ ئۇنداقتا سىز يەنە ئازراق يەپ بېقىڭ ، بەلكىم يوق بوپ قېلىشى مۇمكىن.
مېھمان: مەن نەچچە قېتىم سىناپ باقتىم ، لېكىن يەنىلا بار ئىكەن.
مۇلازىم:بەلكىم سىزنىڭ تاماق يېيىش ئۇسۇلىڭىز توغرا ئەمەس، قوشۇقنى ئىشلىتىپ باقامسىز؟
مېھمان: مەن ھەتتا قولۇمنىمۇ ئىشلەتتىم ، لېكىن يەنىلا بار ئىكەن.
مۇلازىم: ھە ، ئۇنداقتا سىز يىگەن تاماق بىلەن بۇ تەخسە ئۆز ئارا مۇۋاپىق كەلمىگەن گەپ،سىز قەيەردىكى تەخسىنى ئىشلەتتىڭىز؟
مېھمان: سىز بايا ماڭا ئەكىلىپ بەرگەن تەخسە شۇغۇ،،،،،
مۇلازىم: سىز ياخشى بىر ئەسلەپ بېقىڭ، سىز چىۋىننى بايقاشتىن بۇرۇن نىمە قىلغان ئىدىڭىز؟
مېھمان: ئولتۇردۇم، لەغمەننى بۇيرۇتتۇم،تاماق چىقتى قارىسام چىۋىن بار ئىكەن شۇ.
مۇلازىم: مۇنداى بولسۇن ، ئەگەر سىز خالىسىڭىز، سىزنىڭ لەغمىنىڭىزنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ بېرەيلى.
مېھمان: سىلەرنىڭ لەغمەننىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرغىلى بولامدا؟
مۇلازىم: شۇنداق ،بىزنىڭ ئاشخانىنىڭ لەغمىنى ھەر بىر سائەتتە بىر قىتىم دەرىجىسى ئاشۇرىلىدۇ، بۇ قېتىمقى بىزنىڭ سەۋەنلىكىمىز، شۇڭا مەخسۇس سىزگە كىيىنكى ھەپتە ئېلان قىلىنىدىغان دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان يېڭى نۇسخىدىكى لەغمەن 4.0123456789 نى تەييارلاپ بېرىمىز.
مېھمان: ئۇنداقتا ياخشى ، ئەمىسە تېزراق ئېلىپ چىقمامسىز؟
مۇلازىم: كەچۈرۈڭ،4.0123456789نۇسخىدىكى لەغمەننى تېخى تەييارلاپ بولالمىدۇق، چوقۇم كېچىكىپ ئېلان قىلىنىدۇ، سىز ئاۋال بۇ ئىچكى قىسىمدا ئىشلىتىدىغان سىناق نۇسخىدىكى لەغمەن3.9876543210 نى يەپ تۇرۇڭ.
مېھمان: لېكىن بۇتاماقتا چىۋىن بار دە،،
مۇلازىم: بۇ نورمال ئەھۋال، سىز تاماق يىگەندە ئاغزىڭىزغا تىگىپ كەتمىسىلا بولىدۇ.
مېھمان: مۇشۇنداق قىلمايمۇ ئامال بولمىدى
مۇلازىم: مانا بۇ سىزنىڭ تالونىڭىز، ئەسلىدىكى لەغمەن 10يۈئەن، دەرىجىسى ئاشۇرۇلدى 3يۈئەن، سۈرۈشتۈرۈش ھەققى 1 يۈئەن... ... ...

بىر يىلدىن كېيىن، بۇ ئاشخانا چاقماق تېزلىكىدە يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ يىمەك-ئىچمەك گۇروھىغا ئايلىنىپتۇ.



يۇقۇرى سۈرەتلىك تاش يولدا

بىر دېھقاننىڭ توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى يوقۇرى سۈرەتلىك يولغا كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇزۇلۇپ قاپتۇ، ھەم پەقەت ئامال قىلالماي، بىرەر ياخشى نىيەتلىك كىشىنى تېپىپ ياردەم سورىماقچى بولۇپتۇ ،لېكىن بىرەسى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغاندەك ئەمەس. شۇ ۋاقىتتا بىر خوجايىن لاتارىيەدە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ خوشاللىقىدا كېتىۋاتسا ،ھېلىقى دېھقان ئۇنىڭ ماشىنىسىنى توسۇپتۇ ، ھەم خوجايىندىن ياردەم سوراپ مىنىڭ ماشىنامنى تارتىپ بەرگەن بولسىڭىز دەپتۇ ، خوجايىنمۇ خوشاللىقىدا چاتاق يوق دەپ ماقۇل بولۇپتۇ ، دېھقان كىشى خوجايىنغا مۇنداق دەپتۇ، ئەگەر توپا ئىتتىرىش ماشىنامنى سۆرەپ ماڭغىنىڭىزدا ، سۈرەت بەك تېز بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلسام مەن ئوڭ تەرەپتىكى چىراقنى ياندۇرىمەن، سىز شۇ ھامان سۈرەتنى ئاستىلىتىڭ، ئەگەر مەن بەك چارچاپ كەتسەم سول تەرەپتىكى چىراقنى ياندۇرىمەن ، سىزمۇ شۇ ھامان ماشىنىڭىزنى بىر يانغا توختىتىڭ. خوجايىن چاتاق يوق دەپلا ماشىنىسىنى ھەيدەپ توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنى سۆرەپ مېڭىپتۇ..
يولدا كېتىۋاتسا بىر باۋما ماشىنا 200لىك سۈرەت بىلەن ئۇچقاندەك يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىپتۇ .. خوجايىننىڭ ئاچچىقى كېلىپ ، خەپ سىنى مەن بىلەن مۇسابىقىگە چۈشمەكچىما ؟ دەپ ئۆزىنىڭ توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنى سۆرەۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ ماينى بولىشىغا بېرىپتۇ. 40،80،100،160،200،،، دېھقان ئاۋال ئوڭ تەرەپتىكى چىراقنى ياندۇرۇپتۇ.. كەينىدىلا سول تەرەپتىكى چىراقنىمۇ ياندۇرۇپتۇ. خوجايىن ئاللىبۇرۇن كەينىدىكى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇپ . ھېلىقى باۋما بىلەن تېخىچە مۇسابىقىدە،،
دەل مۇشۇ ۋاقىتتا يول بويىغا توختۇتۇپ قويۇلغان قاتناش ساقچىسى بۇ ئەھۋالنى بايقاپ قېلىپتۇ. ھەم قوماندانلىق شىتابىغا مەلۇم قىلىپتۇ. دوكلات، دوكلات،،،،،، يۇقۇرى سۈرەتلىك تاش يولدا سۈرەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدىگەنلەر بايقالدى. بىر باۋما بىلەن بىر ئىسىل پىكاپ 200 لىق سۈرەت بىلەن بەسلىشۋاتىدۇ.
ئەڭ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى بىر توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ كېتىۋاتىدۇم يەنە تېخى داۋاملىق سول تەرەپتىكى چىراقنى ياندۇرۇپ ، يانداپ ئۆتمەكچى بولۋاتىدۇ..............



يېقىن تۇققانلار

خوتۇنى: سىنىڭ مۇشۇ مىجەزىڭدىن تولىمۇ زېرىكتىم ، ساڭا ياتلىق بولغاندىن ئالۋاستىغا ياتلىق بولسامچۇ ، خېلى بەختىلىك ئۆتەتتىم ...
يولدىشى: قانۇندا يېقىن تۇققانلار توي قىلسا بولمايدۇ، دىگەن بەلگىلىمە بار.
خوتۇنى: خەپ سىنى ...............................



100 نۇمۇر

ئالىم ئىمتاھان نەتىجىسىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ ، كېلىپلا دادىسى ۋە ئاپىسىغا، بۇ قېتىم ئىككى پەندىن 100 نۇمۇر ئالدىم .. ئۇلار ئىنتايىن خوش بولۇپتۇ . ئالىم ئۇلارغا مەن دىمەكچى بولغۇنۇم ئىككى پەندىن قوشۇلۇپ 100نۇمۇر ئالدىم،، دادىسى ئاچچىقىدا قولىنى كۆتىرىشىگە ئاپىسى توسىۋېلىپ، ئەدەبىياتتىن 40 نۇمۇر ئالدىڭ دەيلى، ماتىماتىكىدىن 60 نۇمۇر ئالدىڭمۇ دەيلى، ئۇنداقتا چەتئەل تىلىدىنچۇ ؟ لاياقەتلىك بولغانسەن ؟ ئالىم دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ،، ئاپا ،،،،، ئاپووووووووووۋ ..........
ئۇنداق ھېساپلىمايسەن، ئەدەبىياتتا 10 ، ماتىماتىكىدا 0 ئىككىسىنى قوشساڭ 100نۇمۇر..



ۋاقىت
ماتىماتىكا دەرىس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچى سوراپتۇ، كىم ۋاقىتقا ھەم سانغا مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە ئويلاپ چىقالايدۇ ؟ دەل شۇچاغدا بىر ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ .
مۇئەللىم ، قاچان تەتىل قويۇپ بېرىدۇ ؟



جەرىمانە

بىر قاتناش ساقچىسى يولدا كېتىۋاتقان بىر ماشىنىنى توختاشقا بۇيرۇپتۇ ،،،، شوپۇرمۇ ماشىنىنى يول بويىغا توختىتىپتۇ.
قاتناش ساقچىسى كېلىپ شوپۇرغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ، 200 يۈەن جەرىمانە تۆلەڭ دەپتۇ .
شوپۇر ھەيرانلىقىدا، نىمە ئۇچۈن ئەمدى دەپ سوراپتۇ ،
مىنىڭ بۇيرۇقۇمغا بويسۇنمىدىڭىز،، دەپتۇ ساقچى، شۇپۇر شۇھامان ، مەن سىز توختا دىگەندە توختۇدۇم ،قانداق بويسۇنمىغان بولىمەن دەپتۇ . قاتناش ساقچىسى شوپۇرغا:
مەن سىزنى جەرىمانە تۆلەڭ دىسەم بۇيرۇققنى ئاڭلىمىدىڭىز، شۇڭىلاشقا تۆلەڭ....


دادام قايتىپ كەلدى
جىررىڭ.....................تىلفۇن كەلدى ،كىچىك قىزچاق تىلفۇننى ئالدى.
قارشى تەرەپ ئەركىشى: ياخشىمۇسىز قوزام ،مەن دادىڭىز.ئاپىڭىز ھازىر قەيەردە؟
قىزچاق:ئاپام ئۈستىنكى قەۋەتتىكى ئۆيدە ۋاڭ تاغام بىلەن بىللە.
ئەر كىشى ناھايتى غەزەپلەنگەن ھالدا، قايسى ۋاڭ تاغاشكەن ئۇ ؟ بىز ئۇنداق بىرىنى تونىمايتتىقۇ؟
قىزچاق: باغۇ ،شۇ ھېلىقى سىز دائىم ئىشقا كەتكەندە كىلىدىغان ۋاڭ تاغامنى دەۋاتىمەن.
بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئەر كىشى ئۆزىنى تۇتۋالغان ھالدا ،قوزام بىز بىر ئويۇن ئوينايلى قانداق بولامدۇ؟
قىزچاق : خوشاللىقىدا، بولىدۇ دادا...........
ئەركىشى: ياخشى ، ئۇنداقتا سىز ئاۋال ئۈستىنكى قەۋەتكە چىقىپ ‹دادام قايتىپ كەلدى› دەپ ئۆنلۈك ۋارقىراڭ،ئاندىن سەل ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن كىلىپ تىلفۇننى ئېلىڭ.
قىزچاق ئۈستىنكى قەۋەتكە چىقىپتۇ دە ، ‹دادام قەيتىپ كەلدى›دەپ بولىشىغا توۋلاپتۇ.ھەم پەستىكى تىلفۇننى ئېلىپتۇ.

ئەر كىشى: ئاپىڭىزچۇ؟ قوزام،،،،ئۇ قېنى؟
قىزچاق:ئاپام سىزنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى ئاڭلاپ ئۆيدىن ئۇچقاندەك چىقىپ ،ئېھتىياتسىزلىقتىن پەلەمپەيدىن يىقىلىپ چۈشتى ،ھازىرغىچە مىدىرلىماي ياتىدۇ...........
ئەركىشى ئازىراق رازىمەنلىك بىلەن سوراپتۇ، ئۇنداقتا ھېلىقى ۋاڭ تاغاشچۇ ؟
قىزچاق: مەن ئۇنىڭ دەرىزىدىن سەكرەپ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگە چۈشكەنلىكىنى كۆردۈم، لېكىن ۋاڭ تاغام سىزنىڭ نەچچە كۈن بۇرۇن سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى تازلاش ئۈچۈن سۇنىڭ ھەممىسىنى چىقىرۋەتكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ. ئۇمۇ ھازىرغىچە قۇرۇق سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە مىدىرلىماي ياتىدۇ......
ئەر كىشى ئازىراق ھەيرانلىق ھېس قىلىپ ،بىرنىمىنى سەزگەندەك ھېس قىلىپتۇ دە،
نى نى نىمۇ؟ نىمىنىڭ ئىچىدە ياتىدۇ؟ قوزام بىزنىڭ ئۆيدە سۈ ئۈزۈش كۆلچىكى يوقتىغۇ دەيمەن. تۇرۇپ تۇرۇڭ ، سىلەرنىڭ تىلفۇن نۇمۇرۇڭلار XXXXXX شۇغۇ دەيمەن ؟؟؟
قىزچاق: ياق ،،ئۇ ئەمەس..
ئەركىشى: ۋاي ۋاي ۋاي ....... كەچۈرۈڭ تىلفۇننى خاتا ئۇرۇپتىمەن ،خەيرلىك كەچ.



ھۆسۈن تۈزەش

بىر كۈنى بىر ئايال يىغىپ قويغان پۇللىرىنى ئېلىپ ھۆسۈن تۈزەش ئورنىغا كىرىپتۇ، ھەم بىر گۈزەل ساھىپجامالغا ئايلىنىپ ئېرىنى بىر خوش قىلۋەتمەكچى بولۇپتۇ. ھۆسۈ تۈزەشمۇ ئاياقلىشىپ ،شۇنداق چىرايلىق بىر ساھىپجامالغا ئۆزگىرەپتۇ.
ۆ
ئۆيىگە قايتىپ ئىشىكنى چېكىشىگە يولدىشى چىقىپتۇ .ئايالى بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن .نىمە ؟ مىنى تونىمىدىڭىزما جېنىم؟
يولدىشى بىر ئاز تەمتىرەپ ،ئەتراپقا قارىۋەتكەندىن كېيىن ،ئاز گەپ قىلىپ چاققان كىرىڭ .ھازىر ئايالىم ئۆيدە يوق......




توي تەكلىپى


بىر كۈنى ئىت ، ئېيىققا توي تەكلىپى قويۇپتۇ، ئېيىق دەپتۇ دە ، مەن ساڭا تەگمەيمەن، مەن مۈشۈككە تىگىمەن.
ئىت ناھايتى ھەيرانلىقتا سوراپتۇ، نىمە ئۈچۈن ئەمدى ؟
ئېيىق: مەن ئىتقا ياتلىق بولسام كىيىن بالام ئىت ئېيىق بولۇپ قالىدۇ. مۈشۈككە ياتلىق بولسام ، كىيىن بالام مۈشۈكئېيىق بولىدۇ ئەمەسمۇ .....



مەنبە: تور دۇنياسىدىن تەرجىمە قىلىندى

[باشقۇرغۇچىدىن : كىيىنكى تېمىلىرىڭىزدا قايسى توردۇنيالىرىدىن تەرجىمە قىلدىڭىز شۇ مەنبەلەرنىڭ ئېنىق ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويۇشنى ئۇنۇتمىغايسىز،ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى]

بىر ھەقىقى دوست دىگەن بۇرنىڭغا بىر مۇش ئېتىپ تۇرۇپمۇ سىنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ                                           ____       ئوقياچى

ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىسى يالغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1039
يازما سانى: 1264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13936
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 734 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 08:01:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۇھاھا ئەتتىگەن بىر كۈلىۋالدىم رەھمەت سىزگە...
بولۇپمۇ باۋما بىلەن بەسلەشكىنى......... [s:138]  [s:141]

يىيىش ئۈچۈن ياشىماي،ياشاش ئۈچۈن يەڭ====چۇنكى ھايۋانلار يىيىش ئۈچۈن ياشايدۇ----

سۇ كىېتىپ تاش قا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23611
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13042
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4254 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2014-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 10:14:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:173]  [s:122]  [s:166]  [s:173]  [s:122]  [s:166]

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 3341
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 116825
تۆھپە نۇمۇرى: 2177
توردا: 12833 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 10:48:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن قىزىق يومۇرلاركەن. ئاۋۇ مۈشۈكئېيىقنىڭمۇ ...  [s:159]


تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8982
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36662
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7249 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 10:48:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇكئېيىق دەپ قويسۇن [s:138]  [s:138]

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

كۆپنى  كۆرگەن  

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30077
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5655
تۆھپە نۇمۇرى: 593
توردا: 3066 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 11:03:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەتكەن [s:134]  [s:134]  [s:134]  [s:159]  [s:159]  [s:159]

تامنى بۇزغان زەي، يىگىتنى بۇزغان مەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30830
يازما سانى: 832
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6319
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 534 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2012-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 12:20:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇمۇرنىڭ قاتىلىكەن جۇمۇ  [s:159]

ئۇلۇغ ئاللاھ ماڭا سەۋىر ئاتا قىلىغىن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3124
يازما سانى: 1035
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5693
تۆھپە نۇمۇرى: 206
توردا: 6129 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 01:50:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا توپا ئىتتىرىش ماشىنسىنىڭكى بىلەن جوتۇڭنىڭكى ئالامەتكەنغۇ . ھى ھى ھى . [s:138]  [s:138]  [s:138]

پەقەت بىر ئاللاد

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2808
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9663
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 1355 سائەت
تىزىم: 2010-6-16
ئاخىرقى: 2011-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 01:56:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن قىزىقارلىق يۇمۇرلاركەن ...
رەخمەت سىزگە ... [s:138]

سەھرايى-تارىم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2051
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11459
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 3125 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 01:58:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشۇرغۇچىنىڭ ئەسكەرتمىسىمۇ بىر يۇمۇركەن [s:159]

ئاتايمۇ؟~~~ دىدى خوجىنىياز پالگان...
   ئات~~~~~ دىدى تۆمۈر خەلپە...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش