مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 548|ئىنكاس: 2

زادى كىم ئەقىللىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8979
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36614
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7244 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 01:10:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەلق رايىنى سىناش



يېقىندا مەلۇم ژورنالدا ھەر قايسى ئەل خەلقىگە قارىتا :<< سىز باشقا دۆلەتلەردىكى يېمەكلىك يىتىشمەسلىك مەسلىسىگە قانداق قارايسىز؟>> دېگەن مەزمۇندا خەلق رايىنى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
شۇغىنىسى بۇ قېتىملىق تەكشۇرۇش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىدى. چۈنكى:
ئافىرىقىدا نېمىنىڭ <<يېمەكلىك>> ئىكەنلىكنى بىلىدىغان كىشى يوق ئىكەن؛
غەربى ياۋرۇپادا << يىتىشمەسلىك>>نىڭ نىمە ئىكەنلىكنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن؛
شەرقى ياۋروپادا << كۆز قاراش>> نىڭ نىمىلىكنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن؛
جەنۇبى ئامېرىكىدا<< دەپ بېقىڭ، قانداق قارايسىز>> دېگەندەك تەكەللۇپ سۆزلىرىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن؛
ئامېرىكىدا << باشقا دۆلەت>> دېگەن  ئۇقۇمنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن.

ياردەم



پوچتىخاننىڭ زالىدا بىر موماي ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئادەمنىڭ يېنىغا كېلىپ ھۆرمەت بىلەن:
- ئەپەندىم، ئاتكىرتكىنىڭ ئۇستىگە ئادېرىسنى يېزىپ بەرسىڭىز قانداق ؟- دېدى.
-ئەلۋەتتە بۇلىدۇ،_ ئوتتۇرا ياشلىق ئادەم شۇنداق دېگەچ موماينىڭ تەلىپنى ئۇرۇنلىدى.
-يەنە ئازراق گەپ بار ئىدى، شۇنىمۇ يېزىپ بەرسىڭىز، رەھمەت-دېدى موماي يەنە.
ئوتتۇرا ياشلىق ئادەم  موماينىڭ دېگىنى بويىچە يېزىپ بولغاندىن كېيىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
- سىزگە يەنە قانداق ياردەم كېرەك؟
-يەنە كىچىككنە بىر ئىش بارئىدى.-دېدى موماي ئاتكىرتكىغا قاراپ،- مالال كۆرمىسىڭىزئاخرىغا<< خېتىم سەت بۇلۇپ قالدى، كەچۈرگەيسىز>> دېگەن بىر جۈملە سۆزىنىمۇ قۇشۇپ قويغان بولسىڭىز.
ھاسىلات: ئەگەر سەن باشقىلارغا ياردەم بەرمىسەڭ، ئۇ ھەپتە خاپا بۇلۇش مۇمكىن، لېكىن سەن ياردەم قىلىپ  تۇرۇپ رازى قىلالمساڭ، ئۇنىڭدىن كۆرە...

ھەل قىلىش چارىسى



ئامېرىكا ئاۋئاتسىيە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىنىڭ تۇنجى تۇركۇمدىكى ئۇچقۇچىلىرى ئالەمگە چىققاندا ماي قەلەم ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ناھايىتى تىزلا بايقىدى. بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش  ئۈچۈن، ئامېرىكا ئون يىل ۋاقىت،12 مىليارد دوللار سەرىپ قىلىپ، ئالەم بوشلۇقىدا، تەتۇر قۇيۇلغاندا، سۇدا، ھەتتا ئەينەك يۈزىگىمۇ يازغىلى بۇلىدىغان، 0سېلىسىيە گىرادۇستىن 300سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان تېمپىراتۇرىغا ماس كېلىدىغان بىر خىل قەلەمنى ياساپ چىقتى.
ئەمما سابىق سوۋېت ئىتتپاقى ھىچ كۈچىمەيلا  قېرىنداش قەلەم ئىشلەتتى.


مەنبە: تەرمىلەر ژورنىلى2010-يىللىق 11-سان.
ياردەم قىلىڭلار :كومپىيوتىرىم ئېف1 نى باسمىسا نورمال  قوزغالمايدۇ، قانداق ئوڭشىغىلى بۇلار؟

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئوماق قوزام....!!! T

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16072
يازما سانى: 1206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16421
تۆھپە نۇمۇرى: 575
توردا: 5462 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2013-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 03:56:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى تېپىشماق ئوخشايدۇ دەپ كىرىپتىمەن...... [s:164]

تەمەيىم يوق ساخاۋەتتىن، ۋەتەن پەخرىم غورۇرىمدۇر، ئۇنىڭ قوينى ماڭا جەننەت، مۇقەددەس ۋەتەنگاھىمدۇر. zalimin zulumu varsa, sevennin allahi var! ! http://www.1000do.info/?227122.htm

گۇناھلىرىمنى يۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2137
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10599
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 13305 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-25 06:56:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالەم بوشلۇقىدا قېرىنداش قەلەم ئىشلەتمەيدۇ دەپ كۆرگەن ئىدىمغۇ؟قېرىنداشنىڭ سۇنغان پارچىلىرى لەيلەپ يۈرۈپ ئادەمنىڭ نەپەس يۇلىغا كىرىۋېلىشى مومكىن.شۇڭا ئالاھىدە قەلەم ئىشلىتىدۇ.

ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش