مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: sayf

تۇغۇلغان كۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاي نۇرلۇق بولغى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13677
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10193
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 6058 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-26 07:24:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6-قەۋەت (tozan) نىڭ يازمىسىغا

ما گىپىڭىز بەك ئۇرۇنلۇق بوپتۇ،نەق گەپنىڭ ئۆزىنىلا دەپسىز،قوللايمەن.

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3006
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-26 07:54:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرزەنتىنىڭ تۇغۇلغان كۈننى خاتىرلەش ئۈچۈن باشقىلاردىن پۇل قەرىز ئېلىپ
رىستۇراننىڭ بىر كىچىلىگىنى كۆتىرە ئالىدىغان ئاتا-ئانىلارمۇ يوق ئەمەس.

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 1312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1096 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-26 10:20:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ھازىر تەربىيە بەك كۆپ شۇ تاياق ئاز!!!شۇڭا بۇ ماڭقىلار ئۆزىنى بىلمەيدۇ،ئاپابولغاندىكىن كاچاتقا تاس-تۇس 6نى سالسا بىر ئۆمۈر ئۇنداق گەپنى ئاغزىغا ئالالمىغان بولاتتى!

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›

تەدبىرىم-تەقدىر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10737
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8300
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 736 سائەت
تىزىم: 2010-9-18
ئاخىرقى: 2012-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-27 11:59:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى كىچېكىدىن تارتىپ يامان ئۈگۈتۈپ قويۇپ  مانا مۇشۇ ئاقېۋەتكە قاپتۇ ، ھەي بىچارە ئانا ....   نادان قىز ......   
. ( بىزگە كىم قويۇپتۇ تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەشنى)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13164
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9638
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 2865 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-28 11:12:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (sayf) نىڭ يازمىسىغا

مۇشۇكۈننىڭ بالىلىرى نىمە بولۇۋاتىدۇ،ئىنساپ قىلايلى قېرىنداشلىرىم،ئاتا-ئانىلىرىمىز مىڭ بىر جاپادا بىزلەرنى ئوقۇتىۋاتىدۇ؟ئۇنداق ئىنساپسىز بولمايلى.بۇھەممىمزگە بىر تەربىيە بولۇپ قالغۇسى.

يالغۇزنىڭ يارى خۇدا

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8106
يازما سانى: 3824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19881
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 1450 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-28 11:21:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يالغۇز بالا دەپ ئەركىلىتىپ نىمە دىسە شۇنى قىپ بىرىدىغان ئائىلىلەرمۇ ئاز ئەمەس.بالىنىڭ رايىغا باقسا شۇنداق بۇلىدۇ چۇڭلارنىڭ گىپىنى ئاڭلايدىغان قىلىپ تەربىيلەش كىرەك

ھەيرانمەن ئىنساننىڭ نادانلىقىغا،
كۇلىمەن كۇڭۇلنىڭ ساراڭلىقىغا.
يىغلايمەن ئازاپنىڭ ئاچچىقلىقىغا،
قانمايمەن ھاياتنىڭ تاتلىقلىقىغا.

ھەر ۋاقىت ئاخىرە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30156
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5691
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 1168 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 11:13:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى يىزلىپتۇ جۇمۇ ،مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆپلەپ يىزىشڭزنى ئۈمۈت قىلىمەن.تىما ئىگىسىە رەخمەت ئىيتمەن .

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4144
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 31485
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 9077 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 01:31:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىمىزنى ئۆزىمىز يامان ئۆگىتىپ قويىمىز.كىچىك تاياقنى ئەككىلى بولىدۇ.چوڭغا بولسا كۈچىمىز يەتمەيدۇ بەكرەك كۇچىساق سۇنۇپ كېتىشى مۈمكىن.ئادەممۇ شۇنداق.كىچىك ۋاقتىدا باشقۇرۇپ گەپكە كىرگۈزۈپ ئۆگىتەيلى.كىچىك ۋاقتىدا گەپ ئاڭلىمىغان بالا چوڭ بولغاندا تېخىمۇ ئاڭلىمايدۇ.سىز ئۇنى ئەمس بەلكى ئۇ سىزنى باشقۇرىدىغان بولىدۇ.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32171
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4214
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2011-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 03:20:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى بالىلار نىمەبولدىكىن ،ئاللا ئاشۇنداق نادانلارغا ئىنساپ بەگەيسەن،توغرا يولغا باشلىغايسەن.

ۋەشىشى 狼

ظاللا مىهرىبان ..

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12917
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8623
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2010-10-6
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 03:49:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەرپنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش بولمىسىمۇ ، مۇسۇلمانلارنىڭ  گاھىدا نادانلىق گاھىدا سەل قارىشىن خىرىستىيان ئەللىرىنىڭ دىنى ئېتقادلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۋالغانلىقى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىش .

ئەنە شۇلار قاتارىدىن ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش بايراملىرى ئەتراپىمىزدىكى تېلىۋزىيە قاناللىرى ئارقىلىق تېخىمۇ زور مەزمۇنغا ئىگە قىلىنىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئوغۇل – قىز پەرزەنتلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان شەھۋانى مەزموندىكى ئويۇن – كۈلكىلەر بار. روشەنكى ، بىز بۇنىڭ دىنى ئارقا كۆرىنىشى ۋە ئۇنىڭغا نىسبەتەن دىنىمىز ( ئىسلام ) نىڭ شەرئى ئەھكاملىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن غاپىل ھالدا يۈرىۋاتىمىز.

قىز – يىگىتلىرىمىز ئۆزلىرىنى پەرۋانە كەبى ئۇرۇۋاتقان تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش بايرىمى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل شەكىل ياكى جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1- بىر – بىرىنى قۇتلۇقلاش

2 – تەبرىك كارتىلىرىنى ئەۋەتىش

3- بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر – بىرىگە ھەدىيە بېرىش

4- مەيلى چاي يىغىلىشى ياكى كەچلىك غىزا بولسۇن، يىلدا بىر قېتىم زىياپەت بېرىش

5- بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بالىلارغا ئويۇنچۇق ۋە تاتلىق – تۈرۈملەرنى بېرىش

6- بالىلارنىڭ ھەرخىل تۈردىكى ئويۇنچۇقلارنى ئوينۇتىشى

7- بىر كۈن ئىشلىمەسلىك ، مەكتەپكە بارماسلىق

8- بىۋاستە تارقىتىلىدىغان تېلىۋزىيە پىروگىرامملىرىغا تېلفون قىلىپ، يېقىن تۇققانلىرىغا ، دوستلىرىغا ناخشا – مۇزىكا ھەدىيە قىلىش

9 – تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەپ كېچىسى ئۇخلىماي چىقىش

10 – مېھمانخانىلارغا، كەچلىك يىغىلىش زاللىرىغا بېرىش، ھەتتا بۇ خىل كۈن تېخىمۇ بەكرەك داغدۇغۇلۇق بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەتلەرگە سەپەر قىلىش ، ( ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ دەپ لەغمەن يېيىش).... قاتارلىقلار

بۇ پائالىيەتنىڭ ھەجىمىنىڭ چوڭ – كىچىكلىگى، قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاز – كۆپلىگى بىلەن ھەر ئەللەردە قىسمەن پەرقلەر بولۇپ، بىر قىسىم ئىسلام ئەللىرىدە قىسمەن مۇسۇلمانلار تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش بايرىمىنى ئىسلامدىكى قۇربان ۋە روزا ھېيت بايراملىرىنىڭ ئالدىغا قويىۋالىدۇ. ئىسلامدىكى بايراملارنىڭ تەنتەنىسى تۇغۇلغان كۈن بايراملىرىغا قارىغاندا ئەرزىمەس بىر ئىشتەك نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ ...  بۇ ئەھۋال ھەممە كىشىلەرگە مەلۇملۇق .

بۇنىڭدىن 700 يىللار ئىلگىرى ئىبىن تەيمىييە بۇ ئىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان، كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇستاز مۇنتەسسىر ئەززىيات «ئەر رىسالە» دېگەن ژورنالدا (بايراملىرىمىز) دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە يېزىپ، بۇ ئەھۋالدىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىردى. ئۇ ماقالىسىدە ئەمىلى كۆرۈنۈشنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازىدۇ : « مىسىر خەلقى ئالەمچە شاتلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتقان يېڭى يىل ۋە تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش پائالىيىتى ... چىركاۋلارغا قانچىلىك ئىپتىخار تۇيغۇسى بېغىشلاۋاتقاندۇ ؟ ! ....... »

ئۇستاز مۇنتەسسىر ئەززىياتنىڭ تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش بايرىمىنى تەسۋىرلىگەن بۇ ماقالىسى بۇنىڭ ئەللىك  يىللار ئىلگىرى يېزىلغان . ئەگەر ھازىرقىدەك تېلىۋزىيە، رادىئو ۋە ئىنتىرنىتخانىلاردىكى تۇغۇلغان كۈن ۋە يېڭى يىلنى تەبرىكلەش بايراملىرىنى كۆرگەن بولسا، نېمىلەرنى يازاتتىكىن ؟ !!

شۇڭا ، بۇ بايرامنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىقلاش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش، قاتنىشىشلارنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمىنى ئېنىق بەلگىلىۋېلىشىمىز لازىم، بۇنىڭ كەينىدىن چېپىۋاتقان كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قاتنىشىۋاتقان خېلى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ زېھنىدە ھازىرغىچە ئېنىق بولماي كەلگەن بۇ بايرامنىڭ ئېتقادى كېلىپ چىقىشىنى ئېنىقلىۋېلىشىمىز لازىم .

ئېيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى «كىرىسماس بايرىمى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، ئۇ بارلىق خىرىستىيانلار نەزىرىدىكى دېكابىرنىڭ 25 – كۈنىدۇر. بۇ پائالىيەتنى خىرىستىيانلار ئېيسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغانلىقىنى يېڭىدىن ئەسلەش بايرىمى دەپ قارايدىغان بولۇپ ،  بۇ بىر خىل دىنى ئەقىدە ۋە ئىبادەت ھىساپلىنىدۇ . ئۇلار بۇ كۈندە چېركاۋلارغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ مەخسۇس دۇئا – ئىبادەتلىرىنى ئورۇنلايدۇ، يېرىن كېچە بولغاندا بايرام ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىلىدۇ، چېركاۋلارنى زىننەتلەيدۇ، قاتناشقۇچىلار تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى توۋلايدۇ. بۇ بايرام بۇددىسلارنىڭ دىنى پائالىيەتلىرىدىن خېلى كۈچلۈك ئورۇق ئالغان ، رۇملۇقلار نۇر ئىلاھى ، ھوسۇل ئىلاھى ... دېگەنلەرنى تەبرىكلەيتى، خىرىستىيان دىنى رۇملۇقلارنىڭ رەسمى دىنىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇھىم  دىنى بايرامنىڭ بىرى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالدى . پادىشاھ نىكۇلاس بۇ بايرامدا ھەدىيەلەرنى تارقىتىشنىڭ سىمىۋولىغا ئاڭلاندى، ئۇنىڭدىن ئاتا پوپ نويل نىكۇلاسنىڭ ئورنىدا باشقىلارغا – خۇسۇسەن كىچىك بالىلارغا – ھەدىيە تەقدىم قىلىشنىڭ سىمىۋولى بولۇپ قالدى. (كاپىرلارنىڭ بايراملىرى – ئىبراھىم ئەلھەقىل .41-42 بەتلەر )

شەرئى ھۆكمى

ئەمما بۇنىڭغا ھەر قانداق شەكىلدە قاتنىشىشنىڭ شەرىئەتتىكى قۇرئان، ھەدىس كۆرسەتمىلىرى ، ساھابىلەرنىڭ بايانى ۋە ئۆلۈمالارنىڭ بىرلىككە كېلىشى ... قاتارلىقلارغا تايانغان ھۆكمى ھارامدۇر .

بۇنىڭدىن باشقا ئۆلۈمالارنىڭ بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈش ۋە قاتنىشىشنىڭ ھاراملىقىغا دائىر يېزىلغان كىتاپ  - رىسالىلىرى، پەتىۋالىرىمۇ ناھايىتى كۆپ. ھەنەفىي ئۆلۈمالىرىدىن مەشھۇر ئالىم ئەبۇ ھەفسىل بەستى مۇنداق دەيدۇ: «كىمىكى كاپىرلارنىڭ بايرىمىنى قۇتلۇقلاپ، مۇشرىكلەرگە تۇخۇم كەبى بىر نەرسە ھەدىيە قىلسا، ئاللاھقا كۇپۇرلۇق قىلغان بولىدۇ. » بۇ ھەقتە يەنە ئىبىن تەيمىييە، ئىبىن قەييۇم قاتارلىقلارنىڭ كىتاپلىرىدىكى مەخسۇس تېمىلاردىن باشقا، شەيخ ئىبراھىم ئىبىن مۇھەممەد ئەلھەقىيلنىڭ «كاپىرلارنىڭ بايراملىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا مەيدانى » ناملىق كىتاپلىرىمۇ بۇ توغرىدا نۇرغۇن ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ .

بىز بۇ كۆزنەكتە شەيخۇل ئىسلام ئىبىن تەيمىييەنىڭ سۆزلىرىنى خۇلاسىلەش بىلەن بىرگە، بۇ بايرامنىڭ ماھىيىتى ۋەشەرئى ھۆكمىنى بايان قىلىدىغان بىر قىسىم پەتىۋالارنى تاللاپ ھوزورۇڭلارغا سۇندۇق .

غايەت زور ھەجىمدىكى تېلىۋزىيە قاناللىرىنىڭ تەھتىدىگە، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا خىرىستىيانلارنىڭ دىنى پائالىيەتلىرىنىڭ يۇشۇرۇن ئۆزلىشىۋېلىش دولقۇنىغا ئۇچراۋاتقان بىر پەيىتتە ياشاۋاتىمىز. مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى دېگۈدەك ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالغان غەپلەت ئۇيقۇسى بىزنى تېخىمۇ جىددى ۋە سەمىمىيلىك بىلەن پەرزەنتلىرىمىزگە يۇقىرىدا بايانى كەچكەن ئىشلارنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە يەرلىشىپ قېلىش خەۋپى كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ خىل ھادىسىگە قەتئىي قارشى تۇرىشىمىز لازىم . مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە ھېيت – بايراملىرىنى قەدىرلەش، دىنىغا، ئەقىدە- ئېتقادىغا، ئۆرپ – ئادەتلىرىگە خاس بىر خىل ئالاھىدىلىك شەكىللەندۈرۈش زۆرۆرىيىتى بىزنىڭ نۆۋەتتىكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز ...

مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان، ھەدىس ماھىيىتىگە مۇناسىپ چىن مۇسۇلمان بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دىننى قەدىرلەش تۇيغۇسىنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتە ئەمەلگە ئېشىشى ئىنتايىن زۆرۆر.

ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولدا مېڭىشقا، دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرى ۋە ئۇ ئارقىلىق ئۆزىگە قەدىرلەش قەدىرلەش پۇرسەتلىرىگە مۇيەسسەر قىلسۇن، ئامىن !

ئەسكەرتىش :بۇ ماقالە دوكتۇر ئابدۇلۋاھھاب ئەتتەرىيرىنىڭ شۇ ناملىق ماقالىسىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلندى

ئەسلى مەنبە :http://www.nurluk.net/showart.asp?art_id=306

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش