مۇنبەردىكى UFC دەرىجىدىن تاشقىرى ئەركىن ئېلىشىش مۇسابىقىسىنى ياختۇرۇپ كۈرىدىغان بالىلارنىڭ ھۇزۇرىغاUFC ماھىرلىرىنىڭ مەشىق ئۇسۇلىنى شۇنداقلا كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان مۇسابىقىنى سۇندۇم . ياختۇرىدىغانلار كۈرۈپ بېقىڭلار ...
UFC دەرىجىدىن تاشقىرى ئەركىن ئېلىشىش مۇسابىقىسى خەنزۇچە { 终极格斗 } دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ مۇسابىقە بوكىس تۈرىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئەركىن مۇشلاش مۇسابىقىسى بۇلۇپ مۇسابىقە جەريانىنىڭ خەتەرلىكلىكى . جىددىيلىكى . مۇكاپات سوممىسىنىڭ كۈپلىگى بىلەن نۇرغۇنلىغان كۈرۈرمەنلەرنى ئۈزىگە كۈچلۈك جەلىپ قىلىپ كىلىۋاتىدۇ .
بۇ مۇسابىقە UFC ۋە MMA دەپ ئايرىلغان بۇلۇپ نۈۋەتتىكى تەسىر دائىرسى باشقا بوكىس تۈرىدىكى مۇسابىقىلەردىن كۈپ ئۈستۈن تۇرىدۇ . بۇ مۇسابىقىنىڭ باشقا بوكىس تۈرىدىكى مۇسابىقىللىرىگە ئوخشىمايدىغان يىرى بولسا مەزكۇر مۇسابىقە كۈپۈنچە تۆت ئەتراپى سىم تۇساق بىلەن تۇسۇلغان قەپەس ئىچىدە ئېلىپ بېرلىدۇ . مۇسابىقىدە ماھىرلار جەمى 5 قېتىم ئۇچرىشىدۇ ھەرقېتىملىق ئۇچرىشىش ۋاقتى 5 مىنۇت بۇلۇپ . ماھىرلار ئۇرۇش. تىزلاش . تىپىش . يىقىلدۇرۇش . پۇت - قوللىرىنى قايرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن رەقىبىگە ھۇجۇم قىلسا بۇلىدۇ . مۇسا بىقە جەريانىدا ھەرقانداق ئەھۋال يۈز بىرىشىدىن قەتئى نەزەر ماھىرلار ئايرىۋېتىلمەيدۇ پەقەت بىر تەرەپ تاياق زەربىسىدىن ئايلىنىپ كەتكەندە ۋە ياكى ئۈزى يىڭىلگىنىنى بىلدۈرۈپ يەرگە قول قاققانغا قەدەر مۇسابىقە داۋاملىشىدۇ . كۈپۈنچە مۇسابىقىلەر تۇلۇق 5 مەيدان ئۇينالمايدۇ كۈپۈنچە 1 دىن 2 مىنۇتقۇچەبولغان ۋاقىتتا مۇسابىقە ئاخرلىشىدۇ . مۇسابىقىدە ماھىرلار ئۆز - ئارا جان تىكىپ ئېلىشىدۇ . ئەلبەتتە بۇخىل مۇسابىقە داۋامىدا كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر يۈز بىرىپ تاياق زەربىسىدىن . مەڭگۈلۈك مېيىپ بۇلۇپ قېلىش. ۋە ياكى مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغان دەرىجىدە يارلىنىش دىگەندەك يامان ئاقىۋەتلەر كۈرۈلۈپ تۇرىدۇ . لېكىن بۇ تۈردىكى تەنھەركەتنىڭ تەسىر دائىرسى زور بۇلۇپ ماھىرلار ئۈزىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى ئوبرازى ئۈزىنىڭ نىشانى . شۇنداقلار نۇرغۇنلىغان مۇكاپات پۇلى ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىشقا رازى .
ھازىرغا قەدەر دۆلىتىمىزدىن پەقەت بىرلا ماھىر 2007 - يىلى MMA دا مۇسابىقە ئويناش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن بۇلۇپ ئۇ ھازىر بىر قانچە قېتىم چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتناشتى ۋە ئىپادىسى يامان ئەمەس بولدى . يېقىن كەلگۈسىدە پۇرسەت كەلسە بىز ئۇيغۇر باتۇرلىرىنىڭمۇ ئۈزىنىڭ ۋە مىللەتنىڭ شەرىپى ئۈچۈن بۇخىلدىكى خەتەرلىك مۇسابىقىنى تاللاپ ئۈزىگە ۋە مىللەتكە شۇنداقلا دۆلەتكە شەرەپ ئېلىپ كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ....
تۈۋەندىكى UFC نىڭ بىر قانچە قېتىملىق دۇنيا چىمپىيۇنى بۇلۇپ شاھلىق تاجىنى كەيگەن قارام ئېلىشچى { بىروك لېسنار } بىلەن ئۇنىڭ رەقىبى كائىن نىڭ مۇسابىقىدىن ئىلگىركى قىس
قىچە مەشىق ئەھۋالى .
بۇ بولسا Shane Carwin vs. Gabriel ئوتتۇرسىدىكى بىر مەيدان قالتىس مۇسابىقە .
مەنبە : ku6 تورى