|
|
|
|
تۇرپان<كارىز ئارامگاھى>دۆۋلەتلىك < 4 ئا>دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلدى.2000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە تۇرپان كارىزى دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى بۇلۇپ،تۇرپان <كارىز ئارامگاھى>
تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت كەسپىدىكى20ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى ئارىسىدا2 -بۈلۈم دۆلەتلىك <4 ئا> دەىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ تەستىقلانغان ساياھەت مەنزىرە رايونى ھىساپلىنىدۇ. بۇ جاي دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى.نۆۋەتتە <كارىز ئارامگاھى>يىلىغا 300مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئىسىل ساياھەت رايونىغا ئايلاندى.2003-يىلى بۇ ئورۇنغا ئاپتۇنۇم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى <3 ئا> دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى دەپ نام بەرگەن.
ئومومى ئۇزۇنلۇقى5000كىلومىتىردىن ئاشىدىغان كارىز ئاساسلىغى تۇرپان،قۇمۇل،خوتەن قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ دۆلىتىمىزدە سەددىچىن سىپىلى،بېيجىڭ-خاڭجۇ قانىلى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان قەدىمكى ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ بىرى دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇنىڭ يەنە<يەر ئاستىدىكى سەددىچىن سېپىلى>دىگەن نامىمۇ بار.2007-يىلى 27-دىكابىرغىچە 1108 كارىزنىڭ بارلىقى ئىنىقلانغان.
شىنجاڭ رادىئو-تىلىۋىزىيە گىزىتىدىن ئىلىندى.
|
|
|
|
|
|