|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى تورداشلار! كۆپچىلىكنىڭ"مىليون گۈل"فىلىمىگە ئىزچىل ياخشى باھالارنى بېرىپ قوللاپ كېلىۋاتقىنىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە بەزى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ باھا ھەققىدىكى ئىنكاسىغا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتمەكچىمىز.
تاپشۇرىۋالغان ئۇچۇرلىرىمىزدىن بىلىشىمىزچە بەزى رايونلاردا فىلىم باھاسى بىر قىسمى 55يۈەندىن ئىككى قىسىمى110يۈەنگە، يەنە بەزى جايلاردا بىر قىسىمى 35 يۈەندىن ئىككى قىسىمى 70 يۈەنگە سېتىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق ۋە سېتىۋالغۇچىلارنىڭ پايدا-مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىلدۈرگۈنى كەڭ تورداشلارنىڭ دىققىتىگە سۇندۇق.
"مىليون گۈل" فىلىمىنىڭ دەسلەپكى 1-2-قىسىم پىلاستىنكىلىرى بىر قاپقا قاچىلانغان بولۇپ بىر تۇتاش تارقىتىلىش باھاسى 55يۈەن.(توپ تارقىتىش باھاسى50يۈەن).
بۇنىڭدىن يۇقىرى باھاغا يولۇققانلار ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى مال باھا ئىدارىسىغا ياكى ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداپ قالسا بولىدۇ.
55يۈەندىن تۆۋەن باھادا ئۇچراتساڭلار ئۇ ئېنىقلا فىلىمنىڭ كۈچۈرۈلمە نۇسقىسى. ئوخشاشلا ئۈن-سىن مەدەنىيەت بويۇملىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتىغا ياكى شېركىتىمىزگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارغا زەربە بېرىش كۈرىشىمىزگە بىر كىشىلىك ھەسسە قۇشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:شىنجاڭ ھۆرىيەت كىنو-تېلىۋېزىيە چەكلىك شېركىتى. |
ھۆرىيەت شېركىتى ئالاقىلىشىش تېلف |
2011-يىلى3-ئاينىڭ1-كۈنى
مەنبە: http://bbs.horiyat.com/read.php?tid=16349&page=1&toread=1#tpc
|
|
|
|
|
|