ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 46قەۋەت يارزات كە 2011-03-02 12:48 AMئەۋەتىلدى 45-قەۋەت (jassur2) نىڭ يازمىسىغا :
سىز نىمداق بەك چىچاڭشىيسىز.خەقمۇ ئويلىغىنىنى دەپتۇ،كۆرەمدۇ-كۆرمەمدۇ ئۆزىنىڭ
ئىشى.سىز ماختىدىڭىز،ئۇ ماختىمىدى،ھەممىسى ئۆگىتىلگەن شاتۇتتەك سۆزلىشى كېرەكما
ماختاپ.
دېمىسىمۇ لاۋزا بولماي نېمە.ۋاھ دېگۈدەك يېرىدىن ئازراق ئارىيە كۆرسىتىپ بېقىڭە قېنى.ئاددىيسىنى ئالساق مۇشۇ لېنتىنى تەشۋىق قىلغان ۋاقىتتا چىقارغان رەسىملەرنى
كۆرۈپ بېقىڭە،مەمەتجاننىڭ قولىدىكى پىچاق قانداق ھالەتتا تىقىلغان كۆرۈنۈش،
.......
سىز فلىمنى كۆرمەي تۇرۇپ بۇنداق سۆزلىسىڭىز بولمايدۇ . ئۇ دېگەن پەقەتلا بىر ئارىيە كۆرۈنۈش . فلىمنىڭ قانداق ئىشلەنگەنلىكىنى ئانچە ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ . مەن قارىسام ئۇ پىچاق تىقىلمىغان بەلكى قارشى تەرەپنى قورقۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن تەڭلىنىپ تۇرغاندەك قىلىدۇ . "مىليون گۈل"ناملىق بۇ تىلۋىزىيە تىياتىرىنىڭ نەق مەيدان ئاۋازلىق ئېلىنغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر كىنو-فلىمچىلىقىدىكى تۇنجى قېتىملىقى ئىش ئىكەنلىكى ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىنىۋاتىدۇ . تۇنجىسى بولغاچقا ئىزدىسەك ئاۋاز مەسىلىسىدە نۇقسان تېپىلىدۇ . لېكىن بۇنىڭ تېخى "بۆشۈك ھالەت"ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايلى ...
ئاخىرىدا دەيدىغان گىپىم "مىليون گۈل"كىنو ئەمەس ، تىلۋىزىيە - تىياتىرى . ئۇيغۇر كىنولىرىدا نەق مەيدان ئاۋازلىق ئىشلەنگىنى نۇرغۇن . لېكىن تىلۋىزىيە-تىياتىرلىرى ئىچىدە "مىليون گۈل " تۇنجىسى.