|
|
|
|
جىنىم ،سەن ئىھتىمال ھازىر مېنىڭ سېنى قاتتىق سېغىنۋاتقانلىقىمنى بىلمەسلىكىڭ مۇمكىن . سەن ئۈچۈن قانچىلاپ ئازار يىگەنلىكىمنى ، قانچە قىتىم سەندىن ۋاز كەچمەكچى بولغانلىقىمنى ، ئاخىرىدا يەنە سەندىن ۋاز كىچەلمىگىنىمنى بىلمەسلىگىڭ مۇمكىن .
مەن سەندىن قانداق قىلغاندا بىرسىگە ئۆزىنىڭ ئۇنى سېغىنۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگىلى بولىدۇ دەپ سورىدىم . سەن قەلبىدە توختىماي شۇنىڭ ئىسمىنى يادلىسا ئۇ چوقۇم ھېس قىلالايدۇ دەپ جاۋاپ بەردىڭ .مەن قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا توختىماستىن ئىزچىل سىنىڭ ئىسمىڭنى قانچىلاپ يادىلاپ چىققىنىمنى بىلمەيمەن ، لىكىن ئەكىسچە سەندە ئازراقمۇ سادا بوپ باققىنى يوق .
بەلكىم سەن مېنىڭ ساقلاۋاتقانلىقىمنى بىلمەيدىغانسەن ؟
مەن سەندىن يەنە سورىدىم : سىز بىرسىنىڭ قىسقا ئۇچۇرىنى ساقلاۋاتقىنىڭىزدا ، تېلفۇننى ئاۋازسىىز شەكىلگە تەڭشەپ قويامسىز ياكى ئاۋازلىق ھالەتكىمۇ ؟
سەن : ئاۋازسىز ھالەتكە .ئۇچۇر كەلگەندە ئۇچۇرنى كۆرۈپ بىراقلا خۇشاللىق ھېس قىلىمەن .
شۇنىڭ بىلەن مەن تېلفۇنۇمنى ئاۋازسىز ھالەتكە تەڭشەپ قويدۇم .
مەن ئىزچىل تېلفۇننىڭ ئىكرانىغا قاراپ تۇردۇم ، ھەر قىتىم تېلفۇننىڭ ئىكرانى يورۇغىنىدا ، مىنىڭ يۈرىكىممۇ بىللە يورۇپ كىتىدۇ ، بۇ خىل ھېسيات شۈنچىلىك شىرىن شۇنچىلىك ھەم شۈنچىلىك يۈرەكنى ئىزىدىكەن .
ئىھتىمال سەن مىېنىڭ ساقلاۋاتقانلىقىمنى بىلمەيدىغانسەن .
مەن سەندىن سىز ئالدىراشمۇ ، نىمىش قىلۋاتىسىز ، تاماق يىدىڭىزمۇ ؟ دەپ سورىدىم .
سەن __ ئالدىراش ئەمەس ، ھېچ ئىش يوق ، تىخى يىمىدىم . دەپ جاۋاپ قايتۇردۇڭ.
مەن كالۋالارچە نېمە دېيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم ، ئەمدى ھەر قانداق بىر گەپ ئارتۇقچە ئىدى ، يەنە بىر نېمە دېيىش كىشىنى بىزار قىلىشتىن ئۆزگە نەرسە ئەمەس .
سەن مەن بولمىساممۇ بولىدىغان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىسەن ، مەن بولسام سېنىڭ ئاسمىنىڭدا ياشاۋاتىمەن .
شۇڭا مەن ئۆزۈمنى بىر مەغلۇبىيەتچى دەپ بىكىتتىم .
لىكىن ئەقىللىق بولغان جىنىم سىز نىمىشقا مەن ئۈچۈن ئويلىنىپ باقمايسىز ؟ مەن سىز بىلەن يەنە نېمىلەرنى پاراڭلىشالايمەن ، سىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايمەن ؟ نېمىشقا بۇلارنى ئويلاپ كۆرمەيسىز ؟
لىكىن ئالدىراش بولمىغان سىز نېمە ئۈچۈن بىر ە قايتۇرما سۇئاللارنى سوراپ بىزنىڭ پارىڭىمىزنى يەنە بىر ئاز ئۇزارتمايسىز ؟
نىمىشقا سىزنىڭ بۇنداق مېنى سېغىنىدىغان ، مېنى كۈتىدىغان بىر چىغىڭىز يوق .
ئىھتىمال سەن ئەزەلدىن مېنىڭ سېنى ساقلاۋاتقانلىقىمنى بىلمىسەڭ كىرەك .
مەن سەندىن ياندۇرۇپ ھېچنىمىنى سورىيالمىدىم . لىكىن بۇ مىنىڭ تىلفۇنۇمنىڭ خەت ساندۇقىدا ھېچنىمىنىڭ يوقلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ ،
مەن ئىزچىل ساڭا ئىۋەتىش ئۈچۈن توختىماستىن تىلفۇنۇمدا ئۇچۇر يازىمەن ، توختىماستىن ئۇنى يەنە ئۆزگەرتىمەن ، ئارىسدا ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىككى تال ئۇچۇرمۇ يوللاشتىن بۇرۇنقى نەچچە سىكىنۇت ئىچىدە بىلىپ بىلمەيلا ساقلاش ساندۇقىغا كىرىپ قالىدۇ .
مەن مانا شۇنداق نۇرغۇن شاللاشلارنىڭ نەتىجىسدە تىلفۇنۇمنىڭ ساقلاش ساندۇقىدا نۇرغۇن ئۇچۇرلار بوپ بولدى ، بۇلارنىڭ ئارىسدا ئەڭ ئاساسلىق ئەڭ كۆزگە كۆرىنىپ تۇرىدىغىنى يەنىلا مەن سېنى سېغىندىم .
لىكىن سەن مەندىن ھېچنىمىنى يوللىمىدىڭىز دەپ سورىدىڭ.
مەن سېنى ئاۋارە قىلىشمدىن قورقتۇم دەپ جاۋاپ بەردىم .
ئەمەليەتتە مەن سېنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ماڭا بىر قىتىم ئۇچۇر يوللىشىڭنى ، ماڭا سېنىڭمۇ مېنى سېغىنۋاتقانلىقىڭنى بىلدۈرۈپ قويۇشۇڭنى شۇنداق ئۈمىت قىلاتتىم .
ئەمما ئەمەليەت ماڭا شۇنداق ئىشەندۈردى :
سەن مېنىڭ سېنى ساقلاۋاتقىنىمنى راستىنلا بىلمەيدىغان ئوخشايسىەن .
مەن تورغا چىقىپ چ چ ئاچقىنىمدىمۇ ئەڭ ئاۋال سەن بار گۇرپىنى ئىچىپ قاراپ باقىمەن ،
ھەر قىتىم توك توك توك قىلىپ ئاۋاز چىققاندىن كىيىن مەن تەخىرسىزلىك بىلەن سىنىڭ نۇمىرىڭغا يەنە قاراپ باقىمەن ، لىكىن كۆرىدىغىنىم يەنىلا شۇ رەڭسىز سەت رەسىم . خۇددى ماڭا ئۆچى باردەك ، ماڭا ئاچچىقلاۋاتقاندەكلا قاراپ تۇرىدۇ .
ئاندا ساندا يورۇپ قالغىنىدىمۇ يەنە ھېچبىر سادا يوق ، يەنىلا مەن ئاۋال ئاكتىپلىق بىلەن ئەھۋال سورايمەن .
سەندىكى بۇ نىمانچە چوڭ ھال . مېنىڭ چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن ساڭا گەپ قىلىدىغانلىقىمغا سەندىكى نېمانچە چوڭ ئىشەنچ ؟
سەن يەنە ھەمىشە " مانا ھازىرلا توردىن چۈشىمەن ،، ""سىزمۇ چۈشۈپ كىتىڭ " “بىز بالدۇرراق ئارام ئالايلى : دىيىشنىلا بىلىسەن . بىز يا بىر مىكيان بولمىساق بىرسى قوغلاپ قونداقتىن چۈشۈرىدىغان .
سېنى شۈنچە ئۇزۇن ساقلاپ سېنىڭ تۈزۈك بىرە ئىغىز گىپىڭنى ئاڭلىيالمايلا سەن توردىن چۈشۈپ كەتتىڭ ، ماڭا پەرۋامۇ قىلماستىن مېنىڭ گىپىمنى ئاڭلاشقىمۇ ساقلىماستىن چۈشۈپ كەتتىڭ .
مەن ئويلىدىم :
سەن ئىھتىمال مىنىڭ سېنى ساقلاۋاتقانلىقىمنى راستىنلا بىلمىسەڭ كىرەك .
مەن سېنى سېغىندىم ، سېنى سىغىندىم ،، سېنى بەكلا سېغىندىم .
توختىماستىن سېنىڭ قەلبىڭنى پەرەز قىلدىم ، ئىھتىمال ئىلگىرى سېنىڭ قەلبىڭدە مېنىڭ ئىسمىم بولغان بولۇشى مۇمكىندۇ.
مەن ئاندىن ھېس قىلدىم :
ئەسلىدەسەن مېنىڭ سېنى ساقلاۋاتقانلىقىمنى راستىنلا بىلمەيدىكەنسەن .
جىنىم قەلبى يارا قەلىپ ئىگىسى بولغان بىر قىز سېنىڭ بۇنى كۆرۈشىڭنى ئۈمىد قىلىدۇ .
مەنبە : ئۆزۈم توردىن تەرجىمە قىلىپ يوللىدىم .
http://user.qzone.qq.com/370484651/blog/1298987053
|
|
|
|
|
|