مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1583|ئىنكاس: 27

بارى بىر توپ بىلەن پۈتۈن جۇڭگوغا تونۇلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23159
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10281
تۆھپە نۇمۇرى: 212
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2010-12-21
ئاخىرقى: 2011-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 07:34:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 


خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسى بىلەن Nagoya Grampus كوماندىسىنىڭ مۇسابىقسىنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ!
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2011-03/02/content_130071.htm

       1ــ مارت ئېلىپ بېرىلغان ، ئاسىيا چېمپىيونلار لوڭقىسى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسنىڭ F گۇرۇپپىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە ، خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا   ياپونىيە J بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ۋە ياپونىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى Nagoya Grampus كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى . نەتىجىدە ، لۈچىڭ كوماندىسىدىكى ئۇيغۇر توپچى بارى مۇھەممەتنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن 0 گە قارشى2 نەتىجە بىلەن Nagoya Grampus كوماندىسىنى ئۇتتى .
تۇنجى قېتىم ئاسىيا چېمپىيونلار لوڭقىسى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپلا پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە Nagoya Grampus كوماندىسى توختىماي خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسىغا تەھدىت سېلىپ تۇرغان بولسىمۇ ، توپ كىرگۈزەلمىدى .
     كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 14 مىنۇت بولغاندا ، خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى ۋۇ جىنگۇي كوماندىدىكى ئۇيغۇر توپچى بارى مۇھەممەتنى مەيدانغا چۈشۈردى . بۇ ھالقىلىق ۋاقىتتىكى ئادەم ئالماشتۇرۇش خاڭجۇ كوماندىسىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى . بارى مەيدانغا چىقىپ ، تۇنجى قېتىم توپ ئېلىشى بىلەنلا ، سەپدىشى Ramires قا بىر چىرايلىق ھۇجۇم پاس بەردى ، Ramires بۇ توپنى كىرگۈزۈپ ، خاڭجۇ كوماندىسىنى بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى . بىر توپ ئارقىدا قالغان Nagoya Grampus كوماندىسى شىددەتلىك ھۇجۇم تەشكىللەپ ، خاڭجۇ كوماندىسىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، توپ كىرگۈزەلمىدى . مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا 8 مىنۇت قالغاندا ، بارى قارشى تەرەپنىڭ سول تەرىپىدىن بۆسۈپ كىرىپ ئىنتايىن چىرايلىق بىر ئاسما توپ كىرگۈزۈپ ، Nagoya Grampus كوماندىسىنىڭ خاڭجۇ كوماندىسىغا يېتىشىۋىلىش خىيالىنى تامامەن بىتچىتقىلدى .

     شۇنداق قىلىپ ، بارى مۇھەممەت ئاسىيا چېمپىيونلار لوڭقىسى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسغا قاتناشقان شۇنداقلا توپ كىرگۈزگەن تۇنجى شىنجاڭلىق توپچى بولۇپ قالدى .

     بارى مۇھەممەت شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىدىن چىققان تۇنجى كەسپىي پۇتبولچى بولۇپ ، 2010 ــ يىلى خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسىغا كىرگەن . 2010 ــ يىللىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىدە 14 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ بىر توپ كىرگۈزگەن . يېقىندا ، جۇڭگو ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ ، مىر ئەخمەتتىن قالسا ئىككىنچى بولۇپ دۆلەت دەرىجىلىك پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان شىنجاڭلىق پۇتبولچى بولۇپ قالغان .
    گەرچە ، بارى مۇھەممەت كەسپىي پۇتبول ھاياتىنى باشلىغىلى بىر يىل بولسىمۇ ، ئۇنى بىلىغانلار بەك ئاز ئىدى . ئۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى بىلەن پۈتۈن جۇڭگودىكى پۇتبول مەستانىلىرىغا تونۇلدى . كىشىلەر بارىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىسىنى ئامېرىكا ھىكايە فىلىمى ‹‹Goal››غا ئوخشىتىپ ، بارى بىر توپ بىلەن تونۇلدى دېيىشمەكتە .




بارى مۇھەممەت





مەنبە :  http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2011-03/02/content_130015.htm

شاكىرە شەبنەم

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2820
يازما سانى: 833
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21306
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 3926 سائەت
تىزىم: 2010-6-16
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 09:35:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈنگە قارىتا خۇش خەۋەردىن مۇشۇنىلا ئاڭلاپتىمەن.
بەك خۇش بولدۇم.تېخىمۇ كۆپ نەتىجە قازانغايسىز.

If one day, you said you want to me, I will say to you: "late

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15755
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6614
تۆھپە نۇمۇرى: 632
توردا: 6762 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 09:40:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەيرەت قىل ئەزىمەت،ئۆزۈڭنىلا ئەمەس،پۈتۈن ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتىسەن.

خوشامەتتىن سەسكىنىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13900
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5097
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 756 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2012-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 09:41:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى خەۋەركەن ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ مەنمۇ بەك خوش بولدۇم. [s:154]

ئىگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى، مىۋىسى قانچە ئوخشىغانسېرى. كەمتەرلىك بىلەن ئادەم چىرايلىق، سەتلىشىدىكەن غادايغانسېرى.

توغرا يول ھەمىشە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7309
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 09:43:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يالغۇز بىر توپ بىلەن توختاپ قالماڭ بارىجان ، ئوننى ، يەنە يۈزنى كىرگۈزۈش ئۇچۇن ئالغا ! پۈتكۈل ئۇيغۇر سىزدىن شۇنى كۈتىدۇ .....

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

قۇشنىڭ ئۇيقۇسىد

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9196
يازما سانى: 730
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12538
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 4588 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 09:44:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭدىن كىيىن تىخىمۇ تونۇلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. [s:166]
ياشاپ كەت ئەزىمەت!

سۆزلەشنى بىلمىسەڭ،تىڭشاشنى ئۈگەن.
مېھرىزا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 09:46:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31239
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1124
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2011-2-21
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 09:50:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركەك   باققان  ئاتاڭغا   رەھمەت! [s:166]  [s:166]  [s:166]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31091
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3809
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 582 سائەت
تىزىم: 2011-2-20
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 09:55:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەربىر يۈرەك ھاياجانلانماي تۇرالمايدۇ.مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر بولغىنىدىن پەخىرلىنىمەن............................................ [s:166]  [s:166]  [s:166]

سالام-دىل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7308
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5810
تۆھپە نۇمۇرى: 280
توردا: 1330 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 10:10:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن دۇنيا پۇتپول مۇسابىقىسىنى كۆرگەندىمۇ مۇنداق ھاياجانلىنىپ باقمىغان ، ئۇلۇغ ئاللا بىزگە مەدەت بەرگۇسى ،  بۇمۇسابىقە مەنزىلى مىنىڭچە خېلى ئۇزۇنغۇ دەيمەن . ئۇنىڭغا ياۋرۇپا داڭلىق كۆماندىلانىڭ كۆزۇچۇشسىكەن دەيمەن ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش