مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2285|ئىنكاس: 28

ئۆگەي ئانىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بالا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 564
يازما سانى: 1097
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12485
تۆھپە نۇمۇرى: 382
توردا: 6172 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-1 02:29:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار،بۈگۈن ئىشخانىدا ماتىريال رەتلەۋېتىپ "شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى"2826-سانىدىكى "ئۆگەي ئانىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بالا"سەرلەۋھىلىك بۇ ماقالىغا كۆزۈم قايتا چۈشتى-دە ،يەنە ئوقۇشقا باشلىدىم.مەن  ماقالىنى يېڭى ئوقۇغان چاغدا،ئىچىم بىر قىسما بولۇپ ۋەقەلىكنى نەچچە كۈنگىچە ئويلاپ كۆڭلۈم يېرىم يۈرگەنتىم.ھازىر بۇ خىل كەيپىيات قايتا تەكرارلانماقتا.
    جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ،نىكاھتىن ئاجرىشىدىغانلارنىڭ سانىمۇ ئوخشاشلا "تەرەققى"قىلماقتا.مەن ياش ئاتا -ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن بولسىمۇ، تۇرمۇشقا ئەستائىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.ھەممە ئادەمنىڭ گېزىت كۆرۈپ كىتىشى ناتايىن ،شۇڭا ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ مۇنبەرگە بۇ ئەسەرنى يوللاپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم،تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
    

  **************

ئوغلى ئۆلگەندىن كىيىنكى گۇمان


    _ئوغلۇم، كۆزۈڭنى ئاچ، نىمە بولدۇڭ، نەرىڭ ئاغرىۋاتىدۇ؟.....

    _ئەكرەم جىيەن ئوغلى مۇزەپپەرگە قايناق سۇ ئىچكۈزدى. مۇزەپپەر ھايال ئۆتمەي كۆزىنى ئاچتى -دە ، پەس ئاۋازدا:

    _ئاپا، ئايشەم ئاپا.....،_دەپ پەس ئاۋازدا چاقىردى.

     تۆت ياشلىق مۇزەپپەرنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرىشىغا قاراپ، ئۆيدىكىلەرنىڭ ئىچى سىيرىلدى. ئايشەم يىتىپ كەلگەندە مۇزەپپەر ئاللىبۇرۇن جان ئۈزگەن ئىدى.ئايشەم ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ ئۆكسۈپ يىغلىدى،"ئوغلۇم نىمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ" دىگەنلەرنى ئويلىغان ئايشەم بالىنى قۇچاقلىغىنىچە ئۆيدىكىلەردىن:

    _ئوغلۇمغا زادى نىمە بولدى؟-دەپ سورىدى.

    ئۆيدىكىلەر زۇۋان سۈرمىدى. ئايشەم ھىچقانداق جاۋاپقا ئىرىشەلمىگەندىن كىيىن،بالىنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ قارىدى.دەرۋەقە، بالىنىڭ ئوڭ بىقىنىدا كۆكەرگەن ئىز بار ئىدى.

    _بۇ نىمە ئىز ؟ بۇنى كىم قىلدى؟

    ئايشەمنىڭ سۇئالى يەنىلا جاۋاپسىز قالدى.بىر دەمدىن كىيىن مەست كەلگەن ئاسىم:

    _بىر ئىككى كۈندىن بۇيان بالا ساقسىز ئىدى. شۇ سەۋەپتىن......

    ئايشەم ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمىدى-دە دەرھال ئۇچتۇرپان ناھىلىك جىنايى ئىشلار چوڭ ئەترىتىگە دىلو مەلۇم قىلدى.رازۋىتكىچىلار دەرھال نەق مەيدانغا كىلىپ ئۆيدىكىلەردىن ئەھۋال ئىگىلىدى.ئەكرەم رازۋىتچىكلارغا:

    _سىڭلىم مىھىرنىسا بالىنىڭ مىجەزى يوقلىغىنى،ئاسىمنىڭ تېخى قايتىپ كەلمگەنلىكىنى ئېيتىپ بالىنى كۆتۈرۈپ كىرىپتىكەن،قارىسام ھالى بەك بوش ،قايناق سۇ بەرسەممۇئىچمىدى، كىيىن ئۆلۈپ كەتتى.ئالدىدىكى ئىشلارنى بىلمىدىم-دىدى. بۇنىڭ بىلەن گۇمان مىھىرنىساغا قارىتىلدى.

    قانۇن دوختۇرى قەسەتنى تەكشۈرۈپ : "بالىنىڭ جىگىرى سىرتقى زەخمە تۈپەيلىدىن يېرىلىپ ،ئۇنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان" دەپ يەكۈن چىقاردى.مىھىرنىسا قانۇن دوختۇرىنىڭ باھالاشنامىسىنى  ئاڭلاپ،مۇزەپپەرنى ئۇرغانلىقىنى ئەمما بىقىنىغا ئۇرمىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرىۋالدى. ساقچىلارنىڭ قانۇن تۈزۈمنى قايتا-قايتا چۈشەندۈرىشى بىلەن قىلمىشىنى ئاخىر ئىقرار قىلدى.


قايتا نىكالانغاندىن كىيىن...

    28 ياشلىق ئاسىم ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدا ئولتىراتتى. ئۇ 2005-يىلى ئايشەم بىلەن تۇنۇشۇپ ،ئۇزاق ئۆتمەيلا توي قىلدى.مۇزەپپەر تۇغۇلۇپ ئىككى ياشقا كىرگىچە بۇ ئۆيدە جېېدەل قۇرىمىدى، ئۇلار ئاخىرى نىكادىن ئاجراشتى،مۇزەپپەرنى ئاسىم بېقىپ تەربىلەيدىغان بولۇپ ئېلىپ قالدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئاسىم خوشنا مەلىدىكى  تۇل ئايال مىھىرنىسا بىلەن توي قىلدى.تويدىن كىيىن ئاسىم يەنىلا ھاراق ئىچىپ ،ئائىلىنىڭ ئىشلىرى ۋە مۇزەپپەر بىلەن كارى بولمىدى.

    17- مارت مۇزەپپەر ئۆيدە ئويناۋېتىپ ئىشتىنىغا سىيىۋەتتى. بۇنى كۆرگەن مىھىرنىسا :

    _يەنە سىيىۋەتتىڭما؟_دىگىنىچە بالىنىڭ قورسىقىغا بىرنى تەپتى.

    مۇزەپپەر قورسىقىنى تۇتقىنىچە يىقىلدى ۋە يىقىلغان جايىدىن قوپالمىدى،مىھىرنىسا ئۇنىڭ ئىشتىنىنى سالدۇرۇپ ھويلىغا ئاچىقىپ يۇيۇپ كىرگەندىمۇ ئۇ يەنىلا جايىدا ئولتۇراتتى،بۇنى كۆرگەن مىھىرنىسانىڭ غەزىپى ئۆرلەپ :

    _قىيداپ ئولتۇرغىنىڭما بۇ؟_دىدى ۋە سىرتقا چىقىپ 30 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ياغاچنى ئېلىپ كىرىپ ، بالىنىڭ بىقىنىغا ئۈچنى نۇقۇدى. مۇزەپپەر قورقۇپ ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى ،مىھىرنىسا ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋېلىپ يەنە تۆتنى ئۇردى.مۇزەپپەرقورققىنىدىن ئۆينىڭ بىر بۇلىڭىغا بېرىپ ئولتىرىۋالدى. شۇنىڭدىن كىيىنلا مىھىرنىسا ھويلىغا چىقىپ ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولدى. مۇزەپپەر يىغىدىن توختاپ سىرتقا چىقاي دەپ تۇرىشىغا مىھىرنىسا كىرىپ :

    _نەگە ماڭدىڭ ؟دەپ سورىدى، مۇزەپپەر قورققىنىدىن ئارانلا:

    _ھاجەتخانىغا ،_دىيەلىدى.

    مىھىرنىسا ئۇنى ھاجەتخانىغا ئاپىرىپ كەلگەندىن كىيىن،تاماق يىگۈزدى،ئاندىن ئۇنىڭ ئاغزىنى سۈرتكەچ:

    _ئەمدى ئۇخلا!...-دىدى.

   مىھىرنىسا ئورۇن راسلاپ مۇزەپپەرنى ياتقۇزدى ،مۇزەپپەر گەپ قىلماي ياتقىنى بىلەن ئۇخلىيالمىدى،بىر چاغدا ئۇ خارتىلداپ قالدى.

    _ئادەمنى خاتىرجەم ئۇخلاتماي!....مىھىرنىسا شۇنداق دىگىنىچە بالىنىڭ يېنىغا بېرىپ ،ئۇنىڭ كالپۇكىنىڭ كۆكىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۇپ،ئۇنى نەچچە قېتىم چاقىردى،ئەمما مۇزەپپەردىن زۇۋان چىقمىدى.

   _چاتاق بولدى، قانداق قىلارمەن؟ ھېلىقى ھاراقلەش ئاتىسى تېخى يوق...

    مىھىرنىسا بالىنى كۆتىرىپ ئاسىمنىڭ ئاكىسى ئەكرەمنىڭ ئۆيىگە  يۈگۈردى.




مىھىرنىسا 29-مارت ئۇچتۇرپان ناھىلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن  قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى.


* * * * * * * * *


    ئىنسانىيەتنىڭ ئانىسى بولمىش ئاياللار  ئەلمىساقتىن ئانىلىق مىھىر مۇھابەىتى، ئاق كۆڭۈللۈك، مىھرىبانلىق،كۆيۈمچانلىقتىن ئىبارەت پەزىلەتلىرى بىلەن ئۇلۇقلىنىپ كەلگەن. ئەمما مىھىرنىساغا نىمە دىگۈلۈك؟مۇزەپەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلىمى ئۆگەي بالا بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ياكى رەھىمسىزلىك مىھىرنىسانىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كەتكەنمۇ؟

(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)



تۈگىدى



ئاپتۇر:نۇربىيە تۇرسۇن،  دىليار پەرھات

كومپىيۇتېردا:  تۈركىيناز


بۇ يەردە شۇنىمۇ دىگىم كېلىدۇ:دۇنيادىكى ئۆگەي ئانىلارنىڭ ھەممىسى بۇنداق ئەمەس. دۇنيادىكى ئۆز ئانىلارنىڭ ھەممىسىمۇ مىھرىبان ئەمەس.بۇ بىر قىسىم كىشىلەرگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ خالاس.شۇنداق ئۆگەي  ئانىلارمۇ بار ،ئادەم ھەيران قالغۇدەك ياخشى. بەزى ئۆگەي بالىلارمۇ بار،باشقىلارنىڭ گىپىگە كىرىپ ياخشى ئۆگەي ئانىلىرىنى ئۆگەيلەيدىغان ........


ئاسماندىكىنىڭ ھەممىسى شۇڭقار ئەمەس،يۈگۈرگەننىڭ ھەممىسى تۇلپار ئەمەس!

مىسرانىم مۇنبىر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2986
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9255
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2013-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-1 04:40:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بىچارە، شۇ تاشيۈرەك ئانا كېيىن قانچە پۇشايمان قىلغاندۇ ؟! بىراق ، ئورنىغا كەلمەيدۇ-دە ،

ھاياتقا ئۈمىدۋار قاراش كېرەك .

شاھزادە ئارتورن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2389
يازما سانى: 1778
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13495
تۆھپە نۇمۇرى: 505
توردا: 4431 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2011-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-1 04:45:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئاتا-ئانىلار ئاجىرىشىدىغان ئىشنى قىلمىسا،*** چاغلاپ توي قىلسا،بولمىسا ئىشىنى قىلسا مۇشۇنداق پاجىئەلەر كېلىپ چىقمايدۇ !

تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ ...

ساپا يوقتا ۋاپا يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1809
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5919
تۆھپە نۇمۇرى: 466
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-1 04:48:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىپلاس ئۆگەي ئانىلار  [s:24]
ئىپلاس تولىمۇ ئىپلاس ، مەنب ئەزەلدىن ئۆگەي ئانىنىڭ ئۆگەي بالىغا ياخشى نەزەر بىلەن قارىغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم .

سەۋرنىڭ تىگى ئالتۇن

قەيسەر ،چىداملى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 518
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8924
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2011-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-1 04:53:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانچە ئۆز بالسى بولمىسىمۇ...كىچچىككىنە  نارىسىدە تۇرسا...كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ تۇرغان بىر جاننىمۇ قانداقمۇ ئاشۇنداق ئۇرۇشقا قولى باردىغاندۇ!!!
يا بىر ئۇ نەرسە كىرەك بولمىسا.... [s:14]

بەزى ئىشلارغا بىر نىمە دىمەك بەك تەسكەن...بىراق نىمە ئىش بولشىدىن قەتئېنەزەر  بارچىگە كۈلۈپ قارايمەن...

ســادىـر ئـەپـە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 128
يازما سانى: 668
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8118
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 825 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-1 04:54:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلارنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن بارلىق ئاتا ئانىلار ئىناق ئۆتۇپ بالىلارنى تىرىك يىتىم قىلمايلى !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 564
يازما سانى: 1097
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12485
تۆھپە نۇمۇرى: 382
توردا: 6172 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-1 04:54:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداقمۇ ئەمەس ،مەن ئۆگەي بالىسىغا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئايالنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ،شۇڭا تىمىنىڭ ئاستىغا چۈشەنچە يېزىپ قويغان

ئاسماندىكىنىڭ ھەممىسى شۇڭقار ئەمەس،يۈگۈرگەننىڭ ھەممىسى تۇلپار ئەمەس!

دىلنىڭ سىر دىشى -

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 183
يازما سانى: 3084
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13080
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 1074 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-1 05:05:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ،نىمانداق رەزىللىشىپ كەتكەندۇ .

1›مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .
2›ئەمدى تىرىشمىسام نەپىرەتتىن ئۆلۈپ كىتىشىم مۇمكىن.

ساپا يوقتا ۋاپا يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1809
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5919
تۆھپە نۇمۇرى: 466
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-1 05:07:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز خاتا كۆرۈپ قاپسىز تۇركارىز  ئەپەندىم ، ھىچيەردە ئۆگەي ئانا خەقنىڭ بالىسىنى ئەتىۋارلىمايدۇ ، ناۋادا ئەتىۋارلىدى دىگەندىمۇ ئۇ چوقوم تۇغماس خوتۇن بولسا كىرەك ، بالىسى بولمىغاچقا ئىرىنىڭ بالىسىغا مىھرىنى بىغىشلايدۇ ، شۇنداققۇ ھە ؟

سەۋرنىڭ تىگى ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2866
يازما سانى: 900
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12178
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 12920 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-1 05:08:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇ خەۋەرنى ئوقۇپ بولۇپ يىغلاپ سالغان ئىدىم....بالىلارنى تىرىك يىتىم قىلمايلى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش