مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 722|ئىنكاس: 7

ئەڭ ياخشى نەرسىلەر قەيەردىن كىلىدۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەلكىم تاشلار بى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3498
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9103
تۆھپە نۇمۇرى: 456
توردا: 839 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 02:52:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 

ئەخمەت ھەر كۈنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ خىياللار قوينىغا غەرىق بولۇپ كىتەتتى . ئۇنىڭ كاللىسىدا ئۇزۇندىن بىرى شۇنچە شېرىن بىر چۈش ھۆكۈم سۈرۋاتاتتى . ئۇ توساتتىنلا بىر بەگزادىگە ئايلىنىپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىپ ياتاتتى . ئۇنىڭ كۆزى يۇمۇلۇپ تۇيۇقسىزلا تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتى .
                          
<<  ئېگىز تىكلەنگەن تەكىرگە يۆلۈنۈپ تۆت قات كۆرپىنىڭ ئۈستىدە ھوزۇرلۇنۇپ ياتاتتى . نۇرغۇن دىدەكلەر ئۇنىڭ چۆرىسىدە پايپىتەك بولۇپ يۇرۇشەتتى . ھەر خىل نازۇ - نىممەتلەر ئەخمەتنىڭ ئالدىدا ئېشىپ - تېشىپ تۇراتتى . خالىغىنىنى يەپ ، خالىمىغىنىنى قايتۇرۋىتەتتى . كىيىملىرىنى كىيگۈزىدىغان تەييار خىزىمەتكارلار .... >> شېرىن چۈش ئاخىرلاشتى . ئەخمەت يەنە  ئۇ شېرىن چۈشتىن ئويغۇنۇپ كەتتى . بىكارچىلىقتا يەنە شېرىن چۈشنىڭ ئاخىرىنى تاتلىق خىياللار بىلەن باغلاشقا باشلىدى .

دادىسى بەختىيارنىڭ كايىشلىرى ، ئاپىسى خانقىزنىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە چىرايلىق يىلىنىپ تەربىيە قىلىشلىرى ئەخمەتكە يەنىلە كار قىلمايۋاتاتتى . ئۇ تولۇقسىزنى ئاران ئوقۇپ پۈتتۈرگەن ئىدى . ئاتا - ئانىسى ئۇنى مەيلىگە قۇيۇپ بەرگەن بولسا ئۇنىڭ تولۇقسىزنىمۇ ئوقۇغۇسى يوق ئىدى . ئۇ پەقەت بەگزادىلەرچە ياشاشقىلا ئىنتىلەتتى . بىر كېچە ئىچىدە بەگزادە بولۇپلا ئورنىدىن تۇرۇش ئۇنىڭ بىردىنبىر گۈزەل ئازۇسى ئىدى . ئۇ ئىشلەپ ئەمگەك قىلىشنى ، ئۈگۈنۈپ بىلىم ئېلىشنى قەتئىي خالىمايتتى .

  ئاپىسى خانقىز بىر كۈن ئۇنىڭ ئارقىغا كىرىۋېلىپ يۇرۇپ ، ئاران دىگەندە ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئىدى . ئاپىسى ئۇنىڭ بارلىق ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ، بەگزادە خىياللىرىنى بىلدى . ئاپىسى ئەخمەتنىڭ بۇنداق قۇرۇق خىيالدىن باشقا ھىچ نەرسىگە ئىنتىلمەيدىغانلىقىنى ئايلاپ تولىمۇ گاڭگىراپ قالدى . بىردىن -  بىر ئەتىۋارلىق ئوغلىنىڭ بۇنداق بىمەنە خىياللىرى ئۇنى قاتتىق چۆچۆتۈپ قويغان ئىدى . ئاپىسى ئوغلىدىن غەم قىلىشقا ، ئۈمۈتسىزلىنىشكە باشلىغان ئىدى .

  تۇن نىسپى بولغان بولسىمۇ ئاپىسىنىڭ يەنىلا ئۇيقۇسى كەلمەيۋاتاتتى ، ئۇيا ئۆرۈلۈپ - بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايۋاتقان دادىسى بەختىيارغا ئوغلى ئەخمەتنىڭ خىياللىرى ، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ بەردى . دادىسى بۇ گەپلدنى ئاڭلاپ نىمە دىيىشىنى ، نىمە قىلىشىنى بىلمەي قالدى - دە . تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ چوڭقۇر - چوڭقۇر تارتىشقا باشلىغان ئىدى . قولىدا خېلە ھوقۇقى بار ، يۇز - ئابرۇيلۇق كىشى ئەمدىلىكتە ئەتىۋارلىق ئوغلىنىڭ بۇنداق يارامسىز بوپ قېلىشىنى نەدىنمۇ ئويىغان . مانا ئەمدى ئۇنىڭ بېشىغىمۇ ئېغىر بىر دەرت كەلگەن ئىدى . ئەلۋەتتە ئوغلۇنىڭ بۇنداق ئۆتۇپ كىتىشىگە قاراپ تۇرغۇسى يوق ئىدى .

دادىسى كۈندە خىزمەتكە بېرىپ - كىلىپ ، زەر خىل كاتتا زىياپەت سورۇنلىرىدا ئۆزىنى شۇنچە خوشال ،  مەغرۇر تۇتۇپ ئولتۇرسىلۇ يەنىلا ئوغلى ئۈچۈن باش قاتۇراتتى . ياخشىراق بىر چارە تېپىشنى ئويلايتتى . بىچچارە ئاپىسىمۇ ئوغلىنىڭ غېمىدىلا قالغان ئىدى . نىمە قىلسۇن ، نەگە بارسۇن پەقەت  خىيالى ئوغلىدىلا ئىدى .  ئەخمەت بولسا يەنىلا بۇرۇنقىدەك ھىچ ئىش بىلەن كارى يوق . قورسىقى تويسىلا يانا ياتاق ئۆيىگە كىرىپ ئۆزىنىڭ يەنە شۇ تاتلىق ، شېرىن ، بەگزادە خىياللىرىنى قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى .

دادىسى بىر كۈنى بىر زىياپەت سورۇنىدا ئولتۇرۇپ بىر رىژىسور بىلەن تونۇشۇپ قالدى .رىژىسور پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ، يېڭى بىر فىلىم  ئىشلىمەكچى بولۇپ ئارتىس تاللاۋاتقانلىقىنى باش رولچى بەگزادىنىڭ رولىغا مۇۋاپىق كىلدىغان ئارتىس تاپالمايۋاتقانلىقىنى ئېتتى . بۇ گەپنى ئاڭلىغان دادىسىنىڭ ئىسىگە دەرھاللا ئوغلى ئەخمەت كەلدى - دە ، دەرھال ئۆيگە قايتىپ بۇ ئىشنى ئەخمەتكە ئېتتى . ئەخمەت دەسلىۋىدە بەگزادە دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ بۇ رولغا قىززىققان بولسىمۇ بىراق ئىشلەشنىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا يەنە بولدى قىلدى . لىكىن بۇ قېتىم ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ رايىغا بارماي ئۇنى ئېمتىھان بېرىپ بېقىش ئۈچۈن مەجبۇرلاپ ئېلىپ باردى . ئويلىمىغان يەردىن ئەخمەت بۇ رولغا توغرا كىلىپ تاللىنىپ قالغان ئىدى . شۇنىڭدىن كېيىن ئەخمەت بەگزادە تۇرمۇشىنى باشلىۋەتكەن ئىدى . ئەخمەت  < قىلمايمەن ، جاپالىقكەن ، ئىشلىمىسەم بولغۇدەك .... > دىگەندەك خىياللاردا بولۇپ  قاخشىغان بولسىمۇ ، يەنىلا بۇ بەگزادىلىكتىن ۋاز كەچكىسى كەلمەيتتى . شۇنداق  قىلىپ ئەخمەت بۇ ئورۇندىكى خىزمىتىگىمۇ كۈنۈپ قالغان ئىدى . فىلىم ئىشلەش ئۇنداق ئاسان ئىش بولمىغاچقا بۇ جەرياندا ئەخمەتمۇ ئاز بولمىغان جاپالارنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئىدى . خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە بولۇپ نۇرغۇن تۇرمۇش تەجىربىللىرىنى ، ئۆزىگە تايىنىشنى  ئۈگەنگەن ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەمگەك قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ، بىكار تۇرۇشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى .

فىلىم ئاخىرى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئاياقلاشتى . ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى بۇ فىلىمدىن تولىمۇ رازى بولغان ئىدى . فىلىم ئاخىرلىشىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ياخشى باھالارغا ئېرىشتى . كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى قوزغىغان ، كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن كىشى باش رولچى بەگزادە ئىدى . بۇ فىلىم ئاخىرلىشىپ  ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە بىر نەچچە قىلىم رىژىسورلىرى  ئەخمەتنى ئىزدەپ كەلدى . شۇنىڭدىن كېيىن ئەخمەت خېلىلا كۆزگە كۆرۈنگەن ئارتىس بولۇپ قالدى ، ئۇ بۇ كەسىپكە خېلىلا بېرىلىپ قالغان ئىدى . بۇنى كۆرۈپ ئەخمەتنىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ ئۇنىڭدىن رازى بولۇپ ئۇنى يېقىندىن قوللاپ ، قۇۋەتلەپ بەردى .

لېكىن ، كىم بىلسۇن . ئىش داۋاملىق ياخشى بولۇپلا كىتىۋەرمىدى . ئۇنىڭ ئوقۇش تارىخىي قىسقا بولغانلىقتىن بەزى ئىشلاردا ئۇ قېينىلىپ قالدى . ئارتىسلىققا شەرتى توشقان بىلەن بىلىم سەۋىيىسى يەتمىگەنلىكتىن ئۇ يەنىلە ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالدى . خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا ئالدىراش بولۇپ كۆنۈپ قالغان ئەخمەت بىكارچىلىقتا ئىچى پۇشۇپ ئاسانلا ئاچچىقلىندىغان بولۇپ قالغان ئىدى . بالىسىغا قاراپ بىچچارە ئاپىسىنىڭمۇ يۈرەكلىرى پارە - پارە بولۇپ كىتىۋاتاتتى . ئەخمەتنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا خېلە ياخشى خىزمەتلەرنى تاپقان بولسىمۇ  ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئەخمەتنىڭ سەۋىيىسىگە قاراپلا ئۇنى رەت قىلۋەتكەن  ئىدى . بۇنىڭدىن ئەخمەتنىڭ تېخىمۇ روھى چۇشۇپ كىتىپ باراتتى .

ئەخمەت توساتتىنلا بۇنداق ئولتۇرىۋىرىشنىڭ ياخشى چارە ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزلىگىدىن ئۆگۈنۈپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرمەكچى بولدى . ئۇ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئېمتىھانغا تىزىملىتىپ ،ماتىرياللانى سېتىۋېلىپ كىلىپ ئۆگۈنۈشكە كىرىشتى . ئۇنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىپ چىققىنىغا ھەش -پەش دىگغچە ئىككى  يىل  بولۇپ قالغاچقا ئۇ كىتاپلارنى ئېچىپلا گاڭگىراپلا قالدى نەدىن باشلاپ قانداق ئۈگۈنۈشنى ئۇقالمىدى. كىتاپلار ئۇنىڭغا ناتونۇش كۆرۈنۈپ سەل بوشۇشۇپ قالدى . لىكىن ، ئۇ يەنىلا بەل باغلاپ ئېمتىھانغا تەييارلىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى . بۇنىڭدىن ئاتا- ئانىسى تولىمۇ سۆيۈندى ۋە ئەخمەتكە بىر ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بەردى . ئاپىسى ئۇنىڭ ياخشى ئۈگۈنىشىگە تەسىر يىتىپ قالمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا ئەڭ قۇرەتلىك يىمەكلىكلەرنى ،ئۈچ ۋاق تاماقلىرىنى مول قىلىپ تەييارلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى . مانا كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئالىي مەكتەپ ئېمتىھانىمۇ ئاخىرلىشىپ قالغان ئىدى . ئەخمەتمۇ تاتقان جاپاسىغا چۇشلۇق ھوسۇلغا ئېرىشكەن ئىدى . ئۇنىڭغا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيۇرلۇق كەسپىدىن  چاقىرىق كەلگەن ئىدى . ئۆزى مېھرى چۈشكەن كەسىپتىن چاقىرىق كەلگىنىگە ئەخمەت ناھايىتى خۇشال ئىدى . ئاتا - ئانىسىمۇ ئوغلىنىڭ بۇ خوشاللىققا تەڭ جۆر بولدى .

ئۇ شۇنداق قىلىپ بىر تەرەپتىن ئوقۇپ ، يەنە بىر تەرەپتىن يەنە فىلىملادا رول ئېلىپ يۈردى . ئۆزىنىڭ بۇ تۇرمۇشىدىن ئۇ تولىمۇ رازى ئىدى . خىزمەت ۋە ئۈگۈنۈش بىرلەشكەن بۇ  تۇرمۇش ئۇنىڭغا تېخىمۇ خۇشاللىق ، بەخىت ئېلىپ كەلگەن ئىدى . ئۇ ئۆتكەن ھەر بىر كۈنىدىن تولىمۇ رازى ئىدى .

شىكەر شەنبە ئۇ ئاران بىر ئارام ئالغان ئىدى . ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاچ تاماقلىرىنى يەپ ، بىردەم چوزۇرلۇنۇپ ئارام ئېلۋېلىش ئۈچۈن ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى . ئۇنىڭ بىكار ياتقۇسى كەلمەي كىتاپ جازىسىدىن تېخى يېڭىلا سېتىۋېلىپ ئوقۇشقا ئۈلگۈرمىگەن بىر پارچە كىتابنى ئالدى . كىتابنىڭ بىرىنچى بېتىنى ئېچىپلا ئاپتۇرنىڭ << ئەڭ ياخشى نەرسىلەر بىلىم ۋە ئەمگەكتىن كىلىدۇ . >> دىگەن خېتىنى كۆردى . ئۇ بۇ سۆزنى ئوقۇپ چوڭقۇر خىياللارغا چۆكۈپ كەتتى .  بۇرۇنقى ئۆتكەن كۈنلىرى كۆز ئالدىدىن خۇددى كىنو لىنتىسىدەك بىر -بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى . ئەخمەت ئۆزىنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەخمىقانە بەگزادە خىياللىرىنى ئويلاپ ئۆز - ئۆزىنى مەسخىرە قىلغاندەك مىيىغىدا كۈلۈپ قويدى - دە ، قولىدىكى كىتابنى ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتى . كىتابنى ئوقۇپ بولۇپ كىتابنى يېپىپ يەنە نۇرغۇن خىياللارغا چۆكۈپ كەتكەن ئىدى . ئۇ ئۆز ھاياتى ، ئۆتكەن كۈنلىرى ھەققىدە يەكۈنلەپ چىققان ئىدى . ھاياتتا ئەڭ ياخشى ياخشى نەرسىلەر ، گۈزەل ۋە مەنىلىك تۇرمۇش يەنىلا ئەمگەك قىلىش ، بەدەل تۆلەش ، توختىماي تىرىشىپ بىلىم ئىگىلەشتى كىلىدىغانلىقىنى ۋە يەنە تۇرمۇش تەجىربىللىرىنى قىسقىچە قىلىپ كۈندۈلۈك خاتىرىسىگە تىزىپ قويۇپ ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى .



< تامام >                                

مەنبە : ئۆز قەلىمىم .{غۇنچە}

ھەممەيلەنگە بەخىت سائادەت يار بولسۇن !!!!

ئانام دەردى مەند

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10381
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8644
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 1076 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2014-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 11:27:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەگزادە تەسۋىرلەنگەن بىرەر كىنو كۆرگىنىم ئىسىمدە يوقيا....راس بولغان ئىش ئەمەستۇ ```؟

ئانام دەردى مەندە ئېدى ،مىنىڭ دەردىم كىمدە گۈلۈم````

بەلكىم تاشلار بى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3498
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9103
تۆھپە نۇمۇرى: 456
توردا: 839 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 11:43:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1-قەۋەت (guitar) نىڭ يازمىسىغا

ھى ، ھى ، ھى ... راست بولغان ئىشقۇ ئەمەس . لىكىن ئۆز قەلىمىمدىن چىققان ئىش . [s:132]

ھەممەيلەنگە بەخىت سائادەت يار بولسۇن !!!!
子弹 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 12:28:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 01:44:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<ئەڭ ياخشى نەرسىلەر بىلىم ۋە ئەمگەكتىن كىلىدۇ >
ياخشى يېزىپسىز ،  ئاللاھ نىسىپ قىلسا شىرىن خىياللىرىمىز بىر كۈنلەر روياپقا چىققۇسى!

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

سەھرايى-تارىم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2051
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11459
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 3125 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 02:19:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىيال سۈرۈش كىسىلى باركەن بۇ بالىنىڭ [s:180]

ئاتايمۇ؟~~~ دىدى خوجىنىياز پالگان...
   ئات~~~~~ دىدى تۆمۈر خەلپە...

ئۈزىڭنى ئەر چاغلىساڭ ئۆزگىنى ش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4943
يازما سانى: 1391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12980
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1578 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 10:53:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىيالنى كۆپ قىلىۋەتسە  نىرۋا كادىن چىقىپ قالىدۇ جۇما  [s:152]

جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.

مىنىڭ ئاتىمنى قۇيۇپتۇ ئاتام ھەيدەر،
دۈشمەن قىزىنى ئەسىر ئالمىسام ئاللاھۇ ئەكبەر!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88136
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 848
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2014-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 10:08:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  نەرسە  ياخشى  قەلىبتىن  كىلىدۇ  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! دوستلار، ياخشىمۇ سىلەر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش