مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 461|ئىنكاس: 4

خەيىر گۈلۈم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3013
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8002
تۆھپە نۇمۇرى: 669
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 01:24:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ مەمۇرۇق ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئۆز يۇرتىدىن 600 كىلومىتىر يىراقلتىكى بىر شەھەرگە بۆلۈنگەن تۇرسۇن بۈگۈن ئاپىسى بىلەن تاكاللىشىپ قالدى.
-بالام تىزراق بول كىچىكىپ كالسىەن.
- مىنىڭ بارغۇم يوق ئاپا، مىنى بولدى زورلىمماڭ. مىنىڭ ئۇ يەرگە بارغۇم يوق، ئۇ شەھەردە يا تونۇشلىرىم، دوسىتلىرىم، تۇققانلىرىم بولمىسا ،مىنىڭ قانداق تۇرغۇم كىلىدۇ. بولدىلا خىزمەت قىلمىسام قىلمىدىم.
-بالام ئۇنداق دىمە ،ھازىر خىزمەت تاپماق بەك تەس، بىرىپ خىزمەتكە چۈشۈپ تۇر، ئۇنىڭغىچە بىز يول مىڭىپ سىنى يۆتكەپ كىلىمىز.
-بۇ گىپىڭىز راسىتما
-شۇنداق ئوغلۇم راسىت. مىنىڭمۇ يۈرۈگۈم چىدىمايدۇ سەن بولمىساڭ، نىمە ئامال، چىداپ ئۆتمەكتىن باشقا ئامال يوق. ئۇزاققا قالماي سىنى يۆتكەپ كلىمىز.
-ماقۇل.
بۇ ناتونۇش شەھەر تۇرسۇننىڭ ئىرادىسىنى تىخىمۇ بوشاشتۇرۋەتتى. خەپ بىر يىل بولسۇنچۇ قىنى بۇ شەھەردىن كەتمىسەم. ئۇ خىزمەت ئورنىغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولۇپ ئىشخانىسىغا كىردى. ئىشخانىغا ئىدارە باشلىقى جۈرەتمۇ بىللە كىرىپ :
-بۇ سىنىڭ ئىشخاناڭ بۇ سىنىڭ ئورنۇڭ بۇ يەردە يەنە بىر قىزچاق ئىشلەيدۇ، ئىككىڭلار ياش بولغاندىكىن چىقىشىپ ئۆتۈڭلار. ئۇ خىزمەتتە بەك ئەستايىدىل، ياخشى قىزچاق. ئۇنىڭدىن ياخشى ئۈگەن. ئۇ بۈگۈن دەم ئىلىش قىلغان ئەتە ئىشقا كىلىدۇ-دېدى.
-بولىدۇ ماقۇل ئىدارە باشلىقى
دەپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ جاۋاپ بەردى تۇرسۇن.
ئەتىسى ئىشقا كىلىپ ئىشخانىغا كىردى، يۈزى يۇمىلاق، قارامتۇل، ئۇزۇن چاچلىرىنى ئۆرەم قىلىپ ماتىرىيال يىزۋاتقان بىر قىزچاقنى كۆردى.
تۇرسۇن ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم، بۇ گەپنى ئاڭلىمىدى قىزچاق، قايتا تەكرارلىدى، يەنىلا سادا يوق.
تۇرسۇن كىرىپلا قىزچاقنىڭ دۈمبىسىگە بىرنى شاپاللاپ ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دەپ ۋاقىردى. قىزچاق ۋاي نىمە ئىش قىلۋاتىدۇ ماۋۇ سەھرالىق.
تۇرسۇن ۋاي شەھەرنىڭ كىندىكىدىن چوڭ بولغان قىزچاق قۇلىقىڭىز گاس ئىكەن شۇڭا ئۈنلۈك گەپ قىلدىم.
ئەجەپمۇ بىر ئەدەبسىز قىز چاق بىلەن بىر ئىشخانىغا كىرىپ قاپتىمەنا. ھا ھا ھا دەپ كۈلۈپ قويدى تۇرسۇن.
قىزچاق ئاچچىقتىن ئىغىزىنى ئۈمچەيىتكىنىچە تۇرسۇنغا بىرنى ھومۇيۇپ قويۇپ ئىشىنى قىلىۋەردى.
بىر كۈنى تۇرسۇن ئىشخانا ئاچقۇچىنى يۈتۈرۈپ قويىدى،
ئۇ قىزنىڭ ئىسمى رەيھان بولۇپ تۇرسۇن رەيھانغا ئاچقۇچىڭىزنى بىرىڭ مەن قىيدۇرۋالسام .\بوپتىكەن.
رەيھان بولمايدۇ. ئەتە مەن كىپ بولغۇچە ساقلاڭ.
دەپلا ئىشتىن چۈشۈپ كەتتى
ئەتىسى رەيھان ئىشخانىغا كىرىپ تۇرسۇننى كۆردى. ئۇ تۇرسۇننى تازا بىر ساقلىتاي دەپ ئىشقا بىر سائەت كىچىكىپ كەلگەن ئىدى. دەرۋازىدىن كىرىپ بولغۇچە بىر سائەت يوق بولدى.
ئىشخانىغا كىرىپ بولغۇچە ئىدارە باشلىقى رەيھان مەن سىزگە تۈنۈگۈن بەرگەن خۇلاسە ماتىرىيالىنى بىرىڭ سەل تۇرۇپ يىغىندا ئوقۇيتتىم. ماقۇل ھازىرلا ئاچىقىپ بىرەي. ھە بولىدۇ.
ئۇ ماتىرىيالنى قولىغا ئالمىغان ئىدى. ئۇ ئالدىراپلا ماتىرىيال يىزىشقا تەمشەلدى.
-تۇرسۇن بولدى ئاۋارە بولماڭ مەن تەييارلاپ قويغان، مانا ماتىرىيال. سىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭىزنى ئويلىغان ئدىم، ئىچىڭىز بەك تار ئىكەن. مەندىن ئۈگۈنۈڭ بولامدۇ.
رەيھان ماتىرىيالنى تۇرسۇننىڭ قولىدىن ئالدى دە ئىدارە باشلىقىىنىڭ قىشىغا كىرىپ تاپشۇرۇپ بىرىپ يىنىپ چىقتى.
ئۇ ئولتۇرۇپ بولغۇچە ئىدارە باشلىقىمۇ چاقىرىپ ئۈلگۈردى. ئۈلگۈردى.
-بۇ قانداق ماتىرىيال، خۇلاسە ماتىرىيالى مۇشۇنداق بولامدۇ. ئىچىدىكى سان-سىفىرلار نەگە كەتتى. بىزنىڭ ئىدارىنى ھېچ ئىش قىلمىغاندەكلا يىزىپ قويۇپسىزغۇ؟ ساراڭمۇ سىز، مەتۇ ئىكەنسىز، سىزنى ئەستايىدىل دىسەم. ئىشخانامدىن تىز يوقۇلۇڭ، قايتا يىزىپ كىرىڭ.
-ماقۇل، مەن ھازىرلا يىزىپ ئەكىرىپ بىرەي.
رەيھان ئاچىقتا ئىدرە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقتى.
رەيھاننىڭ ئەلپازىنى كۆرگەن تۇرسۇن تازا قاقاقلاپ كۈلۈشكە باشلىدى. ئىدارە باشلىقى كىرىپ تۇرسۇننى چاقىردى:
- تۇرسۇن خۇلاسىنى سىز يىزىڭ.
تۇرسۇن كۈلكىسىنى بىسىقتۇرالماي ئىچىدە پىخىلداپ كۈلۈشكە باشلىدى لىكىن ئاۋازى چىقىپ كەتتى.
ئىدارە باشلىقى تۇرسۇنغا :
- نىمانداق تولا كۈلىىسىز. ئاچچىقىمنى بىسىقتۇرالماي تۇرسام ھە تىز بولۇپ تەييارلاپ بىرىڭ-دېدى .
تۇرسۇن ئىشخانىغا كىرىپ تازا بىر كۈلۋالغاندىن كىيىن يىغلاپ تۇرغان رەيھاننى كۆردى.
- ھە بولدى يىغلىماڭ رەيھان، ھا ھا ھا. ئەجەپمۇ كۈلگۈم كەلدى.
ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ئاۋازىنى ئاران چىقاردىيۇ يەنە كۈلگىسى كەپ كەتتى.
- سىزمۇ ئەجەپ دوتكەنسىز، ماتىرىيالغا قاراپ باقمايلا ئاچىقاندىكىن دوت، قاقباش،
رەيھان:
-  سىز نىمانداق شۇملۇق ئويلايسىز. سىزنى خىلى سەمىمى دەپ ئويلىسام نەدىكى بىر قارا نىيەت ئىكەنسىز.
مەن توغرا يىزىپ قويغان ماتىرىيال ماۋۇ ئىدى. باشلىق ھېلىمۇ سىزنى تىللىماپتۇ.نىمە دىدىڭىز. سىز خۇلاسە ماتىىرىيالىغا نىمە يازغان. جىددى تەلەپپۇزدا سورىدى رەيھان.
- ئالدىڭىزدا بار ئوقۇپ بىقىڭ!
رەيھان بىر نەچچە قۇرنى ئوقۇپلا ئاچىقىدا تۇرسۇنغا قارىدى.
تۇرسۇن ھا ھا ھا دەپ كۈلۈشكە باشلىدى.
- تۇرسۇ ن ھە ماۋۇ ماتىرىيالنى ئۆزىڭىز ئاچىقىپ بىرىپ ئىدارە باشلىقى ئالدىدا خاتالىقىڭىزنى تونۇڭ.
- ياق سىز ئاچىقىپ بىرىڭ ، مەن ئىدارە باشلىقى ئالدىغا كىرمەي.
بۇ ئىككى ياش مانا-مۇشۇنداق ئۇرۇش-جىدەل بىلەن ئۆتەتتى.
بىر كۈنى تۇرسۇن رەيھانغا :
- رەيھان ئەگەر مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالسام قانداق قىلىسىز
- رەيھان ياخشى كۆرسىڭىز كۆرمەمسىز. مىنىڭ نىمە ئىشىم.
- سىزمۇ مىنى ياخشى كۆرەمسىز؟
- رەيھان تازا بىر كۈلۈپ ھا ھا ھا سىزنىما؟ سىزنى كىممۇ يارىتار، مۇشۇ قىلىقلىرىڭز بىلەن ھا ھا ھا
تۇرسۇن:
-  دەپ قويسام تېخى سىزنى كىم يارىتىدۇ. پىيالىدەك ئىغىزىڭىز. تاۋۇزدەك يۈزىڭىز. دىۋىنىڭكىدەك كۆزىڭىز تۇرسا شۇ چىرايىڭىز بىلەن تېخى ئوغۇللار مىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ دەپ ئويلىغانما ؟ ئىشەنمسىز. سىز بىر ئۆمۈر ياتلىق بولالماي ئۆتۈپ كىتىسىز ھا ھا ھا .
رەيھان تۇرسۇنغا چەكچىيىپ بىرنى قارىۋىتىپ، چوڭقۇر بىرنى تىنۋىتىپ ئاندىن ئىشىنى قىلىۋەردى.
بىر كۈنى تۇرسۇن دوسىتلىرى بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇش قىلىپ قالدى.
دوسىتلىرى :
-  ھەي تۇرسۇن ئىشخاناڭدا سەن بىلەن بىرگە ئشلەيدىغان بىر قىز بار ئىكەن ئۇ بەك چىرايلىق ئىكەن. يەنە بىر دوستى ھە قانداق ئۇنى ئىندەككە كەلتۈردىڭمۇ يا؟
- تۇرسۇن بولدى تولا گەپ قىلماڭلار.
يەنە بىر دوستى : -  ئۇنى تېخىچە ئىندەككە كەلتۈرەلمەپسەندە.
يەنە بىرسى: -  ھەي سەن قىزلارغا قىزىقمامسەن يا
ھەممىسى تەڭلا كۈلىشتى.
تۇرسۇننىڭ ئاچچىقى كىلىپ: -  بولدى قىڭلار. بولمىسا مەن قايتاي.
- ۋاي نىمانداق گەپ قىلىسە ساڭا چاقچاققمۇ قىلغىلى بولمامدۇ نىمە؟
تۇرسۇن ئولتۇرۇشتىن قايتتى.
ئۆزىگە مەن تېخى رەيھاننى ئىندەككە كەلتۈرۈشنىڭ قويىدا يۈرەمتىم. ئۇنى كىممۇ يارىتار. ۋاڭ تاڭ كىم بىلىدۇ.
ئەتىسى رەيھان ئىشقا كەلمىدى. تۇرسۇن ئۆزى يالغۇز ئىشلىدى. ئارىدىن 5-6 كۈن ئۆتۈپ كەتتى. رەيھان ئىشقا يەنە كەلمىدى.
تۇرسۇن ئىدارە باشلىقىدىن سورىدى..
-  ئۇنىڭغا ھەپتىلىك دەم ئىلىش بەرگەن ھەپتىنىڭ 1 ئىشقا چۈشىدۇ.
ھە.
تۇرسۇن رەيھان يوق كۈنلەردە بىر نىمىسىنى يوقۇتۇپ قويغاندەك، قىلىدىغان ئىشىنى تاپالمايۋاتقاندەك، كۈنلىرى بەك مەنىسىزدەك ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ئۆزىچە ئويلاپ قالدى. مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالمىغاندىمەن ھە ئۇ يوق كۆڭلۈم بىر قىسما بوپ قالدىيا.
ئۇنداق بولماس.
تۇرسۇنغا ئاپىسىدىن تىلىفۇن كەلدى :
- ھە ئوغلۇم بۇ تەرەپتىكى ئشلار پۈتكەن ئىدى يۆتكىلىشكە سەنمۇ تەييارلىق قلىپ قوي ھە ئوغلۇم.
تۇرسۇن :
- بۇ تەرەپتىكى ئىشلار بەك ئالدىراش. ھازىرچە تۇرۇپ تۇرسۇن بولامدۇ ئاپا.
- ھە ماقۇل. سەن قاچانلا تىلىفۇن قىلساڭ بولىۋىرىدۇ.
ھەپتىنىڭ بىرى ئىدى. تۇرسۇن ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ رەيھاننىڭ تىزراق قىلىشنى كۈتتى. بۇ خىل ھېىسىياتنى ئۆزىمۇ ھېس قىلالمايۋاتاتتى.
رەيھان كەلدى. رەيھان ئىشىنى قىلۋاتقاندا تۇرسۇن ئىستاكاندا ئۇنىڭغا چاي تۇتۇپ : -  چاي ئىچۋىلىڭ.
- رەيھان ھوي نىم بولدى سىزگە ماڭا ئەجەپمۇ يىقىنچىلىق قىلىپ كەتتىڭىزيا؟
- ئۇنداق ئەمەس مەن ئادەتتە شۇنداققۇ؟
رەھمەت دەپ چاينى ئالدى.
ئارىدا ئاشىق-مەشۇقلار كۈنى يىتىپ كەلدى.
ئەتىگەندە تۇرسۇن بىر تال گۈلنى رەيھانغا تەڭلىدى. ئاشىق-مەشۇقلار كۈنىىڭىزگە مۇبارەك.
-رەھمەت بۇ گۈلنى قوبول قىلالمايمەن.
- نىمىشقا؟
- مىنىڭ ئوغۇل دوستۇم بار.
- ئەجەپ مەن بىلمەيدىكەنمەنغۇ؟
- سىزگە دوكىلات قىلامتىم.
- ھە بىلدىم. كەچۈرۈڭ.
- ئەگەر بۈگۈن دوستىڭىز گۈل ئەكەلمىسە مىنىڭكىنى قوبول قىلىسىز.
- كەچ بولدى لىكىن يەنىلا رەيھانغا گۈل كەلمىدى.
تۇرسۇن قولىدىكى گۈلنى رەيھانغا تەڭلىدى. رەيھان رەت قىلدى.
ئەتىسى ئەتىگەندە رەيھاننىڭ ئۈستىلىگە بىر تال ئەتىر گۈل پەيدا بوپ قالدى. رەيھان تۇرسۇندىن سورىدى:
-  بۇ گۈلنى سىز ئەكەلگەنما؟
- ياق.
رەيھان گۈلنى ئىلىپلا ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتى.
تۇرسۇن گۈل سوۋغا قىلىشنى تاشلىمىدى. ھەر كۈنى بىر تال گۈلنى رەيھاننىڭ ئۈستىلى ئۈستىگە قويۇپ قوياتتى.
رەيھان گۈلنى ئىلىپلا ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋىتەتتى.
بۇ چاغدا تۇرسننىڭ يۈرىكى ئىچىشسىمۇ، ئاچچىقى كەلسىمۇ چىداپ ئولتۇراتتى.
بىر كۈنى تۇرسۇن رەيھانغا :
-  رەيھان مەن سىزگە سەمىمى گەپ قىلاي سىزمۇ سەمىمى جاۋاپ بىرىڭ.
بۇ قىتىم مەن سىزدىن ھەقىقى گەپ سورىدىم.
- قىنى دەڭ؟
- ماڭا قانداق قارايسىز؟ بۇ چاقچاق ئەمەس. ھەقىقىي جاۋاپ بىرىڭ.
- سىز ياخشى بالا.
- مىنى ياقتۇرامسىز؟
- كەچۈرۈڭ.
- سىزنى ياخشى كۆرسەم قوشۇلامسىز؟
- بۇ مومكىن ئەمەس بولدى.
تۇرسۇن سىرىتقا چىقىپ ئاپىسىغا تىلىفۇن قىلدى.
-  ئاپا رەسمىيەتلەرنى ماڭا ئەۋەرتىپ بەر.
-  ھە بولىدۇ ئەتىلا ئەۋەتىپ بىرىمەن.
تۇرسۇن ئەتىسى رەسمىيەتنى قولىغا ئالدى ۋە ئۇدۇل ئىدرە باشلىقىنىڭ ئالدىغا كىرىپ ، رەسمىيەتلەرگە قول قويۇپ بىرىشنى ئىيىتتى. ئىدارە باشلىقى قول قويۇپ بولغاندىن كىيىن:
-  قاچان قايتاي دەيسەن.
- ئەتىلا.
- ھە ئەمسە كەچتە بىر ئولتۇرۇش قىلىپ بەسەم بولغۇدەك.
- بولدى رەھمەت ئىدارە باشلىقى كۆڭۈللىرى تىگىل بولدى. سىلىنى ئاۋارە قىلماي.
- ھە بولىدۇ. ئەمسە قايتىپ بارغاندىن كىيىن ياخشى ئىشلە خىزمەتنى سەندە ئۈمىد زور. مىنى ئۇنتۇپ قالما.
ئاللاھ بۇيرىسا سىلىنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.
ئۇ ئىدراىدىن چىقىپلا ئۇدۇل گۈل دۇكىنىغا بىرىپ بىر ھەپتىلىك گۈلنى ئالدىن زاكاس قىپ قويۇپ ياتىقىغا قاراپ ماڭدى.
ئۇ ئەتىسى ئىشخانغا كىرىپ رەيھانغا بىرنى قارىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭغا :
-  ھەي شەھەرلىك، شەھەرنىڭ كىندىكدە چوڭ بولغان قىزچاق. خىزمەتنى ياخشى ئىشلەڭ. سىزگە بەخىت تىلەيمەن.
- رەيھان بۇ نىمەگەپ ئەجەپ بىر گەپ قىلىسىزيا؟
- ھېچ ئىش يوق مۇنداقلا دەپ قويدۇم.
تۇرسۇن ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى.
كۈندە ئەتىگەندە بىر تال گۈل رەيھانغا يەتكۈزۈلۈپ تۇردى. رەيھان گۈلنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋىتىپلا تۇراتتى.
لىكىن كۈندە تۇرسۇننىڭ يوقلىقى رەيھانغا بىلىنىشكە باشلىدى. ئۇ بىر نەرسىنى يوقىتىپ قويغاندەك. بىر نەرسىنى تاپالمايۋاتقاندەك، بىر نەرسىسى كەمدەكلا ھېس قىلاتتى.
ئەتىسى ئەڭ ئاخىرقى بىر تال گۈلنى كۆتۈرۈپ كىرگەن گۈلچى قىزنى كۆرگەن رەيھان قىزدىن سورىدى:
-  قىزچاق بۇ گۈلنى كىم ئەكىلىپ بىرىشنى ئيىتتقان
- تۇرسۇن دىگەن ئاكاش سىزگە ئەكلىپ بىرىشنى ئىيىتقان.
رەيھان قىزنىڭ قولىدىن گۈلنى ئالغاندىن كىيىن دېرىزدە ئالغا بىرىپ يىراقلارغا قاراپ سۈكۈتتە تۇرۇپ قالدى. ئۇ بىردە ئەخلەت ساندۇقىغا بىردە قولىدىكى گۈل، يەنە بىردە تۇرسۇننىڭ ئۈستىلىگە قارىدى.
ئۇ شۇنى ھېس قىلدىكى تۇرسۇن يوقالغان كۈندىن باشلاپ بۇ ئىشخاندىمۇ كۈلكە چاقچاق يوقىغان ئىدى. ئىشخانىنى جىمجىتلىق قاپلىغان ئىدى. رەيھان تىزدىن ئەخلەت ساندۇقىغا قارىدى ۋە ئەخلەت تۆككەن جايغا قاراپ يۈگۈردى. ئۇ يوقالغان سۆيگۈنى قايتا تىپىۋالماقچىمۇ ياكى كىملەردىن سۆيگۈ سوراش ئۈچۈن سۆيگۈ قەلەندىرى بولۇپ ماڭدىمۇ بۇنى بىر نىمە دىگىلى بولمايتتى.
***************************************************************************************
دۇنيادە ھەقىقى مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ پەقەت ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتى.
كىشىلەر قەلبىدىكى مۇھەببەت ئۇ پەقەت شەخسىيەتچىلىك قىلىغان مۇھەببەت.
مەنبە: ئىجادىيتىم

كشى بىلەن نېمە ئ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32527
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2272
تۆھپە نۇمۇرى: 119
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2011-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 02:13:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنىغۇ بەك ياخشىكەن،بىراق قۇر ئايرىلىشى توغرا بولماپتۇ،بەزى جايلارنى قايتا-قايتا ئوقۇپ ئاندىن چۈشەندىم. داۋاملىق تىرىشىڭ!!!

مىھرىبان ئانام 

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32274
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5242
تۆھپە نۇمۇرى: 213
توردا: 6010 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 03:00:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تالانت+تىرىشچانلىق+پۇرسەت=مۇۋەپىقىيەت                                                     پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇپتۇ دە.......... [s:161]

 ئۇستاز ئۈگىتەلمىگەننى مۇھتاجلىق ئۈگىتىدۇ.

ئەتە دىگەن سۆزدە

پائالىيەتچان ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5357
يازما سانى: 3827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90095
تۆھپە نۇمۇرى: 1260
توردا: 5717 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 05:23:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى  بەك  ياخشىكەن........ بىراق  سەل  چىچىلاڭغۇ  بوپ  قالدىمۇ  قانداق [s:132]

سىرلىق سەنئەتلىك لايىھەلەش سىتودىيسى.

نېمىلەرنى ئويلا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2529
تۆھپە نۇمۇرى: 253
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-12 01:08:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپ سىز  داۋاملىق تىرشىڭ. [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:122]  [s:173]  [s:173]

مۇھەببەتنى قەدىرلەڭ ،ئۇسىز گە مەنسۇپ چاغد قەدىرلىمەي،يۇقاتقاندا بېشڭىزنى تاشقا ئۇرسىڭىزمۇ،بېشڭىز ئاغرىيدۇ خالاس باشقا پايدىسى يوق شۇڭا ئۇنى قەدىرلەڭ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش