مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 464|ئىنكاس: 7

مۇھەببەت نېمە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

bahtimni bir alladin tilayman

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16372
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4365
تۆھپە نۇمۇرى: 272
توردا: 5028 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2012-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 01:16:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     مۇھەببەت_ئىنسانغا بېرىلگەن ئەڭ يۈكسەك نېمەت.بۇ نېمەتكە يېتىشمەك ئۈچۈن شۇنىڭغا لايىق كۆتۈرۈلۈش،مۇناسىپ بولۇش دەرىقىسىگە تېتىشمەك كېرەك.
     مەن بۇ يەردە ئاۋۋالقى كىتابلىرىمدا يېزىلغان شۇ ماۋزۇدىكى سۆزلىرىمنى ئەينەن كەلتۈرۈشنى لايىق كۆردۈم:
     گېزىتتە<<سۆيگۈ نېمە؟>>دېگەن سۆھبەتتە دېيىلگەن گەپلەرنىڭ ئاخىرىدىكى ئۆز ئىسمىمنى ئوقۇپ ئەجەبلەندىم.پىكىر مېنىڭكى،ئەمما بايان ياتلارنىڭ ئىدى. ئېيتىلىشىچە،قايسىدۇر گېزىتتىكى بىر مۇخبىر قىز كۆچۈرۈپ بېسىپتۇ.بۇماقالە بىر شېئىرىمنىڭ نەسرىي ئىپادىسى ئىدى.رەنجىگەن جايىم مۇخبىر قىزنىڭ مەندىن سورىماي مېنىڭ نامىم بىلەن ئېلان قىلغىنى ئەمەس،شېئىرنى نەسرگە ئايلاندۇرغان كىشىنىڭ<<سۆز>>دېگەن نېمەتكە بەكمۇ ئېتىبارسىزلىقى بولدى.بۇ يېقىنى سورىسىڭىز،بىر مىسالدا <<سۆيگۈ>>سۆزى بىر نەچچە قېتىم تەكرارلانغان.ۋاھالەنكى،بۇ سۆز شېئىرنىڭ ئۆزىدە مۇتلەق تىلغا ئېلىنمايدۇ،نىھايەت دەيمەن،<<سۆيگۈ>>،<<مۇھەببەت>>دېيىش،دەپلا بېرىش شۇنچىلىك ئاسان بولسا،بۇنىڭ ئۈستىگە ئاشىق كىشىگە تىك قاراپ تۇرىدۇ.ئاخىر ئۇ سۆز ۋۇجۇدقا ئوت چۈشۈرگەن چوغقۇ، بۇ ئوتنى قانداقمۇ ئاسانلىقچە تىلغا ئالغىلى بولسۇن؟
    ھەقىقىي مۇھەببەت كەلسە، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدنى،روھىيەتنى،كىشىنىڭ رەڭ-تۈسىنى ئىگىلىۋالىدۇ، ئۇنىڭ ئىزھارى شۇ، سۆزگە ھاجەت يوق. مانا ئاشۇ شېئىر:

                              نىگاھىڭىز مېنى قىلسا بىر تىيىن،
                              تېڭىرقاپ قالاتتىم ئۇدۇلىڭىزدا.
                              بىردىنلا بار-يوقۇم ياراشماس ئىدى،
                              جاي تاپماي قالاتتىم قېچىشقا سىزدىن.
                              جىسمىم ئۇنۇتاتتى تەبىئىيلىكنى،
                              بۇ كىكەچ تىللىرىم مۇز بوپ قاتاتتى.
                              يا سۆزلەپ كېتەتتى نېمىلەرنىدۇر،
                              ئەقىللىق بىر تەنتەك بولۇپ قالاتتىم.
                              شۇ چاغدا،
                              قايتىدىن تاپماق ئۈچۈن بىرەر سۆزۈمنى،
                              سىزماق ئۈچۈن ياراتقۇچ قوللىرىم كۈچىن،
                              كۆرەي دەپ ئەسلىمىدەك ئۆزۈم-ئۆزۈمنى،
                              ئاخىرى قايتا پۈتۈن بولماسلىق ئۈچۈن_
                              بىر مەشئۇم چارىگە جۈرئىتىم يەتتى_
                              مەن سىزدىن كەچتىم...

     دۇنيادىكى جىمى مەۋجۇدات ھارارەتكە تەلپۈنۈپ ياشايدۇ،مۇھەبەتمۇ مىسلى قۇياش كەبى نۇر مەنبەسىدۇر.
     كۈنلەردەن بىر كۈنى مۆجىزە يۈز بەردى. ئادەملەر ئارىسىدىكى بىر كىشىدىن سىزگە نۇر چۈشۈۋاتقىنىنى تۇيىسىز، ئۇ پۈتۈن جىسمى-جىنىڭىزغا يېيىلىدۇ ۋە شۇ نۇر ئىچىدە ئۆمرىڭىزدە بىرىنچى قېتىم ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز كۆرۈشكە باشلايسىز. بۇ غەلىتە نۇر،بۇ موبارەك نۇر جىمى كەم-كۈتىڭىزنى نامايەن قىلىدۇ. جېنىڭىزدا قاتتىق ئۇيات تۇيغۇسى ئويغىنىدۇ. جان-جەھلىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنى سۆزلەشكە،بىراۋ بىلمىگەن ئەيىپلىرىڭىز،يوشۇرۇن خاتالىقلىرىڭىزنى يۇيۇشقا  چۈشىسىز.تەبىئىتىڭىز مۇلايىملىققا تارتىدۇ..ئىچ-تېشىڭىزدا ياخشىلىققا مايىللىق سادىر بولىدۇ،ھېلىقى نۇر سىزنى تىنماي تەقەپ ئېتىۋېرىدۇ، دىلىڭىزنى يورۇتقانچە يورۇتۇۋېرىدۇ. بارا-بارا ھاياتىڭىزدا ئىنىقلاب يۈز بېرىدۇ. ئادەملەر سىزدە شۇ كۈنگىچە بولمىغان يېڭى پەسلىنى كۆرۈشكە باشلايدۇ، ئەمدى سىز ئەتراپقىمۇيېقىشقا باشلايسز.
    شۇ مۇبارەك نۇر_ مۇھەببەتتۇر.
    سىزدىكى سادىر بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەر بولسا پاكلىنىشتۇر.
    ھەقىقىي ئىشققا يولۇققان كىشىلا مىنۇتسېرى پاكلىنىپ بارىدۇ ۋە ئۇ پاكلىنىپ بارىدۇ ۋە ئۇ پاكلانغانسېرى زېمىنغا قاراپ ئېگىلىپ بارىدۇ.ئېگىلگەنسېرى  ئەتراپتا ئۆزىگە قارىغاندا مىڭ مەرتەم  ئەلاراق نېمەتلەر بارلىقىنى،ئۆزىدىكى پەرز ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھېچ نەرسە ئەمەسلىكىنى ئويلاپ بارىدۇ.
   ئىنساننىڭ ئىقلىمى شۇنداق،تىنماي  ئۇنىڭدا ئەۋزەللىكلەر كەشىپ قىلىدۇ ،ھەر بىر سۆزى ۋە ئىشىدىن  مۆجىزە قىدىرىدۇ ۋە تاپىدۇ ھەم ئۇنى چوققىغا ئۆزى ئاچىقىپ قويۇپ، ئۆزى ئۇنىڭ ئاستىغا خاكسار يىقىلىدۇ، ئۇنىڭغا نالايىقمەن دېگەن ئەندىشە كۆڭلىگە كېلىۋېرىدۇ. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن  مەجبۇرىي ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشقا باشلايدۇ، ئۇدۇل كەلسە تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىدۇ. ئۆز ۋۇجۇدىنى ئەرزىمەس نەرسىگە ئوخشاش چېچىلىپ بېرىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. بۇ ھەرگىز<<كەمچىلىكلىرىم ئاشكارا بولۇۋەرسە ئۇنىڭغا ياقماي قالىمەن>>دىگەن قورقۇش ئەمەس،<<شۇنداق  بۈيۈكلۈكنى مېنىڭكى بولسۇن دەپ دەۋا قىلۋاتىمەنمۇ؟>>دېگەن ئەندىشە.<<ئۇ قۇياش،مەن زەررىمەن ،يېقىن كەلسە ئېرىپ يوق بولۇپ كېتىمەن >>دېگەن ئەنسرەش.مانا شۇ ھالەت مۇھەببەت سادىر قىلغان بۈيۈكلۈكتۇر.
         
                              <<تېخى ئىشقنىڭ باھاسىنى تاپمىدى دۇنيا،
                              سىز ئىشقتىنمۇ كاتتا،پاكىز بىر تەخىت.
                              كىم مەن بىلەن ئاخىز،ئەسلىي سىزگە بۈيۈكلەر راۋا،
                              ۋىجىككىنە يەلكەمگە سىز بەك ئېغىر بەخىت.>>

    دېگەن يۈرەك پاكلانغان يۈرەكتۇر. ئېيتايلى،<<سۆيدۈم>> دېگەن ئادەم گۇناھ سادىر قىلسا، دىل ئازارلىق ياكى خىيانەت قىلسا،مەن شۇ قىزغا ئۆيلىنىشىم ياكى شۇ يىگىتكە تۇرمۇشقا چىقىشىم شەرت دېسە،تامام،ئۇ مۇھەببەت ئەمەس. ئۇ_شۇنچىلىك ئېغىر  يوقىتىش.يوقىتىشنىڭ بولسا سانى كۆپ.مۇھەببەت بىتەكرار، مۇھەببەت بىرلادۇر.
       مۇھەببەتكە يېتشكەن يۈرەك تەمە قىلمايدۇ،سەنمۇ مېنى سۆي دېمەيدۇ، بۇ يولدا بارى -يوقىنى،ھەتتا جېنىنىمۇ ھەدىيە قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ:
                              سىز مەن ئۈچۈن يۈكسەكسىز،
                              سىزنى مىڭ رەت ئارتۇق قويدۇم ئۆزۈمدىن.
                              بالىچاقا تەشۋشى باردۇر،شەكسىز
                              سىز بەلەنسىز ئائىلە دېگەن تۈزۈمدىن_
                              ئۇ ئىشلارنى سىزگە راۋا كۆرمىدىم .

     دەيدۇ ئىشققا ئۇچىرىغان يۈرەك.يەنە دەيلىكى،نەچچە يىللاپ كۈتكىنىم_شۇنداق كىشىمنى ئويۇن-كۆمۈرگە ئارلاشتۇرايمۇ؟ ئۆزۈمدىنمۇ ئارتۇق كۆرگەن شۇ زاتنى ئائىلىنىڭ ياخشى-يامان ئىشلرى بىلەن بىئارام قىلايمۇ؟ ياق، مەن ئۇنى يۈرىكىمنىڭ تۆرىگە ئولتۇرغۇزۇپ تاكى ئۆلگۈچە باغرىمدا كۆتۈرۈپ يۈرەي...
                              بۇ ۋاپادار يۈرىكىمنى
                             ئاساپ دۈمەن قەستىدىن،
                             يوشۇردۇم جان ئاغرسىمۇ
                             سۆڭەكلىرىم ئاستىغا!

    مۇھەببەت ئەڭ مۇبارەك خەزىنىڭىز، سۆيگەن كىشىڭىز بولسا ئەڭ،ئەڭ ئاسرىغىنىڭىزدۇر.مۇھەببەتنىڭ ئەرزىيىتىنى ئۆزىڭىز تارتقىنىڭىز ئۈچۈن،سۆيگەن كىشىڭىزدىن كۆڭلىڭىزنى يوشۇرۇن تۇتىسىز.ئۇنى سۆيۈشۈمنى بىلىپ قالسا ئوتىغا ئوت قوشۇلمىسۇن دەيسىز:
   
                          سىزگەئىشىك ياپتىم،يىغلاپ يېپىلدى،
                          ئائىلەمگە تام يېقىلدى،چىدىدىم.
                          سىزنى ئوتقا ئاتالمىدىم مەن دادىل
                          كۆيۈشلەرنى سىزگە راۋا بىلمىدىم.
  
    بۇ دۇنيانى كۆزىڭىزگە باھار رېڭىدە كۆرسىتىدىغان،ھەر كۈنى ھەرخىل ھېكمەتلەرنى ئېيتىپ سىزنى چوڭ قىلغان شۇ مۇھەببەتتۇر.ئۇنى ئارزۇ قىلىش،ئۇنىڭغا خىيالەن ئېرىشىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن خىيالەن مۇڭدىشىشتەك بەخىت يوق.
    مۇھەببەتنى ماددى نەرسىگە ئايلاندۇرماسلىق جائىز.ئۇنى<<ئۆمۈر>> دەپ ئاتالغان كارۋاننىڭ بېشىغا ماياك قىلماق،<<ئائىلە>> دېگەن ماكاننىڭ تۆپىسىگە چىراغ ئېتىپ ئىلماق لايىق. ئۇ شۇنداق ئازارسىز نۇركى،پۈتۈن ھاياتىڭىزنى خالسانە يورۇتۇپ ئۇنىڭغا ئىللىقلىق بەخىش ئېتىدۇ.ئائىلىڭىزگىمۇ ھالاقىت بەرمەيدۇ. ھە،خۇددى شۇنداق.ياخشى تۇتۇم ۋە ياخشى  ئائىلە ئىگىسى بولۇپ،ئەل-ئاۋامدىن ياخشى باھا ئالسىڭىز،يۈرەكلىرىڭىزنىڭ يوشۇرۇن جايى بىلەن << شۇ جەھەتلىرىمنى ئاشۇ ئادەم كۆرسە ئىدى>> دەپ بىراۋغا ئىنتىلىسىز.ھەرقېتىم خاتا قىلغىنىڭىزدا  <<ھېلىمۇ ياخشى شۇ ھالىتىمنى ئاشۇ ئادەم كۆرۈپ قالمىدى>>دەپ ئىزا ئىچىدە ئۆزىڭىزنى رۇسلاشقا چۈشىسىز. پەزىلەتلىرىڭىزنىڭ ئەڭ چىرايلىقىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتكۈڭىز،ئەڭ تاتلىق تەييارلانغان تائاملىرىڭىزنى خىيالەن ئۇنىڭ ئالدىغا قويغۇڭىز كېلىدۇ.
    ھەقىقىي ئىشىق خالىسانىدۇر. سىز كۆڭۈل قويغان كىشىڭىزگە بىر ئۆمۈر بەخىت تىلەيسىز. ئۇنىڭغا ئەزىز بولغان نەرسىلەر سىز ئۈچۈنمۇ مۇقەددەستۇر.
    <<مۇھەببەتنى يۇتۇۋالغان بىر دېڭىزمەن يار-يار.سىزنى ئۆزگە قولغا بەرگەن <مەرد>ئىڭىزمەن يار-يار.مەيلى،سىزنى دەپ باغرىم يېنىپ تامام بولسۇن يار-يار.سىزنى ئالغان ئاشۇ قوللار ئامان بولسۇن يار-يار.  تويىڭىزدا تىلدىممەن دىلدىن تەخت يار-يار. بار بولسىڭىز بۇ دۇنيادا بىزگە بەخىت يار-يار...>> دېگەن لىرىك قەھرىماننىڭ سەمىمىيىتىنى قاراڭ. سۆيگەن كىشىنىڭ ئۆزگە بىلەن يال-يال يېنىپ ئۆتۈشنى كۈلۈپ تۇرۇپ قۇتلۇقلىيالىغان،مۇھەببەتگە سۆيۈنۈپ ياشاپ ئۆتۈشنى بەخت دەپ بىلگەنلەر ھەقىقىي بەخىتىيارلاردۇر.
   ئىنساننى پۈتۈن تۇتۇپ تۇرىدىغىنى ھەرگىز تېپىشىش،ۋىسال ئەمەس.ئۇ ئايرىلىشتۇر،ئۇ ھىجراندۇر. كۆڭۈل قويغان  كىشىڭنى بىر كۆرۈش ئۈمىدى، ئاۋازىنى بىر ئاڭلاش ئىنتىلىشى، ھېچبولمىسا ئۇنىڭ خىياللىرى بىلەن ياشاش لەززىتى سېنى  ئۆلتۈرمەي ساقلايدۇ،ئۆلگىلى قويمايدۇ.
   زېمىننى ئاسراۋاتقان نەرسىمۇ شۇ.ئۇنىڭ مىڭ تەرىپىدىن مىڭ ئايلىنىپ،قاياقلارغىدۇر ئاتلانغان يوللار پەقەت بىراۋنى بىراۋ بىلەن تېپىشتۇرۇش ئۈچۈنلا يارالغان.سېغىنىش،مۇھەببەت تېشىپ،ئىزلەپ،بوزلاپ بېرىۋاتقان ھېسىياتلار يەر يۈزىنى ئوراپ چىرماپ،چېچىلىپ كەتكىلى قويماي پۈتۈن ئاسراپ تۇرىدۇ.
   ھەر كىمگە شۇنداق ھاياتبەخىش مۇھەببەت نېسىپ بولسۇن.

مەنبە:<<قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر>>ناملىق كىتابدىن ئېلىندى

چ چ رىم يۈتۈپ كەتتى. تېپىشىپ بەرسەڭلار سىلەردىن كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتىم

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30830
يازما سانى: 498
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3290
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 534 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2011-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 12:22:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى ئۇقۇپ << ئاچچىق ھايات >> فىلىمىدىكى نەرمىنىڭ ئاغىرىپ قالغاندا ھېلىقى سېستىرا قىزغا ئېيتىپ بەرگەن سۆزلىرى ئىسىمگە كىپ قالدى .......... بەك تەسىرلىك ئابزاسلاردا ............

ئۇلۇغ ئاللاھ ماڭا سەۋىر ئاتا قىلىغىن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6228
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5369
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 1150 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2012-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 12:34:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     مۇھەببەت_ئىنسانغا بېرىلگەن ئەڭ يۈكسەك نېمەت ؛ نىمە گەپ ماۋۇ . ئىنسانغا بىرىلگەن ئەڭ يۈكسەك نىئمەت سىزنىڭچە مۇھەببەتمۇ ؟ ئۇنداق ئەمەس بىزگە بىرىلگەن ئەڭ يۈكسەك ھەر ۋاقىت توختىمايدىغان نىئمەت ھاۋا . زىمىندا ياشاۋاتقان ھەربىر جاندا مۇھەببەت بار . ئىنساندىلا ئەمەس !
ئاشىق -مەشۇقلارنىڭ مۇھەببىتىنى قايناۋاتقان  ۋولقانغا قازاننى ئىسىپ،  مىڭ يىل قايناتسىمۇ بەرىبىر ئارلاشمايدۇ . چۈنكى  ئاللاھ بۇلارنى مۇرات مەخسىتكە يەتكۈزمەيدۇ .

ئادەمگە ھايات پەقەت بىرلا قىتىم كىلىدۇ ، بەختىمۇ ھەم شۇنداق ....

دۇنيادا ھەممە نە

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6489
يازما سانى: 1110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16313
تۆھپە نۇمۇرى: 1429
توردا: 5145 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 12:48:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنياغا بىرىلگەن مۇھەببەت -قىز ئوغۇل،ئەر ئاياللارنىڭ تونۇشۇپ ، ئائىلىۋى ھاياتنىڭ تۇرمۇشىنى شۇنداق بېسىپ ئۆتىشىگە بىرىلگەنمۇ؟! ئۇنىڭ يەنە باشقا مەنىسى يوقمۇ؟! ئاللا كىشىلەرنى نىمە قىلىشقا ياراتقان..................؟!بۇ توغرۇلۇق بىلىدىغانلار يوقمۇ؟!

كۈلۈپ ياشاڭ......

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11785
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 1131 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 01:47:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخى ئىشىقنىڭ باھاسىنى تاپمىدى دۇنيا،
سىز ئىشىقتىنمۇ كاتتا،ئېغىر بىر تەخىت.
مەن كىم ئاخىر،سىزگە بۈيۈكلەر راۋا.
كىچىككىنە يەلكەمگە سىز بەك ئېغىر بەخىت. [s:166]

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!

يۇقال مۇھەببەت!ي

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14632
يازما سانى: 1254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9406
تۆھپە نۇمۇرى: 280
توردا: 1021 سائەت
تىزىم: 2010-10-20
ئاخىرقى: 2011-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 04:36:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەۋجۇت ئەمەسلا بىر نەرسىمىكىن دەيمەن مۇھەببەتنى.............تاتلىق خىيال خالاس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29148
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3860
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 554 سائەت
تىزىم: 2011-2-5
ئاخىرقى: 2011-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 08:09:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋاقتىمىزنى <مۇھەببەت دېگەن نېمە؟> دېگەندەك ئاقمايدىغان گەپلەرنى تەھلىل قىلىشقا سەرپ قىلىۋەتمەيلى.(بۇ ھەقتە ئويلىنىپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ) زۆرۈر نەرسىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ بۇنداق يوقىلاڭ نەرسىلەر ئۈستىدە تالاش تارتىش قىلمايلى.پەلسەپىدە "ئىنساننىڭ بىلىش چېكى بولىدۇ>دېيىلگەن.ھەر كىمنىڭ <مۇھەببەت>كە بولغان ئېنىقلىمىسى ئوخشىمايدۇ،بىرلىككە كەلتۈرىمىز دەپ ئولتۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق.نېمە ئۈچۈن ياشىغىلى دۇنياغا كەلگەن بولساق شۇنىڭ ئۈچۈن ياشايلى.(نېمە ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەنلىكىڭىزنى بىلەلمىگەن بولسىڭىز كىتاپنى كۆپرەك ئوقۇڭ.ھەقىقەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىڭ.(ھەقىقى دېگىنىمىز يوقلىقتىن بارلىققا كەلمەيدۇ ۋە بارلىقتىن يوقالمايدۇ،ئۇ پەقەت بىردىنبىر بولىدۇ...تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى ،ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە،پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى،ئەپلاتون پارڭلىرى ...دىگەن كىتاپلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن كۆرۈپ قويۇڭ.)كىتاپ ئەھلى بۇنىڭغا جاۋاپ تاپالايدۇ.بۇنىڭ جاۋابىنى ئۆزىڭىز تاپمىسىڭىز باشقىلار دەپ بەرگەن تەقدىردىمۇ پايدىسى بولمايدۇ.چۈنكى ئىدىيىدىن ئۆتمىگەن نەرسىنى قۇبۇل قىلىش تەس!)بۇ ھەممىدىن مۇھىم.دۇنيا خۇددى ئىككى ئىشىكلىك ئۆيگە ئوخشايدۇ،بىر ئىشكىدىن كىرىپ يەنە بىر ئىشىكىدىن چىقىپ كېتىمىز.بۇ جەرياندا ياشايدىغاننى ياشاپ،قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلىپ ،قىلماسلىققا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلماي ئۆتۈپ كەتسەك بولىدۇ.ئىشقىلىپ شۇ نەرسە ئېنىقكى ئىنسان دۇنياغا مۇھەببەتلەشكىلى كەلگىنى يوق!  سەۋر قىلىڭ،جاپاغا چىداڭ،پاك ياشاڭ،ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭ،تۇرمۇشقا بەرداشلىق بېرىڭ...


ئەبۇ تالىپ

bahtimni bir alladin tilayman

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16372
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4365
تۆھپە نۇمۇرى: 272
توردا: 5028 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2012-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 12:05:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6-قەۋەت (shamal) نىڭ يازمىسىغا

مەن بۇ تېمىنى چوقۇم مۇھەببەتنىڭ قۇلى بولۇپ ئۆتىشىمىز كېرەك دېگەن ئىدىيىدە يوللىغان يېرىم يوق.سىز دېمىسڭىزمۇ مەن ھەم بولۇپمۇ بۇ كىتاپنىڭ ئاپتۇرى بۇ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن يارالغانلىقىمىزنى بىلەلمىگىدەك يەردە ئەمەسمىز . بۇ تېمىدا دېيىلمەكچى بولغىنى جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم مۇھەببەتنى پەقەت كۆڭۈل خۇشى،ئويۇن قاتارىدا كۆردىغان ،ئۇنى قەدىرلەشنى ئەسلا بىلمەيدىغان ،چىن مەنىسىدىن چۈشەنمەيدىغان بىر قىسم كىشىلەرنى مۇھەببەتكە قانداق مۇئامىلە قىلش ،قانداق ئاسراش دېگەن نوقتىنى تەكىتلەش خالاس. كىتاب ئوقۇشقا كەلسەك سىز ئوقىغان كىتابنى باشقىلارمۇ ئوقىغان، ئوقىغاندىمۇ تېگىگە يېتىپ چۈشىنىپ ئوقىغان ، بۇ ھاياتتا سىزدىنمۇ ئېسىل ياشىغانلار بولىشى مۇمكىن.
مەنمۇ سىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلاي ۋاقتىڭىز يار بەرسە روھىي ساغلاملىق دۇردانىلىرى-3 يەنى،<قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر >> ناملىق كىتاپنى ئەستايىدىل بىر ئوقۇپ چېقىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .

چ چ رىم يۈتۈپ كەتتى. تېپىشىپ بەرسەڭلار سىلەردىن كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش