مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1495|ئىنكاس: 34

ئانا ، قەبرەڭگە يۈكۈندۈم بۈگۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقىلار ھازىركىتاب كۆرىۋاتىدۇ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1854
يازما سانى: 1246
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 308772
تۆھپە نۇمۇرى: 581
توردا: 5250 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 04:19:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |





ھەر يىلنىڭ مۇشۇ كۈنىدە ،
ئانامغا سالامنىڭ چوڭنى قىلاتتىم،
بۈگۈن ئانام يوق ، يۇم -يۇم يىغلىدىم .

قولۇمدا گۈل ، قەلبىمدىمۇ گۈل ،
كوچا -كويلاردا لەيلىمەكتە گۈل.
مونالىزادەك يىنىككىنە كۈلۈمسىرەيدۇ،
خانىم -قىزلارغا تەئەللۇق بۇ كۈن .
قەبرىزارلىققا يول ئالدىم ئاستا ،
قىلماق ئۈچۈن ئانام دۇئاسىنى قۇبۇل...

ئالدىنقى ئەسىرگە قايتقىم كىلىدۇ ،
ئانام شۇ ئەسىردە كۆمۈلگەن بولغاچ.
ئانامنىڭ ھىدى پۇراپ تۇردىغان ياغلىق ،
شۇ ئەسىردە ئانام بېشىغا چىگىلگەن بولغاچ .
ھەي ،ھەسەل تىتاتتى ،
ئانام تونۇردىن قۇمۇرغان توقاچ .....

ئانام ئوخشۇتۇپ ئەتكەن سۈتلۈك چاي ،
ھىلىمۇ لىۋىمنى نەمدەپ ئۆتىدۇ ،
گۆشسىز لەغمەن شۇنچە يىيىشلىك ،
ئانا تامىقىغا نىمە يىتىدۇ ؟
بالا ئۈچۈن پەقەت ۋە پەقەت ،
ئوخشىغان تاماقنى ئانىلا ئېتىدۇ .

كوچىلاردا لەيلىمەكتە گۈل ،
ئانا ، قەبرەڭگە يۈكۈندۈم بۈگۈن......





شۇ ئانىلار كىرىۋالدىكەن ،
خام كىسەكتە ياساپ قەپەزلەر .
ئىھ ، ئۇيقۇغا كەتكەن گۈمبەزلەر...

قولۇمدا گۈل ، قەلبىمدىمۇ گۈل ،
قەبرىگاھتا ياتار مىليۇن گۈل .
بىر ئوت ئىدى مىھرى ئۇلارنىڭ ،
كۆيدى ، ئۆچتى ،بولدى ئىسسېق كۈل.
بالا ئۈچۈن ئاق كىرىپ باشقا ،
تۇرمۇش تاپىنىدا چەيلەندى ئۆمۈر....

ئانا !، بىر تامچە ياش ئاتتى ئۆزىنى ،
ئانام تۇپرىقىنى نەمدىمەك بولۇپ .
بوغۇزۇمغا لىق تولدى قايغۇ ،
قايغۇ يەنە بىر قايغۇنى تۇغۇپ .
ئاستا قويدۇم ئالغان گۈلۈمنى ،
قەبرىگاھلىقتا قايتا تۇغۇلۇپ .

ئۇزۇن - ئۇزۇن دۇئادىن كىيىن ،
ھاياتلار ئارسىغا قايتماق بولدوم .
قەدەملەر يەنىلا شۇنچىلىك ئېغىر ،
يۈرەك ياش تۆكەر يەنىلا يۇم-يۇم .
باشقىلار گۈل بىلەن سۆيسە ئانىنى ،
مەن ئانامنىڭ قەبرىسىگە سۆيدۈم .

كوچىلاردا لەيلىمەكتە گۈل ،
ئانا ، قەبرەڭگە يۈكۈندۈم بۈگۈن .



ئۆز نۆۋىتىدە پارلايدۇ قوياش ،
قوياش قوغلاپ ئوينايدۇ بالا .
بالا ئۈچۈن جاينامازدا يۈكۈنەر ئانا....

ۋاقىت ئەركە ، شامال ئوخشاش ئۇچۇپ ئۆتىدۇ .
ئىنسان ئاجىز ، بىر -بىرىدىن سۆيگۈ كۈتىدۇ .
ھىچبىر كىشى ئىگە ئەمەس ھاياتلىقىغا ،
مەيلى ئۇ گۈل ، مەيلى غۇنچە ،چوقۇم يۈتىدۇ.
پەرىشتىگە سۈپەت كىرەك بولسا ئەگەردە ،
پەقەت ئانا پەرىشتىدەك مىھىر تۆكىدۇ .
ئىھ بالىلىق ، ئىھ ئانىغا قانمىغان ھايات،
ئاشكار قولى گۈل تۇتاملاپ ، ياشلار تۆكىدۇ.

كوچىلاردا لەيلىمەكتە گۈل ،
ئانا ، قەبرەڭگە يۈكۈندۈم بۈگۈن...


ئاشكار



 

ئا

ھازىرغىچە 8 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
musilina + 200 تەسىرلىك شېئىر..
OZTURK02 + 500 ئىسل يېزىپسەن ، تىخىمۇ نادىر تېمىلارنى ي
suzuk-naz + 100 تىمىڭىز ئىچىمنى ئىزىۋەتتى،  كى
zuhal + 100 بەك ياخشى يىزىپسىز
Dilnaz + 100 ئېسىل شئېر !!!
بېھزات + 500
باياۋان + 100 تەسىرلىك تېما
nadira + 50 ئېسىل

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1650   باھا خاتىرىسى

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!

تەدبىرىڭ قانداق

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33166
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1168
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 297 سائەت
تىزىم: 2011-3-9
ئاخىرقى: 2011-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 09:32:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى شىئېركەن !  ئادەمنى ئانىلار توغرىسىدا  قايتا بىر قېتىم ئويلاندۇرىدىكەن! [s:160]  [s:160]  [s:160]  [s:166]  [s:166]

غەيرەتتىن قالما

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 530
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1232
تۆھپە نۇمۇرى: 441
توردا: 5640 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 10:33:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ تاپ مەڭگۈلۈك كۆز يۇمۇپ شېرىن ئۇيقۇدا ياتقان ،باقى ئالەمدىمۇ پەرزەنلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن دوۋا قىلىۋاتقان مىھرىبا ئانىلار كۆز ئالدىمغا كىلىۋاتىدۇ....

ئىسىل شېرىڭىزگە رەخمەت.

دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەرىتكە ئىنتىزار بولما..!

جەننەت+دوزاخ = ھايات

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1477
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198514
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 3386 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 10:49:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پىغانلىق قەلىبتىن تۆكۈلگەن ھەسرەت ساداسى


سەمىمىيلىك ئىنساندىكى ئېسىل خىسلەتتۇر !  ئىللەت تۈزەلمىگۈچە ،مىللەت تۈزەلمەس!   ھەقىقەت ئېگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ !   تىلى ياتنىڭ دىلى يات !     تور دۇنياسى

كەڭ قۇرساق بولاي

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 2573
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17400
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 5798 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 10:51:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپام ئەتكەن قايماق چاينى ھەجەپ سېغىندىم.....  شۇ تاپتا ئۆزۈممۇ بۇ شېئىر بىلەن تەڭ ئاپامنىڭ قەبرە بېشىغا بېرىپ قالغاندك بولدۇم.........شۇ ئانىلىرىمىز ياتقان جايىدا خاتىرجەم ياتقاي.............ئامال يوقكەن ئۈلۈمگە!سەۋرى قىلىلى!بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ..... [s:166]  [s:166]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  ئاتا  قىل  ،  لىكىن  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ھەر بىر كۈن ئىنس

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 802
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7584
تۆھپە نۇمۇرى: 797
توردا: 6878 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 10:57:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىن ھېسسىيات بىلەن يۇغۇرۇلغان پەرزەنىت ئىشقى ...ئاللا ئانىلىرىمىزنى سالامەت قىلسۇن ، ئۇ ئالەمدە خاتىرجەم قىلسۇن ~

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

ئاي-ئۈمىدۋار بول

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92
يازما سانى: 528
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14501
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 3435 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 11:32:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلبتىن چىققان مۇڭلۇق ئەكىس سادا

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 2272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221153
تۆھپە نۇمۇرى: 984
توردا: 11540 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 11:37:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  lazzat كە 2011-03-09 10:33 AMئەۋەتىلدى  :
شۇ تاپ مەڭگۈلۈك كۆز يۇمۇپ شېرىن ئۇيقۇدا ياتقان ،باقى ئالەمدىمۇ پەرزەنلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن دوۋا قىلىۋاتقان مىھرىبا ئانىلار كۆز ئالدىمغا كىلىۋاتىدۇ....

ئىسىل شېرىڭىزگە رەخمەت.
باقى ئالەمدىكى ئادەملەر ، بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرگە دۇئا قىلالمايدۇ .

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

دۇنيا مېھرى-مۇھە

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5228
يازما سانى: 628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7484
تۆھپە نۇمۇرى: 274
توردا: 9989 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 11:43:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرىڭىز  بەك   تەسىرلىك   ئىكەن.

دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر!!!!

ئىنسان  بولساڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6404
يازما سانى: 2732
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37754
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 6528 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 11:45:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىپتىكى خوشاللىق، سېغىنىش ،ھەسرەت-نادامەتنىڭ ئىپادىسى كوزياش.

بۇ ھاياتىنىڭ يۇلى ئېگىز -پەس، مەڭگۇ بەردەم- تىك تۇرماقمۇ تەس، چىن ئنسانغا غۇرۇر مۇقەددەس، مىزانى شۇ ئادىمىيلىكنىڭ............
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش