|
|
|
|
مەلىكەنىڭ دەردى(مەلىكە) [align=justify] __ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،_ئەمدى ئىچەي دىگەن قىززىق چايىمنى ئاغزىمغا ئىلىپ تۇرۇشۇمغا بىرى سالام بىرىپ كىرىپ كەلدى،__مىسراننىڭ ئىشخانىسى مۇشۇما؟
چىيىمنى تەسلىكتە يۇتۇۋەتتىم،تازىمۇ بىر......چاينىڭ قىززىقلىقى دەستىدىن بۇ ئادەمگە قارايمەن، تىزلا يۇتىۋىتىپ
قىززىقنىڭ تەپتىدىن كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلۇپ كەتتى:
__ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،مىسراننىڭ ئىشخانىسى بۇ ئەمەس،ئاۋۇ....__قانداق ئادەم بۇ ؟مەن سەل نارازى بولغىنىمچە غوتۇلداپ قۇيدۇم.[s:24]
بۇنداق ئىشخانىدا مىسرانىم ئولتۇرۇپ قالمىسۇن يەنە، ماڭا تەقسىملەپ بەرگەن ئىشخانە سايمانلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىچە ئىدى، ئۈستەلنىڭ قىرلىرى بۇزۇلۇپ ھەرە چىشلىرىدەك بولۇپ كەتكەن يۈزىگە چاندۇرماستىن
ئۆيۈمدىن ئەكەلگەن ئۈستەل ياپقۇچنى يىپىپ قۇيۇپ خىلى ئىسكەت كىرىپ قالغان ئىدى.
ئورۇندۇق بولسا ھەرقىتىم ئولتۇرسام-قوپسام بىر قىتىم مەسخىرە قىلغاندەك غىچىلداپ قۇياتتى.......[s:20]
بۇنىڭغىمۇ شۈكرى،ھەر نىمە بولسا ماڭا مۇشۇ ئىشخانىنى تەقسىملەپ بىرىپتۇ، بولمىسا يىغىن زالىغا كىرىپ خىزمەت قىلىدىغان گەپ.
ئەمدى تىمىدىن بىرنى كۆرەي،دەپ بىر تىمىنى ئىچىپ تۇرۇشۇمغا بايامقى ئادەم بىشىنى ئىشخانەمنىڭ ئىچىگە غازدەك سۇزۇپ قۇيۇپ ھىجايغىنىچە ئۇياق-بۇياققا قاراپ قۇيۇپ :
__بۇ راست مىسرانىمنىڭ ئىشخانىسى ئەمەسما؟_دەۋاتمامدۇ؟ قانداق ئادەم بۇ ؟ ئەمدى سەل ئاچچىقلىنىپ قالدىم:
__ۋاي ياق،بۇ ئەمەس،ئىشەنمىسىلە ما مىنىڭ ئورنۇمغا كىلىپ ئورۇندۇقۇمغا كىلىپ ئولتۇرسىلا بىلىسىلە دەيمەن، ئولتۇرسىڭىزلا ئورۇندۇقۇم بۇ ئەمەس،دەپ جاۋاب بىرىدۇ،__شۇنداق دىگىنىمچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ بايامقى كىشىنى ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلغاندەك بىر تەرەپتە ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ تۇردۇم.
ۋاي ئۇ كىشىنىڭ ئاچچىقىنى بىر دىمەڭ، دىگىنىمگە مىڭ پۇشايمان قىلغۇزۋەتتى:
__ھوي خىنىم! ئادەمنى مانداق ئەخمەق قىلمىسىلا جىما؟ ئەمەس دىسىڭىزلا بولدىغۇ؟تەنە گەپ قىلىپ؟ مەنمۇ باشقا نىيەتتە كەلمىگەن، ئازراق ئەرزىم بار ئىدى،شۇڭا كەلگەن بۇ شىركىتىڭلارغا،بولمىسا ساراڭ ئەمەس ئىدىم باشلىقىڭلارنى ئىزدەيدىغان......[s:21]
مەن تىڭىرقاپلا قالدىم،چىرايىمغا ئاستا كۈلكە يۈگۈرتتىم:
__ئاكا،بۇ مىسرانىمنىڭ ئىشخانىسى ئەمەس، ئۇنىڭ ئىشخانىسى 4-قەۋەتتە،ئالدىرماي مىڭىپ چىققان بولسىلىرى،چىقىپ ئوڭدىكى بىرىنجى ئىشخانا شۇ،ئۇ شۇ يەردە،__مەن ھىجىيىپ قويدۇم.
يائاللا...بۇ كەمنىڭ ئادەملىرى نىمانداق دەيمەن،ئەمەس دىسە يەنە شۇما؟دەپ سوراپ،ئاخىرىغا كەلگەندە چالۋاقاپ...ھەي نىمانچە گەپ چۈشەنمەيدىغان بولغۇيتتى......
بىر چاغدا مۇنبەردىكىلەرنىڭ قىزىق چاقچاقلىرىدىن كۈلۈپ ئولتۇرسام ئىشخانىنىڭ تىلفۇنى قوپال سايراپ كەتتى، ۋاي-ۋۇي كىمدۇ بۇ؟ يا بىر تىمىنى خاتىرجەم كۆرەلمىگەن. كۆزۈم كومپىيۇتىردا تىلفۇن تۇرۇپكىسىنى سىلاپ -سىپاشتۇرۇپ ئارانلا تاپتىم:
__ۋەي،مىسرانىم مەسلىھەت سوراش گۇرۇپپىسى.
__ھوي مەلىكە! تىز يىنىمغا كىرىڭە.
نىمانداق ۋاقىرايدۇ؟ كۆزۈمنى ئىكراندىن ئىلىپ تىلفۇنغا دىققەت قىلدىم،كىمدۇ بۇ؟
__كىمۇ سىز؟ يىنىمغا كىرىڭە دەپ؟ خاتا ئۇرۋالدىڭىزمۇ يە؟؟ بۇ دىگەن مىسرانىم مەسلىھەت سوراش گۇرۇپپىسى جۇمۇ؟
__مەن مىسرانىم، ماقۇل خىنىم، خاپا بولماي ما ئىشخانەمگە بىر كىرەمسىز--يە؟
ۋاي خۇدايىم! باشلىقكەندە؟ ئەمدى تۈگەشتىم، قاراڭلار قىلىپ كەتكەن تەنە گىپىنى[s:10] تىزلا ئاۋازىمنى سىلىقلاشتۇردۇم:
__ۋاي باشلىقمىتىڭىز؟ خاپا بولماڭ، مەن تىخى كىمدۇ دەپتىمەن، يا سىزمۇ تىلفۇننى ئىلىپلا ئىسمىڭىزنى دىمەي....
__دۈت.دۈت.دۈت......
ئۇ تىلفۇننى قۇيىۋەتكەن ئىدى ،قارا بۇنىڭ يوغانچىلىقىنى، ئۆزى ئىسمىنى دىمەيدۇ، مايەرگە كىرىڭە،دەپ، مەن نىمە بىلىمەن قەيەرگە كىرىشىمنى...تازىمۇ بىر......[s:24]
ئىرەنچىكلىك بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاقىلداپ دەسسەپ 4- قەۋەتكە چىقتىم،چىقىپ مىسراننىڭ ئىشىكىنى چەكتىم:
__ھە ،كىمۇ؟
__مەن مەلىكە، كىرىۋىرەيمۇ؟
__ھە كىرىڭە.
كىرىڭە دەپ كەتكىنىنى.....چاقىرغاندىن كىيىن ئەلۋەتتە كىرىمەندە؟ [s:20]
كىرسەم بايامقى كىشى مىسرانىمغا قاراپ ھۆرپىيىپ ئولتۇرۇپتۇ، مىسرانىم بولسا قاپاقلىرىنى تۈرۈپ بىر تال تاماكىنى كۈچەپ تارتىپ ئولتۇرۇپتۇ، بۇ كەيپىياتنى كۆرۈپ سەل قۇرقۇپ قالدىم ۋە بوشراق ئاۋازدا:
__مىنى چاقىرغانمىتىڭىز؟_دىيىشىمنى بىلىمەن،ئۇنىڭ ئاۋازىدىن قۇلاق_مىڭەم چىررررىدە چىقىراپ كەتتى:
__ھوي! قانداق قىز سىز؟ مەن چاقىرمىغان بولسام سىز كىرەمتىڭىز؟؟ بىلىپ تۇرۇپ نىمە سورايسىز؟
ئاچچىغىم غۇژژىدە تۇتتى، ما مىسرانىم خەقتىن ئالالمىغان دەردىنى مەندىن ئىلىۋاتامدۇ نىمە؟ مىنى بوزەك كۆرۈپ قاپتۇدە؟
__نىمە ۋارقىرايسىز؟ بوشراق گەپ قىلىڭ...ما قۇلاقلىرىم پاڭ بولۇپ قالسا مىنى سىز باقامسىز؟
مىسرانىمنىڭ بىر ئادىتى بولىدىغان، ئاچچىقى بەك كىلىپ كەتسە كۆزىنىڭ پاختىسى تولۇق چىققىچە بىرنى ئالايتىۋىتىدىغان،ئۇ شۇنداق بىرنى ئالىيۋىتىپ ماڭا:
__بۇ كىشىنى تۇنىدىڭىزمۇ؟،_دەيدۇ. مەن نەدە تۇرۇپ تۇنۇيتۇم دەڭلار؟ شۇنداقتىمۇ بىر قۇر ئۇ كىشىگە تازا بىر سىنجىلاپ قاراپ چىقتىم:
26~27 ياشلار ئەتراپىدىكى ئۆزى خىلى كىلىشكەن،شاپ بۇرۇت، لىكىنزە-زە،قاتۇرۇپ كاستىيۇم_بۇرۇلكىغا ماسلاشمىغان ھالدا بىشىغا يوغان سەللە كىيىپ ،پۇتىغا يىشىغا ،تۇرقىغا ماس بولمىغان مەسە-كالاچ كىيگەن ھالدا ماڭا چەكچىيىپ قاراپ تۇراتتى...قولىدا بىر ھاسىمۇ باردەكمۇ؟ ۋاي خۇدا،راس ھاسا ئىكەن.
مەن بۇنداق كىيىنىشنى ئۆمرىمدە تۇنجى قىتىم كۆرىشىم ئىدى....بايا ئىشخانىگە بىشىنى تىقىپ كۆزى بىلەن ئاختۇرغان ۋاقىتتا تازا دىققەت قىلماپتىكەنمەن، قىزىقارلىق بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى پەقەتلا تۇتالماي كۈلۈپ كەتتىم.ھى...ھى...ما قىزىقچىلىقنى...قانداق كىيىنىش بۇ....[s:30]
__مەلىكەخان، مەندە كۈلگىدەك بىرەر ئىش بارمىكەن يا؟؟__ئۇ كىشى چەكچەيگىنىچە ماڭا قاراپ ۋارقىراپ كەتتى، ۋاي خۇدايىم ، كۈلكەمدىن شاپپىدە توختىۋالدىم، باياملا بىلگەن بۇ كىشىنىڭ ئاچچىقىنىڭ يامانلىقىنى،
مەن ئۇ كىشىنىڭ غەزەپلىك كۆزلىرىنى ئاستا قاچۇرۇپ مىسرانغا قارىدىم:
__ياق تۇنىمىدىم جۇمۇ؟
__ھە، مەنمۇ سىزگە ئوخشاش تۇنىمىغان ،ئەمدى تۇنۇپ قۇيۇڭ، بۇ باشقۇرغۇچىمىز ئەلشىر بولىدۇ، بۇرۇن مەن بۇرۇن توردىلا ئالاقىلەشكەن،بەلكىم سىزمۇ شۇنداق تۇ؟
ئاللا ما ئىشنى كۆرۈڭ! بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ئەلشىر؟ بىزنىڭ باشقۇرغۇچىمىز ئەلشىر؟؟؟ مەن راسلا ھەيرانلىقىمنى يۇشۇرالمىدىم، نىمە ئىش بولۇپ كەتتى-ھە؟ مەن ئەلشىرنى بۇنداق تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىدىم.قاراڭلار مەسىسى بىلەن كاستۇيۇمىنىڭ يارىشىپ كەتكىنىنى....[s:6]
__ھە بولدى،__مىسرانىم تىخىچە قاپاقلىرىنى تۈرۈپ__ئەلشىرنىڭ شۇنچە يىراقتىن نىمىگە كەلگىنىنى بىلەمسىز؟
مۇشۇمۇ سۇئال بولدىمۇ؟ بىلگەن بولسام مۇشۇنداق ھەيران بولغىنىچمچە ھاڭۋاقتىدەك تۇرار ئىدىم تايىنلىق!
__مەن نەدىن بىلەي؟ __بەك ھەيران بولغاچقىمۇ،ئاۋازىم خىلى يۇقىرى چىقىپ كىتىپتۇ.
__بىلمەيمەن،دىسىڭىزلا بولدىغۇ؟__مىسرانىم قەستەن مەندىن پۇتاق چىقىرىۋاتاتتى،__ئەمىسە مەن دەپ بىرەي،ئاڭلاڭ-ھە؟ قايسى كۈنى سىز مۇنبەردە ئۇرۇش چىقارغانمۇ؟
__ۋاي قاچان؟؟ قانچىنجىسىنى دەيسىز؟؟__مەن كۆپ قىتىم ئۇرۇشمىغان بولساممۇ لىكىن تاڭنۇر بىلەن ئىككى قىتىم ئۇرۇشۇپ قالغان ئىدىم.
__ھە؟؟ قانچە قىتىم ئۇرۇشقان؟؟__مىسرانىم ئەمدى مىنى رەسمىي سوراققا تارتىۋاتاتتى،__دەڭە؟راست گەپ قىلىڭ!
مىسرانىمنىڭ بۇلۇتتەك تۇتۇلۇپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ سەل ئەيمىنىپ قالدىم:
__بىر..ياق ئىككى ..توغرا ئىككىلا قىتىم....ئىككى قىتىم.__مەن كىكەچلىگىنىمچە ئاران جاۋاب بەردىم.
__نىمىشقا ئۇرۇشتىڭىز؟
مەن سەل ئۆزۈمنى توختىتىۋالدىم،ھە ئەسلى ئەلشىر دىگەن ما كاساپەت مىنى ئاتايىتىن چاققىلى كەپتىكەن-دە؟!! خەپ ئەلشىر!!!
ئەلشىر بولسا ماڭا راست گەپ قىل،دىگەندەك يەر ئاستىدىن ھاسىسىغا ئىڭىكىنى قۇيغىنىچە تىكىلىپ قاراپ ئولتۇراتتى.[s:17]
__شۇ نىمىشقا بولاتتى، قارىسام تاڭنۇر (كىنايە-ھە؟ ) يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىۋەردى، ئۆزى مۇشۇ كەمگىچە بىرەر تىما يوللاپ باقماقتا يوق،ھە دىسىلا باشقىلار يازغان تىمىنىڭ ئۇيەر-بۇيەرلىرىنى ئوپراتسىيە قىلىپ ساق بولسىمۇ ئاغرىقكەن،دەۋەردى.
بىرلا ئۇ ئەمەس تىخى ،باشقىلار ئىنكاس يازسىمۇ تاڭنۇر شۇ ئەزانىڭ گىپىدىنمۇ قۇسۇر چىقىرىشقا باشلىدى، نەچچە ئەزا مىسرانىم مەسلىھەت سۇراش گۇرۇپپىسىغا تىلفۇن قىلىپ ھال ئىيتتى...مەن باشتا ئىشەنمىگەن، قارىسام مىنىڭ گىپىمنىمۇ ئوپراتسىيە قىلىشقا باشلاپتۇ........
__ھە شۇنىڭ بىلەنچۇ؟__مىسرانىمنىڭ بايامقى تۇتۇلغان چىرايى سەل ئىچىلغاندەك بولدى__داۋاملاشتۇرۇڭ
تازا گەپ قىلىۋاتسا گەپنىڭ بىلىگە تىپىپ!![s:24] مەن گىپىمنى داۋاملاشتۇردۇم:
__تاڭنۇر ئۈستىدىن قىلىنغا شىكايەت تىلفۇننى كۈندە 10 قىتىم ھەتتا بەزى كۈنلىرى ئۇنىڭدىنمۇ ئىشىپ كىتىدۇ،مەن بىر قاراپ باقاي دەپ دىلسىرى يازغان بىر تىمىغا كىرىپ گەپ-سۆزدە دىققەت قىلىلى،دەپ ئىنكاس يازغىنىمنى بىلىمەن، تاڭنۇر شۇ يەردە مىنىڭ ئىنكاسىمنى نەقىل قىلىپ مىنى چىشلىگىلى تۇرۇپتۇ، مەن يەنە گەپ قىلماي تۈز گەپ قىلسام گىپىمنىڭ بىشىنى سىلكىۋىرىپ مايماق-سۇيماق قىلىپ قۇيدى، بىر ئوبدان گىپىم تاڭنۇرنىڭ دەستىدىن ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ئەسكى ماتۇرغىلا ئوخشاپ قالدى...[s:20]
ئاندىن ئۈلۈشكۈن يەنە بىرتىمىدا تاڭنۇر قەستەن تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ مەن بىلەن تازا دىيىشتى،گەپ قىلماي دىگەن ئىدىم،لىكىنزە، ئاچچىغىم بەك كىلىپ كەتتى،مىسرانىمدىكى ئەزالار ئۈچۈن،دەپ تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ مەسلىھەت سوراش گۇرۇپپىسىنىڭ خادىملىقىمنىمۇ بىر تەرەپكە قايرىپ قۇيۇپ دىيىشتىم. ئەڭ ئاخىرىدا تاڭنۇر مىنى تىللىغىلى تۇردى،ئويلاپ بىقىڭە مىسرانىم،نەچچە مىڭ ئەزانىڭ ئالدىدا تاڭنۇر مىنى ھاقارەت قىلدى،گەپ قىلماسلىقىم كىرەكما؟ ما ئەلشىرمۇ بىر ئىغىز گەپ قىلمايلا يۇيىۋەتتى تىمىنى...(ماڭا دىگەن ئىدىڭىز[s:6] )
ئەزەلدىن بىرەرسى بىلەن مۇنبەردە ئۇرۇشۇپ باقمىغان ئادەم مۇشۇ تاڭنۇرنىڭ دەستىدىن تەگىشىپ قالدىم.
بولغان ئىشلار مۇشۇ شۇ.[s:9]
گەپلىرىمنى دەپ بولۇپ سەل يىنىكلەپ قالغانمۇ بولدۇم! دىمىسىمۇ شۇ ئەمەسمۇ؟ گەپ قىلمىغاننى بىلمىگەندىن كىيىن مۇشۇنداق قىلدىم تازا!
مىسرانىم ئەلشىرگە قاراپ،جاۋابىدىن رازى بولدۇڭمۇ دىگەندەك قاراپ قۇيدى.
__ئۇنداق بولسا،__دىدى ئەلشىر ماڭا يەنە بىرنى ھومىيىۋىتىپ__سىزنىزنىڭچە گۇناھ يالغۇز تاڭنۇردىلا ئىكەندە؟
مەنمۇ بوش كەلمىدىم:
__تاڭنۇر يالغۇز مەن بىلەنلا ئۇرۇشقان بولسا مەن ئۇنداق دەپ قارىمايتتىم،گۇناھنىڭ يىرىمىنىڭ مەندە ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىشنى ئويلىشىپ باقاتتىم،_ئەمدى ئەركىن گەپ قىلىشقا باشلىدىم،__نىمىشقا باشقا ئەزالار ئۇرۇشماي يالغۇز تاڭنۇرلا ھەممە ئەزا بىلەن پۇت تىپىشىپ يۇرۇيدۇ؟ تاڭنۇرنىڭ مەقسىتى پۇتاق چىقىرىش،يالغۇز مەنلا ئەمەس،مىسرانىم مۇنبىرىدىن![s:20]
__سىزنىڭ ما گىپىڭىز چەكتىن ئىشىپ كەتتى مەلىكە،_ئەلشىر ئەمدى تىرىكىپ سۆزلىمەكتە ئىدى،__ھەممىسى مىسرانىمنىڭ ئەزالىرى، بىز باشقۇرغۇچىلارنىڭ سىلەر دىيىشىپ قالغان ۋاقىتتا قانچىلىق ئوڭايسىزلىنىدىغانلىقىمىزنى بىلەمسىز؟ بىر تەرەپكە قارىسا تىما ئىگىسى،بىر تەرەپكا قارىسا ئۇرۇشىۋاتقانىڭ ھەممىسى مىسرانىمنىڭ ئەزاسى،__مەن گەپ قىلماي تۇردۇم،دىمىسىمۇ راست ئىدى،__بىز زادى بۇ چاغدا قانداق قىلىشىمىز كىرەك-ھە؟
ئامال يوق،مۇنبەرنىڭ ئىناقلىقىنى،مۇقۇملىقىنى دەپ ئامالسىز تىمىنى ئۆچۈرۈشكە مەجبۇت بولىمىز، ياكى بولمىسا ئىنكاس يازىدىغان يەرنى تاقاشقا مەجبۇر بولىمىز،ئىنكاس دىگەن تىمىنىڭ جىنى، ئىنكاس تاقالدى دىگەنلىك شۇ تىمىنىڭ ئۆمرى ئاياغلاشتى،دىگەنلىك......
__ئاڭلىدىڭىزمۇ مەلىكە؟__مىسران ئەمدى جىددىي تۈردە ماڭا قارىدى.
مەن سەل خىجىل بولۇپ قالدىم،دىمىسىمۇ بۇ ئەلشىر ئەپەندى مىنى ئەرز قىلىش ئۈچۈنلا شۇنچە يىراقتىن كەلدى ئەمەسمۇ؟[s:23]
__مەندىن ئۆتۈپتۇ،__نىمىشقىدۇر،گەپ قىلسام كۆڭلۈم ياخشى بولسىمۇ سەل تەئەددىي ئارلاش گەپ قىلىدىغان خۇيۇم بار ئىدى،__ھەممە گۇناھ مەندە،بولدى،ھەرقانداق جازايىڭىزنى قۇبۇل قىلىمەن،__مەن ئەلشىرگە لەپپىدە قاراپ قۇيدۇم.
ئەلشىر يەنە ماڭا قاراپ:
__بۇ يالغۇز سىزنىلا دىگەنلىك ئەمەس،قەلبىڭىزنى چۈشىنىمەن،__ئۇ ئەمدى سەل سىلىق گەپ قىلىشقا باشلىدى،__سىز دىگەن مىسرانىمنىڭ مەسلىھەت سۇراش گۇرۇپپىسىدىكى ئەزا،سىز مۇشۇنداق قىلسىڭىز باشقىلار قانداق قىلار؟
__ئەمىسە مىنى نىمە قىلسۇن،دەيسىز؟ __ئەمدى مەنمۇ ۋارقىراپ سۆزلەشكە باشلىدىم،__ئەتىگەننىڭياقى شۇنچە گەپ قىلدىڭىز،بوپتۇ،دەپ يەنە سەۋەنلىكنى بۇينۇمغا ئالسام يەنە كوتۇلدايسىز،مىنى نىمە قىلسۇن دەيسىز؟
__سىز خىزمىتىڭىزدىن ئىستىپا بىرىڭ مەلىكە__مىسرانىم ئەمدى ماڭا تەمكىنلىك بىلەن قارىدى،__سىز يەنە مۇشۇ مىسرانىمنىڭ ئەزاسى،__مەن ھەيران بولغىنىمچە ئاغزىمنى ئىچىپ تۇرۇپ لا قالدىم،ئەلشىر بولسا مىسرانىمنىڭ بۇ گىپىدىن مەمنۇن بولغىنىچە بىشىنى رازىمەنلىك بىلەن لىڭشىتىپ ئولتۇراتتى، مىسرانىم گىپىنى داۋاملاشتۇردى:
__سىزنى جازالىمىساق مىسرانىم مۇنبىرىدىكى باشقا ئەزالار نارازى بولغۇدەك،بايام ئەلشىر ماڭا نۇرغۇن ئەزا قول قۇيغان تىزىملىكنى ئىلىپ كەپتۇ، سىزدىن نارازى بولغانلارنىڭ تىزىملىكى مانا،_مىسرانىم شۇندا دىگىنىچە بىر تىزىملىكنى ماڭا كۆرۈپ بىقىڭ، دىگەندەك سۇنۇپ بەردى:
كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم،بۇ تىزىملىككە قول قويغانلار ئادەتتە مۇنبەردە مەن بىلەن ياخشى ئۆتىدىغانلار ئىدى،بىر قۇر كۆز يۈگۈرتىپ چىقتىم:
.......دىلسىرى(ما قىز مەن بىلەن بەك يىقىن ئىدى)، تاڭنۇر(بۇ ئەلۋەتتە )،دەقيانۇس(توۋا،خىلى يىقىن ئىدىم).،سەنسىز0903(ئاچا،دىسە ساقام دەپكىتىپتىمەن)،چارتىكىن(مەلىكە،دەپ بەك يىقىن تى) ، كۆڭۈل قىزچاق(ئۆتكەندە مەن چىمپىيۇن قىلغان)، كۆكنۇر(قوشاق يىزىشىپ ھارمايتتۇق) ،ئەپچىل(يىقىن ئىدۇق خىلى)، تۇمۇچۇق(ئۇغۇل دوستىڭىز بەك ياخشىكەن،دىگەن ئىدى تىخى)، ئەل قىزى(سىزگە مىنىڭكىدەك لايىق تۇنۇشتۇرۇپ قۇياي دەپ كەتكەن) ئۇيغۇرجان( مەن تىخى بىرنەرسىسىنى تەرجىمە قىلىپ بەرگەن)،زەپەر( تىمىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن).....................................[s:19]
قىسقىسى ھەممىسى مەن بىلەن ياخشى ئۆتىدىغانلار ئىدى،توۋا ماجاھاننى...ھازىر ئادەمگە ئىشەنمىگۈلۈك!
ھەممىسىنى يىقىن دەپ يۇرسەم بۇلار ماڭا ئورا كولاپتۇ.....ھەي،ئەمدى ئورنۇمنى بوشاتمىساممۇ بولمىغۇدەك جۇمۇ؟ ئىشقىلىپ مۇنبەردە ماڭا يىقىن ھىچكىم يوقكەن.......[s:3]
مەن گەپ قىلمىدىم،گەپ قىلمىدىم دىگەندىن كۆرە تىزىملىكتىكى ئىسىملارغا قاراپ ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى،بۇلار...ھەي...بولدىلا...
__مىنى قانداق جازالىماقچى؟__ئەمدى گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوقلىقىنى ھىس قىلغان ئىدىم__قانداق جازا بولسا مەن قۇبۇل قىلاي.
__ھە مەلىكە خىنىم،بۇ پوزىتسىيەرىڭىز بولىدۇ جىما؟__ئەلشىر ئەمدى ماڭا قاراپ ھىيلىگەرلەرچە كۈلۈپ قۇيدى،ئاندىن قاپاقلىرىنى تۈرۈپ، بىرخىل ئامالسىزلىقى چىقىپ تۇرغان كۆزىنى مەندىن قاچۇرغان مىسرانىمغا:
__ھە مىسرانىم باشلىق ،ئەمدى گاچچىدە گەپ قىلىڭ.
__مەلىكە،__مىسراننىڭ ئاۋازى خىلى يۇقىرى ئىدى،__سىزنى يىرىم يىل مۇنبەر تۈرمىسىگە قامايمىز،قانداق باشقىچە پىكىرىڭىز يوقتۇ؟
قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم،ھە قانچە جازالىسىمۇ بۇنچە قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدىم، مەن ئەمدى ئەسەبىيلەشتىم:
__نىمە؟ يىرىم يىل؟؟مىنى ئىلىپ چىقىپ ئىتىپلا قۇتۇلسىڭىز بولمامدۇ؟ مەن تۈرمىگە كىرمەيمەن،مەن كىرمەنمەن.....__شۇنداق ۋاقىرغىنىمنى بىلىمەن،بىر چاغدا مىسرانىمنىڭ ياردەمچىسى تارىم بىلەن ئىدىرىسجان ئىككىسى شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك كىلىپلا مىنى تۇتتى،ۋە گەپ قىلغىنىمغا قارىماي مىنى ئىككى بىلىكمدىن تۇتقىنىچە مۇنبەرنىڭ تۈرمىسىگە قامىۋەتتى[s:13] [s:13] [s:8]
مانا ھازىر بۇ مىسرانىمنىڭ تۈرمىسىدە يىتىۋاتقىنىمغا ئىككى ئاي بولدى[s:4] ،بىرسىمۇ كىلىپ يوقلاپ قۇيمىدى،
كۈندە ئىككى موما،قايناقسۇ....ھەي......پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا يوق،بىر ئاي بۇرۇن مەن بىلەن كامىرداش ئەركەم چىقىپ كەتتى، ئۇمۇ مىنىڭ سەۋەنلىكىم تۈپەيلى كىرىپ قالغان ئىدى،چىقىپ كىتىدىغان چاغدا،كىيىن مۇنبەردە كۆرىشىلى-ھە؟دەپ قۇيۇشلىرى بار تىخى[s:4]
مۇنبەرنىڭ تۈرمىسىدە كۈندە مەن بىلەن ئوينايدىغان ئىككى تال چاشقان بار، ۋىچىرلىشىپ كەلسىلا مومامدىن ئازراق بىرىمەن، ۋە قولۇمغا قەلەم ئىلىپ تۈرمە خاتىرسى يازىمەن،بۇ خاتىرىمۇ مىسرانىمنىڭ ماڭا قىلغان ئازراق شاپائىتى....چاشقان يەنە ۋىچىرلاپ كەلدى،مەن بايا يىمەي قۇيۇپ قۇيغان مومامدىن ئازراق ئۇشتۇپ ئۇلارغا بەردىم ۋە يەنە قولۇمغا قەلەم ئالدىم...مانا مەن يىزىۋاتىمەن...سىلەر ئوقۇۋاتىسىلەر.....[s:3]
مەن تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن تىزىملىككە قول قۇيۇپ بەرگەن ھەممىڭلاردىن ئۆچ ئالىمەن....چوقۇم ئۆچ ئالىمەن...سىلەرنى بوش قۇيۇۋەتمەيمەن....... !!!!!!
تاڭڭىدە قىلىپ تەككەن گۇندىپايلارنىڭ توقمىقى كۆزلىرىمدىن ئوت چىقىرىۋەتتى،قولۇمدا بىرتال مومىنى تۇتقىنىمچە جايىمغىلا يىقىلدىم...لىكىن قۇلىقىم ھەممىنى ئاڭلاپ تۇراتتى..
__ۋارقىراۋىرىدىكەن بۇ.....مۇشۇنداق قىلساق بىردەم تىنجىپ قالار..................[s:13] [s:13] [s:13] [s:3]
مىسرانىم مۇنبەر تۈرمىسى بەكلا ئازاپلىق ئىكەن جۇمۇ؟ ئىزىپ تىزىپ مۇنبەردە جىدەل چىقىرىپ مەندەك كۈنگە قالماڭلار-ھە؟[s:6]
مەلىكەدىن.
|
|
|
|
|
|