مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5064|ئىنكاس: 12

ماشىنىدا ماي تېجەشنىڭ قانداق ياخشى ئۇسۇلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يالقۇن085

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20381
يازما سانى: 551
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14285
تۆھپە نۇمۇرى: 3301
توردا: 1966 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 10:46:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1- بالوننىڭ يەل بېسىمىنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. چۈنكى بالوننىڭ يېلى ئاز بولۇپ قالسا ياكى ھەددىدىن زىيادە چىڭ بولۇپ كەتسە ماي سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا قەرەللىك ھالدا بالوننىڭ يەل بىسىمىنى تەكشۈرۈپ  تۇرۇش لازىم. ئۇندىن سىرت، خالىغانچە بالوننىڭ چوڭ كىچىكىنى ئالماشتۇرماسلىق لازىم.

كەڭ بالكونلارنى تاللىغاندا، گەرچە ماشىنىڭىزنى مۇسابىقە ماشىنىلىرىدەك ماڭغاندەك قىلسىمۇ، بىراق بالون كېڭەيگەن سىرى  قارشىلىقمۇ  ئېشىپ بارىدۇ، شۇڭا ماشىنىنىڭ يەرنى قاماللاش كۈچىگە بەك ئېھتىياجلىق بولمىسىڭىز، بالوننى ئالماشتۇرۇڭ، بولمىسا قاراپ تۇرۇپ بىكاردىن ماي پۇلىنى ئىسراپ قېلىۋاتىسىز.

2- قەرەللىك ھالدا رول تاختىسى ۋە بالوننىڭ توغرا تەڭشەلگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ. ماشىنا كونىرىغانسىرى بالون ۋە رول تاختىسى تەڭشەكنى يوقىتىدۇ، بۇمۇ مەلۇم مىقداردا ماي سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. 

3- يېپىشىشچانلىقى تۆۋەن بولغان ماتور مېيىنى ئىشلىتىش لازىم. ئادەتتە ماشىنا قوللانمىسىدا ئېنىق قىلىپ ماشىنىغا ئىشلەتكەن ماتور مېيىنىڭ يېپىشىشچانلىقى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە بولۇشى كېرەك دەپ ئەسكەرتىلىش. ماتورمېيىنىڭ يېپىشىشچانلىقى قانچىكى تۆۋەن بولسا، ماتور شۇنچىكى كۈچىنى تېجەپ،  تەبئىي ھالدا ماي تېجەپ قالالايدۇ. 

4- ماتورنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئاسراپ، مەسىلە چىققان ھامان ۋاقتىدا ئوڭشاش لازىم. مەسىلىنىڭ چوڭ كىچىك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەممىسى ماتورنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ، ماي سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. 

5- ماشىنا سىرتىنى ياخشى ئاسراش كېرەك. چۈنكى ماشىنا سىرتىدىكى كۆپۈپ چىققان نەرسىلەر ماشىنا ماڭغان ۋاقىتتىكى ئۇچرايدىغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ قارشىلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇنداق كۆركەم بىراق ئىشلەتكىلى بولمايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىمۇ ئوخشاشلا قارشىلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى كەسكىنلىك بىلەن ئېلىۋەتكەن ياخشى.

6- ماينىڭ ئوكتان قىممىتى قانچە يوقىرى بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ دېگەن قاراشقا ئىشەنمەڭ. ئەگەر ماشىنىڭىزنى #93لىك ماينى يېسە، بىراق سىز مەجبۇرى #97لىك ماينى بەرسىڭىز، بۇ ئۈنۈمنى ۋاك قۇۋۋەتنى ئاشۇرالمايدۇ. شۇڭا ئاۋۋال ماشىنىغا كېتەرلىك ماي ئوكتان قىممىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ، ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ بىكاردىن پۇلىڭىز ئېرىشىشىدىن ساقلىنىڭ.

7- ماشىنىنى ئۇزۇن ۋاقىت قىزىتماڭ. بىرقىسىم ماشىنا ئىگىلىرى ئەتمىگەنلىرى يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال مەلۇم ۋاقىت ماشىنىنى قىزىتىشقا ئامراق، بۇ ياخشى ئادەت، بىراق ماشىنىنى قىزىتىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە يانچۇقىڭىزدا بىلەن ئۇرۇشۇپ قىلسىڭىز مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ماشىنىنى ئاستا سۈرئەتتە بىر ئىككى كىلومېتىر ھەيدەش ئارقىغىمۇ ماشىنىنى قىزىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. 

8- ئەگەردە ماشىنا ئىچىدە مەلۇم ۋاقىت تۇرۇپ قالىدىغان بولۇپ قالسىڭىز، ھەمدە ماشىنىنى قوزغاتمايدىغان ئىش بولسا، ئەڭ ياخشىسى ماتورنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۋىتىڭ.

9- ماي پىدالىغا كۈچەپ دەسسەپ سۈرئەتنى ئاشۇرماڭ، بۇ پەقەت ماي سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بىراق ھېچقانچىلىك ۋاقتىڭنى تېجەپ بېرەلمەيدۇ. ئۇندىن سىرت يەنە سۈرئەتنى ئاشۇرۇۋەتمەڭ، ئادەتىكى ماشىنىلارغا نىسبەتەن 80 كىلومېتىرلىق سۈرئەت ماي تېجەيدىغان ئەڭ ياخشى سۈرئەتتۇر. سائەتلىك سۈرئىتى ئاشقانسېرى ماي سەرپىياتى ئېشىپ بارىدۇ.

10- ماشىنىنىڭ كەينى ساندۇقىنى داۋاملىق تازىلاپ تۇرۇشنى ئەستىن چىقارماڭ. ئوشۇقچە نەرسىلەر، مەيلى بىرجۈپ ئاز كىيىدىغان توپ ئايىغى بولسۇن، ۋە ياكى ئېشىپ قالغان يىرىم تۇڭ ماشىنا مېيى بولسۇن، ھەممىسى ماشىنىغا ئوشۇقچە ئېغىرلىق چۈشۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يانچۇققا چۈشىدىغان بېسىمىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ.


مەنبە : بايىغۇلىن قاتناش تورى

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9810
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 11:05:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چارىلەركەن ،ماشىنام بولمىسىمۇ ساقلىۋېلىپ تۇراي...
ۋاقتى ئۆتمىگۈدەك خەۋەركەن... كىيىنچە پايدىلانسام بولىدىكەن...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 1312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1096 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 11:07:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ياخشى ئامال 11-نومۇرلۇق ماشىنىنى كۆپرەك ھەيدەڭ!شۇنداق قىلسىڭىز ماينى تېجىگەندىن سىرىت سالامەتلىكىڭىزگىمۇ پايدىلق! [s:152]

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›

دۇنيادا ھەممە نە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6489
يازما سانى: 2043
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19430
تۆھپە نۇمۇرى: 1519
توردا: 5154 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 11:25:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى گەپلەركەن ماشىنا ئالغاندا سىناپ باقاي.................

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-9 11:57:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  پىخسىق بولاپ كەتسىمۇ  قاملاشماس ...
بوسا  ئىككى  ئادەم چىققاندا  كەينىدىكى ئىككى ئورۇندۇقنى  ئىلىۋىتىڭ ...ياكى   ياز كۇنلىرى  ماشىنىنىڭ ئۇستىنى كىسىپ ئىلىۋىتىڭ . ئىغىرلىق  يىنىكلەيدا ...

ماشىنىڭغا   ئاساسەن  جىق ئادەم سامماڭ .
بوسا  ئىككى كىشىلىك ماشىنا  ھەيدەڭ .
بوسا  ماشىنىنىڭ  ئوشۇك ئىشلىمەيدىغان يەرلىرىنى كىسىپ ئىلىۋىتىڭ ...
ماينىمۇ  جىق قۇيىۋالماڭ . بولمىسا  ئىغىر  بولاپ كىتىدا ...

چاقچاق  جۇمۇ . قىززىق بوسۇن دەپ  ... [s:134]  [s:127]  [s:137]  [s:138]  [s:128]

زامان ساڭا باقمى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8692
يازما سانى: 843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8534
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 3476 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-10 12:06:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلىدىغان چارىكەن. رەھمەت!!!دىققەت قىلسام بولغۇدەك!!!

دۇنياغا قارىسام كۈلگۈم كېلىدۇ دەرت ئەلەم ئىچىدە ئۆلگۈم كېلىدۇ بىراۋدىن كەلمىگەچ قىلچىلىك شەپقەت تەنھا جىمجىت يۈرگۈم كېلىدۇ

ئۇيغۇر225

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32614
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4120
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2013-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-10 12:07:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولىدىغان چارىلار ئېكەن

ئېرپان

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20801
يازما سانى: 1052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9776
تۆھپە نۇمۇرى: 702
توردا: 6322 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2014-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 10:15:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت بىلىۋالدۇق  .....جاپا چەكتىڭىز......... [s:166]

ئۆز  ئېلىڭىڭ نېنىنى يە . كىچە كۈندۈز غېمىنى يە.

ئىنساپلىق بولسى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21349
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7503
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 297 سائەت
تىزىم: 2010-12-8
ئاخىرقى: 2011-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 11:02:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋارە بولغىچە ماشىنىنى توختۇتۇپ قويۇپ پىيادە ماڭغان ياخشىمۇ نېمە؟؟؟؟؟ [s:156]  [s:156]  [s:156]

ياخشى نەتىجە قول

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31719
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4152
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2011-2-25
ئاخىرقى: 2011-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 05:00:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ماشىنا سېتىۋېلىش ئالدىدا ئاللا خالىسا مەنمۇ پايدىلىناي بولمىسا خۇدابەگەن نى خۇداۋەدىىكام تۇتال ماپ تۇ دىگەندەك ئىش بۇلۇپ قالمىسۇن  [s:134]  [s:134]  [s:134]  [s:134]  [s:134]  [s:134]  [s:134]

 ئۇلىنىش بىز بارلىق توربىكەت قۇرغۇچى ئىزدەنگۇچى  قېرنداشلارغا ياخشى يول باشلىغۇچى بوپ قالغۇسى ، تەرەقىياتىمىز قېرىنداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشىگەباغلىق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش