قىزنىڭ يېشى
قانچە ياشقا كىردىڭىز ؟-دەپ سورىدى سوتچى تاڭنۇر مۇسلىنەدىن؟-ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز يالغان گەپ قىلماسلىققا قەسەم بەرگەن.
-21ياشقا كىرىپ نەچچە ئاي ئاشتىم-دېدى مۇسلىنە.
-زادى نەچچە ئاي ئاشتى؟
-108ئاي.
باي بىلەن نامىرات
باي: مېنىڭ ئون تۆت دانە ماشىنام. تۆت داچام، ئۈچ دېھقانچلىق مەيدانىم بار سېنىڭ نىمەڭ بار؟
نامىرات. مېنىڭ بىر لايىقىم بار. ئۇ سىزنىڭ قىزىڭىز.
ئۆزگىچە بۇلاڭچىلىق
خالىد سۇ تاپانچىسىنى كۆتۇرۇپ ئۈنچە مەرۋايىت دۇكىنىغا كىرىپ توۋلاپتۇ:
-ماڭا ئۈزۈكتىن بىرنى بەر، تىز بول!
قورقۇپ كەتكەن خوجايىن نەسىرۇللا دەرھال ئەڭ قىممەت ئۈزۈكتىن بىرنى بېرىپتۇ.
خالىد باھا كارتىسىغا قاراپ بېقىپ:
-ئەرزانراققا ئالماشتۇرۇپ بەر ، بولمىسا خۇتۇن نەدىن تاپقان پۇل بۇ؟ دەپ سۇقۇشىدۇ.
ئەنسىرەش ھاجەتسىز
مىسرانىمىدىكى پىروفسسورلار ئايروپىلانغا چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئايروپىلاننى ئۆزلىرىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرى ياسىغانلىقنى بېلىپ پىروفسسور شاقۇر دەرھال ئايروپىلاندىن چۈشۈۋاپتۇ، پەقەت كارۋان پىروفسورلا ئولتۇرۋېرپتۇ.
كىشلەر ئۇنىڭدىن نىمىشقا چۈشۈپ قالمايدىغانلىقنى سوراپتىكەن ئۇ :
-نىمە قورقۇش، بىزنىڭ ئۇقۇغۇچىلار ياسىغان ئايروپىلان ئورندىنمۇ قوزغىلالمايدۇ؛-دەپتۇ.
كاربىراتۇر
مەلىكە: كاربىراتۇرغا سۇ كىرىپ كېتىپ ماشنىا بۇزۇلۇپ قالدى.
ئېرى: كاربىراتورغا سۇ كىرىپ كەتتى؟ چاقچاق قىلماڭە؟
مەلىكە: راسىت، جېـــــــــــــنىم.
ئېرى: كاربىراتۇرغىمۇ سۇ كىرىپ كىتەمدۇ؟ماشىنا قېنى؟ مەن بىر تەكشۇرۇپ باقاي.
مەلىكە: ماشىنا خۇڭيەنچى سۇ ئامبىرىدا قالدى.
ئۆلۈكتىنمۇ قان چىقىدۇ
كۆكيال تىۋېپنىڭ ئالدىغا بىر بىمار كەپتۇ، ئۇ ئۆزىنى ئۆلۇپ قالدىم، دەپ ئويلايدىكەن. كۆكيال ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ تىرىك ئىكەنلىكنى بىلدۇرمەكچى بۇلۇپ سوراپتۇ؟
-دەپ باقا ، ئۆلۈكنىڭ قېنى بولامدۇ؟
-ئەلۋەتتە بولمايدۇ دەپتۇ:- بىمار.
شۇنىڭ بىلەن كۆكيال بىر يىڭننى بىمارنىڭ بارمىقىغا سانجىپتىكەن قان چىقىپتۇ،
- سەن بۇنى قانداق چۈشەندۇرسەن دەپتۇ:- كۆكيال.
- بىلىدىم دەپتۇ بىمار، مەن خاتالىشپتىمەن، ئۆلۈكنىڭ قېنى بولدىكەن.
ئاساسلىق يىمەكلىك[/align
بىئولوگىيە مۇئەللىمى:
-ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىقىنى قامدايدىغان ئۈچ ئاساسى يىمەكلىك قايسىلار؟ كىم بىلىدۇ؟:-دەپ سوراپتۇ.
-مەن بىلىمەن، مەن بىلىمەن : - دەپتۇ قوزام ئورنىدىن تۇرۇپ.
-ياخشى دەپ بېقىڭە؟
-ئەتىگەنلىك، چۈشلۈك،كەچلىك تاماق.
قىزىقچىلىق دەپ قۇشۇپ قويدۇم، رەنجىمىگەيسىلەر!
مەنبە: تەرمىلەر ژورنىلى2011-يىللىق 1-2- سان