مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 477|ئىنكاس: 7

ھاياتلىق،ئارمان ۋە ئۆلۈم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23513
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 410 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 09:51:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ ماقالەمنى ۋاقىتسىز بىز بىلەن خۇشلاشقان قېرىداشلارغا بېغىشلايمەن

ھاياتلىق،ئارمان ۋە ئۆلۈم


 

تۇردى توختى

 

مىڭ يىل ياشايدىغاندەك ھەركەت قىل،بۈگۈن ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت

                                         _    ئاپامنىڭ ماڭا قىلغان نەسىھەتلىرىدىن

 

<<مىڭ يىل ياشايدىغاندەك ھەركەت قىل،بۇگۈن ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت>>دىگەن مۇشۇ  بىر جۈملە سۆزنى تەھىلىل قىلىپ كۆرىدىغان بولساق،بۇنىڭدا مۇنداق بىر ھەقىقەت ئوتتىرىغا قويۇلغان . بۇ بولسىمۇ ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىقنىڭ مۇتلەق مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلىقى،شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئۆلمەيدىغاندەك ياشاپ،ياشىغاندىمۇ ئۆزىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىغا تايىنىپ،كۈچىنىڭ يىتىشىگە تىرىشىپ،تەبىئەت دۇنياسىدىن ئۆزىنىڭ ھەققىنى تېپىپ يىيىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىنىڭ ئەۋلاتلىرىغا ياشاش(ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇش

)قا ئىمكانىيەت يارىتىپ،ئاشۇ ئەۋلاتلارنىڭمۇ ئۆلمەيدىغاندەك ياشاش ھەركىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشلۇق يارىتىش.بۇنداق ئىمكانىيەت بولسا ھاياتلىقنىڭ مۇشۇ ئالەمدە مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر رىئاللىق.بۇنداق رىئاللىق ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ قانۇنىيەتلىك تەرەقىقىي قىلىپ ھەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.بۇ ماھىيەتتە ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىغىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى.

بۈگۈن ئۆلىدىغاندەك ياشاش مەسىلىسى بولسا ھاياتلىقنىڭ يەنە بىر خىل رەۋىشتە ئىپادىلىنىشى بۇلۇپ،ئۇ كىشىلەرنىڭ مۇشۇ دۇنيادا ياخشىلىق قىلىپ،خۇداغا سېغىنىپ،باشقىلارنىڭ مۇھتاجلىقىنى تۈگۈتۈپ،ئاخىرقى ھىساپتا ئۆزىنىڭ ئېتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر ھەقىقەت،بۇ ئېتىياج بولسا كىشىلەرگە ئۆلۈم ئېلىپ كەلگەن ھاياتلىقتىن ئىبارەت گۈزەل ئىستەك بولۇپ،بۇ ھاياتلىق باشقىچە داۋاملىشىدىغان،ئۆلۈم چۈشەنچىسى ۋە ئۆلۈمدىن مەڭگۈ خوشلاشقان ھاياتلىقتىن ئىبارەت.

مەيلى پانىي دۇنيادىكى ھاياتلىقنى مەڭگۈگە داۋاملاشتۇرۇش بولسۇن،مەيلى ئۆزىدىن ئۆلۈم ئاتالغۇسىنى چىقىرىپ تاشلىغان ھاياتلىق(باقىيلىق) بولسۇن ،كىشىلەر بۇنى يارىتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قان - تەرى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان بەدەل تۆلەيدۇ.شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا يېتەلمەي ،پانىيدىكى ھاياتقا قانمىغان ھالدا باقىيغا سەپەر قىلىدۇ .بۇنداق پانىي دۇنيادىكى ھاياتقا قانماسلىقنىڭ ئۆزى ئۆلۈم بىزگە ئاتا قىلغان ئەڭ زور بايلىق ۋە ئۆلۈم بىزگە ئاتا قىلغان ئەڭ زور بەخت.بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا بۇ ئىنسانلارغا ئۆلۈم ئاتا قىلغان ئەڭ زور گۈزەللىك(ۋاقىت چۈشەنچىسى)دىن ئىبارەت،چۈنكى ۋاقت ئۆلۈمنى ئېلىپ كېلىدىغان بىردىن بىر ھەقىقەتتۇر.شۇنداقلا ھاياتلىقنى ئاپىرىدە قىلىدىغانمۇ بىردىن-بىر ھەقىقەتتۇر.

ئەسئەت سۇلايمان ئۆزىنىڭ<<ئۆلۈم ئېڭى ۋە مەدىنىيەت پىسخىكىمىزنىڭ يوشۇرۇن قاتلىمى>>دىگەن ئىلمىي ماقالىسىغا  سوقراتنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى نۇتىقىدىن مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزنى نەقىل كەلتۈرگەن.سوقرات ئۆلۈم ئالدىدا<<ئايرىلىدىغا ۋاقت كەلدى،مەن ئۆلىمەن،سىلەر ياشايسىلەر...>>دەپ خىتاپ قىلغان* بۇنىڭدىن بىز ۋاقىتنىڭ ھەم ئۆلۈمنى ھەم ھاياتلىقنى يارىتىدىغان بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالىمىز.بۇ دىگەنلىك تۇغۇلۇش_ئۆلۈش،ئۆلۈش-تۇغۇلۇشنىڭ مەڭگۈ دەۋرلىنىپ،ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈمنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىنىڭ  كۈچلۈك دەلىلى.


مۇشۇنداق داۋاملىشىش چەمبىرىكى ئىچىدە ياشىۋاتقان كىشىلارنىڭ ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا يەتمەكچى بولغان نۇرغۇن ئارمانلىرى بولىدۇ،بىراق بۇ ئارمانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى كىشىلەرنىڭ ئارمىنى بولۇپ قالىدۇ .ئەمەلگە ئاشمايدۇ، بۇنداق ئەمەلگە ئاشماسلىق دۇنيانىڭ مەڭگۈتەرەققى قىلىشىدىكى ئاچقۇچ،چۈنكى كىشىلەر بىرسى ۋۇجۇتقا چىقىرالمىغان ئىشلارنى(ئارمانلارنى )يەنە بىرسى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ،دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن ھەقىقى بەھىرلىنىدۇ.<< ئةۋلات قالدۇرۇش چۈشةنچىسىنى ئىنسانلارغا ئۆلۈم ھةدىية قىلغان بولۇپ ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇنقى مةڭگۈ ياشاش ئىستىگىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئةۋلادى بولۇشنى تةلةپ قىلىپ،ئۆزىنىڭ پۇشتىدىن تۆرةلگةن ئىزباسارنى قالدۇرۇش ،شۇ ئاساستا  ھاياتلىق دۇنياسىنى ئةۋلاتمۇ-ئةۋلات داۋاملاشتۇرۇپ،ئۆز نةسةبىنى ئۈزۈپ قويماسلىققا تىرىشقان.شۇڭا ئۇلار مةڭگۈ ئۆلمةيدىغاندةك ياشاش قىزغىنلىقىغا ئىگة بولغان ھةم شۇنداق ياشاپ كةلمةكتة.>> **بۇ يەردە ئاپتورنىڭ<<ئۆلۈم ئېڭى ياراتقان گۈزەللىك>>دىگەن ماقالىسىدىكى بۇ قاراشلىرىنى دەلىل قىلىپ ئۆتۈپ،بىز ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم ئوتتىرىسىدىكى بىر-بىرىگە ئايلىنىش مەسىلىسىنى ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشىنىمىز.


يۇقىردىكى باياندا يەنە كىشىلەرنىڭ ئارمانلىرى نوقتىلىق ئوتتىرىغا قويۇلۇپ،كىشىلەرنىڭ ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ شەرت(ھەقىقەت)نىڭ پەرزەنت قالدۇرۇش ئىكەنلىكى،شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنت قالدۇرۇپ ھاياتلىقنى ئۈزۈپ قويماي مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئارمانلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى،شۇڭا ئىنسانلارنىڭ جىمى (ھاياتلىق)ئاتا قىلىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىغى،بۇنىڭ ئىنسان تەبىئىتىدىكى بىر ئېتىياچ بولۇپ، بۇنداق ئېھتىياج بولمىسا ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىپ،كىشىلەرنىڭ ھاياتلىققا بولغان ھۆرمىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ.



1.ھاياتلىق

ھاياتلىق ئىنسان ۋە پۈتۈن جانلىقلارغا ئورتاق نىسىپ بولغان،بىراق ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى ئادەمدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ مەخلۇقلا ھىس قىلالايدىغان ياشاش جەريانىدىن ئىبارەت.

ھاياتلىق تەن بىلەن روھ(جان)نىڭ يۇكسەك دېرىجىدىكى بىرىكىشى بۇلۇپ،تەن بىلەن روھ مۇۋاپىقىيەتلىك قۇشۇلغاندىلا ئاندىن كىشىلەر ھەم جىسمانى جەھەتتىن ھەم روھى جەھەتتىن ھاياتلىق مەنبەسىگە ئىرشىپ،پانىي دۇنيادا تۇرلۇك ھەركەت پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردىغان،ئەقىل-ئىدىرىكىنى ئىشلىتىپ،ئۆزىنى ۋە ئىنسانىيەت جەمىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ،ياشاش شارائىتىنى يارىتىدىغان مۇرەككەپ ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.

ھاياتلىقنىڭ داۋام قىلىشىنى بىز جىنسى پەرقنىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەن زىچ باغلاپ چۈشەندۈرىمىز.ھەرقانداق بىر ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈلۈك داۋاملىشىشىدا جىنسى پەرىقنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ،جىنسى پەرىقى روشەن تەرەققى قىلمىغان شەيئىنىڭ ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرالىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.ئىككى جىنىسنىڭ ئۆز ئارا بىرى-بىرىنى تەقەززا قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ ياشاش قانۇنىيىتى،ياكى كىشىلەردىكى فىزىلوگىيىلىك ئېھتىياج ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىدىكى مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرسى بولۇپ،بۇنداق قانۇنىيەت ۋە ئېتىياج بولمىسا ھاياتلىق يىلتىزىدىن قۇرۇيدۇ.

يوقارقى فىزىلوگىيىلىك ئېتىياج ۋە ياشاش قانۇنىيىتى ئاتىلىق ۋە ئانىلىقتىن ئىبارەت ئىككى بۈيۈك مەۋجۇتلۇقنى يارىتالىغاندىلا،ئاتىلىق بىلەن ئانىلىق ئۆز ئارا بىرى - بىرىگە ئۆتۈشۈپ ھاياتلىقنى تەشكىل قىلىدۇ.ماھىيەتتە بۇنداق بىرلىشىش پانىيدىكى ھاياتلىقنىڭمۇ مەڭگۈ داۋاملىشىشىدىكى بىر ھەقىقەت ھېساپلىنىدۇ.بۇنداق بىرلىشىشنى ھاسىل قىلالمىغان ھەرقانداق شەيئىنىڭ بارلىققا كېلىشى مۇمكىن بولمايدىغان ھەقىقەتتۇر.

ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇشتا  بىز ئاتىلىق بىلەن ئانىلىقنى ھازىرلىغاندىن سىرت يەنە شۇنداق بىرلەمچى ئېتىياجلاردىن ھاۋا،تۇپراق،سۇ،ئوتتىن ئىبارەت تۆت زاتنىڭ بولۇشىغا ئېتىياجلىق بولىمىز.بۇ تۆت زات ھاياتلىقنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتا بولمىسا بولمايدىغان بىرلەمچى شەرتلەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.بىز ھاياتلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ياشاشتا زۆرۈر بولغان ئىككىلەمچى شەرتلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا نۇرغۇنلىغان مۇناسىۋەتلەرنى ئاشۇ تۆت زات ئارقىلىق قىلىپ،ئۆزىمىزگە كېرەكلىك بولغان نۇرغۇن ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېتىياجلارنى ئاشۇ تۆت زات ئاساسىدا قاندۇرىمىز.

ياشاش جەريانىدا بىز تۈرلۈك-تۈمەن مۇناسىۋەتلەرنى شەكىللەندۇرۇپ،ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان ھاياتلىققا ئىرىشىشىگە تۈرۈتكە بولىمىز.بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تەپەككۈر قىلىش ئارقىلىق دۇنيانى ھاياتلىق بىلەن گۈزەل قىلىمىز.بۇنداق گۈزەللىكە تولغان ھاياتلىقىنى مۇكەممەللەشتۈردىغان مۇھىم نەرسە ئىنساننىڭ ئەقلى تەپەككۈرى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىدىن ئىبارەت .

بىز ياشاش جەريانىدا قانداق ياشاش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىمىز قانداق ياشاش مەسىلىسى بولسا بىزدە تۈرلۈك-تۈمەن ئارمانلارنى پەيدا قىلىدۇ.بۇنداق ئارمانلار كىشنىڭ ھەركەت پائالىيىتى جەريانىدا بىر قىسىمى ئەمەلگە ئاشىدۇ،يەنە بىر قىسىمى ئارمان پېتى قېلىپ،ئەمەلگە ئاشمايدۇ.بۇنداق ئەمەلگە ئاشمىغان ئارمان يەنە ھاياتلىقنىڭ  داۋاملىشىدىغانلىقىنىڭ مۇھىم كاپالىتى سۈپىتىدە نامايەن بولۇپ،كىشىلەرنى ئىزدىنىپ ياشاشقا ئۈندەيدۇ.


2.ئارمان

ئارمان ھاياتلىق داۋاملىشىۋاتقان چاغدا(شۇ كىشىنىڭ ھاياتلىقى)  كىشىلەردە پەيدا بولىدىغان ياشاش مەنزىلى ئىچىدە رۇياپقا چىقىدىغان ياكى قايتا ھاياتلىقنىڭ شەكىللنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ياشاش نىشانى بولۇپ ئەقلى تەپەككۈرغا ئىگە ھەرقانداق كىشىدە ياشاش جەريانىدا يەتمەكچى بولغان نۇرغۇنلىغان ئارزۇ - ئارمانلار بولىدۇ.

مەسىلەن :پەرزەنت كۆرۈش كىشىلەرنىڭ ھاياتلىقنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن،ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا جەمەتىنىڭ نەسەبىنى مەڭگۈ ئۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن،كىشىلەرنىڭ ئەقلى تەپەككۈرى ئارقىلىق شەكىللەنگەن بىر تۈرلۈك ئېتىياج.يەنە باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا كىشىلەرنىڭ ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك ئارمانى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇ خىل ئارمانغا نۇرغۇن كىشىلەر يېتەلەيدۇ،يەنە نۇرغۇن كىشىلەر يېتەلمەيدۇ.بۇنداق يېتىش بىلەن يېتەلمەسلىك دۇنيانىڭ مۇھزىنىتىنى تەڭشەپ تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

خۇددى كىشىلەرنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئارزۇ-ئارمانلىرى بولغىنىدەك يەنە ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن يەتمەكچى بولغان تۈرلۈك ئارزۇلىرى بولىدۇ.بۇ ئارزۇلار كىشىلەرنىڭ ياشاش جەھەتتىكى ئۆزى ياراتقا ياشاش مىلودىيەسىنىڭ قانداق ئاھاڭدا بولغانلىقى بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن كىشىلەر قانچە قىلسىمۇ پانىيدىكى ھاياتلىققا قانمايدۇ.بۇنداق ھاياتلىققا قانماسلىقتىكى ئاساسى سەۋەپ ئۆزىنىڭ مۇشۇ دۇنيادا قىلىدىغان يەنە نۇرغۇنلىغان ئىشلىرىنىڭ بارلىقىدىن بولىدۇ.مۇشۇ ئورۇنلانماي قالغان نۇرغۇنلىغان ئىشلار كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ئۆزگۈچە تەم كىرگۈزۈپ،ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ئورۇنلاپ بولغان ئارمانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىپ،كىشىلەرنى داۋاملىق تەپەككۈر قىلىشقا ئۈندەيدۇ.

ئارماننىڭ قاچان ئەمەلگە ئېشىشى بىر سىر،مەيلى ئۇ ئەمەلگە ئاشقان ئارمان بولسۇن شۇ كىشى ئاشۇ ئارماننى قىلغان چاغدا شۇ خىلدىكى ئارمىنىنىڭ قاچان قانىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ داۋاملىق تىرىكچىلىك قىلىدۇ.بۇنداق قاچان،نەدە،قانداق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىغىنى بىلمەسلىكنىڭ ئۆزىمۇ ھاياتىنى قىممەتكە ئىگە قىلىدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ ھىساپلىنىدۇ.بۇ دۇنيادا سىز تەپەككۈر قىلىدىغان،ئويلىنىدىغان،سىزنىنىڭ ئېچىشىڭىزنى كۈتۈپ تۈرىدىغان سىر قالمىغان چاغ، پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۇمپەيكۇم بولىدىغان ۋاقتىدۇر.بۇنداق قۇرۇق دۇنيا ئاخىرقى ھىساپتا سىزنى تەپەككۇرسىز مەخلۇققا ئايلاندۇرۇپ قۇيىدۇ-دە، ئۆزىنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىشكە باشلايدۇ.بۇنداق سۈپەت ئۆزگۈرۈش يەنە تۈرلۈك يېڭى ئارمان ۋە ھاياتلىقنىڭ بۇلۇشىنى ئۆزىگە شەرت قىلىپ يېڭى ھاياتلىق دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

ئارزۇ ئارمانلارنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى سەۋەپلىك كىشىلەر ھاياتقا بولغان مۇھەببەتنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ،ھاياتنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ.ھاياتى ئاخىرلاشقان چاغدىمۇ ئاشۇ ئارمانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى بىر مىنۇتمۇ ئېسىدىن چىقىرىپ قويمايدۇ،ياشاشقا ئىنتىلىدۇ،لىكىن بۇ ھەرقانچە قىلغان بىلەنمۇ نۇرغۇن ئارمانلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ،ئۆلۈم قوينىغا كىرىپ كېتىدۇ.بۇ ئۆلۈم شۇ كىشىنىڭ پانىيدىكى ھەركىتىنى مەڭگۈلۈك ئاخىرلاشتۇرۇپ،مەڭگۈلۈك روھ ئالىمىدىكى ھاياتلىققا باشلاپ كىرىدۇ.بۇ ماھىيەتتە ھاياتلىقنىڭ يېڭىچە قىياپەتتە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلىدۇر.


3.ئۆلۈم

ئۆلۈم بولسا- ئىنسانلار ھاياتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى پارچىلىنىشى بولۇپ،ماھىيەتتە روھنىڭ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈش –مەڭگۈلۈك ھايات(باقىلىق)قا يىتىشتىكى بىردىن - بىر جەرياندۇر.

ئۆلۈمنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتى روھ بىلەن تەننىڭ پارچىلانغان ۋاقتى بولۇپ، بۇ چاغدا تەندە ھىچقانداق بۈيۈكلۈك قالمايدۇ.روھ بولسا تېخىمۇ بۈيۈك نۇقتىغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق قوينىغا كىرىدۇ.

مەيلى دىنىي ئىدىيەلەردە بولسۇن،مەيلى باشقا ئىدىيە نۇقتىنەزەرلەردە بولسۇن تەندىن ئاجرىغان روھقا يۈكسەك ئورۇن بىرىلگەن،تەنگە بولسا ئۆرپ-ئادەت تۈپەيلىدىن ھۆرمەت قىلىنىپ،تەننىڭ چىرىپ،مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قويماسلىقى،ياكى گۆشخورلارنىڭ ئادەملەرنىڭ جەسىدىنى خار قىلىپ قويماسىلىقى تۈپەيلىدىن(ئادەمنىڭ تىنىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى بۈيۈكلىكىدىن) تۈرلۈك يوسۇندا دەپنە قىلىدۇ،كىشىلەر دەپنە پائالىيىتى تۈگىشى بىلەن تەندىن مەڭگۈلۈك يىراقلىشىمىز.شۇنىڭدىن باشلاپ قىلغان ھەركىتىمىز بىزنىڭ ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۋاتقان روھ بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ.

مەسىلەن:سىز مەيلى چىڭگىزخاننىڭ،مەيلى ناۋايىنىڭ،مەيلى ماركىسىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلماڭ،سىزنىڭ شۇ چاغدىكى قەبرە بېشىدا قىلغان بارلىق پائالىيەتنىڭ ئۈلانىڭ جىسىمى ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۋاتقان روھى ۋە ھاياتلىقتا قالدۇرغان ئەجرى ئۈچۈن بولىدۇ.<< دىننىي ئىدىيةلةردة ‹ھاياتلىقنى ئىلاھنىڭ بىزگة بةرگةن ئامانىتى› دةپ قاراپ،ھاياتنى تېخىمۇ قىممةتلىك،ساۋاپلىق ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتتىرىغا قويسا،ماتىرىيالىستلار ھاياتنىڭ قىسقا ئىكةنلىكىنى قىسقا ھاياتنى چىڭ تۇتۇپ تۆھپة قوشۇشنىڭ لازىملىقىنى ئةسكةرتىپ ھاياتلىقتا،نىشان(نام)قالدۇرۇشنى تةلةپ قىلىدۇ.ئىككى خىل ئىدىيةنىڭ ئىككىلىسىدة ئۆلۈمدىن ئىبارةت بۇ مۇقةررةرلىكنى ئىتىراپ قىلىپ،ھاياتنىڭ قةدرىنى قىلىشنى ئوتتىرىغا قويغان بولۇپ،بۇلاردىكى ھاياتقا بولغان گۈزةللىك ئوخشاشلىقنى تاپقان.پةرق بولسا قايتا تېرىلىش بىلةن ياخشى نام قالدۇرۇش(تىرىلمةسلىك)مةسىلىسىدىن ئىبارةت.قانداقلا بولمىسۇن ئىنسانىيةت دۇنياسىدىكى بارلىق ئىدىيةلةرنىڭ ئۆلۈمنى ئىتىراپ قىلىشى بىر ئورتاقلىقتىن ئىبارةت مةڭگۈلۈك پەلىسەپە>>***(ئۆلۈم ئېڭى ياراتقان گۈزەللىكتىن)

يۇقارقىلاردىن ئوخشىمىغان ئىدىيە ئېقىملىرىدا روھقا بولغان كۆز قاراش ئوخشىمىسىمۇ،لىكىن روھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ۋە ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەيدىغانلىغىنى ئۇلار ئورتاق ئىتىراپ قىلىشقان.ھەر قايسى دىنلار روھنى باقىي ئالەمگە(تەڭرىنىڭ قېشىغا)كېتىدۇ دەپ چۈشەندۈرسە ماتىرىيالىزىمچىلار روھنى خەلق ئىچىدە ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا داستان بولۇپ يۈرۈيدۇ،ئۇ خەلقنىڭ قەلبىدە دەپ چۈشەندۈرىدۇ.ھەر ئىككىلا قاراش بۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاپلىق(ياخشى ئىش)لارنى كۆپلەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئۆلۈم كىشىلەرنىڭ پانىي ئالەمدىكى ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن توختىتىدىغان بىردىن-بىر كۈچ.مۇشۇ كۈچنىڭ سەۋەبى بىلەن كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىغان ئارمانلىرى ئەمەلگە ئاشماي،كىشىلەر ئارمان بىلەن باشقىچە ھاياتلىققا قەدەم قۇيىدۇ.بۇ نۇقتىدا مۇنتاگىنى<<ئەڭ ئاخىرقى پەيتىلەردە،ئۆلۈم بىلەن بىزنىڭ ئارىلىقىمىزدا زەررىچە ساختىلىقمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ>>****دەپ ئادەمنىڭ ئۆلۈم ئارقىلىق پاكلىنىدىغانلىقىنى،بۇ پاكلىنىشنىڭ ماھىيەتتە روھنىڭ يېڭى ھاياتلىققا كۆچكەنلىكى ئىكەنلىكىنى ئوتتىرىغا قويسا،ئەسئەت سۇلايمان<<ئۆلۈم ئادەمنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ۋە قايتىش يولى،شۇنداقلا يېڭى ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشىدۇر>،***** دىگەن ھۆكۈمنى كەسكىنلىك بىلەن ئوتتىرىغا قۇيىدۇ.

قىسقىسى مەيلى ھاياتلىق،مەيلى ئارمان بولسۇن ھەر ئىككىلىسى ئۆلۈمدىن ئىبارەت مەڭگۈلۈك ھەقىقەت ئارقىلىق ئۆزىنى يېڭى بولغان ھاياتلىق ۋە ئارمان قوينىغا باشلاپ كىرىدۇ.شۇنداقلا كىشىلەرگە ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈمنىڭ ئوخشاش بىر جەريان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى-بىرىگە ئايلىنىش جەريانىنىڭ گۈزەل ئارمانلارنى ئاپىرىدە قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى بىزگە بىلدۈرىدۇ.دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن يەنە مۇنتاگىنى<<ئۆلۈمدىن كىيىنكى مەڭگۈلۈك نۇر ھالىتىگە كىرىش ئۈچۈن،ئۆلۈمگە ئادەتلىنىشىمىز، ئۈزىمىزدىكى بۇنىڭغا بولغان قۇرقۇشنى سۈپۈرۈپ تاشلىشىمىز كېرەك>،دىگەن مەشھۇر ھۆكۈمىنى ئوتتىرىغا قويغان.بۇ تىلغا ئالغان<<مەڭگۈلۈك نۇر>>******ئەمىليەتتە مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتىن ئىبارەت ئىدى.

 

(ئىجادىيەت)

پايدىلانغان ماتىرىياللار:

1-،4-،5-،6-ئىزاھلار: ئەسئەت سۇلايمان<<تارىم قۇۋىقى چىكىلگەندە>>379-،382-بەتلەر

2-،3-،ئىزاھلار: تۇردى توختى<<ئۆلۈم ئېڭى ياراتقان گۈزەللىك>>دىگەن ماقالىسىدىن


---

بۇ ماقەلە ئاپتۇرنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن مىسرانىم مۇنبىرىگە چاپلاندى

ئەسلى مەنبەدىن كۆرۈش ئۈچۈن  بۇ يەرنى چېكىڭ


مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20801
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5972
تۆھپە نۇمۇرى: 612
توردا: 6100 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 10:07:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ ...... [s:166]  [s:166]  [s:166]

ئۆز  ئېلىڭىڭ نېنىنى يە . كىچە كۈندۈز غېمىنى يە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31897
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1608
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1422 سائەت
تىزىم: 2011-2-26
ئاخىرقى: 2011-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 10:13:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى،مەزمۇنىمۇ ياخشى. داۋاملىق يىزىپ تۇرۇڭ! [s:166]

ئىبراھىمجان ئىر

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 2337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26203
تۆھپە نۇمۇرى: 3036
توردا: 6337 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 10:30:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ ھاياتقابولغان ئىشەنچەم ئاشتى .
سىزگە رەخمەت قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/

ozung  bilgan  yolni atang

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19333
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1244
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5836 سائەت
تىزىم: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 10:38:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       ماقالىڭىزنى ياخشى يېزىپسىز، ھايات، ئارمان، ئۆلۇم، بۇ ئۇچ نەرسە كونكىرىتنى بىر ئىنساننىڭ  بۇ دۇنياغا كىلىشتىن كەتكىچە بولغان ئارىلىقتىكى مۇساپىسىدۇر.تۆرۇلۇش ۋە ئۆلۇش بۇ مۇساپىدىكى ئەڭ قىسقا جەريان، ئارمان بولسا ئىنسانغا ھەمرا بولىدىغان ئۇزۇن جەرياندۇر، شۇڭا ئىنسان مانا شۇ ئارماندىن ئىبارەت بۇ ئۇزۇن جەرياننى بوش قويۇۋەتمەسلىكى كىرەك، ئادەملەردە تۇرلۇك - تۇمەن ئارمانلار بولغاچقا، بۇ ئارمانلارنىڭ بىرسى قاندۇرۇلسا يەنە بىرسى ياكى نەچچىسى پەيدا بولۇپ تۇرغاچقا ئىنسان تىنىمسىز ھەرىكەتتە بولىدۇ، دۇنيامۇ ئىنسانلارنىڭ مانا شۇ تىنىمسىز ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە ئۆزگۇرۇپ ، تەرەققى قىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئىنسان مانا مۇشۇ ئارمانلارغا مەھكەم يېپىشىشى ھەم بۇ ئارمانلارنىڭ ئەھمىيەتلىك بولۇشىغا كۆڭۇل بۆلۇشى كىرەك.
       ماقالىڭىز ياخشى يېزىلغان، لېكىن رەنجىمەڭ، ماقالە ئازىراق چۇۋالچاق بولۇپ قالغان، تىمىنى گەۋدىلىك ھالدا ئىپادىلەپ بىرىشكە سەل قارالغان، سىز  ماقالىڭىزدا نىمە دىمەكچى ؟ بۇنى قانداق مۇلاھىزە، پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلايسىز ؟ مۇشۇلارنى چىڭ تۇتۇش كىرەك.
      مەن ماقالىڭىزنى تەكرار ئۈچ قېتىم ئوقۇدۇم، بۇ مېنىڭ شەخسەن قارىشىم، سىزنى ئەيىپلىگەنلىكىم ئەمەس، سىزگە ياردىمى بولامدىكىن دەپ بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتىمەن، توغرا چۈشۈنىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.

ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

ئاي-ئۈمىدۋار بول

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92
يازما سانى: 528
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14501
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 3435 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 10:39:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىپ ئاندىن ئوقۇي.ياخشى يېزىلغان ئۇزۇن ئەسەرلەرنى ئىنكاستا ساقلىۋېلىپ ئوقۇيدىغان ئادىتىم بار ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23513
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 410 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-20 05:26:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت tulunay كە 2011-03-11 10:39 PMئەۋەتىلدى :
بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىپ ئاندىن ئوقۇي.ياخشى يېزىلغان ئۇزۇن ئەسەرلەرنى ئىنكاستا ساقلىۋېلىپ ئوقۇيدىغان ئادىتىم بار ئىدى.


ياخشى ئادىتىڭىز بار ئىكەن،ئەسەرنى چۈشىنىپ،ئالدىرىماي ئۇقۇسا ھەزىم قىلماقمۇ ئاسان بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5455
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8159
تۆھپە نۇمۇرى: 329
توردا: 3394 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-20 05:48:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك ! ئۆلۈم-------- ئىنسان ئۈچۈن بىر ئىبرەتتۇر! [s:131]

ئۇيغۇرىيە   _______  ماڭا بەك يىقىملىق ئاڭلىنىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش