<<بۈگۈن يەنە كىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدۇ ؟>> دەپ قارىسام گىلادىئاتورنىڭ تۇغۇلغان كۈنىكەن، دوستلار بىرلىكتە تەبرىلىۋالايلى دەپ تېما يوللاپ ئولتۇرۇشۇم.........
ئانىڭىزنىڭ سىزنى ئاچچىق تولغاق يەپ تۇغقان كۈنىگە ۋە سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
سىزنى ئاڭلىسام كىنو مەستانىسى دەيدۇ، بەلكىم بۇ كىنونى كۆرۈپ بولغان بولىشىڭىز مۇمكىن، شۇنداق بولسىمۇ قايتا بىر كۆرىۋىتەسىز، بەلكىم سىز مۇشۇ كىنونى كۆرۈپ مۇنبەردىكى ئىسمىڭىزنى < گىلادىئاتور> قويدىڭىزمۇ؟ كىم بىلىدۇ.......
تورت سىتىۋالغىلى چىقسام بۇ تورت سىزگىلا ماس كېلىدىغاندەك كۆرۈندى، خاتىرجەم ئولتۇرۇپ يەسىز ....
دوستلىرىڭ قۇتلۇقلاپ گۈللەر تۇتىدۇ،
سېنىڭدىن چوڭ ئارزۇ - ئۈمىد كۈتىدۇ.
دوست بىلەن كۈنلىرىڭ غەمسىز ئۆتىدۇ ،
<<ياخشى دوست -چوڭ يۆلەك،كۆڭۈل ئۆسىدۇ>>
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن.
قېنى ئۆمۈر ئېشىغا مەرھەمەت قىلىڭ.
پولۇمۇ تەييار بولۇپ قالدى مانا ، ئېغىز تېگىڭ.....
ماۋۇ دوپپىنى كىيىۋالاسىزئەمىسە، ئاددىي كۆرمەي.مېنىڭ كىچىككىنە سوۋغام.
مۇنبەردىشىڭىز: ھىلالدىن.
باشقا سوۋغىلارنى بېرىش مۇنبەرداشلارغا قالدى ئەمىسە.....