مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6843|ئىنكاس: 54

XJTV-5  توغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياشىسۇن _ياشلىق

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9810
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8165
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2010-9-10
ئاخىرقى: 2011-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 10:56:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

XJTV-5  تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن

 



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم XJTV-5 . بۈگۈن سىزنىڭ قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنىڭىز ،  بارلىق مۇنبەر ئەھلى نامىدىن تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى مۇبارەكلەيمەن .
26 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بوسۇن .
ئۇلۇغ اللە دىلىڭىزغا ئىمان - ئىنساپ ، ھىدايەت ئاتا قىلسۇن ! ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق ، تۇرمۇشىڭىز كۆڭۈللۇك، تېنىڭىز سالامەت بولسۇن .
  ئاتا - ئانىڭىز سىزدىن رازى بولسۇن . سىزگە بەخىت تىلەپ دۇئا قىلسۇن . .


بۈگۈن بولدى سىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ.
26يىشىڭغا مۇبارەك بولسۇن.
ئۆتتى شۇنچە قىش ھەم ياز،  
26يىشىڭغامۇبارەك بولسۇن   !









ئالدى بىلەن ئۆمۈر ئېشىغا ئېغىز تىگىڭ .





ئاخىرىنى تورداشلار بىلەن بىللە تەبرىكلەي....


بۇ ھاياتلىق ئالىمىدە خەتەر تولا،
چۈشمەيمەن دەپ دېيەلمەيسەن توزاقلارغا.
كاج كېلىدۇ بەزەن ئىشىڭ يۈرۈشمەستىن.
ئات مىنسەڭمۇ يۈرەلمەيسەن ئۇزاقلارغا.

بۈركۈت بولۇپ كۆكتە پەرۋاز قىلاي دېسەڭ،
يولۇقىسەن يەنە بەلكىم توساقلارغا.
چۈنكى بۇندا ئوۋچىلارمۇ تەييار بولۇپ،
بەتلەپ قويدى ئوقلىرىنى ساداقلارغا.
بىرەر ئىشنى خاتا قىلساڭ تۈگەشكەن شۇ،
سېسىتىدۇ بولۇپ بېرىپ ھونناقلارغا.
بولۇق ئۆسكەن بۇغداي بولساڭ نەزىرىدە،
ئوخشىتىدۇ ئوخشىمىغان قوناقلارغا.

تۇغۇلغان كۈنىڭىز خۇشال ئۆتسۇن!!!!!


http://www.aktulpar.com/yengiyilsowhisi.swf

قىز بۇلۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ لېكىن ، غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن . پاكلىقىم ، غورورۇم ،سەبىئى قەلبىمدە، قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11523
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 11:17:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  شىجائەتلىك ياش، تۆھپىكار، ئىزدىشىچان دوستۇم   XJTV-5  ( ئادىلجان ئابلىز ) نىڭ توغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيمەن! دوستۇم ئادىلجان توغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!         

                                   



بۇندىن 26 يىل مۇقەددەمكى يولۋاس يىلىدا بايىنغولىن مۇڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاسىتىنىڭ خېجىڭ ناھىيسىدە بىر بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچتى. ئۇنىڭ ئەگرى قاشلىرى، ئاپاق يۈزلىرى ھەمدە قاپقارا كۆزلىرى كىشنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى، كىشى قارىسا قارىغۇسى كېلەتتى. ئەمما بۇ بوۋاقنىڭ زادى يولۋاستەك ياشىيالىشى ياكى توشقاندەك ياشىشى ھېچكىمگە سىر ئىدى.
بوۋاق چوڭ بولۇپ ئەلا نەتىجە بىلەن شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، شۇنچە قاتتىق رىقابەت ۋە خىرىس ئالدىدا كۈشەندىلىرىنى باش ئەگدۈرۈپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئۇنىۋېرسال بولغان ئاخبارات ئەپكارى____ شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ 5- قانىلىغا ئېلان بۆلۈمىگە تاللاندى. ئۇ قانچىلىغان ئۆتكەللەردىن، سىناقلاردىن ئۆتمىدى. ئۇ قەلبىگە ئۇلۇغ ئارزۇ ۋە نىشانلارنى پۈككەن، ئەل- ۋەتەن، مىللەت ئۈچۇن بۈيۈك غايىلەرگە تولغان. ئۇنىڭ ئالدىدا ئېغىر سىناق ۋە توساقلار، داۋانلار بار ئىدى. ئەمما جاھاننىڭ رەپتارىغا ھېچكىم بىر نېمە دەپ بولالماس .. ئەمما بۇ شىجائەتلىك، تىرىشچان، خۇشخۇي، كەمتەر ياش ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدىن ئايرىلىپ قالمىدى ھەم ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمىدى.







بىر كۈنى ئادىلجان كوچىدا كېتىۋېتىپ "2010- يىلىدىكى ئەڭ ئاۋات فىلىم _ < مىسرانىم مۇنبىرى > بازارغا سېلىندى، ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ چوڭ، ئۇنىۋېرسال ھەمدە خەلقنىڭ ئەڭ يېقىن سىرداش دوستى، سىز بۇ فىلىمگە قەدەم تەشرىپ قىلسىڭىز ، كۈندە كۆرۈپ تۇرسىڭىز ھەرگىز يېتىملىك، غېرىپلىق ھېس قىلمايسىز! ئۇ سىزنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك، ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ يارقىن دوستىڭىز..." دېگەن ئېلاننى كۆرۈپ قالدى. بۇ ئېلاننى مىسرانىم ئاكام دۆڭكۆۋرۈكتە تەشۋىق قىلىۋاتقان ئىكەن،( بېشى قېتىپ خىيالغا چۆمگەن ئىدى )


ئادىلجان دەرھال بۇ ئاۋات خەۋەرگە قىزىقىپ قالدى- دە ، مىسرانىم ئاكامغا " < ئاغىنەم، دوست بولۇپ قالساق، دوستلۇق قولۇڭلىنى ماڭا بېرەلەمسىلە!؟ مەن سىلە ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەشۋىقاتچى بولاي؟ مەن شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى 5- قانىلىدا ئېلان بۆلۈمىدە ئىشلەيمەن. ئېلانىڭلارنى ئەرزان، سۈپەتلىك قىلىپ، كىنونىڭ ئەڭ قىزىق يېرىگە كەلگەندە ئۈزۈپلا بېرەي. .. ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كەلگەن مۇنبەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشاي > دېدى. مىسرانىم ئاكام_ ئابابەكرى خۇشال بولۇپ < سىزدەك شىجائەتلىك، ئېسىل يېگىتنى تۇغقان، بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا- ئانىڭىزغا، خەلقىمىزگە كۆپ رەھمەت. بولسا شۇنداق بىر قىلىلى. مەنمۇ خەلقىمىزنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرىنى ئېلىپ ، ئىجاد تۇلپارىمنى يىراققا چاپتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن. ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمەن، ھەقتىن، ئادالەتتىن تانمايمەن، يانمايمەن! مىسرانىم پەقەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھايات تەقدىرى، كەچۈرمىشلىرى، ئارزۇ- ئارمانلىرى بىلەن بىر تەن بىر گەۋدە بولۇپ ياشايدۇ. خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ...> دېدى. شۇنداق قىلىپ، ئادىلجان 2010- يىلى 9- ئاينىڭ 17- كۈنى مىسرانىم مۇنبىرىگە كىردى.


شۇنىڭ بىلەن ئادىلجان شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تۈگىمەس تەشۋىقاتلىرى ئىچىدىن قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئاجرىتىپ ، مىسرانىم مۇنبىرىنى ھەرۋاقىت ئارىلاپ تۇردى، ھەمدە ئىنكاس قالدۇرۇپ تەپەككۇرىنى يېڭىلاپ تۇردى. ئاخىرىدا ئۆزى قىزىققان دائىرىدە مىسرانىم مۇنبىرىگە تېما بىر قانچە تېما يوللىدى.
1. قەھرىمان قېيۇمنىڭ چەتئەلدە ئېيتقان ناخشىسى https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-28740.shtml
2. شاكىرەنىڭ نەخ مەيدان ناخشا كېچىلىكى https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-34667.shtml
  3. ئەسقەر كۆك بۆرە ( سۈرەتلىك ) https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-34692.shtml
4 . 0 51 دوستلىشىش توردا 120 ماشىنا سوۋغا قىلىندىكەن https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-35733.shtml

5. XJTV-5قانېلىنىڭ <<تەلەي يۇلتۇزى>> پىرۇگراممىللىرى! https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-39859.shtml


         دوستۇم، ئادىلجان، بەلكىم شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىشخانىسدىكى ئالدىراشچانلىق خىزمىتىڭدە چارچىغانسەن! بۇ تورتنى يەپ تۇرغىن! ماڭىمۇ قالسۇن جۇمۇ؟ سەن باك ئاچكۆز ، جىق تاماق يەيسەن! مىسرانىم ئەھلىگىمۇ ئېشىپ قالسۇن! خې خې

 

دوستۇم ئادىل، بۈگۈن سېنىڭ توغۇلغان كۆنۈڭ، مۇشۇنداق خۇشاللىق كۈندە، بۇندىن 26 يىل مۇقەددەمكى بىر كۈنىدە سېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىش ئۈچۈن مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تېرىلگەن بىر ئۇلۇغ زات بار. ئۇنى ئۇنتۇپ قالمىغىن! ئۇ بولسىمۇ، ئايىغىغا يېقىلساڭمۇ، باش قويساڭمۇ، بىر ئۆمۈر ھاپاش قىلىپ باقساڭمۇ ئەجرىنى قايتۇرۇپ بولالمايدىغان______ ئاناڭ. بۇ كۈندە ئالدى بىلەن قەدىردان، جاپاكەش ئاپاڭغا تېلىغۇن قىلىپ:< ئانا ، جاپا چەكتىڭىز، بۈگۈن 26 ياشقا كىردىم، زەبەرداس ئوغۇل بولۇپ جەمئىيەت سەھنىسىدىن بىر كىشىلىك رول ئالدىم. سىزنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىڭىزنى ھەم ئاقلىدىم ھەم ئاقلىيالمىدىم ، سىزنى يەنە شۇنداق يېگانە ،يېتىم يىراق ئارالدا قالدۇرۇپ قويدۇم، ئەمما يۈرۈگۈمدە سىزنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. ئەجرىڭىز ئۈچۈن قان تەر چۆكۈۋاتىمەن، خەلقىم ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمەن..> دەپ ئەزىز ئاتاڭ ۋە ئاپاڭغا سالام يوللا!؟
دوستۇم، بىلەمسە، ئىنسان نېمە بىلەن ئەزىز، نېمە بىلەن ھۆرمەتلىك ؟ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ، ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى تونۇغانلىقى ۋە باشقىلارنىڭ ئىززىتىنى قىلغانلىقى بىلەن ، تارىخ مۇنبىرىدە قالدۇرغان نەتىجىلىرى بىلەن ئەزىز ۋە ھۆرمەتلىك. بۈگۈن 3- ئاينىڭ 12- كۈنى سېنىڭ توغۇلغان كۈنۈڭ. بۇ دۇنيالىق ساۋاب ۋە گۇناھلارنىڭ سەھنىسىدە ئوخشىمىغان رول ئېلىش ئۈچۈن قەدەم باسقان كۆنۈڭ. مەن ۋە بارلىق مىسرانىم ئەھلى سېنىڭ توغۇلغان كۆنۈڭنى تەبرىكلەيدۇ، بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى، مېھرىبانلىقى بىلەن ساق - سالامەت، بەختىلىك، ئېتىقادلىق ياشاپ 26 ياشنىڭ بوسۇغىسىغا ئوڭۇشلۇق دەسسىگەنلىكىڭ ئۈچۈن بارلىق قېرىنداشلار خۇشال . ئالدىڭدا شۇنداق بوسۇغ دىن يەنە نەچچىسى بار، بۇنى ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ، بۇ بوسۇغلارنىڭ بەزىسىدە يېقىلىشىڭ، بەزىسىدە كۈلۈپ، خۇشال يايرىشىڭ مۇمكىن. بەزى بوسۇغقا نومۇس بىلەن ، بەزى بوسۇغقا شەرەپ بىلەن يېقىنلىشىشىڭ مۇمكىن. مەن سېنىڭ شەرەپ ۋە بەخت تەڭنىسىدىن ئورۇن ئېلىشىڭنى، خەلقىڭ ئۈچۈن، ئانا يۇرتۇڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپىلەرنى قوشۇشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن! ساڭا سالامەتلىك، ئۇتۇق ۋە بەخت يار بولسۇن!



ھەراست، كېلەر يىللىق توغۇلغان كۈنۈڭگىچە كۈندە بىر قېتىم ئالتۇن ۋاقىتتا xjtv-5 دا جۆرە ئىزدەش ئېلانى چىقىرىپ ، بالدۇرراق جۆرىلىك بولىۋال!؟ بولمىسا قېرى يېگىت بولۇپ، < تۇل > قالىسە! خې خې، يەنە كېلىپ، مىسرانىم قىزلىرى بەك باغرى يۇمشاق، ئوڭلۇق، تەشەببۇسكار، بەك كەپسىز، ساڭا ئىچى ئاغىرىپ، شوخلۇقى تۇتۇپ مىسرانىم مۇنبىرى يۈزىدىلا تەلەپ قويۇپ يۈرمىسۇن!؟ خې خې، چاق_ چاق

     گەرچە  كۈلكە - چاقچاق دىيارى ئىلىنىڭ گۈزەل شەھرى - غۇلجىدا تۇرۇپ  ساڭا سوۋغا تەقدىم قىلالمىغان بولساممۇ، مېنىڭچە بۇ تېمىدا ساڭا بولغان تىلەكلىرىم، ھەم كۆڭۈل سوۋغىلىرىم ئەكس ئەتتى دەپ قارايمەن. شۇنىڭدەك بۇ ئۈمىدلىرىم، تىلەكلىرىم بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ ئوتلۇق تېلىكى! توغۇلغان كۆنۈڭ خۇشال ئۆتسۈن! ساڭا سالامەتلىك،  ئامەت، بەخت يار بولسۇن! قەلب گۈلىستانىڭ گۈزەل بولسۇن!  ئادىلجان، ئالغا، غەيرەت قىل!

               دوستۇڭ _  زىيالىي 0903  دىن.  
             2011- يىلى 3- ئاينىڭ 12- كۈنى

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15101
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5969
تۆھپە نۇمۇرى: 271
توردا: 1201 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2014-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 12:00:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
يولدىن چىقما،خاندىن قورقما.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5544
يازما سانى: 2308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26698
تۆھپە نۇمۇرى: 2865
توردا: 1860 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 12:05:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن دوستۇم

سىھىرگە بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 12:05:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22911
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6865 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 12:06:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى قەيسەر ھېبىبىللا يوقلام بولاپ كەتتى .ئۇ تېلىۋىزۇر ساھەسىدە تالانىت ئىگىسى ئېدى.

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6509
يازما سانى: 1104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14075
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 6075 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2013-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 12:07:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن سىزگە بەخىت تىلەيمەن

bugunni kadirla !

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 435
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11327
تۆھپە نۇمۇرى: 764
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 12:09:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن ! ئاللاھ ئاتا ئانىڭىز ۋە سىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلسۇن !
ئاتا ئانىڭىزنىڭ دۇئاسىنىلا ئەمەس خەلقىمىزنىڭ دۇئاسىنىمۇ ئېلۋېتىپسىز ، مەنمۇ دۇئا قىلاي بىر قىسىم تېتىقسىز ئېلانلارنى تارقاتمىساڭلار بولامدۇ ؟  [s:151]  [s:136]

سىكۇنىت سېتىرلكىسى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىڭىز ، مېنۇت سېتىرىلكىسى ياشلىقىڭىز ، سائەت سېتېرىلكىسى قېرىلىقىڭىز شۇڭا ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ !

ئەركىلىمە ھە!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12091
يازما سانى: 1204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8691
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 3123 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 12:21:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن!!!!!!!!!!!!!!!!!

بەزىلەر كۆكتە ئۇچۇپ سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1993
يازما سانى: 530
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37225
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 3641 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 12:21:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇتلۇق كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن ئىنىم ! ئاددى بولسىمۇ مۇنۇ سوۋغامنى قۇبۇل قىلغىن !

ئۆزەڭدىن چوڭ ، مويسىپىت ، بۈيۈك ئادەملەرگە ھۆرمەتسىزلىك قىلما ۋە ئۇلار ئېيتىشما .

ئۆزەڭدىن ئاجىزلارغا، ئورنى تۈۋەنلەرگە ، خىزمەتكارلارغا زۇلۇم قىلما .

ھەسەتخور ، كۆزى كىچىك ، كۆڭلى تار ، چىدىماس ئادەملەر بىلەن سۈپەتداش بولما .

بېخىل بىلەن، ئەخلاقسىز بىلەن، نامى يامان كىشى بىلەن سۆھبەتداش بولما .

نادان، جاھىللار بىلەن، پادىشاھنىڭ ئايغاقچىلىرى بىلەن مۇنازىرلەشمە.

ئەقىدىسىز، تۇراقسىز كىشى بىلەن دوست بولما .

تاماخور، يالغانچى بىلەن ئېلىم - بېرىم مۇئامىلە قىلما .

ئۇرۇشقاق ، جىدەلخورلار بىلەن ئۈلپەت بولما .

ئەمەلدارلار، ئاياللار سۆھبىتىدە كۆپ ئولتۇرما .

گۇناھلىرىڭنى، مەخپى سىرىڭنى ئۆزگە كىشىگە ئېيىتما .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش