دوست تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدۇ ، ئەمما بۇ تۇرمۇشتا چىن دوست بارمىدۇ ؟ يوقمىكىن دىسەم ئەمما ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن مەڭگۈلۈك دوستلارنى كۆرىمەن . بارمىكىن دىسەم دوستلىرىمىنىڭ ماڭا قىلغان ساتقىنلىقلىرى ۋە بىۋاپالىقى كۆز ئالدىمغا كىلىۋالىدۇ .
مەن دوستلىرىمغا بەك ئىشنەتتىم ھەم ئۇلارنى مەڭگۈلۈك دوستلىرىم دەپ بىلەتتىم . بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن دەل مۇشۇ كۇندە بىر دوستۇمنڭ شۇنداقلا 8 يىللىق ساۋاقدىشىمنىڭ ماڭا ساتقىنىلىق قىلىپ ئۆز دۈشمىنىمگە مىنىڭ غەيۋىتىمىنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى باشقىلاردىن ئاڭلىدىم . شۇ گەپنى ئاڭلاپ ئازاپلاندىم ، قەلىبىم ئازاپلاندى . يۈرىكىم يىغىلىدى . مەن ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئىشنەتتىم ، ھەم ئۇنىڭغا ھەممە سىرلىرىمىنى ئىيىتىپ بىرەتتىم . ئەمما ئۇ ئاخىرىدا ماڭا ۋە ئىككىمىزنىڭ چىن دوستلۇقىغا ساتقىنىلىق قىلدى . شۇ كۈندىن باشلاپ بىزنىڭ دستلۇقىمز ئاخرلاشقاندى. مانا بۇ بىرىنىچى دوستۇمنىڭ ماڭا قىلغان " شەپقىتى " ۋە " قايتۇرغان جاۋابى " ئىدى .
مەن يەنە بىر قىتىم دوست تۇتۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچىردىم . بۇنىڭدىن 8 ئاي بۇرۇن مىنىڭ بىر دوستم ھەم 9يىللىق ساۋاقدىشىم بار ئىدى . ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن ياخشى ئىدى . ئىككىمىزنىڭ شۇ يىقىنلىقغا ئەتراپىمىزدىكى ئادەمنىڭ مەستىلىكى كىلەتتى . نىمە ئىش قىلساق بىللە قىلاتتۇق ، تاماقنىمۇ بىرلىكتە يەيتتۇق ، بىرىمىز كۈلسەك يەنە بىىرىمىزمۇ تەڭ كۈلەتتۇق ، يىغلىساق تەڭ يىغلايتتۇق .... شۇ مۇشۇ گۈزەل مىنۇتلارنىڭ بۇنچە قىسقا بولۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم . دوستلۇق زادى قانچىلىك داۋاملشىدۇ ، زادى قانچىلىك .
مانا ئۇنى ئۇچىرتىپ باقمىغىلى بىر نەچچە ئاي بولدى . ئىككىمىزنىڭ بۇنداق بولۇشىغا نىمە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلگۈڭىز بارمۇ ؟
مەن دەل 8 ئاي بۇرۇن بىرسى بىلەن يۈرگەن ئىدىم ، بۇنى ئۇ دوستۇممۇ بىلەتتى . مەن يۈرگەن ئادىمىم بىلەن بىر نەچچە قىتىم ئۇرۇشۇپ قالدىم . بۇنى ئۇ دوستۇمغا دەپ ئىچىمىنى بوشاتماقچى بولدۇم . ئەمما مەن شۇ گەپلىرىمىنى دىسەملا ئۇ بىر قىسما بولۇپ گۇناھنىڭ ھەمىمىنى ماڭا ئارتىپ قوياتتى . سەۋەبىنى بىلمەي گاڭگراپلا كەتتىم . ھەتتا بەزىدە راستلا شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ ئۆزۈمنى ئەيىپلەپلا كىتتەتتىم . شۇنداق قىلىپ كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتتى .
بىر كۈنى مەن يەنە شۇ يۈرگەن ئادىمىم بىلەن گەپ تالىشىپ قالدىم . شۇ چاغدا مەن بىر ئۆلۈپ بىر تىرىلدىم . ئۇ ماڭا :" بىز ئەمدى ئايرىلىپ كىتەيلى ، مەن باشقا بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم " ئۇنىڭ بۇ گىپنى ئاڭلاپ پۈتۈن دۇنيا قاراڭغۇ بىلىندى . مەن ئۇنىڭدىن قايسى قىز ئىكەنلىكىنى سورىدىم ، ئۇ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ :" رەيھان " دىدى . مەن تازا چۈشىنەلمىگەن ئىدىم يەنە بىر قتىم سورىدىم : قايسى رەيھان ئۇ . مەن تونۇمامدىم . دەپ سورىسام ، ئۇ : سىنىڭ دوستۇڭ رەيھان دىدى . ئۇنىڭ بۇ گىپنى ئاڭلاپ ئۆلگەندەك بولدۇم . ئۇ شۇ گەپىنى دەپلا كتىپ قالدى . مەن بولسام كۆز ياشلىرىم بىلەن قالدىم .
شۇ چاغدا ئادەمگە ئىشەنمەك بەك قىيىن ئىكەنلىكىنى ، قىسىقىسى ئىشەنمەسلىك كىرەكلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم .
كىيىن ئۇ دوستۇمنىڭ يىنىغا بىرىپ نىمىشقا مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورىدىم . ئۇ ماڭا : " مەن ئۇنى راستلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، ئۇنى ياخشى كۆرىمەن " دىدى . ئۆز دوستۇمىنىڭ بۇنداق گەپنى ئاڭلارمەن دەپ خيالمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم . لىكىن ئىشلار ھەرگىزمۇ ئويلىغاندەك بولمايدىكەن . ئۇ كۈنلەرمۇ ، شۇ ئازابلىق كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى . ھەر قانداق كۈن ئۆتۈپ كتىدىكەن .
مانا ھازىر ئۇلار مىنىڭ كۆز ئالدىمىدا ، مىنىڭ ئەتراپىمدا بىرلىكتە .
ئۇلارغا بەخىت تىلەيمەن . بەختلىك بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن .
دوستۇمنىڭ ماڭا قالدۇرۇغان ئاشۇ ئازابلىرىنى بىر ئۆمۈر ئۇنتيالمايمەن ،ھەم ئۇنتۇمايمەن .
مەنبە : ئۆز قەلىمىم