سەندىن ئۈمۈد كۈتۈپ كەپتىمەن
بىلسەم تۈندىن ئاتقاندا تاڭلار ،
ئىشەچ ، ئۈمۈد ئاتىدىم ساڭا .
شۇنچە شېرىن سۆزلىرىڭ بىلەن ،
تۇنجى قەدەم بەرگەنتىڭ ماڭا .
ھەرقاراشتا ئۈمۈدلۈك كۈزۈڭ ،
يۇرۇتقانتى يولۇمنى شۇنچە .
مەن تەشۋىشتە تىنىقلىرىڭدىن ،
تىترەيتىغۇ تۇتالماي بۇنچە .
نىمە قىلىش بىلمىدىم ھەردەم ،
جىددىيلىكتىن باشقىسى يوقتۇر .
بەرگەن ئىشەنىچ تىلەكلىرىڭگە ،
نىمە قىلسام ئەرزىيدۇ ، ھەقتۇر .
يۈگۈردىممەن ،ھاڭ – تاڭلا قالدىم ،
يولۇمدا بىر ، تۇرار قارا سايە .
بىلىپ كۆردىم ، ھەربىر بېتىڭدىن ،
تىزىپسەن ھەم ، شەخسىي بىر غايە .
بىز ئورتاقمىز ، يولىمىز بىللە ،
سېنى پاكزاد ئىنسان دەپتىمەن .
چىن سەمىمىي تىلەكلىرىمدىن ،
سەندىن ئۈمۈد كۈتۈپ كەپتىمەن .
ئەھمىدى « شەيدائىي »