مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 576|ئىنكاس: 0

مىنىڭ  ئويلىغانلىرىم  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-13 12:12:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ  ئۆز بىشىمچىلىقى بىلەن  بۇ تىمىنى  يىزىۋاتىمەن. ھازىر مۇنبىرىمىزدە قىزلىق  ئىپپەت،  ئۇلارنى  سۆكۇش ... قاتارلىق تىمىلار كوپىيۋاتىدۇ. بۇمۇ بىر  ھىساپتا  ياخشى،ئىنكاسلاردا  شۇنچىلىك دەبدەبىلىك بىلەن سۆزلەۋاتقان يىگىتلىرىمىز، سىلەرمۇ تايىنلىقكەنسىلەر ،  بۇنداق  دىسەم كۆڭلىڭلارغا كەلمىسۇن ، مۇشۇ  مۇنبەردە  چ چ  نۇمۇرۇمنى كۆرۇپ ئاۋارە قىلغانلارمۇ  ئاز  ئەمەس.
ھەممىمىز  ئۆز قىلمىشىمىزغا ئىگە  بولايلى، ھەرگىزمۇ موللامنىڭ  دىگىننى قىل ، قىلغىننى قىلما دىگەندەك ئىش  بولمىسۇن. بىلىمەن گۇناھ نىڭ ھەممىسى ئوغۇللادا  ئەمەس . قىزلاردىمۇ يەتكۇچە بار...
يىڭنە جىم تۇرمىسا يىپ سەپكىلى بولمايدۇ ، ئىنەك مۆرىمىسە موزاي ئاغامچىنى ئۇزمەيدۇ. چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ ، سىلەر ئاشۇلارنى تىللاشتىن بۇرۇن مەن نېملەرنى  قىلدىم، ئەركەكلىك بۇرچۇمنى قانچىلىك ئادا قىلدىم،ئاچام نىمە قىلۋاتقاندۇ،مەن بۇ قىزنىڭ نۇمۇسىغا تەككەندە خەق سىڭلىمنى نىمە قىلۋاتقاندۇ دىگەننى ئويلاڭلار...
سىلەرنىڭ گۈزۈلۈم ، ئومۇقۇم ، پەرىشتەم ... دىگەن شۇ قىزلىرىڭلارنى ئاخىردا سىلەرنىڭ توختىماي پەسكەش، بۇزۇق .........دەپ ئاغزىڭلاغا كەلگەننى دىگىنىڭلار كىملەر؟!
باشقىلار تاشلىۋەتكەن قىزنى سىلەر  تىللايسىلەر،ئەمسە سىلەر تاشلىۋەتكەنلەنىچۇ؟! ئۇلار كىم ئالدىدا خار كىم ئالدىدا زار بولۇر..........
سىز ئولتۇرۇپ مىنى تىللايسىز،ئاكام ئولتۇرۇپ سىزنىڭ سىڭلىڭىزنى ياكى ئاچىڭىزنى تىللايدۇ، سىزنىڭچە بۇ جاھاندا سوراقسىز ئىش بولارمۇ،كىچىك خاتالىق ئوتكۇزسىڭىز ئاتا ئانىڭىز، ئۇستازىڭىز جازالايدۇ،ئەجىبا ياراتقان ئىگەم جازالىماسما، اللا قىزلارنى ئاجىز ياراتقان،يەنى ئەرلەرنىڭ قوغۇسىدىن ياراتقان،ئۇلار سىلەرگە مۇھتاج. سىلەر بەلكىم قىزلارنىڭ بىركىچىلىكىنى ۋەيرانقىلىسلەر ياكى بىر ئۆمۇرلۇك بەختىنى، لىكىن سىلەرچۇ،قىزلارنىڭ كوزدىن چىقىدىغىنى پەقەت ياش لىكىن سىلەردىن چىقىدىغىنى قان... بەلكىم سىلەر قىزلار ئازدۇدى ،  ئۆزى ماڭدى  ...دەيسىلەر،لىكىن بۇ سەۋەپ بولالمايدۇ، ھەممىڭلار بىلىسىلەر ،  مىسىرنىڭ خانىشى گۇزەللىكىدە تەڭدىشى يوق زۇلەيخا اللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە كۆڭۇل ئىزھار قىلىدۇ،لىكىن رەت قىلنىشغا ئۇچرايدۇ،شۇ سەۋەپتىن اللا ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر بىرىدۇ. ھەم شۇ توغۇرلۇق ئايەتمۇ نازىل بولدى،ھەدىسمۇ بار. بەلكىم ئۇ دىگەن پەيغەمبەر،ۋەياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىرتالاي بانالارنى تاپىسىلەر.....
لىكىن بىلىڭلاركى ئۇمۇ بىر ئەركىشى،ئۇمۇ بىر ئىنسان.ھەم ئۇنىڭدىمۇ ھاۋايى ھاۋەس بار. ئۆز ھىسياتىنى كونتىرول قىلالمىغان كىشى،ھايۋاندىن پەرىقسىز، ئاشۇنداق سەلتەنەتلىك ئايالنى رەت قىلالىغان يەردە،سىلەر ئاشۇ ئادەتتى قىزنى رەت قىلالمامسىلەر؟! ...

ئۆز نۇمۇسىنى قوغداش ئۇچۇن ئەزىز جىنلىرىنى قۇربان قىلۋاتقان قىزلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس،سىلەرمۇ ئوزۇڭلارنى تىپىڭلار...................... ئەسلى بۇنى يىزىشقا مىنىڭمۇ سالاھىتىم توشمايدۇ،چۇنكى مەنمۇ ئاشۇ ئاتالمىش ساختا، بايلىق. ئاساسىغا قۇرۇلغان مۇھەببەتنىڭ  قۇربانى.......................

ئاۋال ئۆزۇڭلارنى ئىسلاھ قىلىڭلار،ئاندىن ئۆيدىكىلىرىڭلانى ، يىقىن دوسلىرىڭلارنى ئىسلاھ قىلىڭلار.تاما- تاما كۆل بولار.بىرىڭلار ياخشىلانساڭلار،بىر ئائىلە.نەچچە ئون كىشى ھەتتا  ئەۋلاتلىرىڭلار تۇزۇلىدۇ،بىز ھەقىقى شەرمى ھايالىق ئۇيغۇرلاردىن بولايلى،

ئەمدى بىز باشقا غەرىپ ئەللىرىنى ئەمەس،ئەكسىچە  ئۇلار بىزدىن ئۇگەنسۇن.................

نوپۇس سانى ئون مىليۇنغا يىتىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنى دۇنيا ئەھلى تونسۇن...............

ھەرگىزمۇ سۇدىكى بىلىقتەك  ئىزسىز يۇرمەيلى قىرىنداشلار...........  
ئەركەكلەر كۆزۇڭلارنى ئىچىڭلار،كوچىدا تىنەپ يۇرگەن قىزلار،ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەي ،يۇرۋاتقان قىزلار سىلەرنىڭ خورلىشىڭلارغا ئەمەس بەلكى،كۆينىشىڭلارغا مۇھتاج.......... بىز باشقىلارنىڭ  ناچار ئىشلىرىنى كۆگەندە ئۇلارغا ھەيرانلىق  ئەمەس ، بەلكى نەپرەت كوزىمىزدە قارايلى؛




ئەسلى ئويلىغانلىرىم بەك كۆپ ئىدى،لىكىن،ئىپادىلەشكە قەلىمىم ئاجىزلىق قىلدى.................
مىنىڭچە سىلەر مەندىنمۇ ئەقىللىق چوقۇم مەندىنمۇ ياخشى پىكىر قىلالايسىلەن.........



مەنبە  :ئۆز قەلىمىم

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
boxuk + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك
sazguri + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 210   باھا خاتىرىسى

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش