يېتىلىۋاتقان ئەزا
Girlنىڭ (شۇنداق يىگىت بارمىدۇ،بولسا ئاڭا كۆيەتتىم) ناملىق شئېرىغا مۇشائىرە ھالاللىقنىڭ تەرلىرى ماڭلايدىن ئاقار، سۆيگەنلەرنى بىر ئۆمۈر سۆيەر بىغۇبار، تۇرۇش نىمە ناھەقنى كۆرگەن شۇزامان، ياغا ئوق قىپ ئاتقۇدەك يىگىت بارى بار. ئاجىزلارنىڭ يۆلىكى بۇلۇپ ھەر زامان، بازغان كەبى مۇشتىنى يامانغا ئاتقان، شۇ خسلەتنىڭ دەردىنى خېلى كۆپ تارتقان، داستان يېزىپ قاتقۇدەك يىگىت بارى بار. گۇيا مەشئەل- گۈلخاندەك يۈرىگى يانغان، شۇ يۈرەككە بىر تالاي ئارماننى تاڭغان، جىم ياتماستىن ئارزۇچۈن دەس تۇرۇپ ماڭغان، مىدال قىلىپ ئاسقۇدەك يىگىت بارى بار. يارى بولسا راست سەنەم بولار ئۇ غېرىب، لەيلى ئۈچۈن مەجنۇن بوپ چۆللەرنى كىزىپ، شىرىن ئۈچۈن ھەقىقەت تۇغىنى ئېلىپ. گۇيا پەرھات بولغۇدەك يىگىت بارى بار..... مىھرىبان نىياز چوغلۇقنىڭ (شۇنداق بىر يىگىتكە ياتلىق بولغۇم بار)ناملىق شئېرىغا مۇشائىرە يۈرىگى چوغ بۇلۇپ لازىم بولسا گەر، ۋاپانىڭ تەختىدە گۇياكى مەر مەر. زىمىستان باغرىنى ئىللىتماق ئۈچۈن_ يەڭ تۈرۈپ يۈرمەكتە ئوغۇز كەبى ئەر. ئۆلۈمنى يېڭىشكە بىلسەڭ نەكېرەك؟ كېرەك شۇ ئۆلۈمدىن قورقماس بىر يۈرەك. ئادەم ئۇ تۇپراقتۇر تۇپراققا قايتار، شۇنداق بىر يۈرەكنى ئۇ ئېلىپ كېلەر. گۈللىتىپ ئەجرىدە تۇپراق –ۋەتەننى، قالدۇرۇپ ئەۋلاتقا گۈزەل ئەتىنى، قۇياشتەك بولماق ئۇ مۈشكۈل ،بەك مۈشكۈل، ئەتىگە بىر نۇرنى قالدۇرۇپ كېتەر. سۆيگەنلەر قەلبىدە ئۇ بۇلۇپ ئەختەر، رەقىپلەر كۆزىگە ئۇ ئۇرۇپ خەنجەر ئۆلسىمۇ تۇپراقتا ئېلىپ تۆرىنى ، بار بىلسەڭ توغراقتەك ياشايدىغان ئەر......
2011.3.14؛22؛28
مەنبە : ئۆزۈم
پاش قىلىش
يىـڭى ئــەزا
ئادەتتىكى ئەزا
ئىنسان بولساڭ غۇرۇلۇق بول.
ئالىي ئەزا
دىللار ئاللاھنى
bilip soy keyin eqinma.....
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ