مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1944|ئىنكاس: 27

خاتا بېسىلغان بىر قەدەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10723
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 321 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-3 06:05:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادةمگة كۈندصن كۈنگة ئةقصل كصرصدصكةن مةيلص ئۇ قانچة ياشقا كصرصپ كةتكةن بولسۇن تۈنۈگۈنكصدصن بۈگۈن بصلصدصغصنص كۆپ بولصدصكةن ____  م . س

خاتا بېسصلغان بصر قةدةم سصزنص بصر بايدصن نامصرات گادايغا، ياكص، بةخصتلصك،غةمسصز كۈنلصرصڭصزنص  ھةسصرةتلصك كۈنلةرگة تۇتاشتۇرۇپ ، يۈرةككة مةڭگۈلۈك ساقايماس داغلارنص سېلصپ قويصدصكةن،.
بولتۇر 7-ئايدصن باشلاپ تور يوق، دوكاندا ئولتۇرغۇم كةلمةيدصغان بولۇپ قالدص،  ھېلصمۇ ياخشص تور بار ۋاقتصدا ئاقسۇلۇق ئةمما ئۈرۈمچصدة ئوقۇۋاتقان بصر توردصشصم بصلةن  تېلصفۇنلصشصپ قويۇپتصكةنمصز،  مانا شۇ قصز بصلةن تور يوق ئصچصم سصقصلغان كۈنلةردة مۇنبةردصكص يصڭصلصقلا، قصزصقارلصق يۇمۇرلا، ئصنكاسلار توغۇرلۇق بولسصمۇ پاراڭلصشصپ، ئۇسسصغان قاقاس يةرگة سصم-سصم يامغۇر ياغقاندةك بولسصمۇ  تةسةللص بصرصپ ئۆتةتتصم. بۇ قصز بصلةن ئالاقصلصشصۋاتقصلص ئصككص ئايمۇ بولۇپ قالدص، گةپ سۆزلصرصمصزدصمۇ ئۆزگصرصشلةر خېلصلا كۆپ. بةلكصم بۇ قصز مصنص ياقتۇرۇپ قالغان بولسا كصرةك دةپ ئويلايتتصم ئصچصمدة، بصراق مةن ئصككصمصزنصڭ ماس كةلمةيدصغانلصقصمصزنص بصلگةچكة ئۇنص ياقتۇراتتصم، بصراق ياخشص كۈرۈشكة ئۇرۇنمصغان ئصدصم، بۇنصڭلصق بصلةن سةمصمصي ئاقكۆڭۈل ياخشص دوستۇمدصن ئارلصپ قالغۇم يوق ئصدص.
مانا شۇ كۈنلةرنصڭ بصرص مصنص نةس بېسصشقا باشلصغاندةك قصلاتتص، كصممۇ كةلگۈسص ئصشلارنص ئالدصن بصلةلصسۇن،  بصر كۈنص كةچ مةن ئاينۇر بصلةن تېلفۇنلصشصپ  ئولتۇراتتصم ،بصر قصزنصڭ :
-خوتەنلىك، خوتەنلىك...
دىگەن يا زاڭلىق قىلغىنىنى يا ھەيران قالغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان تەلەپپۇزدا قىلغان سۆزىنى ئاڭلاپ سەل خۇيۇم تۇتتى، قانداق سارىس ماۋ دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە،
- كىمۇ ئۇ ؟؟
- مەن بىلەن بىر ياتاقتا تۇرىدىغان قىز.
مصنصڭ سةل خۇيۇم تۇتتص دة
- بىرىڭە تېلفۇننى ..
ئۇ تېلفۇننى ئېلىپلا شۇنداق قىزغىن كەيپىياتتا سۆزلىمەكتە ئىدى
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،؟
قارا مانىڭ يامانلىقىنى ، مىنى گىپىمنى دىگىلىمۇ قويماي ، ماڭا شالام بەرگەن ئادەم دۈشمىنىم بولسىمۇ سالامنى قايتۇرۇپ بولۇپ ئاندىن << تۇتىشاي>>  بىراق تېخى بۇ قىز مىنىڭ دۈشمىنىم ئەمەسقۇ،،
- ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام ، ھەجەپ خوتەنلىك دەپ كەتتىڭىزغۇ خۇتەنلىككە نىم بوپتۇ ...؟ 
- ھېچ... ھېچنىمە،، سىز خۇتەنلىكما ؟ قارىسام تەلەپپۇزىڭىز ئوخشىمايدىكەنغۇ.
- ھە مەن خۇتەنلىك .خۇتەنلىكمۇ شۇ سىزدەك ئۇيغۇرچە گەپ قىلىدۇ....
- ھى ھى ھى ،  ئىسمىڭىزنىمە، نىمىش قىلىسىز ،؟؟
بۇ قىزنىڭ سورايدىغان گىپى سەل كۆپتەك قىلاتتى، مەن دوستۇمنىڭ خاپا بولۇپ قېلىشىنى خالىمايتتىم ، شۇڭا، بولدى ئاينۇردىن سورىۋېلىڭ ھەممىنى بىلىدۇ،  تېلىفۇننى ئۇنىڭغا بىرىڭ !
- ئاينۇر يوق، ئۇ تېلفۇننى بىرىپلا سۇ ئەكىرگىلى چىقىپ كەتكەن. ..
----
- مۇشۇ ئۆزىڭىزنىڭ مۇقىم نۇمۇرىمۇ ، ؟
- ھەئە،  توپتۇرۇڭ تېلفۇن كەپقالدى،...
- مەن ئۇردۇم مىنىڭ نۇمۇرۇم، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى،
----
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاينۇر كىردىدە تېلفۇننى سەل ناچار كەيپىياتتا ئالدى،
-ۋەي، گىپىڭلار تۈگىدىمۇ، ئەمىسە خوش.
مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمنىڭ قىلغىنىمنىڭ سەل ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم،
-ۋاي نىمە بولدىڭىز، يېرىمى يوق . بولدى قىلىڭ ھە ! بىكار!
- ئېلىشىپ قالغان ،.،   ھى ھى ھى ،،
- ياتاقتىكى قىزلار بىرلىكتە تاماق ئىتىپ يىمەكچى ئىدۇق، كىيىن پاراڭلىشايلى.
-ok 拜拜
تېلفۇننى قويىۋەتتىم، بىراق ئۇيقۇم كەلمەيۋاتاتتى، شېئىر يازغۇملا كىلىپ تۇراتتى، شېئىر يېزىپ تۇرۇپ قايسى ۋاقىتلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن تاڭ كۈزۈم ئۇيقىغا كىتىپتۇ.

ئەتىسى سەھەر يەنىلا دۇكانغا ماڭدىم ، گەرچە سەل زىرىكىشلىك ھېس قىلغىمنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئۈزۈمنى ئىنتايىن خاتىرجەم ،غەمسىز خېلىلا بەخىتلىك ھېس قىلاتتىم. ئادەتتە كۈندىزى دۇكاندا سەل ئالدىراش بولغاچقا ئاينۇر بىلەن كەچ ۋاقتىلاردا پاراڭلىشاتتىم، مانا بۈگۈنمۇ ھەش پەش دىگۈچە كەچمۇ بولدى،  بىراق ئۇنىڭدىن تېلىفۇن كەلمەيۋاتاتتى،  يەنىلا مەن ئۇراي،
مەن ئۆيگە ماڭغاچ ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدىم، تېلفۇننىڭ ئاۋاز ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلگەن ھالدا بىرسى تېلفۇننى ئالدى .
- ئەسسالامىلەيكۇم،
- كىمۇ سىز ؟  ئاينۇرنىڭ تېلفۇنىغۇ بۇ ؟
 تېلفۇننى بىر ئەركىشى ئېلىۋاتاتتى،گەرچە ئاۋاز ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ بىراق ئاينۇر ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلالمايتتىم،.
-ھە، ئۇ قىزنىڭ ئىسمى ئاينۇركەندە،  مەن بىر دۇكان خۇجايىنى بايا قارىسام بىر سومكا بىلەن تېلفۇننى بىرسى ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ، ..
- قانداق دۇكان ؟
-كىيىم كىچەك دۇكىنى، سىز ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ بىرەمسىز،
- توپتۇرۇڭ مەن دوستىغا تېلفۇن قىلىپ باقاي،
مەن دەرھاللا يانفۇنۇمدىن تۈنۈگۈنكى غۇلجىلىق قىزنىڭ نۇمۇرىنى تاپتىم،  بىراق تېلفۇن تىڭجى ئىدى، مەن سەل جىددىيلەشتىم، گەرچە مەن كۈرۈشۈپ باقمىغان قىز بولسىمۇ بىراق يېقىن دوستلاردىن بۇلۇپ قالغان بولغاشقىمىكىن ئۇنىڭغا بىكارلا زىيان بولۇپ كىتىشىنى خالىمايتتىم، ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن دوستىنىڭ تېلىفۇنى ئېچىلدى،
-ۋەي ئاينۇر ياتاقتا بارمۇ >؟
- بىلمەيمەن، مەن دۇختۇرخانىدا، ياتاققا بىردەمدىن كېيىن بارىمەن.
-ھە ئەمسە مەن  ھېلى تېلفۇن قىلاي خوش ،... !
مەن يەنىلا ئاينۇرنىڭ نۇمۇرىغا تېلفۇن قىلدىم، بۇ قېتىم بىر تۆت -بەش ياشلاردىكى قىزنىڭ ئاۋازى، 
-ۋەي سىز كىم  تېلفۇننىڭ ئىگىسى كەلدىمۇ ؟
- ياق  كەلمىدى، بەك كەچ بوپ كەتتى، ئۇ قىزنى كەپ قالارمىكىن دەپ دۇكاننى تاقىيالماي ساقلاپ تۇرۋاتىمىز، .،

شۇ تاپتا مەن بەكلا جىددىيلىشىپ كىتىپ باراتتىم، تېلفۇنلا بولسا مەيلىتتىغۇ بىراق كىملىك، ... سومكا نىم دىگەن ھاڭۋاقتىلىقتۇ بۇ ،،؟؟؟  مەن غۇلجىلىق قىز بالىغا يەنلا جىددى تېلفۇن قىلدىم،.،
- سىز ياتاققا كەلدىڭىزمۇ ؟
- ھەئە
-ياتاقتا ئاينۇر بارمۇ ،
-باركەن، دوستى بىلەن يانفۇندا پاراڭلىشىۋاتىدۇ ،
بىز بىلەن بىر مۇنبەردىكى قەشقەرلىق بىر بالا بار ئىدى ، ئۇنىڭ دوستى مانا شۇ ئىدى،. ،
- ھە مەيلى ئەمسە  ئاينۇرغا مىنى تېلفۇن قىلدى دىمەڭ بۇلامدۇ ،، خوش ئەمسە !!

ئاينۇرنىڭ ئوينىغان ئويىنى ئىكەندە ئەسلى، نەچچە سائەتنىڭ ياقى بىكار پالاقشىپ كىتىپتىمەن، پالاقشىغىممۇ ھەق ماڭا، يانفۇن رىمۇنتچىسى تۇرۇپ، ئاۋاز ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ئۇ قىزنىڭ مىنى ئاخماق قىلىدۇ دەپ ئويلىماي، گەپنىڭ ئاھاڭى بىلەن ھىساپلاشماي مەزمۇنىغا دىققەت قىلىپ كىتىپتىمەن،،،،،،   بىراق بۇ قىزنىڭ قىلغىنى پەقەتلا قاملاشمىدى، مىنى ئاخماق قىلسىمۇ مەيلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلا قېتىم چاندۇرمىدى ، بىراق كىيىن ماڭا تېلفۇن قىلىپ دەپ قويسا نىم بولىدۇ ،  تېلفۇندا شۇنداق جىددىيلىشىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ . .....  مەن ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ چۈشەندۈرىشىنى ئاڭلاش ئۈچۈن تېلفۇن قىلمىدىم.

بۈگۈن كةيپصياتصم تازا ياخشص ئةمةس ئصدص، مةن سةھةرلا دۇكاننص ئېچصپ تۈنۈگۈنكص چالا ئصشلصرصمنص قصلصشقا چۈشۈپ كةتتصم. بصر كةمدة يانفۇنۇم  توۋلاپ كةتتص. بۇ دةل غۇلجصلصق قصز ئصدص، -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،.، قانداق ئەھۋالىڭىز، ؟
-يامان ئەمەس ئۆزىڭىزچۇ...؟؟
مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر قۇر ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ، ئاينۇرنىڭ بار يوقلىقىنى سورىدىم
- ئاينۇر مەكتەپكە كەتتى ، ئۇ تۈنۈگۈن قەشقەرلىق دوستىنىمۇ سىزگە ئوخشاش ئەخما\ەق قىلغان ئىكەن بىراق ئۇ بىلىپ قاپتۇ سىز بىلەلمەپسىز ھى ھى ھى ،،.  
-ھە، شۇنداقمۇ ؟  بوپتۇ مەن بۇ قىزغا بەكلا ئىشىنىپ كەتكەچكە مىنى ئاخماق قىلار دەپ ئويلىماپتىمەن.،. 


مەن بۇ قىز بىلەن قىسقىلا پاراڭلىشىپ يەنە ئاينۇرغا تېلفۇن قىلدىم،.، بىراق مىنىڭ ئاچچىقىم يانمايۋاتاتتى،  ما غەمسىز  تېخى خىيالىدا يوق دەرىسكە كىتىپتۇغۇ  دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە، ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلغاچ.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئالدىراشمۇ ؟
-ئازىراق،
-ئازىراق.... ھېم ئۇنىڭدىن ھەئە بەك ئالدىراش دىسىڭىز بولمامدۇ، نىمە ئۇ ئازىراق دىگەن .؟ 
-ھەئە بەك ئالدىراش،
ئۇ مەندىن بەكەرەك خاپا بولغاندەك قىلاتتى،
-ئۇنداقتا ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ خوش !
مەن تېلفۇننى قۇيىۋەتتىم. ئەمدى بۇ قىز بىلەن ئالاقە قىلماسلىقنى ئويلاپ ئىچىم سەل پۇشتى، شۇ ئەسنادا غۇلجىلىق قىز توختىماي تېلفۇن تولىتاتتى. ....
مەن تېلفۇننى قايتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن تېلفۇننى قويىۋەتتىم.

 مۇشۇ 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئىدى ، مانا ئاينۇر بىلەن ئالاقىلاشمىغىلىمۇ 10كۈندىن ئاشتى، بىراق بۇ كۈنلەردە ھېلىقى غۇلجىلىق قىز توختىماي تېلفۇن تولىتاتتى،
-ۋەي خان مەن چاقىرغۇ ئىشلەتمىگەن جۇما، كۈندىلا تولىتىسىز تۆت موچەنگە چىدىمىسىڭىز مەن قاچىلاپ بىرەي ،  تولاتماي ئۇرۇڭ . ...
 مەن بۇ قېلىقىدىن بىزار بولغان ئىدىم. شۇڭا ئۇنىڭغا قاتتىق تەگدىم،  بىراق ئۇ تەگەيدىغاندەك ئەمەس.
- ماقۇل ئەمدى تولاتماي ئۇراي ، تىڭجى بولۇپ قالسا پۇل قاچىلاپ قويۇڭ جۇمۇ.،.
- ھە مەن پۇل تېپىۋاتىمەن تېپىۋالساملا چۇقۇم قاچىلاپ قويىمەن....
شۇ كۈنلەردە مەن بۇ قىز بىلەن بىلىپ بىلمەي ئۇزاق پاراڭلىشىدىغان ، شۇنداقلا تۇلا پاراڭلىشىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.  ئاينۇردىن يەنىلا خەۋەر يوق.

-مەن بىلەن پاراڭلاشسىڭز ئاينۇر نىڭ ئاچچىقى كەلمەمدۇ، ئىككىڭلا بىر ياتاقتىدۇ >؟
- ھە بىر يۈرۈش ئۆيدە بىراق ياتاق ئۈيىمىز ئايرىم.
-ئاينۇر مۇشۇ كۈنلەردە نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدىغاندۇ ؟
-ھېلىقى قەشقەرلىك دوستى بىلەن ئىككىسى يۈرىۋاتىدۇ. 11-ئايدا توي قىلامىش،

مەن ھەيران قالدىم، !!! مەن شۇ كۈنى ئۇنىڭ ئاخماق قىلغىنىنى بىلەلمىگەچكە مەندىن خاپا بولدى، ئۇ بالا بىلىۋالغاچقا ئۇنى مەندىن ئەقىللىق كۈرۈپ شۇنىڭ بىلەن دوست بولۇشنى قارار قىلدى دەپ تۇرايلى، بىراق كۈرۈشمەي تۇرۇپ توي قىلىشنىمۇ پۈتۈشۈپ بوپتۇغۇ ........؟؟  قىززىق !
-ياخشى بوپتۇ ، ئۇلارغا بەخىت تىلەيمەن. سوراپقالسا دەپ قويۇڭ !
بۇ غۇلجۇلۇق قىزنىڭ مۈجەزى ئىنتايىن ئۇچۇق، خۇشپېئىل، ئىدى. دائىملا مەندىن تاماق يىدىڭىزمۇ ، كەچتە نەگە بارىسىز خەتەرلىك كەچتە سىرىتقا چىقماڭ موتۇ مىنمەڭ ......... مانا مۇشۇ گەپلەرنى پاتپاتلا قىلىپ قوياتتى.  تېخى مىنىڭ ئىلگىرى بىر قىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىمنى بىراق ئۇنىڭ  دادىسى باشقا بىرىگە بەرمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن دادىسىنىڭ گىپى بويىچە مەن بىلەن  ئالاقىلاشمىغانلىقىنى بىلىپ ماڭا ياردەم قىلىمەن دەپ ، ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي ئۇ قىزغا تېلفۇن قىلدى . لېكىن نەتىجە بۇرۇنقىدەكلا  ئىدى.
شۇنداق قىلىپ بۇ قىز مەندە بىر خىل ياخشى ھالەت شەكىللەندۈرگەن ئىدى، تېلفۇن دىگەن ئاجايىپ نىمە ئىكەن. يىراق بىر يەردىكلى ئادەم بىلەنمۇ ۋاقىتنىڭ ئۈتىشى بىلەن  پاراڭلاشمىسا  ئادەم بىرخىل ئىچى سىقىلىدىغان  ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدىكەن.  بۇمەزگىللەردە بۇ قىز بىلەن بولغان ئالاقىمىز بەكمۇ كۆپىيىپ كەتتى،  قارىمامدىغان بىر ئايلىق تېلفۇن پۇلۇم 500-600 چىقسىمۇ ھەيران قالمايدىغان بولدۇم.  بەئەينى تېلفۇنىست نىڭ ئۆزى !
كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن مەن بۇ قىزنى ئاستا ئاستا ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم.ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇپ قالسام بىر كۈن خامۇش يۈرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. دوسلۇرۇممۇ مىنىڭ  چىرايىنىمۇ كۈرۈشكە نىسىپ بولمىغان بىر قىزنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىمنى،ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازاپ چېكىۋاتقانلىقىمنى  بىلىپ ماڭا نەسىھەتلەرنىمۇ كۆپ قىلاتتى.
-ئاداش بۇنى سەن مۇھەببەت دەپ يۈرەمسەن بۇ دىگەن بىر خىل قىزىقىش،  بۇنى مۇھەببەت دەپمۇ تۇرايلى بىراق ئۇنى سىنىمۇ سەن ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۈرىدۇ دەپمۇ تۇرايلى ، بىراق  ئىككىڭلارنىڭ توي ئىشىغا ئۆيۈڭدىكىلەر قوشۇلامدۇ ،.، ئەڭ ياخشىسى بولدى قىلغىنىڭ تۈزۈك،  خۇتەندىمۇ قىزلار كۆپقۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تەرەپنىڭ قىزلىرى بېشىغا ياغلىقمۇ چەگمەيدىكەن .
مەن دوستۇمنىڭ نەسىھەتلىرىنى قولاق سېلىپ ئاڭلىغاندەك كۆرۈنسەممۇ بىراق قولىقىمغا كىرمەيتتى. يەنىلا ئۆزەمنىڭ يولۇم بويىچە ماڭماقتا ئىدىم.  كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە، بۇ كۈنلەردە مەن دۇكاندا ئولتۇرۇشمۇ خوشياقمايدىغان، سائەت سائەتلەپ دۇكاننى تاقىۋېتىپ، جىمجىت يەلەردە شۇ قىز بىلەن تېلفۇنلىشىدىغان، گەپ تالىشىپ قېيدىشىپ قالغان ۋاقىتلاردا بولسا گۇاڭچاڭلاردا خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپ كىتىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.  بىز ھەر كۈنى دىگۈدەك كەچ كىرسىلا   كەچلىك تاماقتىن كېيىن خەلىق مەيدانىدا دوستۇم بىلەن ئىچىملىك ئىچىپ بىر ئىككى سائەت ئولتۇراتتۇق، مانا بۈگۈنمۇ ئادىتىمىز بويىچە ئىپتادىن كېيىن خەلىق مەيدانىغا كەلدۇق، مانا بۇ قىزدىن يەنە تېلاۇن كەلدى.،.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، نەدە سىز
-گۇاڭچاڭدا ،دوستۇم بىلەن
-كەچتە نىمىشكە ئۆيۈڭىزگە كەتمەيسىز، ئۆيىڭىزدىكلىلەر ئەنسىرمەمدۇ.
-بىرەر سائەت تۇرۇپ ماڭىمەن، خاتىرجەم بولۇڭ،
-سىزگە دەيدىغان بىر گەپ بار ئىدى ،.، 
-نىمە گەپ قېنى دەڭ،
-----
-قېنى دىمەمسز گاچچىدەك تۇرىسىزغۇ گىپىم بار دەپ قويۇپ >>>؟؟
-ئىكىمىز بۇندىن كېيىن ئالاقىلاشمايلى،؟
مەن بۇ گەپنىڭ چىقىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم شۇڭا داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالغان ئىدىم ....
----
- بىز ئەڭ ياخشىسى ھازىردىن باشلاپ ئالاقىلاشمايلى،
-نىمىشقا ،نىمىشقا بۇنداق دەيسىز بوپتۇ ئەگەر سەۋەبىنى دەپ بىرىڭ سىز خوشال بولىدىغان ئىش بولسىلا مەن قوشۇلىمەن.
ئۇنىڭ نىمە ئويلىغانلىقىنى بىلىپ بولغان ئىدىم بىراق يەنىلا ئۆزىنىڭ ئاغىزىدىن ئاڭلىماقچى ئىدىم، مەن خېلى ئۇزۇنغىچە سەۋەبىنى سورىغان بولساممۇ بىراق ئۇ جاۋاپ بەرمەيتتى،  پەقەت شۇ بىرلا ئېغىز گەپنى دەيتتى،.،
-ئۇنداقتا سەۋەبىنى دىمىسىڭىز مەيلى، بىراق مەن بىرلا سوئال سورايمەن، جاۋاپ بىرىڭ بولامدۇ ؟
- قېنى دەڭ ؟
- مەن سىز بىلەن ئالاقىلاشمىسام كۆڭلىڭىز خوشال بولامدۇ، مۇشۇلا سۇئال .؟
----
-نىمىشقا گەپ قىلمايسىز ،مۇشۇنىڭغىمۇ جاۋاپ بەرمەمسىز ؟؟
-نىمىشقا كۆڭلۈم خوشال بولاتتى، بىر ياخشى دوستۇمدىن ئايرىلىپ قالسام كۆڭلۈم خوشال بولامدۇ، ؟؟
---
- سىزمىنى ياخشى كۈرەمسىز ؟
-ھەئە! سىزچۇ ؟
-ھەئە! شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئالاقىلاشماسلىقىمز كېرەك، چۈنكى بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرمۇ سىلەرنىڭ ئۆيدىكىلەرمۇ ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا قوشۇلمايدۇ،   مۇشۇنداق كىتىۋەرسەك كېيىن ئىككىلىمىز ھازىرقىدىنمۇ بەكەرەك ئازاپلىنىمىز بۇنى بىلەمسىز !!
--- بىراق مىنىڭ سىزدىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق. .... 
بىر ئاز سۈكۈتتىن كېيىن قىز ماڭا شەرت قويۇشقا باشلىدى،
- ئۇنداقتا ، مىنىڭ ئۈچ شەرتىم بار. بىرىنجى بۇندىن كېيىن تاماكا چەكمەيسىز . ئىككىنجى مىنى ئالدىمايسىز، مەن بىلەن يۈرگەن ئىكەنسىز چۇقۇم مىنىلا ياخشى كۈرىسىز . ئۈچۈنجى مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز بىلەن توي قىلىپ قالسام سىز بىلەن خۇتەنگە كەتمەيمەن.،. 
- قىززىق خۇتەنگە كەلمىسىڭىز نەدە تۇرىمىز، يەنە كىلىپ نىمىشقا كەلمەيسىز ؟؟
- ئۈرۈمچىدە، ئۈرۈمچىدە ئىشلەيمىز مۇشۇ يەردە ئۆي ئېلىپ ئولتۇرىمىز ....

گەرچە بۇقىزنىڭ ئۈچىنچى شەرتى بەكلا قالملاشمىغان شەرت ئىدى، مەن ئەل ئاغىنىلەرنىڭ ئاتا ئانامنىڭ ئالدىدا مەن بىلەن توي قىلىدىغان قىز بۇ يەرگە كەلمەيدۇ شۇڭا مەن خوتۇنغا تىگىپ چىقىپ كىتىمەن دىيىشىم كېرەكما ؟؟ ئەجىبا بۇ قىز ماڭا شۇنچىۋىلا دورا بولۇپ كەتتىمۇ بۇنىڭسىز ياشىيالماسمەنمۇ ،  شۇ تاپتا بوينىمنى ئارغامچىدا بىر يۆگەپلا ئىككى ئۇچىدىن تارتقاندەك ھالەتكە كىلىپ قالغاندەك، ئىككىلا تەرەپكە ماڭالماي تۇراتتىم. 
-ھازىرچە ئۈچىنجى شەرتىڭىزگە ماقول بوپتۇراي بىراق چۇقۇم شۇنداق دىيەلمەيمەن. چۈنكى مىنىڭمۇ ئۈرۈمچىدە دۇكان ئېچىش نىيىتىم بار شۇنداق بولۇپ قالسا خۇتەنگە كىرىمەن دەپمۇ كىرەلمەيسىز، بىراق  ئاچماي قېپ قالسام.........
قىز شەرتىمگە قوشۇلدى، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي قىزنىڭ قېلىقلىرى چىقىۋاتاتتى، كۈندە   سائىتىگە نەچچە قېتىم ئالاقىلىشاتتۇق، بىراق بىر كۈنى بۇ قىز توپتوغرا بىر كۈن تېلفۇن قىلسام تېلفۇننى ئالمايۋاتاتتى، نەچچە يۈز قېتىم ئۇردۇم بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ يانفۇنۇمنىڭ ئىككى باتارىيەسىنىڭ توكى تۈگەپ تېلفۇن گۈئەنجى بولغۇچە ئۇرغان ئىدىم . بىراق يەنىلا  ئالىدىغان ئادەم يوق....
كىچلىك تاماقتىن كېيىن توكتىن باتارىيەنى ئالدىمدە قىزغا تېلفۇن قىلدىم،.،
-ۋەي مەن سەل ئالدىراش يېرىم سائەتتىن كېيىن تېلفۇن قىلىڭ !

تېلفۇن ئۈزۈۋېتىلدى،.،  ھىم ، مەن ساراڭمۇ نىمە بىر كۈن تېلفۇن قىلسام ئالمايۋاتاتتى. كەچ بولغاندىمۇ بىر ئېغىز ئارتۇق گىپى يوق، ھېلى ئۇرۇڭ @! مۇھەببەت دىگەن مۇشۇنداق داۋاملىشامدۇ،  پەقەتلا كاللامدىن ئۆتمەيتتى، ھەرقانچە مۇھىم ئىشى بار ئادەممۇ تاماق يەيدۇ، ياكى ھەجەتخانىغا كىرىدۇ ، مانا شۇ ۋاقىتلاردىمۇ ماڭا دەپ قويۇشقا پۇرسەت چىقمامدۇ بولدىلا !  شۇ تاپتا بىر تۇرۇپ ئازاپلانغاندەك قىلغان بىلەن بىر تۇرۇپ خوشال ئىدىم. نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى قىلغان ئاخماقلىقللىرىمنىڭ ئەمدى ئاخىرلىشىشىنى ، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەت ئوتىنىڭ مۇشۇنداقلا ئۈچۈپ كىتىشىنى ئۈمۈت قىلاتتىم.  دىمەك تېلفۇن قىلىشىم مومكىن ئەمەس ئىدى .
يانفۇنۇمغا توختىماي 15 قېتىم تېلفۇن كەلدى، بىراق مەن يەنىلا ئالمايمەن!  بىراق ئۇ تېلفۇن ئۇرغانسىرى ئىرادەم ئاجىزلاۋاتقاندەك قىلاتتى 20 .21.... ئەمدى توختاپ قالدى. ئەمدى ئۇرسا چۇقۇم ئېلىپ سەۋەبىنى بىلىپ باقماقچى ئىدىم.  مانا 28جى قېتىمقىسىنى ئالدىم بىراق بىر ئېغىز گەپ قىلمايتتىم  پەقەت گىپىنى ئاڭلىساملا بولاتتى.
- ۋەي، ۋەي.......  بۈگۈن بەك مۇيىم ئىشىم چىقىپ قالدى كەچۈرۈڭ...
--
گەپ قىلىڭ بۇلامدۇ،.، بامۇ يا سىز ؟
- ھە ، ئىشىڭ چىقىپ قالدىما تېلفۇنۇڭ يېنىڭدا باركەن ھە @ !!!؟  بولدىلا قانداق مۇھىم ئىشتى شۇنىلام دىگىنە ؟
- بۈگۈن ئاچام بىلەن ....
- بولدى يالغان گەپ قىلما ! ئاچاڭ بولسىمۇ تېلفۇننى بىر كۈن ئالالمامتىڭ ؟  راست گەپ قىل بولامدۇ  ؟؟ تېلفۇن ئىشلىتىپ بۇنداق ئازاپلىنىپ يۈرىدىغان ئىش بولسا بولدى  تې؛فۇنۇمنى چېقىۋىتىمەن ،بۇندىن كېيىن يانفۇن ئىشلەتمەپتىمەن بولدى .!!!!  راستىڭنى دە ؟
- ئەمىسە خاپا بولماڭ !
----
- بۇرۇنقى مابىتىمنىڭ بىر دوستى بار ئىدى ، ماڭا بەك كۆپ ياردەم قىلغان ،بۈگۈن دوستلىرى مابىتى بىلەن چىقىپتىكەن  ئۇ بالا ماڭا چىقىشىپ بىرىڭ دەپ تۇرۋېلىپ .........
---
- چۈشتە سىزگە تېلفۇن قىلسام تېلفۇنىڭىز ئىتىك شۇڭا.......
- ھىم ، .......   مۇھەببەتنىمۇ ئىجارىگە ئالغىلى بولىدىغان بوپ كىتىپتۇدە ھازىر.....   خەققە بىر كۈنلۈك مۇھەببىتى بولۇپ بىرىپسەندە ؟ !!!
- ماڭا بەك كۆپ ياردەم قىلغان شۇڭا رەت قىلالمىدىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزدىن سوراي دەپ تېلفۇن قىلسام تېلفۇنىڭىز ..........
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغانسىرى ئىچىم بوشايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. تېلفۇننى قويىۋەتتىم. بۇندىن كېيىن ئالاقىلاشماسلىقنى تېلفۇندىكى مۇھەببەت ناملىق بۇ ھىكايەمنى خاتىرەمدىن يۈيۈۋېتشنى قارار قىلغان ئىدىم ، بىراق يۈرۈكۈمدىكى بۇ داغنى يۇيۇۋېتىش قىيىن ئىدى . ياتاق ئۆيۈمدىكى مۇھەببەت شېئىرلىرى يېزىلغان خاتىرەمنى ئالدىمدە يېزىشقا باشلىدىم.




ئاخشىمى ئويقۇ يوق چىرماپ خىياللار
يۈرەكنى قىينايدۇ مەندىن تانغانلار
بىزار مەن يايرىمنىڭ ساقتا سۆزىگە
سۆيگۈنى خارقىلىپ مەندىن چانغانلار

 
قاباھەت چۈش بولسا مىنىڭ كۆرگۈنۈم
تىكەننى گۈلۈم دەپ سۈيۈپ يۈرگۈنۈم
ئويغانسام چاچىراپ يىغلىسام مەيلى
ئۇنتۇلسا ناداننى يار دەپ سۆيگۈنۈم
 
بىلمىدىم قانداق قىپ كۆيدۈرۈپ قالدىڭ
قاچانلار يۈرەكنىڭ تارىنى چالدىڭ
بىلمىدىم قاچانلار مىنىڭدىن چاندىڭ
يۈرەككە داغلارنى نەقىش قىپ سالدىڭ
 
ئۆچەرمۇ داغلىرىم داۋا تېپىلىپ
كۈلەرمۇ يۈرۈكۈم كۈلكە قېتىپىل
ياكى داغ كۆپۈيۈپ يۈرەكىم چىرىپ
فىنتاندەك چىقارمۇ قانلار ئېتىلىپ 


ئارىدىن ئۇنىڭدىن نەچچە رەت تېلفۇن كەلگەن بولسىمۇ بىراق ئالماسلىققا تىرىشاتتىم.،. بىراق ئۇ ھەر بىر تېلفۇن قىلغاندا ئىچىم قاتتىق بىرخىل ئازاپقا تۇلاتتى،.،  


داۋامى بار ___________>>>  ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ . ...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
suzuk-ay + 20 ئىجادىي ئەسەر

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10723
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 321 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-3 06:31:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىلىمۇتنىڭ ئوقىدەك تىز كىتىۋاتقان بۇ كۈنلەر مانا ئەمدى شۇنداق ئاستا ئۆتىۋاتقاندەك قىلاتتى، يانفۇنۇم توختاپ قالغاچقاتېلىفۇنۇمنى تاقىۋەتكەن ئىدىم. يانفۇنغىمۇ خۇمار بولۇپ قالىدۇ  . دىسە ئشەنمەيدىغانلاردىن ئىشىنىدىغانلار كۆپقۇ دەيمەن،  بولدىلا.
مەن يانفۇنۇمنى قەستەنگە ئاچمىغان ئىدىم چۈنكى ئاچساملا ئۇنىڭدىن تېلفۇن كىلىدىغانلىقى ئىنىق ئىدى، بەلكىم بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداقلا مەن ئۈچۈنمۇ بىر سىناقتۇ. بۈگۈن ماگىزىنغا كىرگەچ ئاممىۋىي تېلفۇندا يانفۇنۇمغا تېلفۇن قىلدىم يانفۇنۇم 停机دىمەستىن 关机دەۋاتاتتى،  بۇنى كىمنىڭ ئاچقانلىقىنى بىلەتتىم.  مەن يانفۇنۇمنى ئەمدىلا  ئېچىشىمغا ..ئۇنىڭ ئۇرغان تېلفۇنى ئۇلىنىپ كەتتى،
-ۋەي ....  ئۆلمەپسىز ھە باكەنسىز ؟!  
ئۇنىڭ كەيپىياتى يەنىلا شۇنداق كۆتۈرەڭگۈ ، ئۇ مىنىڭ كەچۈرۋېتىدىغانلىقىمغا شۇنداق ئىشەنچىسى باردەك سۆزلەۋاتاتتى،.
- بىر ھەپتە بولدى تېلفۇنىڭىزنى نىمىشقا ئاچمايسىز ؟ مەندىن قېچىپ شۇنداق قىلدىڭىز شۇنداقمۇ ؟!
-مەن شۇنداق دىدىمما ؟ ....    
مىنىڭ ئۇنىڭ ئاۋازىنى قانچىلىك ئاڭلىغۇم كەلگەنلىكىنى ، ئۇنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمنى دىمەيلا قوياي ، ئىشقىلىپ مۇشۇ بىر ھەپتە بىر يىلدىنمۇ ئۇزاق بىلىنگەن ئىدى . بىراق مەن يەنىلا جىق گەپ قىلىشنى خالىمايتتىم،
-نىم بولدىڭىز ، گەپ قىلغۇڭىزمۇ يوققۇ ؟،. ،  تېخىچىلا مەندىن رەنجىپ يۈرەمسىز ، خاپا بولماڭ دىدىمغۇ بۇندىن كېيىن ئۇنداق قىلمايمەن، مىنى راستىنلا كەچۈرۈڭ !
-سەندىن خاپا بولۇپ نىمە قىلاتتىم، ھېچقىسى يوق ئۆزۈڭ توغرا دەپ قارىغان ئىشىڭنى قىلىۋەر  مەن سىنى قىل، قىلما دىيەلەيتتىممۇ .... دىدىم مەن ئىچىمنى ئازىراق بوشىتىۋالماقچى بولۇپ .
- بولدى قىلىڭە، كونا خاماننى سورىۋىرىدىكەنسىز ، ...... تۈنۈگۈن كەچتە پۇل قاچىلاپ قويغان ئىدىم يانفۇنىڭىزنى ئەمدى ئاچتىڭىز مانا ...  
  
-ئۈرۈمچىگە قاچان چىقىسىز ؟> سىزنى بەكمۇ سېغىندىم،
-خۇدايىم بۇيرىغاندا چىقىمەن ،.،  
ئۇ گەپنى ئەپ قاچماقچى بولىۋاتاتتى، مەنمۇ بۇ قېتىم بولدى قىلىۋەتمەكچى بولدۇم، بەلكىم ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۈرۈپ قالغاچقىمىكىن،  كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ كىيىنكى ئىپادىسىگە قاراپ باقماقچى بولدۇم.  بىز بىر ھازا تاققۇ تۇققۇ پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم.
مەن ھەقىقەتەن ئۈرۈمچىگە چىقىشنى ئويلىشىپ قويدۇم. چۈنكى مەن دۇكاننى ياخشى ئاچمىغاچقا ئۆيگە پۇل ئەكىرمىگىلىمۇ  نەچچە ئاي بوپ كەتتى، دۇكاننىڭ ئىجارىسىمۇ يېقىنلىشىپ قالدى، مەن دۇكان ئىجارىسى ئۈچۈن ئۆيدىكىلەرگە پۇل دىيىشتىن خىجىل بۇلغان ئىدىم.،.  بىر دۇكاندا دۇكاننىڭ ئىجارىسى ئۈچۈن نەچچە مىڭ يۈئەن  يىغالمىغان ئادەم  ئۆيدىكىلەر دۇكاننى سېتىۋىتەيلى دىسە ياق دىلەمدىم ؟!  بىراق بىز تەرەپتە بىر بولسا ھۈنەرۋەن بىر بولسا كادىر بولسىڭىز ئىشىڭىز ئوڭ.  يا ھۈنەر يا بىلىم بولمايدىكەن ، سىرتقا چىقىپ ئىشلىمەكتىن باشقا ئامال يوق !
ئاخىرى  كۈرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس دىگەندەك دۇكانمۇ سېتىلدى ، دادام يەنىلا مىنىڭ نىمىش قىلماقچى بولغانلىقىمنى سوراپ قوياتتىيۇ بىراق يول كۆرسەتمەيتتى. بۈگۈن دۇكان سېتىلغان كۈن مەن  خۇددى ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچىغىلا ئوخشاپ قالدىم ،  بۈگۈنكى كەچلىك تاماق ماڭا پەقەتلا تېتىمىغان ئىدى مەن ئازىراق يەپلا ئۇخلايمەن دەپ كىرىپ كەتتىم   . ئارقىمدىنلا   دادام ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ بىر ئاز تۇرۋالغاندىن كېيىن
- ئەمدى نىمىش قىلماقچى بولىۋاتىسەن ؟ بىر ئوبدان دۇكاننىمۇ ياخشى ئاچماي .............
- --
دادام سەل غۇدۇڭشىغاندىن كېيىن مەندىن جىق گەپ سوراپ يۈرۈشنىڭ پايدىسى يوقلىقىنى بىلگەندەك چىقىپ كەتتى
شۇتاپتا مەن خىيال دېڭىزىدا ، ئۆزۈمنىڭ يېقىندىن بۇيانقى قىلغان خاتالىقلىرىمنى ئىزدەپ تاپماقتىمەن. ئورۇنسىز خەجلىگەن پۇللارنى ھىساپلىماقتىمەن، .........     مەن يەنىلا بىر يىل سىرىتقا چىقىپ ئىشلىمەكچى بولدۇم ، كېيىن ئۆزۈم پۇل تېپىپ دۇكاننى قايتىدىن ئاچىمەن، ئادەم دىگەن بۇرنىغا بىر قېتىم سۇ كىرمىسە ئادەم بولمايدىكەن !!  بىراق بۇ سۇ مىنى تۇنجۇقتۇردىغۇ ،،  ئۆزەمنى قۇتقىزالامدىم يوق بىلمەيمەن، بىراق مەن يەنىلا شۇ  نىشانىم بويىچە ئىش قىلمەن، بىراق نۇرغۇن ۋاقتىم كەينىگە چېكىندىدە، ياق ئىسىراپ بولۇپ كەتتى. !!!!  
بولدى << كىيىنكى پۇشايمان ئۆزگە دۈشمەن >> مەن ئېغىزىمنى مىدىرلاتمايلا شۇ سۆزلەرنى قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئاستا كۈزۈم ئۇيقۇغا كەتتى.
ئەتتىگەندىلا تېلفۇن قىلغان كىمدۇ؟؟ كۈزىگە ئۇخلىماي، ئۇيقۇدىن چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم، يانفۇنۇمدا تۇنۇش نۇمۇر_
-ھەي ھورۇن تېخىچە ياتامسىز ، قوپۇپ ناماز ئوقۇڭ ،
بۇ ئاۋاز ماڭا بەكمۇ تۇنۇش،  دوسلار سىلەر بۇنى مىنىڭ قىزدوستۇم دەپ ئويلاپ قالدىڭلار ھە ! خاتالاشتىڭلار ! بۇ دەل ئاينۇر ئىدى ،.،  توۋۋا ما خاننى  ، بىر ئاينىڭ ياقى بىر قېتىممۇ تېلفۇن قىلىپ قويمايۋاتاتتى، ھەجەپ بۈگۈن قاق سەھەردە چۈشىگە كىرىپ قالغاندەك تېلفۇن قىلىپ قاپتا >؟  
- چۈشىڭىزگە كىرىپ قالدىممۇ يا خاتا ئۇرۇپ قويدىڭىزمۇ >؟  ....
- ۋاي سىزنىڭ چۈشىگە كىرىدىغان ئادەملىرىڭىزنىڭ جىقلىقىدا ماڭا نۆۋەت كەپ بولغۇچە تاڭ ئېتىپ قالمامدۇ،.....  خاتا ئۇرۇپ قويغان ئوخشايمەن .
- نەدە، تېخى ئەمدى سىزنىڭ چۈشىڭىزگە كىرەي دەپ ماڭغانتىم شۇ ئويغۇتىۋەتتىڭىز ...
-ھى ھى ھى ،   ،  ئاڭلىسام ئۈرۈمچىگە كىلىدىكەنسىز قاچان كىلىسىز > >؟  
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم >؟
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،
-قانداق ئەھۋالىڭىز ........
- ساراڭ، بىرمۇنچە پاراڭلىشىپ بولۇپ، ئەھۋال سورىغان نەدە بار ..  يېرىمى يوق ، ھى ھى ھى  ...  
-شۇ سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلاردا مۇھىم گىپىنى دەپ بولۇپ ئاندىن ئەھۋال سورايدۇ دەيدىغۇ ، شۇڭا ......
ئاينۇر بىلەن ئىلگىرى پاراڭلاشقان ۋاقىتتا داۋاملىق مۇشۇنداق غەلىتە پاراڭلىشاتتىم، ئىككىمىز  رەنجىشىپ قالغان بولساقمۇ بىراق بۈگۈن تەگىشىپ ئولتۇرمۇدۇق.
- ھەي مەن سىزنى قاچان كىلىسىز دەۋاتىمەن، ؟
- قانداق مەن بارسام بىرەر شىركەتتىن ئىش تېپىپ قويغان ئوخشىمامسىز ؟  
- ئالدى بىلەن كىلىڭە ئاندىن ئىزدەيمىز، يوق ئادەمگە ئىش تاپقىلى بولمايدۇ ،.،
- بولدى ئىش تاپماڭ، مەن ئۆزەم بىر شىركەت ئاچماقچى ...
ئۇ ھەيران قېلىپ سورىدى:  
-     نىمە شىركەت ئاچىسىز ،  ؟؟
- مايلامچىلىق شىركىتى دابازادا ئاياق مايلايمەن،.
- ۋاي ساراڭ، تۈزۈك گەپ قىلىڭ ،چاقچاق قىلماي،
-ۋاي راست مىنىڭ مەكتەپ ساۋادىممۇ يوق تۇرسا شۇنداق قىلمىسام، قانداق ئىش تاپىمەن،
-يالغانچى ئەمىسە توردا خەتلەرنى ئوقۇيسىز، يازىسىزغۇ ؟
- ئۇنى بەشىنجى سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئىنىم  ماڭا ياردەم قىلىپ .......  ھا ھا ھا .،.     چاقچاق قىلىپ قويدۇم.
- خۇدايىم بۇيرىسا بارىمەن، ئىنىق ۋاقتىنى بىلمەيمەن،.،  
- ئەمسە ماڭغاندا تېلفۇن قىلىۋېتىڭ ، ئالدىڭىزغا چىقىمەن.
- بولدى مەن بېرىپ بولۇپ ئىشقا ئورۇنلۇشۇپ بولۇپ ئاندىن سىز بىلەن كۈرۈشەي باشقا مۇنبەرداشلارنىمۇ يىغايلى ، بىركۈنى ھەممىمىز كۈرۈشەيلى ...  


ئاينۇرغا كىمنىڭ خەۋەر قىلغىنىنى سورىمىساممۇ بىلەتتىم، ئۇ  مىنىڭ كەپسىز پەرىشتەم  .  بىراق بۇ پەرىشتەم  مەن بارغاندا ئالدىمغا چىقالمايدىغانلىقىننى ، ئۇ كۈنى دەم ئالالمايدىغانلىقىنى بۇرۇنلا ماڭا دەپ قويغان ئىدى .

ئۈرۈمچى ئىنتايىن گۈزەل ماكان. ئىگىز-ئىگىز بىنالار، ئىنتايىن چوڭ شۇنداقلا مەنزىرسى چىرايلىق باغچىلار خېلىلا كۆپ .ئەلۋەتتە ئىشلەيمەنلا دىسەڭلا شۇنداقلار تىرىشساڭلا ھەممىلا يەردە ئۆزەڭنىڭ قابىلىيىتىڭگە لايىق ئىش بار. ئۇنداقتا مەن نىمە ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلدىم ؟ بەلكىم ئۆيۈمدىكىلەردىن ئايرىلىپ  ئۆزۈمنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈندۇ ياكى بولمىسا شۇ ۋەسلىنىمۇ كۈرۈپ باقمىغان بولساممۇ بىراق مىنى مۇھەببەت سېڭىزىغا تارتىپ كىرگەن شۇنداقلا  خېلىلا كۆپ ئازاپلىغان، چۈكۈنلەشتۈرگەن شۇ قىزنى كۈرۈش ئۈچۈندۇ ...........


مەن بىكەتتىن چۈشۈپلا ئەتىراپتا بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ ئۇياق بۇياقلارغا قارىشىۋاتقان كىشىلەر توپىغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئاستا بىكەتتىن چىقتىم.،. . گەپنىڭ ئۇچۇقى ئالدىمغا ھېچكىم چىقمىغان ئىدى .
كىممۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىسىنى ئۇنتۇيمەن دەپلا ئۇنتۇپ كىتەلىسۇن، مەن يەنىلا دىلبەرنى ئەسلەپ تۇراتتىم،سېغىنىپ تۇراتتىم ، مەن يانفۇنۇمنى ئالدىمدە ئۇنىڭ نۇمۇرىنى ئىككىلىنىپ بېسىشقا باشلىدىم...
-ۋەي...
- كەپ بولدىڭىزما ھازىر نەدە ؟
-مەن بىكەتتە ، كىلەمسىز >؟
- مەن بارالمايمەن، ھازىر ئىشلەۋاتسام، ھازىر ئاكىڭىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇرۇڭ ئىككى كۈندىن كېيىن مەن دەم ئالىمەن ئاندىن كۈرۈشەيلى .
- بولدى ، ئەمسە مەن كېيىن تېلفۇن قىلاي.
- ھە ، خوش ئەمسە .
--
مىنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىشىم ئۆزۈمگە لايىق بىرەر يەردە بىر مەزگىل ئىشلەش ئىدى ، نىشانسىزلا چىققاچقىمىكىن، ھازىرچە ئاكامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇرماقچى بولدۇم. يەڭگەم تۇلىمۇ .ئاقكۆڭۈل تۇلىمۇ چىقىشقاق ،شۇنداقلا ئىنتايىن كۈيۈمچان ئىدى، ئاكامغا دىيەلمىگەن گەپلەرنى يەڭگەمدە دەۋىرەتتىم. ئاكامنىڭ ئۆيىگە بارغۇچە كۆڭلۈم يەنىلا بىرقىسمىلا تۇراتتى،.، خىيالىم يەنىلا دىلبەردە ئىدى ،ئىلگىرى ئارلىق يىراق بولغاچقا كۈرۈشەلمىگەن ئىدۇق بىراق ھازىر بىر يەردە تۇرۇپمۇ يەنىلا دىلبەر بىلەن كۈرۈشەلمىدىم. ..

مانا ئىككى كۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى، ئاڭغىچە مەن دىلبەر بىلەن كۈرۈشۈپ باقمىغان بولساممۇ بىراق ئالاقىلىشىپ تۇراتتۇق. بۈگۈن بىز دىيىشىۋالغان  يىرىمىزدە مەن ئۇنى ساقلاپ تۇردۇم، يۈرۈكۈم سەل قالايمىقان سۇقۇۋاتاتتى، قانداقراق قىزدۇ ھالى يوغان، ھاكاۋۇر بوپقالسىزە،جاجىسى بىرۋاق تاماق، كېيىن ھەممە تۈگەيدۇ. چۈنكى بۇنداقلارنى مەنمۇ ياقتۇرمايمەن.بەلكىم مىنىمۇ ....
يىراقتىن بىر قىز ياغلىقنى ئوراپ چىگىۋالغان، ئۇزۇن مايكا بىلەن پادىچىلار ئىشتىنى كىيىۋالغان بىر قىز  ئۇياق بۇياققا قاراپ يانفۇنى قولىقىدا كىلىۋاتاتتى،.، مىنىڭچە دەل شۇ ! مانا ئۇنىڭ تېلفۇنى ،.،
- سىز نەدە .؟
- مەن ئالدىڭىزدا، ..
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام..
بىز ئىككىلىمىزلا نىمە دىيىشىمىزنى بىلەلمەي قارىشىپ تۇراتتۇق مەن گەپ باشلىدىم.
- ئىشتىن ئەمدى چۈشتىڭىزما ؟
-ھەئە، نەگە بارىمىز ؟
- قورسىقىڭىز ئاچقاندۇ. ؟>  ياخشىراق بىر يەرگە بېرىپ تاماق يەيلى .
ئىككىمىز يولدا ،خوددى تۇنۇشمايدىغان ئادەملەردەك بىر بىرسىمىزگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالماي ، ئاۋرالغا كىردۇق .
-نىمە يەيسىز،
-گەنمىيەن سومىيەن، سىزچۇ.؟  
-مەنمۇ شۇنى يەي بولدى.  يەنە باشقا بىرنەرسىلەرنى يەمسىز .  
سومىيەندىن باشقا بىرنەچچە خىل بىرنەرسىلەرنى بۇيرۇتقان ئىدۇق .زەھەردەك قىلىپ قورۇلغان بۇ سومىيەننى گەرچە لازىغا ئامراق بولساممۇ بىراق شۇنداق تەستە يەۋاتاتتىم.
يانفۇن رىمۇنچىسى دىگەن شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ، ئاغىنەم بىلەن كىنو كۈرۈپ قالساقمۇ  شۇ فىلىمدىكى كىشىلەرنىڭ يانفۇنىنىڭ تىپىنى سۆزلەپ ئولتۇراتتى،.، مەنمۇ بىرسىنىڭ قولىدا يانفۇن كۆرسەملا ئۇنىڭ قانداق يانفۇن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالاتتىم.
دىلبەرمۇ يانفۇنىنى ئېلىپ بىرنىمىلەرنى قىلىپ ئولتۇراتتى، گەپلىرىمىز شۇنداق ئاز بولسىمۇ بىراق خېلىلا ئۇچۇق پاراڭلىشاتتۇق، يانفۇنىڭىزنى كۈرۈپ باقايمۇ.
- ياق بەرمەيمەن.
-يەۋالمايمەن
-يەۋالىسىز  
-قوقماڭ مەن قورسۇقۇمنى تويغۇزىۋالدىم ئەمدى ھېچنىمە يىمنەيمەن. ..
ئۇنىڭ بەرگۈسى يوقتەك قىلاتتى مەنمۇ كۆپ زورلاپ كەتمەيلا گەپنى باشقا ياققا بۇيرىۋەتتۇق. تۇنجى ئۇچۇرشىشىمىز شۇ بىر ۋاق تاماق بىلەن ئاخىرلاشتى.

مانا شۇ تەرىقىدە بىر نەچچە ئاي بوپ قالغان ئىدى . دائىملا ئۇنىڭ كۈندىزى ۋاقتى بولمىغاچكە كەچتە كۈرىشەتتۇق. بىراق ئۇنىڭ كۈزۈمگە سىغمايدىغان قېلىقلىرى مىنى بىراز قىلغان بولسىمۇ بىراق ئىلگىرى ياخشى كۈرۈپ بولغان قىزنى ئۇنتىيمەن دەپلا ئۇنتۇپ كەتكىلى بولاتتىمۇ.  مەن يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆتىۋاتاتتىم.  ئارىدىن ئۇنىڭ بىر ئوغۇل دوستىنىڭ قونچاق سوۋغا قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى، ئۇنىڭ بىلەن سۇقۇشۇشقا باشلىدىم،
- قېنى ئېيتە مەن سىنىڭ نىمەڭ ؟
-مابىتىم،.،  نىم بولدى.
- مابىتىڭ ! ؟ ئەمسە باشقا ئوغۇللارنىڭ سوۋغىسىنى نىمىشقا ئالىسەن.؟  
خەق ئەپ بىرىمەن دەپ تۇرۋالسا ...
- ئەمسە مەندىن سورىشىڭ كىرەكمۇ يا.؟

مانا شۇ سوقۇشۇشتىن كېيىن بۇقىز  بۇندىن كېيىن ئۇنداق قىلماسلىقنى ئېيتقان بولسىمۇ بىراق كېيىن، يەنە شۇ بالىنىڭ يانفۇنىنى ئالغان ئىدى .
مىنى ياخشى كۈرمىسە ئاۋارە قىلماسلىقنى ئېيتقان ۋاقتىمدا، دائىملا ياخشى كۈرىمەن دەيتتى، بىراق ..................................  !!!!!!!!!!  
ئادەم ئازاپقا ئۆلۈپ قالمايدىكەن، شۇنچە بەدەللەر بىلەن ئىرىشكەن بىر تال گۈلنىڭ تىكىنى قولغا ئەمەس يۈرەككە سانجىلسا ئۇ تىزلا جاننى ئالمىسىمۇ بىراق ئادەمنى مەيۈسلەشتۈرۈپ. خىيالچان ،غەمكىن، مىسكىنلەشتۈرىدىكەن.  مىنىڭ بۇنداق كۈنلەرگە قانچىلىك بىزار بولغىنىمنى دىمەيلا قوياي.


تېخى ئالدىنقى ھەپتە كىيىم ئالىمەن دەپ ئالغان ئىككى يۈز يۈئەننى ئالغان بۇقىز، بۈگۈن يەنە .........


* . مەن بۇ قىزنى ئەمدى چۈشەنگەن ئىدىم. مۇشۇ قىزنى دەپ بىر ئوبدان دۇكاننى ئاچماي مۇھەببەت <<دېڭىزىدا>> ئۈزۈپ يۈردۈم.دۇكان تاقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

*.مۇشۇ قىزنى دەپ خېلى كۈچەپ ئىشلەپ باقتىم ، بىراق يانفۇن، كىيىم ، قورساق، خىراجەتلىرىنى <<كۆتۈرە>> ئالغاچقا ..  مەن چارچاپ كەتتىم.

*. مۇشۇ قىزنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىم ئۈچۈن نۇرغۇن قېتىم ئازاپلاندىم. مەيۈسلۈك، مىسكىنلىك  مىنى ئىشلەشكىمۇ خوشياقماس ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى.

شۇنچە ئۇنتۇشقا تىرىشقان بولساممۇ ، ئۇنتالمىغان ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ۋاپاسىزلىقلىرىنى ئويلاپ ئۆزۈمگە تەسەللى ئىزدىگەن بولساممۇ بىراق  قەلبىمدىكى داغنى ئۈچۈرەلمەيدىغاندەك قىلاتتىم. ،،  مانا شۇ ۋاقىتتا  ئابلىز ئابدىرىشىت رول ئالغان << ئاتا ئارزۇسى >> دىگەن فىلىم كۆز ئالدىمغا  كەلدى.  مەن ئەمدى ئويغانغاندەك بولدۇم چۈنكى ئادەم تۈنۈگۈن ھېس قىلالمىغان ئىشنى بۈگۈن ھېس قىلالايدىكەن، تۈنۈگۈنكىدىن بۈگۈن ئازىراق ئەقىل كىرىدىكەن .............    گەرچە نۇرغۇن ئىشلىرىم، كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ بىراق مەن يەنىلا قايتۇرۋالىمەن،   بىز مۇھەببەت ئۈچۈن ئەمەس ، مۇھەببەت بىز ئۈچۈن . يارالغان !!!!!!    ۋاقىت قىس ئەسىرىم ئاخىرى ياخشى چىقماي قالدى، كەچۈرەرسىلەر...   ھەممىمىز دۇنيانىڭ قاراڭغۇ كوچىلىرىدا ئەمەس، كەڭرى داغدام يوللىرىدا ماڭايلى،....    شاتزات ،شات ياشا ئۆمرۈڭ ئىمان بىلەن، ساپ مۇھەببەت بىلەن شاتلانسۇن.  مانا شۇ شاتلىق ئۈچۈن توختىماي ئىزدەن .!!!!  

<<  خەيرى خۇش يالغان مۇھەببەت>>  ،  خەيرى خوش ،شۇنچىلىك سادىق يۈرەك بىلەن تۈنجى سۆيگەن كىشىنى ئاخماق قىلغان  نادان!  خەيرى خوش،  چوڭلار نەسىھىتىنى ئىسىدە ساقلىماي  تەمتەكلىك بىلەن   خاتا بېسىلغان بىرقەدەم
  

ھىكايە   تــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــامام  ،.،


مەنبە "  قەلىمىم ،


ئىدىرىس بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-3 06:51:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سەن سۆيگەننىڭ قۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2635
يازما سانى: 926
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12144
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 1479 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-3 08:14:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ قىز سىزنى ئاخماق قىلىپتۇ خالاس .........

     مۇھەببەتكە بەكمۇ ئۆزىنى ئاتىۋەتمەسلىك كېرەك بولۇپمۇ تۇراقى يوق قىزلار ئۈچۈن
   مۇھەببەتكە ئىشىنىشكمۇ ھەم ئىشەنمەسلىككىمۇ بولمايدۇ لايىقىدا بولسا ياخشى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 1876
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12124
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2651 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-3 09:19:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ئوغۇللارنى ئەخمەق قىلىشنى ئويلايدۇ .  [s:10]

ئۈمەرجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1576
يازما سانى: 625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11535
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 392 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-3 09:32:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۇغۇللارنىڭ ئۈزلىرىگە ئىتائەتمەن بۇلىشىغا ئامراق.

the wolf , he used to be

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 1164
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 361965
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 2688 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-3 10:00:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىشتىسىزلەر ناتونۇشتۇر گەرچە يېقىن بولسىمۇ ،
رىشتى بىر يەتكەي ۋىسالغا تاغۇ-دەريا توسسىمۇ .

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

爱我就不要伤害我

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 314
يازما سانى: 554
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10824
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 1295 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2011-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-3 11:40:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كامران گىپىڭىز سەل ئىشىپ كەتكەندەك قىلامدۇ نىمە  قىزلانىڭ ھەمىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ جىمۇ  [s:18]

بىرتامچە سۇدىنمۇ قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ ~

كومپىيوتىر بىلى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 590
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8742
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-3 01:19:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كەچتە ئۇقۇي كەچۇرۇڭلار

كومپىيوتىر بىلىمىگە قىزىقۇچىلار http://www.intil.biz/bil تور بېتىگە كىرشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

ﺋﻪﯞﺝ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻣﻮﺩﺍ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭ ،ﺋﺎﻳﻨﯩ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1594
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9846
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 2659 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2013-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-3 01:33:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇنداق قىزلار ئوغۇللارنى زار زار يىغلىتىپ يۇرگىنىدە ئۆزىنىمۇ شۇنداق بىر يىغلىتىدىغان ئادەم  چىقىدىغىنىنى  ئويلاپ باقمىغاندىمۇ ؟  بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم بۇرۇن دۇنيانى ئايلىنىپ كەلسە  ھازىر بوسوغا ئايلىنىپ  كېلىدۇ  جۇمۇ ~! ئۆزۇڭلارغا دىققەت قىلىڭلار خانلار ~! شەرمى  ھايا ئىمان  ئېتىقادىڭلار بىلەن يۇرەرسلەر~!  نەدە ئوغۇلبالىنى قويىمىزكىن دەپ يۇرمەي ~!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش