چۈشىنىش : ئۆز ئارا مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئاساسى.
ئەپۇقىلىش : بەخىتلىك بولۇشنىڭ شىپالىق دورىسى.
كەمتەرلىك: ئەر _ ئاياللار ئامراقلىقىنىڭ ئاساسى.
تەربىيلەش : ئائىلە ئىناقلىقىنىڭ مەنبەسى.
بالا : سەمىمىىي مۇھەببەتنىڭ جەۋھىرى.
ئىشچانلىق : ئائىلىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ توغرا يولى .
كۆيۈنۈش : ئۆمۈرۋايەت ئىناق ئۆتۈشنىڭ پەلەمپىيى.
يېنىكلىك : ئەر- ئاياللىق مۇھەببىتىنىڭ دۈشمنى .
قارغۇلاچە ئىش كۆرۈش : ئائىلىنى يانجىپ تاشلايدىغان ماشىنا.
گۇمان : بەخىتلىك ئائىلىنىڭ قەبرىسى .
قوپاللىق : نىكاھتىن كېيىنكى جىدەلنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى .
ئۇرۇش _ جىدەل :ھېسىياتنى بۇزىدىغان زەھەرلىك دورا.
مەنبەسى :ئىلى كەچلىك گېزىتى