ئۇيغۇرلار تارىختا قوللانغان يېزىقلار
[align=justify]
ئۇيغۇر خەلقى تارىخىي دەۋرلەردە خىلمۇ-خىل ئىجتىمائىي تارىخىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھەرخىل سىستېمىدىكى يېزىقلارنى قوللانغان.ئۇيغۇرلار تارىختا بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك، كەڭ قوللانغان يېزىقلار قەدىمكى تۈرك يېزىقى،
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى،خاقانىيە يېزىقى ،چاغاتاي يېزىقى،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت.
1)قەدىمكى تۈرك (ئورخۇن)يېزىقى
[align=justify]
قەدىمكى تۈرك يېزىقى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان قەدىمكى خەلقلەر ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ھەم 6-ئەسىردىن9-ئەسىرگىچەقوللانغان يېزىق.بۇ يېزىق تۈركى قوۋملارتەرپىدىن ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن قەدىمكى تۈرك يېزىقى دېگەن نام بىلەن، بۇ يېزىقتا خاتىرلەنگەن يادىكارلىقلار---مەڭگۈتاشلار موڭغۇليىنىڭ ئورخۇن دەرياسى ۋە سىبىريىدىكى يېنىسەي(ئاناساي) بويلىرىدىن تېپىلغاچقا ئورخۇن يېنىسەي يېزىقى دېگەن نام بىلەن،كۆكتۈرك خانلىقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خاغانلىقى دەۋرىدە قوللىنىلغانلىقى سەۋەبلىك كۆكتۈرك يېزىقى ياكى ئورخۇن يېزىقى دېگەن نام بىلەن ، شەكىل جەھەتتىن قەدىمكى گىرمانلار قوللانغان رۇنىك يېزىقىغا ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تۈرك –رۇنىك يېزىقى دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.
2)قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى
[align=justify]
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ئېلىپبەلىك يېزىق .بۇ يېزىق 8-ئەسىردىن 15-ئەسىرگىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قوۋملارتەرپىدىن ئورتاق قوللىنىلغان.
3)خاقانىيە يېزىقى (ئەرەب يېزىقى)
[align=justify]
خاقانىيە يېزىقى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا ھېچقانچە ئىسلاھ قىلىنمىغان ھالدا قۇبۇل قىلىنغان يېزىق.بۇ يېزىقتا ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى 28ھەرپ ئاساسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن <<پ>> <<گ>>
<<ژ>> ھەرپلىرىنى پارىس ئېلىپبەسىدىن قۇبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن. بو يېزىق 10-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا كەڭ قاراخانىيلار تېررىتورىيسىدە قوللىنىلغان.
4)چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى
[align=justify]
<<چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى >>دەپ نام ئالغان بۇ يېزىقنىڭ ئاساسى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى خاقانىيە يېزىقىدۇر.خاقانىيە يېزىقى بىر مەزگىل ئىشلىتىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە
ماسلاشماي قالغان . شۇنىڭ بىلەن خاقانىيە يېزىقى ئۈستىدە بىر قاتار ئىسلاھاتلار يۈرگۈزۈلۈپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇلغان چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بارلىققا كەلتۈرۈلگەن . بۇ يېزىق 13- ئەسىردىن
تارتىپ تاكى 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىلدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەرنىڭ ئورتاق يېزىقى بولغان.
5)ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى
[align=justify]
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بىۋاستە راۋاجى. يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھ قىلىنغان شەكلى ھىساپلىندۇ.چاغاتاي يېزىقىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ئۈچۈن ھەرپ بەلگىلەنمىگەن بولغاچقا،
بۇ يېزىق ئىلمىي ئىزغا سېلىشقا مۇھتاج ئىدى.1937 - يىلى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يېڭى دەۋرنىڭ تەلپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن يېڭى ئېلىپبە ۋە ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقتى.1954--يىلغا كەلگەندە ، بىز ھازىر قوللىنىۋاتقان ئېلىپبەنىڭ ئاساسى تۇرغۇزۇلۇپ تاكى 1984-يىلغىچە شۇ پېتى قوللىنىلدى.1984-يلى لەۋلەشكەن تاۋۇش ئۈچۈن ئايرىم –ئايرىم تۆت ھەرپ بېكىتىلىپ ،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى 32ھەرپتىن تەشكىل تاپقان ،تىلىمىزدىكى ھەربىر تاۋۇش ئۈچۈن بىردىن ھەرپ بەلگىلەنگەن ئىلمىي بىر ئېلىپبە مەيدانغا كەلدى.
مەنبە:شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى ناملىق كىتاپ
تەييارلىغۇچى : axiki hijran