ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت tewelgha كە 2011-03-16 11:19 PMئەۋەتىلدى :
لاتىچە يىزىقىمىز گەرچە ئۆمرى بەكلا قىسقا بولسىمۇ ،نۇرغۇن ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ دۇنيانى ۋە ئۆزىنى چۈشۈنىشىگە قورال بولغان.بۇ يېزىقنى قاتاردىن چۈشۈرۈپ قويساق بولماس .
توغرا دەيسىز،ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىمۇ ئۇيغۇرلار تارىختا ئىشلەتكەن يېزىقلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەكىدى.
60-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 80-يىللارنىڭ بېشىغىچە بىز شۇ يېزىقتا ساۋادىمىزنى چىقاردۇق.ھازىر شۇ يېزىق ئاساسىدا ئسلاھات قىلىنىپ،تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى مىللەتلەرنىڭ لاتىن يېزىقىدىن پايدىلنىپ بىرقەدەر مۇكەممەل ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى(قوشۇمچە قورال يېزىق سۈپىتىدە) ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كوممېتىتىدىن بېكىتىلدى.بۇ يېزىقمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدىنىيەت تەرەققىياتىغا مۇۋاپىق ھەسسە قوشماقتا.ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرشىدىكى تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېتىدە ئۇيغۇرچە لاتىن يېزىق بېتىگىمۇ مەخسۇس ئورۇن بېرىلگەن.
ئۇندىن باشقا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۇزۇن مەزگىل سلاۋيان ئېلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر سلاۋيان ئېلىببەسىنى ئىشلەتكەن بۇمۇ چۈشۈپ قالسا بولماس.تەڭرىتاغ تورىدا بۇ نۇسخىىسىمۇ بار.تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈپ بېقىڭ.
http://www.xjtsnews.com/normal/content/lading/
http://www.xjtsnews.com/normal/content/silafu/