مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1647|ئىنكاس: 32

ماڭا بىر سوم بېرىپ تۇرسىڭىز بولامدۇ ؟؟؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سۈكۈتنىڭ ئاچچىق

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1849
يازما سانى: 1187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4843
تۆھپە نۇمۇرى: 443
توردا: 2931 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 10:35:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا ، شاھىدە كۆپرەك ئۇخلىۋالغۇسى كىلىپ ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرمىدى ، لىكىن سائەت 8  بولغاندە ، شاھىدەنىڭ ئاپىسى ئۇنى قوپقۇسى يوق بولسىمۇ زورلاپ ئورنىدىن تۇرغۇزۋەتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىرلىكتە ئاتا-ئانىسى بىلەن ئەتتىگەنلىك چاينى ئېچىپ ، ئەتىگەن بوش تۇرماي دەپ ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى ، ئاپىسى بولسا چۈشلۈك تاماققا تەييارلىق قىلىشقا تۇتۇندى ، مانا چۈشمۇ بولدى ، تاماقمۇ ئېتىلىپ يىيىلىپ بولدى ، شاھىدە چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئۆيدە كومپىيوتۇرغا قاراپ ئولتۇرغىسى كەلمەي كىتابخانىغا بېرىشنى لايىق تاپتى ، مانا كىتابخانىغىمۇ كەلدى ، ئۇ كىتابىخانىدا بىرەر سائەتتەك ھايال بولۇپ ، ئاندىن ئىككى كىتاب سېتىۋىلىپ كىتابخانىدىن چىقتى ، ھەمدە ئاپتۇبۇس بىكىتىدە ئاپتۇبۇس ساقلىغاچ ، ئۆىنىڭ تۈگىمەس خىياللىرىغا غەرىق بولدى ، بىر كەمدە ئۇ بىرىنىڭ ئۆزىنى چاقىرۋاتقانلىقىنى سەزدى، " ياخشىمۇسىز ...بىر ئىش سورىسام بولامدۇ ؟؟؟" شەھىدە ئالدىدىكى ناتونۇش ئوغۇل بالىغا قاراپ ھەيرانلىق ئىچىدە :" نىمە ئىش سورىماقچىتىڭىز ؟؟؟؟
_ ئانچە مۇھىم ئىشقۇ ئەمەس ، شۇ خاپا بولماي يېنىڭىزدا ئارتۇق بىر سوم پۇل بولسا بېرىپ تۇرسىڭىز بوپتىكەن ، يېنىمدا ساپلا 100 سوملۇقلا پۇل باركەن ، ئەگەر بولمىسا مەيلى ، ھېچقىسى يوق .....دېدى ئوغۇل تارتىنىش ئىچىدە ....
شاھىدە ھەيرانلىق نەزىرىدە ئۇ يىگىتكە قارىدى ... ئىچىدە " بۇ كىم ، ياخشى ئادەممۇ يا ئەسكى ئادەممۇ ، مەن بۇ يىگىتنى تونۇمدىم ..." دىگەنلەرنى ئويلىدى ، يەنە بىر تۇرۇپ " بوپتىلا ...بىر سومنىڭ ئىشىكەنغۇ ......" دەپ ئويلاپ پورتىمالىدىن پارچە بىر سومنى ئېلىپ ئۇ يىگىتكە تەڭلىدى ...ۋە ئۇ يىگىت ئەمدى گەپ قىلاي دىيىشىگە : كىچىك ئىشلار ...رەھمە ت ئېتماڭ : دەپ  ئاپتۇبۇسقا چىقتى ....
   بۇ ئىشلارغىمۇ ئىككى ھەپتە بولۇپ قالدى ، ئۇ يىگىتمۇ شاھىدەنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرلۈپ قالدى ، بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئىدارىسىدىن سېخلار ئارا  سېخ بىخەتەرلىكى بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى ، شاھىدەمۇ سېخى تەرپىدىن بۇ مۇسابىقىگە قاتناشتى ، مۇسابىقە تۈگەپ قايتا چاغدا ئۇ بىراۋنىڭ ئۆزىنى چاقىرغىننى ھېس قىلدى ، شاھىدە ھەيران بولۇپ بۇ يىگىتكە قارىدى ۋە _: سىز كىم بولىسىز ؟؟؟
  يىگىت شاھىدەنىڭ سوئالىنى ئاڭلاپ مەيۈسلەنگەن قىياپەتتە :- مېنى شۇنداق چاققان ئۇنتۇپ قاپسىز دە .....
شاھىدە بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھەيران بولدى ، كىم بولغىيتتى بۇ يىگەىت دەپ ئويلاپ تۇرسا ، ئۇ يىگىت :- ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدىكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ قاپسىز دە ...ھېلىقى بىر سوم ئېسىڭىزدىمۇ ؟؟؟؟
شاھىدە ئاخىرى بۇ يىگىتنى ئېسىگە ئالدى ۋە كۈلۈپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ياش قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى ، شاھىدە پاراڭلىشىش ئارقىلىق بۇ يىگىتنىڭمۇ مۇشۇ ئىدارىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى ، ئۆزى بىلەن ئوخشاش تەقسىملەنگەنلىكىنى ھەمدە باشقا سېختا ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدى . شاھىدە :- ھەجەپ بۇرۇن سىزنى كۆرمەپتىكەنمەن ، سىز بۇيەرلىك ئەمەس شۇنداقمۇ ؟؟؟
- توغرا ، مېنى مەكتەپتىن مۇشۇ يەرگە بۆلگەن ، مەن باشقا يەرلىك ، ھە راست ئۆتكەندە جىددىي ۋاقىتتا ماڭا بىر سوم بېرىپ تۇرگان ئىدىڭىز ، پۇلىڭىزنى قاچان قايتۇرۇپ بېرىمەن ؟؟؟
- قايسى پۇلنى ؟؟؟- دېدى شاھىدە ھەيران بولۇپ .
- بىر سومنىچۇ ؟؟
- ھە ....ۋايجان ....بولدى قىلىڭە ، بىر بىرەر يۈز يۇەن بولسىدى قايتۇرۇپ بېرىڭ دىسەم ، ماڭا ئۇ بىر سومنى قايتۇرۇپ بېرىمەن دىگۈچە ، بىر بوتۇلكا ئىچىملىك ئېلىپ بېرىڭە ، ئىباي مۇسابىقىدە بىرەر يۇتۇم سۇ ئىچكىدەكمۇ بولمىدىم ....دېدى شاھىدە كۈلۈپ تۇرۇپ .
ئۇلار زاۋۇت دەرۋازىسىغا ماڭغاچ پاراڭلاشتى ، شاھىدە بىر كەمدە توختاپ بىر نەرسە ئېسىگە كەلدى بولغاي ئۇ يىگىتتىن :- ھە راست ئىسمىڭىز نىمە....ئىباي ياقى پاراڭلىشىپ تۇرۇپمۇ ئىسمىڭىزنى سورىماپتىمەن ...
- ئىسمىم مۇقەدىر ، سىزنىڭ ئىسمىڭىز شاھىدەغۇ . مۇسابىقىدە ماھىرلانىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلغان چاغدا ئىسمىڭىزنى بىلۋالغان .- دېدى مۇقەدىر كۈلۈپ تۇرۇپ .
- ئىسمىڭىز چىرايلىقكەن ....
- رەھمەت ، سىز بىلەن دوس بولسام بولامدۇ ؟؟؟
- بولىدۇ ، ئادەمنىڭ دۈشمىنىدىن بىر دوستى ئارتۇق بولسا ياخشى ئەمەسمۇ ...
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زاۋۇت دەرۋازىسىدىن چىقىپ خۇشلاشتى ... مۇقەدىر شاھىدەنىڭ تېلفون نۇمۇرىنى سورىغاندا ، شاھىدە تاتلىققىنە كۈلۈمسىرەپ كىلەر قېتىم ئېتىپ بېرەي دەپ ئىسمىنا ئاپتۇبۇسىغا چىقتى ، مۇقەدىر شاھىدەنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدى ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ چىرايدىن بىر خىل خۇشاللىق ئۇرغۇپ تۇراتتى .
  ۋاقىت مۇشۇ دەقىقىدە ئۆتىۋەردى ، شاھىدە بىلەن مۇقەدىر يېقىن دوسلاردىن بولۇپ قالدى ، يەنە بىر قىزىق ئىش ئۇ ئىككىسنىڭ ئىسمىنىسى بىر بولۇپ قالدى ، مۇقەدىر دائىم شاھىدەنىڭ سېخىغا ئىش بىجىرگىلى كىلەتتى ، ئەتىگەنلىك ئىسمىنا ۋاقىتلىرىدا ئۇلار چۈشلۈك تاماقنى كۆپىنچە بىرگە يەيتتى ، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى دوسلۇق مۇناسىۋىتى بارغانىسىرى چوڭقۇرلىشىشقا باشلىدى، شاھىدە ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە بەكلا ھەيران ئىدى ، چۈنكى ئۇ مۇشۇ كۈنلەردە مۇقەدىرنى بەكلا ئويلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقەدىرنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئاستا - ئاستا ھېس قىلىشقا باشلىدى ، كۆڭۈل دىگەن ساراڭ نەرسە دىگەن گەپ راسكەن ئەمەسمۇ ، لقكىقن ئۇ مۇقەدىرنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆردىغان ياكى ياىشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى  ... شۇ كۈنلەردە  ئۇلار ئارقىدىنمۇ گەپ چىقىشقا باشلىدى ، ئادەملەر دىگەن ئاجايىپ بولدىكەن ، شاھىدە ئارقىسىدىكى بولۇنۋاتقان گەپلەرنى ئاڭلاپ شۇنداق ئاچچىقى كىلەتتى ، مۇقەدىر بىلەن ئالاقە قىلماي دىسە ئۇلار بىر ئىسمىنا ،  ھەر كۈنى ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ . يەنى كىلىپ ئۇ مۇقەدىرنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلىشىگە كۆنۈپ قالغان ئىدى ....شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ يېقىن دوستى  گۈلناز  ئۇنى ئىزدەپ كەلدى .....گۈلناز ئۇنىڭ ئۆيىگە كىلىپلا شاھىدەنىڭ سىرتقا ئەچكەتتى ، ئۇلار سىېرتنى ئايلانغاچ پاراڭلىشىشقا باشلىدى .
- ئادىشىم  ، مەن بەزى گەپلەتنى ئاڭلايمەنغۇ ...راسمۇ يا ؟؟؟
- ئاداش مەن ئۇ بالا بىلەن يېقىن دوست ، لىكىن مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن ؛- دېدى شاھىدە نەزرىنى يىراقلارغا تىكىپ .
- ئۇچۇ ؟؟؟ سېنى ياخشى كۆرەمدۇ ؟
- بىلمەيمەن .
- ئاداش مەن مۇنداق بىر گەپ ئاڭلىدىم ، سەن ھەرگىز چېچىلما ھە ؟؟
- قانداق گەپ ، تىز دىگىنە ؟؟؟
- ئاداش ، قايسى بىر كۈنى ئەلقەم ماڭا   قايىسى بىر دوستىنىڭ تۇغۇلغان كۈن  سورۇنىدا مۇقەدىر دىگەن بالىنىڭ گېپى چىقىپ قاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر مەست  سورۇندىكىلەرگە قىز دوس تېپىپ ئوينىغىڭلار بولسا ، تاسادىبىي ۋەقەلەرنى ئۆزۈڭلار پەيدا قىلىشنى بىلىشىڭلار كېرەك ، خۇددى مۇقەدىردەك ، ئۇ دىگەن قىز  ئالداپ ئويناشنى بىلىدۇ ، بولۇپمۇ قىزلارنى ئالامەت تاسادىبىي ئىشلار ئارقىلىق تونۇشۇپ شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە قىز تېپىپ ئويناشقا ئۇستا، مېنىڭ بىر قانچە دوسلىرىم ئۇنىڭ شۇ خىل ئامالىنى قوللىنىپ ، قىز دوستلۇق بولۇپ قالدى  دەپتۇدەك .....
شاھىدە بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قۇلىقىغا ئىشەنمەي قالدى ، ۋە مۇقەدىر بىلەن تونۇشقاندىكى شۇ كۆرۈنۈش كۆز ئالدىغا كەلدى ، ئۇنىڭ قۇكىقىغا ھېچقاندەك گەپ كىرمەيتتى ، ئۇ دوستى بىلەن كۆڭۈلسىز خۇشلاشتى ، ۋە ئۆيگە كىلىپلا ھۇجرا ئۆيىگە كىرىپ ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىدى ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا دوستىنىڭ دىگەن گەپلىرى بىر مۇ بىر ئاڭلىنىۋاتاتتى ، بىر كەم بولغاندا مۇقەدىردىن تېلفون كەلدى . لىكىن ئۇ تېلفوننى ئالماي بېسىۋەتتى ۋە بىراقلا ئېتىۋەتتى . ئەتىسى ئىشقا چىققان چىقتى ، مۇقەدىرنى كۆرۈپلا ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي ، ئۇدۇل ئۆز سېخىغا قاراپ ماڭدى ، چۈنكى شاھىدەنىڭ كاللىسىدا مۇقەدىر ئۆزىنى ئەخمەق قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن تونۇشقان دىگەن بىرلا ئاڭ پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى ، تۈنۈگۈنى پاراڭلار ئۇنى شۇنداق ئاڭغا كىلىشكە تۈرتكە بولغان دىيىشكىمۇ بولاتتى ، مۇقەدىر شاھىدەنىڭ ئۆزىگە قىلغان مۇئامىلىسىدىن ھەيران قالدى ، ۋە كۆڭلى شۇنداق يېرىم بولۇپ كەتتى ، ئۇنىك كاللىسىغا شاھىدە نىمە بولغاندۇ دىگەنلا سوئال بار ئىدى ، شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى  خىزمىتىمۇ كۆڭۈلسىز ئاخىرلاشتى ، چۈنكى ئۇ شاھىدە بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ شاھىدە بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ ماڭدى ، دەرۋەقە شاھىدە بىلەن كۆرۈشتى ، لىكىن بۇ كۆرۈشۈش بەكلا كۆڭۈلسىز ئاخىرلاشتى ، شاھىدە ئۇنىڭغا شۇنچىلىك سوغۇق مۇئامىلە قىلغان ئىدى ، ۋە تۈنۈگۈنكى گۈلنازدىن ئاڭلىغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا دەپ ، ئۇنىڭ بىلەن قايتا كۆرۈشمەسلىكنى ئېتىپ  مۇقەدىرنى تاشلاپ كېتىپ قالدى ، مۇقەدىر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالدى ، ئۇ پەقەت ئۆزى بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قالغان قىز بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن پەيدا قىلغان تاسادىبىي ئۇچرىشىش ھەركىتى باشقىلارنىڭ ئاغزىدا باشقا شەكىلدىكى مەزمۇنغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ، بولۇپمۇ ياخشى كۆرگەن كىشىسىنىڭ خاتا چۈشەنگەنلىكى كۆڭلىنى شۇنچىلىك يېرىم قىلغان ئىدى ... قانداق قىلىش كېرەك ، ئۇ نىمە قىلىشىنى ، قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمەي قالدى . شۇ تەرىقىدە بىر نەچچە كۈن ئۆتتى ، مۇقەدىر بىرنەچچە كۈندىن ياكى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەكلا بولۇپ قالدى ،  شاھىدەنىڭ ھالىمۇ شۇنداق ئىدى ، ئۇلار خۇددىي ناتونۇش ئادەمدەكلا بولۇپ كېتىۋاتاتتى ، بۇنىڭغا مۇقەدىر پەقەت چىدىمىدى ، ئاخىرى شاھىدەگە تېلفون قىلماي ئۇچۇر يېزىشنى لايىق تاپتى . دەل مۇشۇ ئېشتىن كېيىنكى 10 كۈندىن كېيىن . شاھىدە مۇقەدىردىن ئۇزۇن بىر نەچچە ئۇچۇرلارنى  تاپشۇرۋالدى ، ئۇچۇردا : شاھىدە ، ئاشۇ ئىشتىن كېيىن بىز پاراڭلىشىپ باقمىغىلى بۈگۈن دەل 10 كۈن بولدى ، بۇ 10 كۈن جەريانىدا مەن خۇددى روھىي چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك بولۇپ قالدىم ، ھەر كۈنى كەچتە سىزنىڭ تاتلىق كۈلۈمسىرىشىڭىزنى ئويلاپ ياتىمەن ، يانفونۇمدىكى بىر پارچە رەسىمىڭىز بۇ ئون كۈن ئىچىدە ماڭا ھەمراھ بولدى ، سىز چوقۇم مەندە بۇ رەسىمىڭىزنىڭ بارلىقىغا قىزىقۋاتامسىز ئەمسە گېپىمگە قۇلاق سېلىڭ  ... بىر يامغۇرلۇق كۈن ئىدى ، شۇ كۈنى مەن بازار ئالدىدا ماشىنا تاپالماي جىلە بولۇپ قالدىم ، شۇ چاغدا  ييېنىمدىكى بىر0 6ياشلىق چوڭ ئاپاشمۇ  ماشىنا توسالماي تۇراتتى   ، شۇ جەر ياندا يولنىڭ قارشى تەرپىدە تۇرغان سىز ماشىنا توستىڭىز  ، لىكىن سىز توسقان ماشىنا بىر دەمدە بىزنىڭ يېنىمىزدا توختىدى ، سىز  ماشىنىدىن چۈشۈپ ھېلىقى چوڭ ئاپاشقا كۈلۈمسىرەپ قاراپ ،:- چوڭ ئاپا ، نەگە باراتتىڭىز ، ماشىنىغا چىقىڭ ، مەن ئاپىرىپ قوياي ،- دېدىڭىز ، ۋە چوڭ ئاپاشنى ماشىنىغا يۆلەپ چىقىرىپ ، يۈرۈپ كەتتىڭىز ، بۇ مەنزىرە  بولۇپمۇ شۇ چاغدىكى تاتلىق كۈلۈمسىرىشىڭىز مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلۋالغان ئىدى ، مەن سىز يۈرۈپ كەتكەن ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇردۇم ، يۈرەكلىرىمسىزنىڭ  تاتلىق بېقىشىڭىز ۋە كۈلۈمسىرىشىڭىز دەستىدىن بىر خىل جىددىي سوقۇۋاتاتتى ، مەن سىزنى يەنە بىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن چاغلاردا ، تەلىيىم كىلىپ سىزنى ئاپتۇبۇس بىكىتىدە كۆرۈپ قالدىم ،ۋە خۇشاللىقىمدا سىزنى مەخپىي رەسىمگە تارتىۋالدىم ، لىكىن مېنىڭ يەنىلا سىزگە بىرەر ئېغىز بولسىمۇ گەپ قىلىشنى ئويلىدىم لىكىن قانداق گەپ قىلىشنى بىلەلمەي قالدىم  ،كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى شۇنداق قىلىپ  تاسادىپىي ئۇچرىشىش نى ئويلاپ تاپتىم ۋە سىزدىن قەستەنگە بىر سوم سورىدىم ، سىز ھەيران بولۇپ ماڭا قارىدىڭىز ، ئۇ قارىشىڭىز ھېلىقى يامغۇرلۇق چاغدىكى قارىشىڭىز بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ئىدى ، مەن سىزگە تىكىلىپلا قالدىم ،بىر كەمدى سىز ماڭا بىر سومنى تەڭلىدىڭىز ۋە كېتىپ قالدىڭىز ... مەن يەنە سىز بىلەن تونۇشۇپ بولالمىدىم ، شۇ تەرىقىدە ئىدارىدا ئۆكۈزۈلگەن زېھىن سىناش مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە چاقىردى ، مەن باشتا چىققىلى ئۇنمىدىم ، لىكىن سېخى مۇدىرىمىز چىقىپ كۆرۈپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق دەپ مېنى تەڭ ئېلىپ چىقتى ، مەن پەستە ئولتۇرۇپ ئۇيەن بۇيەن قاراپ ، سەھنىدىكى سىزگە كۆزۈم چۈشتى ، ۋە كۆزۈمگە ئېشەنمەي قالدىم ، مەن سېخى مۇدرىغا قېتىملاپ رەھمەت ئېتىپ قىلسام ئۇ ھەيران قالدى ، شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە تۈگۈشىگىلا سىزنىگە قەستەن گەپ قىلدىم ، شۇ نىڭ بىلەن بىز دوست بولدۇق ، مەن يەنە سېخ مۇدىرغا دەپ يۈرۈپ سىز بىلەن بىر ئىسمىنا بولىۋالدىم ، دوست بولۇش جەريانىدا سىزگە بولغان مۇھەببىتىم كۈچىيىشكە باشلىدى ، سىزگە شۇنچىلىك مەپتۇن بولۇپ قالغان ئىدىم ، چۈنكى سىز دە باشقا قىزلاردا  قارىغاندا يوقىلىشقا باشلىغان شەرمى - ھايالىقىڭىز  ، ئەدەپ - ئەخلاقىڭىز مېنى ئۆزىڭىزگە باشقىچە رام قىلۋالغان ئىدى .... سىزنىڭ مېنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىڭىزنى خالىمايمەن ، چۈنكى مەن  سىزنى ئەخمەق قىلىش ئۈچۈن  ئەمەس ، بەلكى سىزنى بىر كۆرۈپلا غايىبانە ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىم ئۈچۈن سىز بىلەن شۇخىل ئۇسۇلدا  تونۇشقان ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، ئەگەر ياخشى كۆرسىڭىز ماڭا جاۋاب خەت يېزىڭ..."
   شاھىدە ئۇچۇرلارنى ئوقىدى ، كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرى خۇش بولغا ن ئىدى ، چۈنكى ئۆزىمۇ مۇقەدىرنى ياخشى كۆرەتتى ... ئەسلىدە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر ئۇقۇشماسلىق ئىكەندە ھازىر ھەممە ئىشلار ئېنىق بولدى ،ئۇنىڭ بىر يەرلىرىدىن كۆڭلى يايرىدى ۋە  ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭغا خەت يازدى ،  ۋە ئاشۇ ئاپتۇبۇس بىكىتىدە ئۇچرىشىشنى كىلىشتى ...
  ئەتىسى مۇقەدىر ھېلىقى ئاپتۇبۇس بىكىتىدە شاھىدەنى ساقلىدى ، بىر كەمدە شاھىدە كەلدى شاھىدە مۇقەدىرنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ، ئون كۈنياقى مۇقەدىر خېلىلا ئورۇقلاپ جۈدەپ قالغان ئىدى ، ئۇ مۇقەدىرگە ئۇزۇن تىكىلدى ۋە مۇقەدىرگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ  :" ماڭا بىر سوم بېرىپ تۇرسىڭىز بوپتىكەن ؟"
دېدى مۇقەدىر ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا بىر سومنى تەڭلىدى ، شاھىدە يولنىڭ قارشى تەرەپتىكى ئاپتۇبۇس بىكىتى يېنىدىكى ئامىۋى تېلفونخانىدا بېرىپ مۇقەدىرگە تېلفون بەردى ۋە ئۇنىڭغا :" سىزنى ياخشى كۆرىمەن " دېدى ، مۇقەدىر تېلفوندىكى بۇ بىر ئېغىز گەپنى ئاڭلاپ ، خۇشاللىقىدا ئۇدۇلدىكى يولدا تۇرغان شاھىدەنىڭ يېنىغا يۈگۈردى.....



       مەنبە - خىيالىم !!!

ھەركىم يازسا ئۆزتىلدا ئەسەر ، ئانا-تىل ئۈچۈن جېنىم مىڭ پىدا. يوقالسا ئانا-تىل ئەتە ئەگەر !!! بۈگۈنلا مەن بولاي جېنىمدىن جۇدا .....

ھاياتنىڭ لەززىت

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7560
تۆھپە نۇمۇرى: 532
توردا: 3214 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 11:06:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوبدان پىلانكەن.... بويتاقلار خوش بۇلۇپ كەتكۈدەك...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

*ئاللاھ گۇناھلىر

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33532
يازما سانى: 767
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5239
تۆھپە نۇمۇرى: 501
توردا: 1656 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 11:09:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:159]  [s:159]  [s:159]  [s:159]  [s:159] راس دەيسىز.

رەنجىمە ئاللاھدىن،ئاللاھ گۇناھسىز. رەنجىمە دۇنيادىن، دۇنيا رە ھىمسىز .

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7754
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2821 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 11:09:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانچىلغان قىز يىگىتلەر ئۈگىنىۋالار ھە ؟

كۈلۈپ ياشاڭ......

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11799
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 11:13:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارشى قىرغاقتا تۇرغان شەھىدەگە قاراپ يۈگۈردى،ئەمما تەقدىرنىڭ كاجلىكىغا قاراڭكى.........................................


چۈشەمىدىم ئاخىرىنى..ھې ھې...

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!

موزاينىڭ يۈگۈرى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18657
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 6454 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 11:14:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمدىگەن رومانتىك ئىشلار بۇ ، ئەمىلىيەتتە بۇنداق ئشلار بارمىدۇ.
گۈلنازنىڭ ئوبرازى قانداق ئوبراز ؟؟؟؟

ئابدۇ.....

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4807
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 50999
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 1998 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 11:16:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئوبدان چارىسىكەن -دە بۇ بىر سوم پۇل سوراش....
ۋەقەلىكنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپسىز، مەزمۇن تەبئىي چىقىپتۇ،بىراق بەزى ھەرپلەر خاتا يېزىلىپ قالغاچقا ئېنىقسىزلىق كېلىپ چىققان، ئىملاغا ئەھمىيەت بېرىپ  كەتكەيسىز....

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

سۈكۈتنىڭ ئاچچىق

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1849
يازما سانى: 1187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4843
تۆھپە نۇمۇرى: 443
توردا: 2931 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 11:20:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5-قەۋەت (kapTalis) نىڭ يازمىسىغا

گۈلنازنىڭ ئوبرازىنى ياخشى تەسۋىرلىيەلمىدىم ...... [s:151]

ھەركىم يازسا ئۆزتىلدا ئەسەر ، ئانا-تىل ئۈچۈن جېنىم مىڭ پىدا. يوقالسا ئانا-تىل ئەتە ئەگەر !!! بۈگۈنلا مەن بولاي جېنىمدىن جۇدا .....

سۈكۈتنىڭ ئاچچىق

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1849
يازما سانى: 1187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4843
تۆھپە نۇمۇرى: 443
توردا: 2931 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 11:22:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1-قەۋەت (qaxmazulal) نىڭ يازمىسىغا

ئاخىرى ئىككىسى بەخىتلىك بىر جۈپلەردىن بولىدۇ ..... [s:174]

ھەركىم يازسا ئۆزتىلدا ئەسەر ، ئانا-تىل ئۈچۈن جېنىم مىڭ پىدا. يوقالسا ئانا-تىل ئەتە ئەگەر !!! بۈگۈنلا مەن بولاي جېنىمدىن جۇدا .....

سۈكۈتنىڭ ئاچچىق

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1849
يازما سانى: 1187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4843
تۆھپە نۇمۇرى: 443
توردا: 2931 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 11:24:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6-قەۋەت (musilina) نىڭ يازمىسىغا

كىلەر قېتىم ئىملا - خاتالىقىمغا دېققەت قىلىمەن ....تەكلىپ پىكىرىڭىزگە رەھمەت ھەدە  [s:174]

ھەركىم يازسا ئۆزتىلدا ئەسەر ، ئانا-تىل ئۈچۈن جېنىم مىڭ پىدا. يوقالسا ئانا-تىل ئەتە ئەگەر !!! بۈگۈنلا مەن بولاي جېنىمدىن جۇدا .....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش