مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1177|ئىنكاس: 14

كىتاپخانغا<مۇھەممەت سالىھ>نىڭ ئاخىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەر ۋاقىت ئاخىرە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30156
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5691
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 1168 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 10:42:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

 كىتاپخانغا 
 مۇھەمەت سالىھ
لۇغەتتۇر يار دىلخاھى ئۇنى سەن تۇتىيا بىلگىن،
بولۇپ شوتا نىشانغا ئۆرلىمەككە ئەسقاتار بولسا.

خىرام ئەيلەيدۇ  قۇرلار ئىچرە سۆزلەم ئىشىۋە ناز بىرلە،
نە خۇش زىھنىڭنى سۆزلۈكلەر قۇياشتەك يورۇتار بولسا.

ئىلىم سەھراسنى كەزگىن بولۇپ قامۇسقا چىن مەپتۇن،
ئويۇن سەيناسىدا يۈرمەك خالايىق ئىچرە ئار بولسا.

بۇدۇر ئابى ھايات يا ئابى كەۋسەردۇر ئوقۇر تەھسىن،
ئىلىم تەشناسى چاڭقاقلار ئىچىپ كەۋسەر قانار بولسا.

تاماملانماي تۇرۇپ قامۇس قاچان كۆڭلۈم تاپار تەسكىن،
كىتاپخان تەلمۈرۈپ تېزرەك كۆرۈشكە ئىنتىزار بولسا.

ئوقۇرمەن زوقلىنىپ خۇشتار بولۇر ھەر چاغدا قامۇسقا،
تىرەن مەنالىدىن ھەر بەتتە ئاھۇلار شىكار بولسا.

خىيالىم كەزدى مەنالەر بايابانىنى تىنماستىن،
ساڭا يەتمەمدۇ ھەر بەت ئىچرە مول مەنا ياتار بولسا.

ھۇمايۇن قۇشلىرى قونغاي بىشىغا تۆھپىكارلارنىڭ ،
ئۇلاردا ئىجتىھات ،غەيرەت ،ئىرادە ،ئىقتىدار بولسا.

تالاي يىللار رىيازەتتە ئىلىم گىردابىدا ئۈزدۈم،
جاۋاھىرلار سۈزۈپ تىنماي ،غەرەز دۇرلار نىسار بولسا.

كىشى ئاجىز ئىكەن زەپمۇ نەپەستىن قالسا يوق ئىنسان،
ھاياتتۇر كەتسىمۇ ئىنسان ھەقىقىي تۆھپىكار بولسا.

بىرىلدىم ئىلمۇ ئىرپانغا بوشاشماي ئىزدىنىپ شۇنچە،
نىشانغا يەتمىگەي ئىنسان يۈرەردە بىمادار بولسا.

لۇغەت مەستانىسى بولدۇم چېكىپ كۆپ رەنجۇ مېھنەتلەر ،
يېنىڭدىن ئايرىما ھەرگىز لۇغەت قۇتلۇق تۇمار بولسا.

چاچار بەتلەر ئارا دۇردانە سۆزلۈكلەر جۇلاسىنى،
تېپىپ قامۇستا چىن مەنا بۆلەكتىن جانلىنار بولسا.

تەپەككۇر قۇشلىرىم ساقى بولۇپ خۇش پەيتتە قوش قوللاپ،
ۋىسال جامىغا شەربەت تولدۇرۇپ بىردەك تۇتار بولسا.

پاچاقلاپ مۈشكۈلاتلارنى بولۇرمەن شىرى يەزداندەك،
سىزەرمەن مىڭ ھۇزۇر دىلدىن توساقلار تارمار بولسا.

مۇئەممالار بەسى كۆپ دۇچ كېلەر ماڭدامدا بىر مۈشكۈل،
نىھان سىرلار ئايان بولماس كۆڭۈللەر بىقارار بولسا.

شاياتۇنلار بولۇرمىش خەستە دىللار ئاھىغا بائىس،
ئەقىل ئىدراكقا گۇمراھلىق يىتىپ يولدىن ئازار بولسا.

پەرى پەيكەر بولالماس دىلبەرى ئەييارە ناز ئەيلەپ،
ئوقۇپ ئەپسۇن دەمادەم ئىشقى بازارىدا زار بولسا.

يورۇقتۇر ھەر زامان كۆڭلۈم ئۆيى خۇرشىدى تاباندەك،
تىلەكلەر ھەل بولۇر بېشەك كۆڭۈللەر بىغۇبار بولسا.

بولۇرمەن گاھى ناشاد ،گاھى شاد باشىمدا مىڭ  سەۋدا،
جاھان غەۋغالىرىدىن بىباھا ئۆمرۈم بىكار بولسا.

كېتەر يىللار  ئۆتەر ئايلار پەسىللەر ئالمىشىپ بىر-بىر،
نەۋا ئەيلەر ھامان بۇلبۇل خازان بولماس باھار بولسا.

چېچەكلەپ بەختۇ ئىقبالىم ھاياتىم مەنىلىك ئۆتكەي،
ۋەتەن ئەل ئىشىقى قەلبىمدە بولۇپ ئاتەش يانار بولسا.

دىيارىم قەرزى زىممەمدە ئۆمۈر ۋايەت ئادا بولماس ،
ھىلىغۇ تەندىكى بىر جان تۈمەنمىڭ جان نىسار بولسا.

بىكاردۇر ئەلگە خىزمەتسىز بىھۇدە ئۆتكۈزۈپ چاغنى،
تەبەسسۇم ئىلكىدە دەۋران سۈرۈپ مىڭ يىل ياشار بولسا،

ئۆمۈر يۇلتۇزلىرىم ساقىپ تۈگەپتۇ بەرق ئۇرۇپ بىر-بىر ،
مۆكۈنگەي كۆكتىكى ئەختەر كىتىپ شەب ،گەر ناھار بولسا.

قاراپ باقسام تۇرۇپتۇ كۆز ئوڭۇمدا شۇنچە كۆپ ماۋزۇ،
نىتەي ساقىندى ئۆمرۈمدە قەلەم چارچاپ يازار بولسا.

بىرىلگەي ئىلمۇ ئىرپانغا قەدەمدە قالدۇرۇپ بىر ئىز،
كىمىكى روھى ئەجدادلارغا بەرھەق ئىز باسار بولسا.

كىتاپ يازدىم ئۈمۈد شۇكى جاھاندە قالدۇرۇپ كەتسەم ،
نىشانەم قالسا ئەۋلادلارغا مەندىن يادىكار بولسا.

تەمەيىم يوق مۇكاپاتتىن پەقەت ئالەمچە بەختىمدۇر،
ئىشىم مەقبۇل بولۇپ دىللاردا نامىم يادلىنار بولسا.

كىلىش مەنبەسى <قامۇس>.قەدىردان تورداشلار  ئالدىنقى قېتىمدا ئالدۇراڭغۇلۇق قىلىپ تىما ماۋزۇسىنى خاتا يېزىپ قاپتىمەن،بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29740
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5059
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2011-2-9
ئاخىرقى: 2014-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 11:18:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ياخشى يىزىلغان تىما بوپتۇغۇ ،مۇسۇلمان قىرىنداشلار ،ۋاختىڭلار چىققاندا قامۇسنى ئىلىپ كۆرۈپ بىقىڭلار جۇمۇ !

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 2011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32867
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12122 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 11:20:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان شىئىر ئىكەن

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 11:30:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نىمە  بولغاندىمەن  دەپ كىرىپتىمەن ...[s:134]
ئەسلى باشقا  مۇھەممەدسالىھ كەندە  ...
ئاللا  نىسىپ قىلسا  مۇرادىمىزغا  نىسىپ قىلغاي ...

تەۋبىكار

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 2745
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23105
تۆھپە نۇمۇرى: 951
توردا: 1620 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 11:33:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ، مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم شۇمۇ ئاپتورى .

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 11:33:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق   مەنىسى  چوڭقۇر  مۇشۇنداق  شىئىرلارنى  يازغان  ئادەملەر بىلەن  بىر كۇرۇشسەم ...
شىئىر بىلەن  خەلىقنى  غەپلەتتىن ئويغۇتىدۇدە  شائىرلار ...

ھەسەن-ھۈسەن يامغ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33680
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4099
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2014-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 11:36:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تاما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت .قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تىما بولسا كۆپرەك يوللاپ تۇراسىز.

ھەر ۋاقىت ئاخىرە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30156
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5691
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 1168 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 01:09:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆتىنچى قەۋەتتىكى ئوۋچىنىڭ ئىنكاسىغا:
ھە توغرا دىدىڭڭىز ،ئۇلۇغ قۇرئان كەرىمنى تەرجىمە قىلغان ئۇلۇغ يازغۇچى __مۇھەممەت سالىھ .

غەيۋەتخور كىشى، ئەڭ پەس كىشىدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4402
يازما سانى: 2976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76348
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 6789 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 04:45:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھاجىمنىڭ بۇ قامۇسىنى كىتابخانىلاردىن تاپالارمەنمۇ......

ئىزىڭدىن ئۈنگەن تىكەن، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىنى يارا قىلۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5699
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15186
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 901 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 10:55:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر كىتابخانىلاردا يوق
ئاجايىپ ئېسىل ئادەم، كىچىك پېئىل، كەمتەر، خۇشچاقچاق [s:166]  [s:166]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش