مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1880|ئىنكاس: 21

شەيتانلار كۈچلنىپ كەتتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9580
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9106
تۆھپە نۇمۇرى: 508
توردا: 1636 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 06:48:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شەيتانلار كۈچلنىپ كەتتى ....

اللاھ تائالا ئادەم ئاتىمىزنى تۇپراقتىن ياساپ ، ئۇنۇڭغا جان كىرگۇزۇپ

ئۇنى ئۇلۇغلاپ ئەرشىدىكى پۇتۇن پەرىشتە-مالائىكلەرنى ئۇنۇڭغا ھۆرمەت سەجىدىسى

قىلشقا بۇيرىغان چاغدا ، ئەرشدىكى پۇتۇن پەرىشتە مالائىكلەرگە دەرىس

بىردىغان شەيتان- ئۆزىگە ، ئۆزىنىڭ بىلىمگە تەمەننا قويۇپ ، ئۆز

كۆڭلىدە ئۆزىدىن تىۋەن تۇردىغان لايدىن يارتىلغان ئادەم ئاتىمىزغا

سەجىدە قىلىشتىن يۇز ئۆرىگەن بىر نەچچە قىتىم بۇيرۇق قىلنغان بولسىمۇ

يەنلا جاھىللق قىلىپ بۇيرۇققا بوي سۇنمىغان ، شۇ سەۋەپتىن رەببىمز

شەيتاننى ئەرشىدىن قوغلاندى قىلغان ، لەنتى شەيتان ئۆزنىڭ اللاھ غا

شۇنچە يىل قىلغان ئىبادىتى ئۇچۇن ئاللاھ دىن تا قىيامەتكىچە ئۇزۇن

ئۆمۇر تىلگەن ، ۋە ئۆمىرىنى ئادەمنىڭ تىرە بىلەن گۆش ئوتتۇرسىدا

ئۆتكۇزۇشكە پاناھ تىلگەن ، رەھمانى رەھىمدىللك ئاللاھ ئۇنىڭ بۇرۇنقى

ساداقىتى ئۇچۇن لەنىتنىڭ بۇ تەلپىگە قوشۇلۇپ مىنىڭ بەندىللىرىمنىڭ

ئىمانى ھەققى بولدىكەن سەن ئۇلارنى ئازدۇرۇپ بولالمايسەن دەپ زىمىنغا قوغلاندى قىلغان ، لەنىتى شەيتان ئادەم ئاتىمىز جەننەتتە ياشاۋاتقاندا

يىيىش چەكلەنگەن بۇغداينى يىيشكە قىزىقتۇرۇپ ئاللاھ غا ئادەم ئاتىمىزنى

تۇنجى قتىم گۇناھكار قىلغان، شۇ سەۋەپلك ئادەم ئاتىمىز بەرىكەتلك

جەننەتتىن ھازىرقى زىمىنغا قوغلانغان، ۋە زىمىنغا چۇشۇپ نەچچە يۇز

يىل رىيازەت بىلەن جازالانغان، لەنىتى شەيتان ئۆزنىڭ بۇ نەتىجىسى

بىلەن پەخىرلنىپ خۇشال بوپ يايراپ كەتكەنكەن،

شۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە لەنتى شەيتان زىمىن يۇزىدە بىزنى ئازدۇرۇپ

نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىزنى ئىماندىن ئىنسابىدىن ئايرىپ رەزىل ئىنسانغا

ئايلاندۇرۇپ قويماقتا، نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىزنى ۋىجدان ، غورۇر دىن

ئىپپەت – نۇمۇستىن ، ئەخلاقتىن ، ھەتتا ئىنسانلقىدىن ئايرىپ قويماقتا

ئەجىبا شەيتان شۇنچە قۇدىرەتلك شۇنچە كۇچلۇكمىدۇ ..؟

ئاللاھ شەيتانغا ئەينى ۋاقىتتا بەندىللرىمنىڭ ئىمانى ھەققى بولدىكەن

سەن ئۇلارنى مەڭگۇ ئازدۇرالمايسەن دىگەن. بىزگە نىمە بولدى ، ئىمانمىز

قەيەرگە كەتتى...ۋىجدانمىز غورۇرمىز .... قەيەرگە كەتتى ....؟

پۇل تاپقان بايلىرىمىزنىڭ بەزىللرى پۇللرىنى توغرا ساۋاپىلق يوللارغا

ئىشلەتسە يەنە بەزى ئىپلاس بايلىرىمىز گۇزەل ئەخلاقنى ، مىللەتنى

زالالەتكە باشلايدىغان ئەيشى – ئىشرەت پاسكىنا كىسەلنىڭ مەنبەسى

بولغان ھارام يوللارغا ئىشلتىپ لەنىتى شەيتانغا دەسمى سىلىپ بىرۋاتدۇ.

بەزى بىلملك كىشلىللرىمىز بىلمنى ئىنسانلارنى گۇزەل ئەخلاققا ،

ئىمان ئىنساپقا يۇزلەندۇرۇشكە سەرىپ قىلۋاتسا بەزى بىلم ئىگىللرى

ئىنسانلارنى زالالەت يولىغا باشلاۋاتدۇ، يولدىن ئازغان ، ھەققىەتتىن

تانغان شۇ يوللارغا بىزنى كىم تارتىۋاتدۇ، يەنە شۇ شەيتان ....

شەيتان بىزنىڭ شۇ مۇستەھكەم ئىمانمىزنى ، ئىدىقادىمزنى قانداق

قىلىپ شۇنداق تىزلا باش ئەگدۇرۋالدى، سەۋەپ – بىز شۇئىمانمىزنى

ماددى جەھەتتىن بىلىپ-بىلمەي شۇبىھىلك ھارام يىمەكلك بىلەن

ئاجىزلاشتۇرساق ، مەنۋى جەھەتتىن ئۆزمىزنى ئىمانىمىزغا ، ئىدىقاتىمىزغا مول ئۇزۇق بولدىغان،كۇچلەندۇردىغان دىلمىزنى يۇرتىدىغان ياخشى سۆز

ياخشى تەربىيە بىلەن ئۇزۇقلاندۇردىغان سورۇنلاردىن قاچۇرۇپ ، ئىمانمزنى

بۇلغايدىغان ، سۇسلاشتۇردىغان ، ھەتتا پۇتۇنلەي چىقىرىپ تاشلايدغان

ھازىرقى زامان مەدىنيەت سورۇنلىرىغا ، يەنى دىسكوخانا ، رىستۇران

ھەرخىل شەكلدىكى ئۇۋالاش ئورۇنلىرى، قاۋاقخانا ، ھەتتا يىمەكلك

مەنبەسى ۋە ئەسلىھەلىرى شۇبھىلك بولغان خوگۇخانلارغا ئۆزمىزنى

ساراڭلاچە ئىتۋاتمىز . مەدىنيتمىزدىكى توي مۇراسمى بارغانچە ياۋرۇپالشىپ

تەرەققى قىلۋاتدۇ، ھەتتا مىللەت مەدىنيىتمىزدە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان

ھەرخىل تەبرىكلەش مۇراسملىرى ، ھەرخىل بايراملار بارغانچە بىزنىڭ

ئەنئەنۋى ھىيىت بايراملىرىمىزغا خىرىس قىلۋاتدۇ، يەنە تىخى ھەر

دەرجىلك قاتار چاي مەدىنيىتى بىزنىڭ روھىمىزنى چىرماپ كىتۋاتدۇ،

بۇ قاتار چاي پائاليتنى نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىز ئۆزنىڭ ۋە ئۆزگنىڭ

مەنۋى مەنپەتى ئۇچۇن ئىجابى تەربىيە پاليىتى ، خەيرى – ساخاۋەت

پاليىتى قىلىپ ئۇيۇشتۇرسا، يەنە بىر قىسىم مەدىني قىرىنداشلىرىمىز

بۇ سورۇننى ئۆزنى كۆز-كۆز قىلدىغان ، غەيۋەت ، شەھۋەت سورۇنى

قىلىپ ئۇيۇشتۇرۋاتدۇ، دىمەك بىز يۇقارقى يوللار ئارقىلق شەيتانغا مەدەت

بىرۋاتمىز، يۇقارقى يوللار ئارقىلق كەلگۇسى ئەۋلاتلىرىمىزغا داغدام يول

ئىچىپ بىرۋاتمىز......، بىز شۇ يول ئارقىلق شەيتانغا مەنىۋى ۋە

ماددى جەھەتتىن قۇۋەتلك ئۇزۇقلۇقلارنى بىرۋاتمز، شۇنداق بولغانكەن

شەيتان كۇچلەنمەي تۇرالامدۇ ، يولۋاس يوق يەردە مايمۇن شاھ بوپتۇ

دىگەندك قەلبىمزدىكى يولۋاسنڭ ئورۇننى مايمۇنغا ئۆتۇنۇپ بەرسەك مايمۇن

ئەلۋاتتە شاھ بولۇپ ئۆز خاھىشى بوينىچە ھۆكۇم سۇردۇ دە....

ھاياتىمىز مۇشۇ يول بويىنچە داۋاملاشسا كەلگۇسىمىز قانداق بولا..

مىللتىمىز ، دىنىمىز قانداق ئەھۋالغا چۇشۇپ قالا....، ئويلۇنۇپ باقايلى

قىرىنداشلا ...زىھنىمىزنى يىغىپ چوڭقۇر ئويلاپ باقايلى ... ، بۇگۇن

ئۆتكەن كۇننى كەيىنگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ، خاتا باسقان بىر قەدەمدىن

چىكىنىش ئۇچۇن مىڭ قەدەم مىڭىشقا توغرا كىلشى مومكىن، بەلكى

چىكنىش مومكىن بولماسلقى مومكىن، ئۆزمىزنىڭ ،كەلگۇسى ئەۋلاتمىزنىڭ

مىللتىمز قۇرباننىڭ ، قاتىلى بولۇپ قالمايلى.... ياراتقان رەببىمىزگە

كەلگۇسى ئەۋەلاتلىرىمىزغا يۇز كىلەلگىدەك تۇرمۇش يولى بىلەن ياشايلى..

مەنبە : ئۆزەم


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
suzuk-naz + 100
alafasy + 111

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 211   باھا خاتىرىسى

مۇڭداش

ھەربىر تىنغان تى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6922
يازما سانى: 1941
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13672
تۆھپە نۇمۇرى: 723
توردا: 3012 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 08:52:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىندىشىم قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن ..

ئالدىمغا ئالەمچە خۇشاللىق كەلسىمۇ كۈلىمەن .ئالەمچە خاپىلىق كەلسىمۇ كۈلىمەن ،چۈنكى دۇنياغا كىلىشممۇ يىغا ،كىتىشىممۇ يىغا ، پەقەت مىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇملا  كۈلكە.

ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 2589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7699
تۆھپە نۇمۇرى: 1234
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 09:30:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام مەيدانغا كەلگەن ۋاقىتىن تارتىپ ، كىشلەرنى گۈزەل ئەخلاققا ، ئەپۇچانلىققا ، ياخشى مۇئامىلە قىلشقا رىغبەتلەندۇرۈپ كەلدى ، ھەدىس شەرىپلەر ئەشۇ گۈزەل خۇلۇقلار بىلەن بىزىنشىمىزنى تەكىتلىدى . نۇرغۇن ئۆلىمالىرىمىز ئەخلاق ھەققىدە كىتاب يازدى ، سۆزلىدى . شۇنداق ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى مۇھەممەد ئەلەيھسسالام ‹‹ مەن گۈزەل ئەخلاقنى تولۇقلاش ئۆچۈن ئەۋەتلىدىم ›› دېگەن ئەمەسىمىدى ؟
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى ، تائىبنلار زامانسىدىكى مۇسۇلمانلار ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى تۇلۇق ئادا قىلىش ئۆچۈن ئەۋلاتلىرىنى ئوقۇتۇپ ، ئىسلام دىننى تەشۋىق قىلىپ ، ئىسلام دىنىڭ شەرىپىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ ، ئاللاھقا قانداق بەندىچىلىك قىلغاندى ؟ بىزلەر ئىلىم – پەندىن سانائەتتىن ، گۈزەل ئەخلاقلاردىن ، ئادىمىگەرچىلىكتىن خىلىلا يىراقلاشتۇق!!، بىر قىسىم ئالىملىرىمىز ئۆزىمۇ ئەمەل قىلمايدۇ ، ئاممىغا ئۆگەتمەي ، ئاتا- ئانىلار پەرزەتلىرىگە ، چوڭلار كىچىكلەرگە ئۆگەتمەي ، جان بىقىشىنى نەپسنى تويغۇزۇشىنى بىرىنجى تۇتۇپ ، ئاللاھىنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامىنىڭ ‹‹ ئىلىم ئۆگنىڭلار ، خەلىققە ئۆگىتىڭلار ›› دېگەن تاپشۇرۇقىنى ئاياغ –ئاسىتى قىلىپ ، شەخسى تۇرمۇشتىن باشقىنى ئويلىماي ، دىن ئۆچۈن يىغىلىماي ، دىنىڭ ئاقىۋىتى ئۆچۈن قايغۇرماي ، ئىلىمگە ئىتىبارسىز قاراپ پەرزەتلىرىمىزگە ئەدەب –ئەخلاق ۋە ئادىميلىك خسلەتلەربىلەن تەربيلەشكە سەل قاراپ ، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئادەم شەكىلىك ھايۋان دىيەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالاي دىدۇق ....
قۇرئانغا ، ھەدىسكە ، ھەقىقى بولغان ئىلىم مەرىپەتكە ئەگىشىپ ئەمەل قىلماي  قەبرىستانلارغا تەلمۈرگىنىمىزنى چوڭ ئىش دەپ قانائەتلەندۇق ، بەزىلەرنىڭ راست –يالغان ئارلاشتۇرۇلغان ئاشۇرما سۆزلىرىنى تەشىۋىق ئورۇندا قوبۇل قىلىدۇق ، ئىلىم- مەرىپەتتىن ئايرىلىپ مەنىۋى قارغۇ بولدۇق ، ئىنسان قىلمايدىغان يامان قىلىقلارنى ، بۇزۇق ئىستىللار بىزدە ئومۇملاشتى ، باشقىلاردىن نۇمۇس قىلمىدۇق .

ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !

ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 2589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7699
تۆھپە نۇمۇرى: 1234
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 09:33:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىشلار ( ئىلىم –مەرىپەتلەر ، ھۈنەر –كەسىپلەر ، گۈزەل- ئەخلاقلار ) ئۆزىچە راۋاجلانمايدۇ ، مەلۇم سەۋەب ۋە تىرىشچانلىق ، ئىزدىنشلەر ئاساسىدا تەرەققى قىلىدۇ ۋە مۇكەممەلىشىدۇ .
ئىسلام دىنىدىن باشقا دىندىكىلەر ۋە ئېقىمدىكىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشكە قىلچە ئۈمۈدى يوق تۇرۇپ ، پەقەت دۇنيادىكى قىسقا مۇددەتلىك ئۆمۈرىنى پاراۋان ئۆتكۈزۈش مەقسىتى بىلەن قىز- ئوغۇل بالىلىرىنى تولۇق ئوقۇتىدۇ ، ئۆزى توغرا دەپ تۇنۇغان كۆز قاراشلىرىنى باشقا مىللەتلەرگىچە تەرجىمە قىلىپ تەشۋىق قىلىدۇ ، ھەتتا تاڭىدۇ . ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى قايىل قىلدۇرىدۇ .
ئەمما بىز مۇسۇلمانلىق داۋاسى قىلۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىككى ئالەملىك بەخىت يولى بولغان دىنىمىزنى ئۆز بالىلىرىمىزغىمۇ ، خۇتۇنلىرىمىزغىمۇ ئۈگەتمەي ئاغىزدىكى مۇسۇلمانلىققا رازى بولساق بولامدۇ ؟ ئويلاپ بىقىش كىرەك ئەلۋەتتە .
(ئاللاھ توسقان يامان ئىشلارنى قىلشتىن تولۇق ساقلىنىش بىلەن بىرگە يەنە كىشلەرنى قىلشتىن تۇسۇش ‍)  دېمەك : كۆزۈمىزگە كۆرۈنمەيدىغان چوڭ دۆشمىنىمىز شەيتان ئادەمىنىڭ ئىدىيسىگە ھەرخىل بۇزۇق ، يامان ھەۋەسلەرنى سالىدۇ ۋە خاتا يوللارغا باشلايدۇ ، قەلبىگە ئىمان ۋە توغرا تۇنۇش ئورۇنلاشمىغان ئادەملەرنى ئۆزىگە قۇشۇن قىلىپ ، ئۇلار ئارقىلىق ئىسلام دىنىمىزغا مىللى ئەخلاق ئىسل بولغان ئەنئەنلىرىمىزگە خىلاپ بۇزۇق ئېتقادلارنى ، يامان قېلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ ،
جەمىئىيەتتە خائىنلىق قىلىش ،بىراۋىنىڭ ما- مۈلىكىنى يۈتىۋىلىش، مۇناپىقلىق زىنا-پاھىشە ، ھاراق –ئىچىش ، ، ئوغۇرلۇق بۇلاڭچىلىق ، باشقىلارنى ئاياغ-ئاستى قىلىش قاتارلىق بۇزۇقچىلىقلار شەيتان ئىغۋا قىلغان ئىشلار بولۇپ ، ئاللاھ بۇ خاتا ئىشلاردىن بەندىلىرىنى  تۇسۇش ئۆچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ، پەيغەمبەرلەر بۇ خاتا ئىدىيەلەرگە ، يامان قىلىقلارغا قارشى كۈرەش قىلدى  ۋە ئۈز ئۈمىتىگە بۇ ئىشلارغا قارشى تۇرۇشنى تاپشۇردى . شۇنىڭ ئۆچۈن دىنىمىزغا خىلاپ، باقىشقلارغا زىيانلىق  بولغان سۆزلەرنى ئاڭلىغان ۋە ئىسلام دىنى چەكلىگەن ھارام ئىشلارنىڭ سادىر بولغىنى كۆرگەن ھەربىر مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئۇنى تۇسۇش ۋەزىپىسى بار .
ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھسسالام بىزگە ئۇلۇغ ئىگىمىزنىڭ ئاللاھىنىڭ ئەمىرىنى يەتكۈزۈپ مۇنداق دىگەن :‹‹ سىلەردىن كىمكى بىرەر يامان ئىشىنى كۆرسە ئۇنى ھەرىكىتى ئارقىلىق توسسۇن ، مۇنداق قىلشقا قادىر بولالمىسا سۆزى ئارقىلىق توسسۇن ، بۇنڭغىمۇ قادىر بولالمىسا ئۇنىڭغا نارازى بولسۇن ، بۇ ئىماننڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجسدۇر ›› (ئىمان مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
ئەمدى بىزدەك يامان سۆز –ھەرىكەتەرگىمۇ نارازىمۇ بولماي ، يامان كۆرمەي ، ئېچىنماي ، بىپەرۋا يۈرگەنلەردە ئىمان بار دىيشكە بولامدۇ ؟ ئاللاھ ئىنساب بەرگەي ! نۇرغۇن ئۆزىنى مۇسۇلمان چاغلايدىغان كىشلەرنىڭ خۇتۇن قىز-بالىلىرى ناماز ئوقۇمايدۇ ، ئىسلامغا زىت ھالدا ياسىنىپ يات ئەرلەرگە ئۆزلىرىنى غىلجىڭلىتىدۇ ، ئۇلۇغ دىنى ئالىمىرىمىز پىتنە- پاسساتتىن ساقلىنىش ئۆچۈن ئاياللارنى مەسجدىلەردە جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشتىن توسقان تۇرسا ، بىزلەر ئاياللىرىمىزنىڭ ئاچا- سىڭللىرىمىزنىڭ ۋە قىزلىرىمىزنىڭ بازارلاردا، كۇلۇپلاردا، دىسكۇخانلاردا ۋە ھەرخىل جامائەت سورۇنلاردا يات ئەرلەر بىلەن ئارلىشىپ ، قىستىشىپ ، چىمدىشىپ ، بۈيۈك ئىسلام ھارام قىلىنغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ يۈرىشىگە نارازى بولمايۋاتمىزۋە  ئىتىبارسىز قاراۋاتىمىز .
پەرزەتلىرىمىزنىڭ ناماز ئوقىماي ، روزا تۇتماي ، گۇناھ سادىر قىلىپ يۈرۈشىگە نارازى بولمايمىز .
ئاڭلىق تەربىيەنى داۋاملاشتۇرۇپ قايىل قىلماي ، ئۇرۇش ، تىللاش ، قىيداش ، دۈشكەللەشتەك ، ناتۇغرا ئۇسۇللارنى قۇللىنىمىز . ئەركىنىلىك باھانىسى بىلەن ياشلار ئىستىل بۇزۇقچىلىقغا دۇچار بولدى .
بەزى قىز- ئاياللىرىمىزدا مەيدانسىزلىق ، بىلىمسىزلىك كۆپ بولدى، چىكىدىن ئاشقان بۇزۇقچىلىق ۋە زىناخۇرلۇق قىلىش بىلەن نۇرغىلغان دادىسى ئىنىق بولمىغان بالىلار تۇغۇلۇپ ، ئۇلار ئانسىنىڭ گەردىنىگە چۈشىتى ، تۇرمۇشىغا ياردەملەشكىلى دادىسى بولمىغانلىقتىن ئانسى قىينالدى ، ھەتتا باقالماي مەسجىدلەرگە تاشلاپ قۇيۇپ خارلاندى . دادىسىز بالىلارنى ئوقۇتقىلى ، ھۈنەر ئۆگەتكىلى ئادەم بولمىغاچ ئۇ بالىلار ياخشى بولغان تەربىيلىنش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىپ  ئوغرى –يانچۇقچى ، پىتىنى –پاساتچى بولدى . دىنىغا تەنە قىلغۇچىلار بۇنى ئويلىمىدى .
خۇتۇنلارنىڭ ئىستىل بۇزۇقلىقى سەۋەبىدىن ئادەم ئۆلتۈرۈش ، باشىقلارنى زەخمىلەندۇرۈشتەك ھادىسلەر يۈز بەردى ، تۆت بەش بالا بىلەن ئاجىرشىپ ، ئائىلە پاراكەندىچىلىكى بولۇپ ، بالىلار ئۆگەينىڭ ئازابىغا تۇتۇلۇپ ، تەربىيسىز ، ئەخلاقىسز ئادەم بۇلدى ، مۇشۇلار ھەممسى زىنا- پاھشىنىڭ ئاقىۋىتى ئەمەسمۇ ؟
ھاراق ئىچىش ئەركىنلىكى بىلەن ياشلار ھاراق بالاسىغا دۇچار بولدى ، نۇرغۇن مۇھىم ۋاقىتلىرىنى مەسلىك بىلەن ، بىخۇدلىق بىلەن ئۆتكۈزدى ، ئىبادەتتىن ، ئوقۇشتىن ، ھۈنەت-كەسپتىن مەھرۇم قالدى . نۇرغۇن ئىقسادلار ۋەيران بولدى ، بەزى ھاراق خۇمارلار بىر نەچچە بالىسى ، خۇتۇنى بارلىقىغا قارىماي ئولتۇرغان ئۆيلىرىنى ، ئۆي سەرەمجانلىرىنى سېتىپ ، ئىچىپ تۈگەتتى ، بۇنىڭ بىلەن ئائىلە بالا چاقلىرى قىينالدى ، ھاراققا پۇل تاپالمىغان ياشلار ئوغۇرلۇق قىلىپ كىشلەرنى يىغلاتتى ،مەسلىك بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىنى ، پۇللىرىنى ئەلگە پايدىلىق ئىشلارغا سەرىپ قىلغان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى !!!!؟؟!!!
نائىنساب تىجارەتچىلەر كۆڭلى قارا ھايانكەشلەر جىڭ –تارازىلەردە ئىغىر –ينىك قىلىش ، ساختىلىق قىلىش ، يالغان سۆزلەش ، باشقىلارنىڭ جا-ساختا مىللىرىنى سېتىش ئارقىلىق نۇرغۇن ياۋاش مۇسۇلمانلارنى ، ئۆزىنىڭ دىنداش قىرىنداشلىرىنى زىيانغا ئۇچىراتتى ، ۋىجىدانى ئازاپلانمىدى ، دىنسىزلار نۇمۇس قىلدىغان ئىپلاس قىلمىشلار ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدىغان كىشلىرىمىزدە سادىر بولدى ، دىنىمىز ۋە دۇنيالىقىمىزغا ھەم خەلىقىمىزگە پايدىلىق ئىشلارنى راۋاجلاندۇرماي ، ئىسلام دىنغا خىلاپ خەلىق مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغان يامان ئىشلارغا قارشى تۇرماي ، نارازى بولماي يۈرگىنىمىز ئۆچۈن ھەممىمىز ئاللاھ ئالدىدا جىنايەتكار بولدۇق ، ئاللاھىنىڭ غەزىپىگە لايىق بولغان تۇرۇپ يەنە دۇئايىمىز ئىجابەد  بولمىدى ، ئاللاھ ئانداق مانداق قىلىپ بەرمىدى دەپ ئاللاھقا ئەركىلەيمىز .
رەسۇلۇللاھىنىڭ ئۈممىتى بولمىغان بولساق ، بىز مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ ، ئىنسان قىلمايدىغان يامان قىلمىشلارنى قىلغىنمىز ۋە ۋىجدانسىزلىقمىز تۈپەيلىدىن ئاللاھ بىزنى يەرگە يۇتقۇزۇۋىتەتتى ، ئاللاھ يەنە بىزگە رەھىم قىلىپ ئۇنىڭدىن كىچىكىرەك بالايى مۇسىبەتلەر بىلەن ئاگاھلاندۇردى ، لىكىن ئەقىلسىزلىق ،بىخۇدلۇق قىلىپ جىنايەتتى قول يىغمايۋاتمىز . بىلگەنلەر بىلمىگەنلەرنى توسىمايۋاتىمىز .

ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 10:30:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ  تىمىلار  ھەقىقەتەن   ئورۇنلۇق يىزىلغان  تىمىلار ...
لىكىن  ئوقۇپ بوغىچە  تىنىقىپ يىتىشمەي  نەچچە  قىتىم  ەۆر  ئاۈزىدىن قايتىپ كەلدىم ... تىمىنىڭ  پەش  چىكىتلىرىگە   دىققەت  قىلى دوسلار ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29933
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6108
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1861 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2012-11-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 11:23:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىندىشىم قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن .. [s:166]  [s:166]

كۆزۈڭنى يۇم ! كۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6219
يازما سانى: 582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7605
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 5975 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 11:41:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىنداشلىرىم !!!
شەيتان كۈچلىنىپ كەتمىدى بەلكى ئىنسان شەيتانغا باش ئەگدى ، شەيتانغا ئاجىز كەلدى . ئەمەلىيەتتە ئىنسان جىمى مەخلۇقاتتىن ئۈستۈن يارىتىلغان ئەمەسمىدى ؟ نېمىشقا شەيتاندىن ئۈستۈن تۇرۇپ باش ئەگدى ؟ چۈنكى ئىنسان ئۆز قىممىتىنى ئىنتايىن پەس كۆردى ، ئىنسان ئۆز قىممىتىنى توغرا ھەم ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرگەندە روھى پاكلىنىدۇ ، <<روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ >> سۈرە شەمس 9-ئايەت .

بەس مۇنازىرە كۆپىنچە ھاللاردا كىشىلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرېۋىتىدۇ . (جالالىددىن رۇمى)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4976
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-12-30
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 11:50:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدە ئىمانسىزلىق،ساتقىنلىق،قارا كۆڭۈللۈك،چېقىمچىلىق ،غەيۋەتخورلۈق،يالغانچىلىق،ئىچكۈلۈك،چەككۈلۈك،قىمارۋازلىق،پاھىشىبازلىق،قورقۇنچاقلىق،يالاقچىلىق،سولامچىلىق.....
   ھەممە گۇناھلىق ئللەتلەر تېپىلىدىكەن.
  ئىھ قۇدرىتى چەكسىز ئالەملەرنىڭ پاسىبانى مىھرىبان ئاللاھ! گۇناھلىرمىزنى مەغپىرەت قىلغايلا.

ئولۇمنى ھەر ۋاقى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30695
يازما سانى: 1006
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9271
تۆھپە نۇمۇرى: 2308
توردا: 2122 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-18 12:42:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىنداشلىرىم !!!

قۇياشقا شەيدا سەييارە.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32274
يازما سانى: 806
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8359
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 6213 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-18 01:22:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنيادا قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلساق شۇ زاماتلا تىگىشلىك جازانى تاپشۇرىۋالىمىز ،ئەمما ئاللاھنىڭ جازاسى نېسى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق تۇزكورلۇق قىلىمىزغۇ بىز خەق ....بۇ دۇنيادا قىلغان گۇناھىمىزغا بېرىلگەن جازاغا رازى بولمىساق ئاقلىغۇچى ئادوۋكات تەكلىپ قىلىمىز، بىر ئاماللار بىلەن گۇناھىمىزدىن قۇتۇلۇش ياكى يېنىكلىتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەيمىز . ئەمما ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئادوكاتمۇ ،ئارقا ئېشىكمۇ ئەسقاتمايدۇ ...(ھەر ۋاقىت ئاگاھ بۇلۇڭكى مۆرىڭىزدىكى ئېككى پەرىشتە ئېغىزىڭىزدىن چىققان ۋە قىلىۋاتقان ھەر-بىر ئىشلىرىڭىزنى خاتىرلىمەكتە ).....

سەن دەسسىگەن يەرنى تۇپراق دەپلا ئۆتمە ، بىل بۇنى ، ئويلىغىن ئاستىڭدا مىڭلاپ كېپەنسىز ياتقاننى !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش