مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2187|ئىنكاس: 5

ھەممە ئانىلارئۇلۇغ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەققاني

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33878
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1000
تۆھپە نۇمۇرى: 113
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2011-3-14
ئاخىرقى: 2011-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-18 07:28:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى 2010-يىلى2-ساندىكى يالقۇن روزى ئەپەندىمنىڭ زادى قانداق ئانىلارئۇلۇغ دىگەن ماقالىسىگە جاۋابەن)

ھەرقانداق بىر ئىنسان <<ئانا>>توغۇرلۇق بىرەر ناخشا ۋە ئەسەرلەرنى ئاڭلىغان چىغىدا يۈرەكلىرى ئۆرتۈنۈپ كۆزلىرىگەياشلار ئىلىشىدۇ،ئۇلارنىڭ كۆزئالدىدىكى ئانا سىيماسى چاچلىرىنى ئالا-پاساق بۇيۇۋالغان،يېرىم يالىڭاچ كىينىۋالغان ،يۈزلىرىنى مايمۇندەك بۇيۇۋالغان،ۋە ئالا-قانداقتۇر<<كاندىدات>>ئانىلار بولماستىن،تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سۇغۇقىدا چاچلىرى ئاقارغان،يۈزلىرىنى قورۇق باسقان، قوللىرى يىرىلغان، بەللىرى مۈكچەيگەن، بىر ئۆمۈربالام،ئائىلەم دەپ ئۆتكەن ئەنەشۇ جاپاكەش ئانىلاردۇر.ئەنەشۇ جاپاكەش ئانىلارغا ئىنسانلار بىلىپ-بىلمەي مەدىھىيىلەرنى يىزىشىدۇ ۋە مەڭگۈ يازغۇسى،
  بالكون دېرېزىسىدىن كۆرىدىغىنىم كۈندە شۇغىرىپ ئانا، ئۇمىنىڭ ئانام ئەمەس،مەن بىلەن بىر مىللەتمۇ ئەمەس، ئەنە ،ئۇ ئانىنىڭ كۈندە قورو گۈللىكىدە ئولتۇرغۇنى ئولتۇرغان، ئۇنىڭ ھىچ بىر مۇڭدىشى يا سىردىشى يوق، كىيىمىلرى كونىرغان،كۆزلىرى مۇڭسىرغان،بەلكىم بۇمۇماينىڭ باللىرى يوق ئوخشايدۇ دەپ قالسىز،ئەمەلىيەتتە ئۇندا ئەمەس ئۆزىنىڭ ئىيتىپ بىرىشىچە مۇماينىڭ سالدادتەك تۆت ئوغۇلى بارئىكەن .
    بۇئانا32يىشىدا باللارنىڭ ئاتىسىدىن ئايرىلىپ تۇل قاپتۇ شۇندىن بۇيان باللىرىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا بۇيۇن قىسىپ قالمىسۇن دەپ يالغۇزلۇقنى ئۆزىگە يارقىپتۇ،ئۆزى يالغۇز شۇباللارنى چوڭ قىلىپ،ئۇقۇتۇپ،خىزمەتكەئورۇنلاشتۇرۇپ،تۇيىنى قىلىپ،ھەتتا قورۇجايىنى سېتىپ بىنا ئىلىپ بىرىپتۇ،ئەمدىلىكتە بۇغىرىپ ئانىنىڭ كىردىغانغا ئۈيى يوق. ئۇ ئوغۇلىنىڭكىگە بارسا بىر ئۆيدە جىم تۇرماي قاتىراپ يۈرەمسەن دىگەن،بۇ ئوغۇلىنىڭكىدە تۇرسا مەنلا يالغۇز باقامدىمەن دەپ دوق قىلغان.ئىھ  ئۇلۇغ ئانا شۇباللانى چوڭ قىلغۇچە قانچىلىك جاپالارنى تارتقان سەن ھە! ئەنە شۇ غىرىپ ئانا تۆت ئوغۇلىنى ئۆزى يالغۇز ئۈن-تۈنسىز بىقىپ ئاتىلار قاتارىغا قۇشالىدى،ئەمدىچۇ شۇتۆت ئاتا بىر ئانىنى باقالمايۋاتىدۇ.ئەنە غىرىپ ئانا ئۆزىگە نىمىلەرنىدۇ گۇدۇڭشىيدۇ .ئۇباللىرىنى بىقىپ چوڭ قىلغىنىغا، بەرگەن ئاق سۈتىگە رازى،ئۇباللىرىنى ئەپۇ قىلالايدۇ،كەچۈرەلەيدۇ.مانا بۇ ئانىلاردىكى ئۇلۇغلۇق ۋە بۈيۈكلۈكتۇر.شۇنداق تۇرۇغلۇق يەنەكىممۇ سەندىن خىجل بولماي بۇئۇلۇغلۇق مەرتىۋىسىنى تالىشالىسۇن.مانا بۇ غىرىپ ئانا<<تۇغۇش،ئېمىتىش،چوڭ قىلىش>>دەك شەرتنى ھازىرلىغان ئۇلۇغ بىرئانىدۇر.(بۇنداق مىساللار كۈر-مىڭ) بىز ئۈچۈن ناھايىتى ئاددى ،ئەھمىيەتسىز، كۈلكۈلۈك تۇيۇلغان<<بالاتۇغۇش،ئېمىتىش،چوڭ قىلىش>>دىن ئىبارەت بۇ شەرتلەر ئىچىدە بىز ئاتىلار قايسىنى ئورۇندىيالايمىز؟
توغرا<<تەڭرى ئاتاقىلغان تەبىئىى ئىقتىدار.....>>دەپ ئۆزىمىزنى ئورۇنسىز ئاقلاشقا ئۇرنىمىز،بىلسەك ئىدى تەڭرى ئاتاقىلغان شۇ ئىقتىدار ۋە ئىلتىپاتلاردا ئۇلۇغ ھىكىمەت ۋە مۆجىزىلەر بار ئىدى.پەيغەمبەرئەلەيھىسالام"مىنىڭ ياخشىلىق قىلىشىمغا ئەڭ لايىق ئادىمىم كىم؟"دەپ سورىغۇچىغا ئۈچ قىتىم"ئاناڭ" ئاندىن قالسا"ئاتاڭ" دەپ جاۋاپ بەرگەن(بۇخارى توپلىغان) "جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا"(ھەدىس ئىمام ئەھمەد توپلىغان) مانا بۇنىڭدىن كۆرىۋالالايمىزكى ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى بەرھەقتۇر. يەنە بۇنى ئۇزۇندىن-ئۇزۇن تالىشىش بىھاجەت.
توغرا ھازرقى بەزى ياش ئانىلىرىمىز بالا تۇغمايدۇ ،ئوپىراتسىيە قىلىپ ئالىدۇ.بالا ئىمىتمەيدۇ،ئىمىتسىمۇ نەچچە ئاي ئاران چىدايدۇبالاباقمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ باللىرىنى ھەقسىز باقىدىغان باۋمو(بالاباققۇچى)ئانىلىرى بار.شۇڭا ئۇلار<<تۇغۇش،ئېمىتىش،چوڭ قىلىش>>دەك جاپالىق بۈيۈك،شەرەپلىك بۇبۇرۇچنى ھېس قىلالمايدۇ.بەلكى ياراتقان ئىگىسىنىڭ قانۇنيىتنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكى تۈپەيلى ئانىلىق سالايىتىگىمۇ ئىرىشەلمىسەكرەك.
   ئويلاپ باقايلى ئاشۇ جاپاكەش ئانىلىرىمىزغا<<بالاتۇغۇش،ئېمىتىش،چوڭ قىلىش>>دىن سىرىت يەنە<<ئۇلۇغ ئىدىينى،ئۇلۇغ نىشاننى تۇغۇش>>دىن ئىبارەت ئاللا  قانداقتۇر بارلىق مەسھۇلىيەتلەرنى ھىچ ئۇيالماي،قىزارماي،شۇ مەزلۇملارغا يۈكلەپ قويساق بىز ئاتىلار نىمە قىلىمىز؟ ئۇچاغدا بىزئۆزخاسلىقىمىزنى،مەۋجۇدلىقىمىزنى يۇقاتمايمىزمۇ.بۇنىڭسىزمۇ ئۆز خاسلىقىنى يۇقاتقان ئەرلىرىمىز نۇرغۇن،ھەدىسىلا ئاياللارنىڭ چىچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا دەپ جارسالىمىز ،ئەمدىلىكتە بالزاكنىڭ<<مېللەتنىڭ كىلەچىكى ئانىلار قۇلىدا>>دىگەن سۆزىنى قارغۇلاچە تەدبىقلاپ،مىللىتىمىزنىڭ كىلەچىكى بولغان پەرزەتلىرىمىزنى بىراقلا ئاشۇ ئەقلى قىسقا ئىنسانلار تەربىيىسىگە تاشلاپ قۇيۇش بىز ئاتىلاردىكى ھاماقەتلىك مىللەتكە بولغان ئاسىيلىق ۋە توزكورلۇقتىن باشقانەرسە بولمىسا كىرەك.
ھەقىقى ۋىجدان مەسھۇلىيىتىمىزبىلەن سۆز ئاچساق<<ئەيىش-ئىشىرەت كولۇپلىرىدىكى كۆلچەكلەردە ئۆزۈپ يۈرگەن،ئۆزگىلەرنىڭ كارۋاتلىرىدا ئىغىناپ يۈرگەنلەر>>ئانىلارئەمەس بەلكى قىز،ئاياللىرىمىزدۇر،ئۆز ئاياللىرىمىزغا ئۆزىمىز ئىگە بۇلالماي ئۆزگىلەرنىڭ كارۋىتىغا تاشلاپ قۇيۇپ يەنە نىمىشقا نۇمۇس قىلماي،بۇ رەسۋاچىلىقنى ئانىلار ئۆستىگە يۈكلەيمىز،ئاشۇ جاپاكەش ئانىلار يۈزىگە قار سۈركەيمىز.
<<ئەر ۋە باللىرىنى نۇمۇس دەرياسىغا غەرق قىلىپ ھاقارەت ئۇتىدا پۇچىلاۋاتقان..........>>بۇ باشكا ئانىلارنىڭ جەمىيىتىمىزدە كۈپۈيۈپ كىتىشىگە زادى كىم سەۋەپچى؟ بۇنۇڭ ھەممىسى ئاشۇ تىخى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرمىگەن قىزلىرنىڭ قايسى بىر باشلىقنىڭ بالىسى بىلەن قانداقتۇر بىر كاتتا باينىڭ باللىرى بىلەن نەچچە يىل مۇھەببەتلىشۋتقانلىقىنى ئاغزى-ئاغزىغاتەگمەي، سورنمۇ-سورۇن سۆزلەپ ماختىنىپ يۈرگەن ،ئاشۇ ئەقىدە-ئىتقاتىدىن،نۇمۇس غورورىدىن ئايرىلغان ،ئەقلىگە پوق يەپ قالغان ئاتىلار تۈپەيلى ئەمەسمۇ.
    ئابدۇقادىرجالالىدىن ئەپەندىم ئائىلىنى بىر دۆلەتكە ئوخشاتقان.دىمەك ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ئۆزىمىزگە خاس تەلەللۇق بولغان دۆلىتىمىزدە ئەلۋەتتە بىز ئاتىلارنىڭ مەسھۇلىيىتى ھەقىقەتەنمۇ ئىغىر،ئاياللىرىمىز بىزگە بالا تۇغۇپ بىرىدۇ،ئۇلارنىڭ بىزگە<<ئۇلۇغ نىشان،ئۇلۇغ ئىدىيلەرنى>>تۇغۇپ بىرىشى ،ۋە قانداقتۇر ھايات خەرىتىلىرىنى سىزىپ بىرىشى بىھاجەت .شۇنداقلا بۇ بىز ئاتىلار ئۈچۈن بىر نۇمۇس.ئۇلۇغ نىشان ،ئۇلۇغ ئىدىيلەرنى دۆلەت ئاتىسى يارتىدۇ .ئانىلار ئىجىراقىلدۇ. باللار تەستىقلاپ قۇبۇل قىلىدۇ، مانامۇشۇ يۇسۇندا بولغاندىلا ئائىلە گۈللەپ ياشنايدۇ،جەميىتمىزتەرەققى قىلىدۇ. مىللىتىمىزگۈللەپ ياشنايدۇ، قۇدرەتلىنىدۇ.مىللەتنىڭ كىلەچىكى ھەرگىزمۇ ئانىلار قۇلىدائەمەس بەلكى ئاشۇ جەڭگىۋار،يەرزېمىننى تىترتىتدىغان، قەيسەر،تەدبىرلىك ،بۈيۈك ئاتىلار قۇلىدىدۇر.بۇ ئۇلۇلۇغ مۇقەددەس بۇرۇچتىن باش تارتمايلى،چۈنىكى ئۇلۇغ كىتابىمىز <<قۇرئان كەرىم>>دە<<ئەرلەرئاياللارنىڭ ھامىيلرىدۇر>>(سۈرە<<نىسا>>34-ئايەت)دىيىلگەن ئەنەشۇ ئاتىلار دۆلەتنىڭ ئاتىسى،يول باشچىسى تەگ يىلتىزىمىزدۇر.
   ئەمەلىيەتتەئانىلاردىكى ئۇلۇغلۇق بىز  تالىشىدىغان ئالتۇن مېدال ۋە ياكى ئوردىن ئەمەس، لىللا گەپ قىلساق ئۇپەقەت ئاغزىمىزنىڭ يىلى خالاس. ئاشۇ ئانىلىرىمىزغا قۇرۇق مەدھىيلەردىن باشقا نىمىلەرنى قىلىپ بىرەلىدۇق. بۇنى ئويلىغان ھەر بىركىشى ئاچچىق سۈكۈتلەرگە چۈكىدۇ،پەرزەنتلەرئالدىدا بۇيۇن قىسىپ يۈرگەن غىرىپ ئانىلارنۇرغۇن. ۋاقتى سائىتى كەلسە بىز ئۇلارنىڭ تۇپراق بىشىغا چىقىپ دۇئا قىلىشقىمۇ يارمايمىز،ئانىلىرىمىزنى ھەقىقى ئۇلۇغلايلى،ئاغزىمىزدىلا ئەمەس ئەمەلىيىتىمىز بىلەن ئۇلۇغلايلى. ئاشۇ گىنى ئۆزگەرگەن قىسمەن
باشكا ئانىلا تۈپەيلى ئېتىز بىشىدىكى،خامان بىشىدىكى،تۇنۇربىشىدىكى،قازان بىشىدىكى،بۈشۈك بىشىدىكى..............پەرىشتە سۈپەت ئۇلۇغ ئانىلىرىمىزدىن ئۇلۇغلۇق مەرتىۋىسىنى تارتىۋامايلى،ئۇلارنى ئۇلۇغلايلى،ئۇلارنى ئاسىرايلى،قوغدايلى.

                                                                                                    

            مەنبە:-ھەققاني

         -شەھىرشىخو          2010\11\19

 

كەلگەنى كەلدى دىمە كەتكەننى كەتتى دىمە

موزاينىڭ يۈگۈرى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18657
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 6454 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 12:23:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، مەن ئازراق گەپ قىستۇراي.
ھەممە ئانىلارئۇلۇغ چوقۇم پۇتۇن مۇنبەرداشلار قوللايدۇ .
توغرا ھازىرىقى بەزى ياش ئانىلىرىمىز بالا تۇغمايدۇ ،ئوپىراتسىيە قىلىپ ئالىدۇ،چۈنكى ئۇسقۇنۇم بۇزلۇپ كىتىدۇ دەپ. مەن ئويلايمەن خوتۇن كىشىنىڭ ھەر قاندىقى ئۆزى تۇغالايدۇ . بالىنىڭ بىشى تەتۇركەن دەپ قوياشلىرى بار تىخى .
ئەجەپ بۇرۇنقى ئانىلار 9،10 بالىنى تۇغۇپ ،ئىمىتىپ باقالايتى ، ھازىرچۇ سۈت كەلمەۋاتىدۇ دەيدۇ . ئۇنداق ئادەم ئەرگە تەگمىسە بولمامدۇ .
بەزى ئوغۇللىرمىزچۇ تىخى: خوتۇنى 9ئاي قوساق كۆتۈرۈپ مىڭ تەستە كىزىك يەپ بالا تۇغۇپ بەرسە، ئوغۇل تۇغسا ئۆزىدىن ، قىز تۇغۇپ قالسا  تاس قالىدۇ بالام ئوپراتسىيە بولمىدە ئالمىشىپ قالمىغاندۇ دىگىنى .
مەن ئويلايمەن ئاتا -ئانا بولماق ھەقىقەتەنمۇ بەك تەس .بۇنى بىز ئاتا-ئانا بولغان چاغدا ئاندىن ھىس قىلدىكەنمىز .

ئابدۇ.....

ئەي غېرىپلىق!ئاج

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8945
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7548
تۆھپە نۇمۇرى: 473
توردا: 2977 سائەت
تىزىم: 2010-9-3
ئاخىرقى: 2011-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-20 12:03:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئىسىل تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز!!!!!

پەرزەنتلەر دائىم ئاتا-ئانىنىڭ كۆڭلىنى كېچىكىپ چۇشۇنۇپ يېتىدۇ~!

پەزىلەت-قەلىبنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49373
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1873
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 2169 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 12:30:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇغقانلىكى ئايال زاتىنىڭ ھەممىسى ئۇلۇغ بۇلىۋەرمەيدۇ،تۇغۇشنى بىلىپ،كارى بولمايۋاتقان،ئادەم سودىگىرىگە يۈرەك پارىسىنى ۋىجدانسىزلەرچە سېتىۋەتكەنلەرمۇ ئانا،ئەمما سالاھىيىتى توشمايدىغان ‹ئانا›.
قەدىمدىن تارتىپ ئانىلارنى ئۇلۇغلاش،ئىسلام دىنىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتقاد -ئەقىدىسىدۇر.لېكىن شۇلارنىڭ ئچىدە قانچىلىكى ئۇلۇغ ئانا بۇنىسى بىزگە قاراڭغۇ!ئەمما خېلى كۆ پ ئانىلار گويا بالا تۇغۇش ماشىنىسى!ئۇلار‹‹تۇغۇلۇپلا قالسا،چوڭ بولىدۇ››دېيىشىدۇ.ئاشۇ بالا ‹‹ئادەم››بولامدۇياكى ‹‹ئادىمى ھايۋان››مۇ،بۇنى ئويلاشمايدۇ.

گۈزەللىك ئىزدىمە ئۇ سەندە،بەخىت ئىزلىمە ئۇ سېنىڭ قولۇڭدا...........

پەزىلەت-قەلىبنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49373
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1873
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 2169 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 12:32:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاستىدىكى قۇردىكى سۆز جالالىدىن بەھرامنىڭ ‹‹ھايات قىسمىتى››رومانىدىن ئېلىنغان.

گۈزەللىك ئىزدىمە ئۇ سەندە،بەخىت ئىزلىمە ئۇ سېنىڭ قولۇڭدا...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57451
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 85
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2011-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 10:17:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Q77900553山西代考一级建造师,济南代考中级经济师,自考替考

代考网QQ:77900553替考网,雅思代考,修改分数|成绩修改|修改成绩|改分,代考公司,代考价格,代考机构,北京代考,上海代考,南京代考,武汉代考,四川代考,杭州代考,浙江代考,合肥代考,天津代考,太原代考,西安代考,重庆代考,石家庄代考,哈尔滨代考,一级建造师代考,大连代考,托福代考,司法代考,公务员代考,考研代考,建筑师代考,日语代考,中级会计师代考,会计从业资格证代考,人力资源师资格代考,注册会计师代考,研究生代考, 房地产经纪人代考 房地产估价师代考, GCT工程硕士学位代考,执业药师代考,统计师代考,注册城市规划师代考,报关员代考,中级经济师代考 ,心理咨询师代考,教师资格代考,证券从业资格证代考,MPA代考,考研代考,中级经济师代考,自考代考,职称英语代考,导游证代考,四六英语代考,审计师代考,成人高考代考,公共英语代考,计算机等级代考,托福代考,执业药师代考,招标师代考,在职硕士代考,审计师代考,统计师代考,成人高考代考,银行从业资格代考,造价工程师代考,注册城市规划师代考,报检员代考,期货从业资格代考,计算机代考,剑桥商务英语中级代考,大学英语代考,高级经济师代考,经济师代考,造价工程师代考,沈阳代考,长春代考,济南代考,成都代考,深圳代考,青岛代考等等各大城市:QQ:77900553 欢迎进入网站:www.dkw008899.com

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش