مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2450|ئىنكاس: 54

ئاشكار قاۋاقخانىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقىلار ھازىركىتاب كۆرىۋاتىدۇ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1854
يازما سانى: 1246
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 308772
تۆھپە نۇمۇرى: 581
توردا: 5250 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 04:43:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
              بۇندىن ئىككى يىل ئاۋال شەھەرنىڭ چەتمۇ ئەمەس ئىچكىرسىمۇ ئەمەس بىر تۆت دوقمىشىدىن بىر دۇكان ئېچىلىۋالغان ئىدىم ، يىرىم يىل ئاچا -ئاچماي تاقىۋەتتىم ، سودامغۇ ياخشىتى بولمىسا ئەمما مۇشۇ ئۆيدىكىلەر تولا سۆزلەپ زورلاپ دىگۈدەك تاقىغۇزۋەتتى ، نىمىشقا تاقىغۇزۋەتكەندۇ دەپ خىيالغا پېتىپ قالماڭلا . شۇ سەن ھارام نەرسە ساتتىڭ ، باشقىلارنىڭ ئەقلىنى بۇلغۇدۇڭ دەپ نەگە بارسام شۇيەرگىچە كەينىمدىن سۆزلەپ بېشىمنى ئوچاق ئېتىۋەتكەچكە ئامال يوق تاقىدىم ، نىمە ساتتىڭ ؟ دەمسىلەر نىمە ساتاتتىم ، دۆلەت ئىشلەپ چىقارغاننى ، ئەرلىرىمىز ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان ، ئاياللىرىمىز نازلىنىپ ئىچىدىغاننى ساتتىم . بەلكىم مۇشۇ نەرسىگە پۇل تېپىش يولوم باغلىنىپ قالغان بولغاچقىمۇ ۋە ياكى دەۋىرنىڭ تەلىپى ، مىللىتىمىزنىڭ ئىشتىھاسى ئۈچۈنمۇ ئىشقىلىپ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ بىر ئاي ئىلگىلىرى بۇ دۇكىنىمنى يەنە قايتىدىن ئېچىۋالدىم . دۇكان ئېچىلىش مۇراسىمىنىمۇ خىلى داغدۇغىلىق قىلدىم . ئۆزۈم ئانچە كۈچ چىقارمىغان بولساممۇ ئەمما ئەينى يىللاردىكى چۆپقەتلەر ھە ، ھو دىيىشىپ راسا قىززىتتى . پەقەت دۇكان ئالدىغا << ئاشكار قاۋاقخانىسىنىڭ قايتا ئىش باشلىغانلىقىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمىز >> دىگەن پىلاكات بىلەن دۇكان ئالدىدا ئولتۇرۇپ ناغرا-سۇناي چالىدىغان كىشلەردىن باشقا ھەممە خوشاللىق شۇ كۈنى ئۆز ئەسلىنى تاپتى .
                ئېچىلغان كۈنى بىر رومكا ئىچسە بىر رومكا سوۋغا قىلىندۇ ،دەپ خەت يېزىپ دۇكان ئالدىغا چاپلاپ قويدۇم . ئۇ كۈنكى ئادەم ، مىنىڭ بۇ ئىككى ئېغىزلىق ، ئاز دىگەندىمۇ 60 كىۋادىرات مېتىر كىلىدىغان دۇكىنىمغا پاتماي قالدى ، ئەگەر شەھەر باشقۇرۇشتىكى گۇيلار توسىمىغان بولسا دۇكان ئالدىدىكى بوش يەرگىمۇ بىر نەچچە ئۈستەل تىزىش ئويۇم بار ئىدى . نىمىسىنى دەي ، قورساق بېقىش ئۈچۈن پۇل تاپمىسام بولمايدىكەن، پۇل تېپىش ئۈچۈن مۇشۇ سودا بولمىسا تىخىمۇ بولمايدىكەن . سودام ئۆز يولىدا كىتىپ بارىدۇ . قاۋاق دىگەندە ھەرخىل ئىشلار يۈز بىرىدىكەن ، ھەرخىل گەپلەرنى ئاڭلايدىكەن كىشى ، بۇ يەردىكى دۇنيا خەۋەرلىرى ، قىززىق نوقتا ، ئەر-ئاياللار تورمۇشى ... دىگەندەك تىمىلارنى بىر ئۆزۈملا ئاڭلاپ يۈرسەم سەل ئىچى تارلىق قىلغان بولۇپ قالىدىكەنمەن . شۇڭا سىلەرمۇ ئاڭلىۋىلىڭلا . سىلەرمۇ ھوزۇرلىنىڭلا .
             دۇكاننى ساق-سالامەت ئېچىۋالغاندىنكى كۈنى ، يەنى ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگەندە دۇكان تازلاۋاتاتتىم ( تۈنۈگۈنكى ھاراق بوتولكىلىرى ، ئانچە-مۇنچە قۇسۇق يۇقۇندىلىرى يەنە چېقىلغان رومكا پارچلىرى دىگەندەك نەرسىلەرنى سۈپۈرمىسەم ، سۈرتىمىسەم ، تاشلىمىسام بولمايدۇ ئەمەسمۇ ) . ئېشىك ئالدىدا بىرسىنىڭ تۇرغىنىنى كۆردۇم . مەن ئېچىدىن تاقىىۋىلىپ تازلىق قىلغاچقا ئۇ خىرىدار ئامالسىز سوغۇقتا ساقلاپ تۇرغان ئىكەن ، ھەممە تازلىقىمنى قىلىپ بولۇپ ئېشىكنى شاراقشىتىپ ئاچتىم ، باياتىنقى بىر كىشى كۆپىيىپ بەش - ئالتە بولۇپ كىتىپتۇ .
- ئۇكامۇي ، خوتۇن كىشىمۇ ئۇنچە تازلىمايدۇ ئۆينى. دۇكان ئىسسىقتۇ ھە ،
- بۇ ئېنىمىز شۇنداق، مەمەتكا ، بۇلتۇرقى دۇكاننىمۇ شۇنداق پاكىز تۇتاتتى ، ئاۋاق كەلگەن بىر كىشى مىنىڭ ئورنۇمدا جاۋاب بىرىپ ئۈلگۈردى . مەن پەقەت كۈلۈپلا قويدۇم .
- ھىلىقىنىڭدىن قۇيە ئۇكا ، ئۇلارنىڭ كەينىدىنلا كىرگەن بىر كىشى بىر سوم پۇلنى پۇكەيگە قويۇپ قويدى ، مەنمۇ ئارتۇقچە سوراپ يۈرمەي رومكىنى لىقلاپ بەردىم ، ئۇ كىشى رومكىنى قۇرۇقداپ بولۇپ :" كۇھ" دىدىدە ، قولتۇقىدىكى سومكىسىنى قولىغا ئېلىپ دۇكاندىن چىقىپ كەتتى ،
-مانا ، ئاساسى قاتلامدىكى كادىر ئەتتىگەندىلا << قان >> سالدى . مەمەتكامنىڭ گىپى بىلەن مەشنىڭ يېنىدىكى جوزىدا ئالدىغا بىر بوتولكا شوربۇلاق بىلەن ئىككى تەخسە شىمىشكا -پۇچاقنى قويۇپ ئولتۇرۇشقانلار قىقاس چىقىرىپ كۈلۈپ كەتتى .
- بىزگە بىرىدىغان دىباۋ پۇلىدىن بىر سومنى قايرىپتۇدە ئۇ گۇي ، ئايالى پۇل بەرمەيدۇ بۇنىڭغا ،
-خوتۇندىن قورقۇش نەمۇنىچىسى بوپتۇ دەيدىغۇ ،
-خوتۇنى :" ماڭا تۇرامسە ھاراققىمۇ " دەپ سورىسا ، يالغاندىن ھوشدىن كەتكەن بولۇپ يېتىۋالىدىغان گۇي بۇ ، مانا مۇشۇنداق ئارقا-ئارقىدىن ئۇرۇلغان پاسلار بىلەن مىنىڭ بۇ دۇكىنىم ئەتتىگەندىلا بەزمىنى باشلىۋالدى .
               بىردىن -ئىككىدىن كىرىپ دۇكاندىكى ئۈستەللەر توشۇپ قالغان ئىدى . ئەلۋەتتە سائەت ئەمدى 10 بولدى ، بۇ ۋاقىت دەل دۇكاننىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان ۋاقتى ، چوڭلار ، ياشلار ، ياشانغانلار ، ئىشقىلىپ ھەر قانداق ياشتىكى كىشلەر بارمىكىن دەپ ئويلايمەن ، چۈنكى مىنىڭ دۇكىنىمنىڭ سىرتىدا << 18 ياشتىن كىچىكلەر كىرىشكە بولمايدۇ!>> دىگەندەك چەكلىمىلىلەر يوق . مەسىت بولوپ كەتسە سەن مەسىت بولوپ كەتتىڭ دەپ قوغلىۋەتمەيمەن ، مەس بولمىسا ھارىقىمنى داۋاملىق ساتىۋىرىمەن . ئۇلار ئۆزىنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن ئىچىدۇ ، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ خوشاللىقىم ئۈچۈن ساتىمەن . مەن بىردەم ئۇ ئۈستەلنىڭ بىردەم بۇ ئۈستەلنىڭ ۋاراڭ -چۇرۇڭىغا قۇلاق سېلىپ ئولتۇرىمەن . ھەرخىل خەۋەرلەر مۇشۇ يەردە پەيدە بولىدۇ ، يەنە مۇشۇ يەردىن سىرتقا تارقىلىدۇ ، مۇنداقچە ئىيتقاندا مىنىڭ بۇ قاۋىقىم خەۋەر ، مەدەنيەت يەتكۈزۈش مەركىزى .
            پۇكەينىڭ سول يان تەرىپىگە قويۇلغان ئۈستەلدە ئوتتۇرا ياشتىكى 3 كىشى ئولتۇرۇپ ھە دەپ تالاش -تارتىش قىلىۋاتاتتى ،
-سەن ئۇنداق دىگىنىڭ بىلەن ھەممە كىشىنىڭ پۇلى ئېشىپ تېشىپ تۇرمايدۇدە ،
-ئېشىپ -تېشىپ تۇرمىسىمۇ قولىنى كۆتۈرۈپ ماشىنا تورىغىدەك پۇلى باردۇ ھە ، شۇڭا بۇندىن كىيىن خادىك( ئات ھارۋىسى) لارنى يوق قىلىۋىتىش كىرەك ، نىمە ئۇ ماي يولغا چېچىپ -سىيىپ .
-مۇشۇ موتۇنىمۇ يوق قىلىش كىرەك ، ئادەمنى پوشمۇ دەپ قويماي قۇيۇندەك ئۆتۈپ كىتىدۇ ، ئانىسىنىڭ يېنىغا ئالدىرامتىكى گۇيلار .
-كىيىنچە پويىزدەك ئۇزۇن ماشىنىلار قاتنايدۇ ، كۆرىسەنغۇ چەتنىڭ كىنۇلىرىدا ، ھە ، يۈگرۈ چىقىۋالساڭلا بولىدىغان پۇلمۇ ئالمايدۇ ،
- ماڭە ۋا ، پۇل ئالمىسا ماشىنا ئەتكەنچايدا ماڭامدا ۋەيىت ، مەنمۇ ئۇلارغا قېتىلىپ كۈلۈپ كەتتىم ، نېرىقى ئۈستەلدە ئولتۇرغانلار خەلىقئارا خەۋەرلەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى .
- ئاخشام دەنشىدە كۆردۈم ، دەپ سۆز باشلىدى چىكىلىرگە ئاق سانجىلغان بىر كىشى - تايلانتتا مەخسۇس ھەمرا خېنىملارنىڭ بەزىلىرى ئەرخەقكەن . پۇل تېپىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئايالغا ئۆزگەرتىدىكەن ،
- ئو مانا ، ياسىنكا كوچىدا بوشاراق قاش ئاتسىلا جۇمۇ ، ئەخەق بولۇپ قالمىسۇن ئاتقىنىڭىز ،
- ھە ھە ، تولا ئېتىپ قاشلىرى قالمىغان كىشى بۇ ، ئاتقىدەك قېشى بولسا ئاتمامدا ،
-ئىچە ، ئىچە ، ئاۋۇ ھاراق سوۋۇپ قالدى .
- نە دىدىڭ ئابلىز ھىلىقى دۆلەتنى ، تايلاتما ، بىر چىقىپ كۆرۈپ كىلىدىغان ئىشمۇ قانداق . بۇرۇتىنى قانداق قىلار ئۇ ئەخەقلەر . جاپادا قاپتۇغۇ ئۇ بىچارىلەر .
- تايلاتلىقتا نەدىكى بۇرۇت ، ھەممىسى ماۋۇ قارىباشلارغا ئوخشاش كوسا خەقلەر ئۇ . بۇلارنىڭ پاراڭلىرىغا ئەجەپلىنىپ ئىڭەك يۆلەۋاتسام ئۇدۇلدىكى ئۈستەلدىن جىدەل چىقاي دەپ چىقالماي قالدى ،
- يى ئاداش ، سىنى دەپ ئىچىۋاتىمەنغۇ ، ياشلا بىر بالا يېىنىدىكى ئاغىنىيسىگە يىغلىغۇدەك بولۇپ دەرت تۆكىۋاتاتتى ،
- ئۇنى دەپ ئىچىسە شۇ ، ماۋۇ بىزنى دەپ ئىچمەيسە ، ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ئالمامسە يەنە بىرنى ،
- قايسىنى ئىچىسە ، قانچە بوتولكا ئىچىسە ، ئاكاڭ قارغاي ، دولقۇن دىسەڭ مەيداندا ھەممىسى تونۇيدۇ جۇمۇ .
- كۆتە ئۇ مەيدىنىڭنى ، مەيدەڭدە تۈكۈڭ بولسا بىرگە -بىر ئېتىشامسە .
- ئاتماي نىمىتىڭ ،
-بولدى قىلىشە ۋا ، كۆڭۈل ئۈچۈن ئىچىۋاتىمىزغۇ ، ئاغىنە دەپ ئوتتادىققۇ . دوست دىگەن دوست جۇمۇ . غىت قىسىشە بولدى ، ئەكىلە قولۇڭنى ، سەنمۇ ئەكىلە ، بولدىغۇ مانا ، ئىچە ھە ئىچە .
            ياشلىق -شاشلىق دەپ ، بالا دىگەننىڭ قېنى قىززىق بولىدۇ ، ھەرخىل تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى مۇشۇ كىچىك دۇكىنىمغا قىستاپ سېلىۋالغىنىمدىن بەزىدە پەخرلىنىپمۇ قالاتتىم . بۇ دۇكىنىمنىڭ كونا قەدىناسى بولغان شاۋكەت كاسكا رومكىنى قولىغا ئېلىپ ئۈستىلىدىكى بالىلارغا كۆڭۈل قىلدى ، بۇ يەردە قانداق كۆڭۈل بولىدۇ دەيسىلەر ، شۇ بىر كوبلىت شېئىر ، بىرەر يۇمۇر ياكى بىر ناخشا . شاۋكەت :
- باللار ، ئەبەي تاققا -تۇققا سۆزلەپ نام چىقىرىپ كەتتى ، ئۇنداق تاققا -تۇققا دىگەننى بىزنىڭ خوتۇن كۈندە نەچچە مىڭ ئېغىز سۆزلەيدۇ ،
-ۋەىيت ، ھا ھا ھا ، بالىلار تىلىقىپ كۈلمەكتە ئىدى ،
- مەنمۇ سۆزلەيمەن . رومكىنى قۇرۇق يەرگە قويمايمەنغۇ . دەپلا تاققا -تۇققىسىنى باشلىۋەتتى ،
-<< خىلى كۈنلەر بولۇپ قالدى ، ئاشۇ قوينى سويىمەن دەپ ھىچ سويوپ بولالمىدىم ، نىمىلا دىگەن بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغان ئەمەسمۇ . مەن دىدىم ، سەن ئاۋال توي قىلىپ ئاندىن مۇھەببەتلەش شۇنداق قىلساڭ خوتۇننى تاياققا بالدۇر كۆندۈرىسەن ، بىزنىڭ مەھەلىدىكى ھوشۇر :" ھۆكىمەت ئۆي ئۆيلەرگە گاز يەتكۈزىمىز دىگۈچە ھاراق يەتكۈزسە بولمامدۇ دەپ يۈرگىدەك . كىچىك ۋاقىتلىرىمدا شۇنداق بىر ئادەتلىرىم بولىدىغان ئاپام پۇل بىرىپ سەي-كۆكتات ئەكىر دىسە پۇلنى خەجلىۋىتىدىغان ھازىر چوڭ بولۇپ قانداق بولۇپ قالدىمكىن يېنىمدا پۇل بولسىلا سەي -كۆكتات ئېلىۋالىمەن . تىخى تۈنۈگۈن مۇشۇ سوغۇقتا يوپكا كىيىۋالغان بىر قىزنى رەسۋا دەپ تىللىۋەتتىم ئىچىمدە .......>> ، بەزى گەپلىرىگە كۈلۈپتىمەن ، بەزىلىرىگە ئويلىنىپ قالدىم . بولدىلا ھەممىسى خوشاللىق ئۈچۈن ئەمەسمۇ .
              مانا مۇشۇنداق دۇنيا بۇ دۇكىنىم . كۈندە بىر سەھنە ، كۈندە بىر يىڭىلىق ، سودام ئۆز يولىدا ، پىلدىرلاپ تۇرىدىغان ھاراقلار رومكىدا ، ئۆزىنى ئۇنتۇغانلا ، ھەم ئۇنتۇشقا تىرىشىۋاتقانلار مەست بولغىچە كۈلكە-چاقچاقتا ، مەسىت بولغاندىن كىيىن پالتا-پىچاق ، ياكى قۇسۇق -پۇسۇقتا .ئالدىنقى قىتىم دۇكان ئاچقاندىمۇ ئۆزۈمگە ھەمكارلاشقۇچى ئىزدىگەن ئىدىم . مىنىڭ بۇ دۇكاننى كىڭەيتىش ئويۇم بار ، ھازىرقى مۇشۇ كىرىم مەنبەيىم يەنە بىر نەچچە ئاي داۋاملاشسا چوقۇم زەنجىرسىمان دۇكان ئېچىۋىلىشىمدا گەپ يوق . بىر شەھەرگىلا قاراپ ئولتۇرسام بولماس ، شۇڭا باشقا شەھەر ، ناھيە ، يىزا-قىشلاقتىن بۇ سودىغا مىھرى بار ، قىزغىن سۆيىدىغان كىشلەر بولسا مەن بىلەن ھەمكارلىشىڭلا .

كۈنلەر ئۆز نۆۋىتىدە ئۆتىۋىرىدۇ ، تاڭنىڭ ئاتمىقى ئۇخلاپ قوپالىسىلا بولىدىغان ئىش . دۇكىنىمدا يەنە قانداق ھىكمەت ، دۇردانە ، خەۋەرلەر بولىدۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ئەمما مەن ئامالنىڭ بارىچە ھەر كۈننىڭ ياكى ھەر ھەپتىنىڭ ۋە ياكى ھىچ بولمىسا ھەر ئاينىڭ سودا ئەھۋالىنى ، پاراڭ خاتىرسىنى ، دۇكاننىڭ ھەم دۇكان ئىچىگە كىرگەن -چىققانلارنىڭ ئەھۋالىنى سىلەرگە مەلۇم قىلىپ تۇرىمەن .



ئاشكار

ھازىرغىچە 9 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
sarkarda01 + 100 سىنىڭ تېمىلىرىڭغا قىزىقىپ قالدىم....داۋا
subijan + 10 تېمىڭىز تولىمۇ ياخشى چىقپتۇ. تېمىلىرڭىزن
سەھرا ئوغلى + 700 بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئوتۇق
بېھزات + 300
زامانى + 300 ماۋۇ تىماڭنى ئاداش   ئەتتىگەند
YuqunAdam + 200
.tuz. + 1000 ئىنكاس يازسسام بەك يىزىۋىتەتتىم ئۆزەمنى
laqin + 300 ئېسىل تىما !!!!!!!!!!
lazzat + 200

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 3110   باھا خاتىرىسى

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!

يۇرتۋازغا،ئادال

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10658
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6258
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 08:40:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەتبۇئاتقا ئەۋەتەيلى ئاداش بۇ ئەسىرىڭلىنى؟

سەمىمى بۇلايلى....................................

ئەسسالامۇ ئەلەي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33027
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4447
تۆھپە نۇمۇرى: 748
توردا: 1432 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 09:35:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن~! كىلەر قىتىمدا بۇنىڭدىنمۇ ئاشكارا يازاسىز~! [s:166]

ئاتام ئادەم، ئانام ھەۋۋا. مىللىتىم ئىبراھىم خەلىيلۇللاھ. ئىسمىم مۇھەممەد مۇستافا، چىكىشىم شۆلىيەن، ئىچىشىم پىيجو.

مىنىڭ يۇرتۇم ماڭ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3649
يازما سانى: 1354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8594
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 09:39:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقۇل بۇلدۇ، داۋاملق تۈردە ئەۋەتىپ تۇرغايسىز ،يېڭى خەۋەرلەر بولسا، بىزمۇ خەۋەردار بۇلۇپ  ئاڭلاپ تۇرلى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4979
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10502
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 3805 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 09:47:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     قىرلىق ئىستاكان ، ساراڭ ، مۇساپىرلار قاۋىقى ... قاتارلىق ھېكايىلەردىكى تۇرمۇش كارتىنىسىنى قەلىمىڭىز ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئەسلەتتىڭىز . ئالدىنقى قېتىم مەنمۇ ھاراق ۋە گۇمراخلىق توغۇرلۇق بىر ئەسەر يولىغان ئىدىم . بەزى ئىچەرمەن تورداشلار : ھاراقنى ھارام دەپ كۇفۇرلۇق قىلدىڭ دەپ ياقامغا ئېسىلىپ بىرمۇنچە ۋەز ئېتقان ئىدى . ھاراق ئەزەلدىنلا بىزنى ئىچىمىزدىن تۈگەشتۈرۈپ ، ئاداۋەت ئۇرۇقىنى چاچىدىغان شەيتاننىڭ ئىجاديىتى خالاس .  مەنچە بولغاندىمۇ قاۋاقخانىڭىزنى تاقىۋىتىپ، ئاشكار كىتابخانىسىنى ئىچىڭ ... قەلىمىڭزگە تەشەككۈر .  يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن !!!

كەڭ دالىدا تۇغۇمدىن ئەمدىلا چىقتىم . ۋاھ ! ئاسمان  نىمىدىگەن ئىگىز ...

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2866
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8295
تۆھپە نۇمۇرى: 283
توردا: 12779 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 09:52:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوقاپ كەتمەي مۇشۇنداق تېتىملىق ئەسەرلىرىڭىزدىن بىزنى خەۋەردەر قىپ تۇرغۇنىڭىزغا تەشەككۈر.

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1124
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 22877
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 7781 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 10:02:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سوراپ باقسام ، ھازىرمۇ بىر رومكا ئېچسەك بىر رومكا سوۋغا قىلىدىغانسىلە ھە!
نىمە بولدۇممكىن تاڭ ، تاڭ سەھەردە بىر رومكا قېقىۋالمىسام ، خۇددى تېنىمنىڭ بىرەر پارچىسى كەمدەك ، ئىچىمنى بىر نەرسە تاتلىغاندەك بولۇپ قالىمەن دىسە .
    ھەركۈنى پارچە ھاراقتىن ئۈچ رومكا سېتىۋالسام ، سوۋغا قىلىنغان ئۈچ رومكىسى بىلەن قېنىپ ئىچىپ ، مەس بۇلۇپ ، خانلەيلۇنغا بولۇشىغا توۋلاپ دۇنيانىڭ بارلىق غەم - قايغۇلىرىنى ئۇنتۇپ كەتسەم نىمە دىگەن ياخشى ھە !
شۇ مەيدىنمۇ كۆپ پايدا كۆردۈم بولمىسا ، ئەمگەكتىن قۇتۇلۇپ دوختۇرخانىنىڭ كارۋىتىدا سوزۇلۇپ يېتىش نىمە دىگەن راھەت ھە !

ھازىرغىچە ئىچىپ باقتىم كۆرمىڭ ھاراق،
چىقمىدى يا ماڭا ئالتۇن مۇڭگۈز قۇلاق .
دەيدۇ دوختۇر ئاشقازاننىڭ ساقلىقى يوق ،
جىگەر قاتقان، بۆرەك ئاجىز ، يۈرەك چاتاق .

ھوي، ئالدىرىغاندا نىمە يۇلۇمنى توسۇپ ..........
- ئەتىگەندىلا سەپەر نەگە دەمسىزا؟
ئاشكارنىڭ قاۋاقخانىسىغا، يەنە نەگە بولاتتى . ئۈتەپ بېرىڭا ، ھاراق دىگەننى ئوغامباللىنىڭ ئوغامباللىسى ئىچىدىغان نەرسە ئۇ .

مىڭدىن بىرىنى ئېيتسام ،
تۈگىمەيدۇ ، مېنىڭ دەردىم .
  ۋاي .... جېنىم پاتمىخان

ئەي ئىنسان ئويلىغىن ، ئۆزۈڭنى دەڭسەپ ، يوقاتتىڭ نىمىنى ، تاپتىڭ ھەم نىمە ؟ كىم ئىدىڭ ئەسلىدە، كىم بولدۇڭ ھازىر ، بولماقچى ئاخىرى سەن زادى نىمە ؟

مەن سۈكۈتتە ...ھامان سۈكۈتتە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31579
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3392
تۆھپە نۇمۇرى: 253
توردا: 2040 سائەت
تىزىم: 2011-2-24
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 10:47:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشكار قاۋاقخانىسى _ھەقىقەتنى ئاشكار ئېچىپ بەرگەن قاۋاقخانا بوپتۇ .

مەن ئۆزۈمنىڭ دۇنياغا بىر ئايال بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن ۋە بىر ئانا بولۇپ ياشىيالىغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن !!!

Rank: 8Rank: 8

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 1996
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42533
تۆھپە نۇمۇرى: 859
توردا: 13728 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 11:09:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  hokumran كە 2011-03-19 10:02 AMئەۋەتىلدى  :
   سوراپ باقسام ، ھازىرمۇ بىر رومكا ئېچسەك بىر رومكا سوۋغا قىلىدىغانسىلە ھە!
نىمە بولدۇممكىن تاڭ ، تاڭ سەھەردە بىر رومكا قېقىۋالمىسام ، خۇددى تېنىمنىڭ بىرەر پارچىسى كەمدەك ، ئىچىمنى بىر نەرسە تاتلىغاندەك بولۇپ قالىمەن دىسە .
    ھەركۈنى پارچە ھاراقتىن ئۈچ رومكا سېتىۋالسام ، سوۋغا قىلىنغان ئۈچ رومكىسى بىلەن قېنىپ ئىچىپ ، مەس بۇلۇپ ، خانلەيلۇنغا بولۇشىغا توۋلاپ دۇنيانىڭ بارلىق غەم - قايغۇلىرىنى ئۇنتۇپ كەتسەم نىمە دىگەن ياخشى ھە !
شۇ مەيدىنمۇ كۆپ پايدا كۆردۈم بولمىسا ، ئەمگەكتىن قۇتۇلۇپ دوختۇرخانىنىڭ كارۋىتىدا سوزۇلۇپ يېتىش نىمە دىگەن راھەت ھە !

.......
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ھۆكۈمران ئەپەندى ئامانمۇسىز ؟
ئاڭلىسام قىسمەت شارابىدىن تېتىپ كۈرۈپسىز ، ئىنكاسىڭىزدىن قىسمەت شارابىنى راس تېتىغانلىقىڭىزنى ئىنىق كۆرۈپ يەتتىم !!! ئەمدى ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى تونۇپ يەتكەنسىز ؟!
مەڭگۈلۈك راھەتتە ياتىدىغان يەر تەسۋۈرلىگۈسىز  راھەت - ھە ........؟؟!!!

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئۆلۈشكە ئەرزىگۈ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9760
يازما سانى: 999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 30278
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 3394 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2012-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 11:12:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇن بوپتىكەن ئاشكارنىڭ يازمىلىرنى كۆرمىگىلى .سىز نىمىلا يازماڭ شۇنداق ياخشى يازامدىغانسىز . مۇنبەردە < ئاشكار قاۋاقخانىسى > دەپ كۈرۈپلا ئالدىراپ يۈگرەپ تاس قالدىم قاۋاقخانىڭىزنىڭ بوسۇغىسغا پۇتلىشىپ موللاق ئاتقىلى . ھە ، ئەتتىگەندە ئاشكارنىڭ ئىسىل مەيلىردىن بىر قەدەھ قېقىۋالدۇق ، ئەمدى دۇنيانىڭ غەلۋە - غوغاسىدىن مۇستەسنا شىردەك كەيىپ سۈرىمىز دەڭا .
ئاشكار ئەپەندىم ، بۇنىڭدىن كىيىن يېڭى -يېڭى ئىشلەنگەن < مەيلىرڭىز > بولسا ئىلتىپات قىلارسىز ، بىزمۇ ئەتتىگەندە قېقىۋالمىساق پۇت - قولىمىز قولاشمايدىغىندىن ، سىزنىڭ باھانىڭىزدە يۈرگىمىز ياشىرىپ قالامدۇ ،

ئۆز ئاغزىغا ئىگە بۇلۇش ئىنسانلارنىڭ ئۆگىنۋېلىشقا تىگشىلىك ئەڭ گۈزەل ئەخلاقى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش