مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 427|ئىنكاس: 3

مەن يازغان شېئىرلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6297
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10405
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1822 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 01:41:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                پۇل تەبىرى
                    1    

قېرىنداشنى ئايرىغان ،ئۇرۇشتۇرغان پۇل ،
رەقىپ قۇلىنى تۇتقۇزۇپ ياراشتۇرغان پۇل .

تەڭرى بەرگەن ھەق يولدىن تايدۇرۇپ بەزەن ،
ۋىجدان ،ئىپپەت،نۇمۇسىنى ساتقۇزغانمۇ پۇل .

گۇناھكارنى ئادۇۋكات دىلودا- سوتتا
قاردىنمۇ ئاق ،سۈتتىن پاك قىلغۇزغانمۇ پۇل .

مەھلىيا قىپ ئۆزىگە  مەسۈم ياشلارنى ،
ئۆتكەن – كەچكەن ئادەمنى توسقۇزغانمۇ پۇل .

ئادىمىيلىك ئەخلاقنى ....راستىنى ئېيتساق بىز ،
ئادەم باسماس جاڭگالغا ئاتقۇزغانمۇ پۇل.

                  2
پۇلنى بىز تىللاپلا ئۆتمەيلى ئەبەت ،
ئۇنىڭمۇ ئۆزگىچە رولى بار قەۋەت .

ھەر قانچە تىللىساق شەرەپ ئەمەسقۇ ؟!
ھە،ئازراق ماختىساق ئەمەس جىنايەت .

قىزىيدۇ پۇل بىلەن توي – تۆكۈن ،بەزمە ،
جۇد ئۇشقان ئۆيلەرمۇ بولىدۇ خىلۋەت .

ۋالىلدار تاپاندىن  تاكى باشقىچە ،
پۇل خەجلەپ دائىما قىلغاچقاب زىننەت .

پۇل بولسا دىپلۇم ئۇ تايىنلىقلا گەپ ،
ئازىراقلا سۈڭگۈتسەك تېپىلار خىزمەت .

نە ھاجەت ،غەم قىلماق ئۆسۈش –ئۆرلەشتىن ،
يانچۇق توم بولسىلا چۈشىدۇ ھۆججەت .

قورساق توق ،كۆڭۈل شوخ،يانچۇقتا لىق پۇل ،
تەق تۇرۇر ھەر ۋاقىت ئەرزانۇ قىممەت .

باياشات ئۆتىدۇ كۈن دىگەن ئايھاي !
ئائىلە بۇيىچە قىلساق ساياھەت .

غەم قىلماي ئۇقۇيدۇ پەرزەنىت داشۆدە ،
كەينىدىن ئۈزۈلمەي بارغاچ خىراجەت .

سۆيۈنەر بىزدىن ھەم ئاتا – ئانمۇ ،
قىلدۇرساق ئۇلارنى ھەرەمگە ھىجرەت .

جۈرئەتمۇ قىلالماس رەقىپلەر زىنھار ،
كۆزۈڭگە تىك بېقىپ قاراشقا بىر رەت .

ياخشىلىق تەرىپى خېلى كۆپ پۇلنىڭ ،
ئۇ بولغاچ يوقىلار سەتچىلىك –مەينەت .

ئەپسۇس بۇ پۇلنڭمۇ كەملىرى تولا ،
پۇلغا كۆپ چۇقۇنۇش يامانلا ئىللەت .

ئالغىلى بولسىمۇ ئاڭا كۆپ نەرسە ،
ۋە لىكىن سېتىلماس دوسلۇق، ھەقىقەت .

قىلىشقا بولسىمۇ بىر ئۆمۈر ئىشرەت،
ۋە لىكىن تېپىلماس مىھرى – مۇھاببەت.

                ھوقوق –پۇل

ياۋاش- يۇمشاق مۆمۈننى ھۆركىرەتكەن ھوقوق –پۇل ،
گاچىنىمۇ  دىۋىدەك  گۆركىرەتكەن  ھوقوق – پۇل .

پاكار بولسا ئۆستۈرۈپ ،ئۇرۇقلارنى سەمىرتىپ ،
يۈزىدىكى قارىنى سۈرىتىۋەتكەن  ھوقوق – پۇل .

مېنىڭ دەپلا بىلىۋەر ، سەندە بولسا ئۇ ئەگەر ،
قۇشۇن تارتماي شەھەرنى ئېلىېەتكەن ھوقوق – پۇل.

گەپ ئاچمىغىن ئىپپەتتىن ،غوروردىنمۇ ئەسلا ھەم ،
ھايا ،ئىنساپ ۋىجداننى سېتىۋەتكەن ھوقوق – پۇل .

رەقىپ قىلىپ دوسلارنى ،رەقىپلەرنى دوست قىلغان ،
ئاتا – ئانا ، تۇغقاننى ئايرىۋەتكەن ھوقوق – پۇل .

ئۇ بولمىسا ئىش پۈتمەس ،بىراۋغا ھەم گەپ ئۆتمەس ،
كېلەر –كېتەر يوللارنى ئىتىۋەتكەن ھوقوق – پۇل .

شۇنداق ھايات يولىغا «ھوقوق – پۇل »دەپ تۇختىماي ،
ۋاقىرىتىپ ھەممىنى قېتىۋەتكەن ھوقوق – پۇل .

                 ئىككىنچى ياراتقۇچى

بىر چىرايلىق توننى كىيدىم ،خويمۇ ئوبدان سۈپەت تاپتىم ،
پۇل ۋە مېلىم كۆپەيگەن ئىدى،دوستلار ئارا ھۆرمەت تاپتىم .

پۇل بىلەن ئىللەتنى ياپتىم ،تون بىلەن ئۈستى باشىمنى ،
«پۇل بىلەن جاڭگالدا شورپا »مانا شۇنداق ھېكمەت تاپتىم .

ئۇلۇغلار دەيمىش مۇنداق ؛«پۇل تاپقىچە ئەقىل تاپ ».لىكىن ،
پۇل ماڭا بەردى كۆپ ئەقىل ،پۇل بىلەن كۆپ مەدەت تاپتىم .

ئەگىشىپ ئابرويۇمغا ھەم ،تۆرىلەردە  ئۇزاردى تىلىم ،
پۇل ماڭا كۆرسەتتى ئۇرۇن .سۆزلەشكە مەن پۇرسەت تاپتىم .

كۆپ ياشا ئەي پۇل دىگەن ،ئەللەردە قىممەت تاپ يەنە !
سەن مېنى ياراتتىڭ ،قايتا سەن بىلەن سەلتەنەت تاپتىم .

                         ئايرىلدىم

قايسى چاغكىن ئىشەنچىمدىن ،خىسلىتىمدىن  ئايرىلدىم،
نە خىسلىتىم ، نىممىتىمدىن ، قىممىتىمدىن  ئايرىلدىم .

ئۆتتى كۈنلەر دوقمۇشتا ،غاجاش ،چاپلاش بىلەن مەستخۇش ،
مانا ئەمدى غەيرىتىمدىن ،ھۆرمىتىمدىن ئايرىلدىم .

كىتابلار كۆيدى قۇلۇمدا ، ئىلىم ئەھلى بولدى خار ،
ئىچىم گويا قارا تۈندۇر ،چىرىقىمدىن ئايرىلدىم .

جاھاندا ئەسلى چوڭمىشمەن، بىراۋ تىلىدىن ئاڭلىسام ،
ئىلىمدىن يۈز ئۆرۈپ قويغاچ  ،شۆھرىتىمدىن ئايرىلدىم.

بۇزۇپ ئىناقلىقنى ، ھەسەتكە قۇل بولغۇنۇم  تېخى ،
ئەجدادقا خىيانەت قىپ ، ئەسلى خۇلقۇمدىن ئايرىلدىم .

مېنى ئىزدىمەك بولساڭ ئۇدۇل بار مەيخانىلەرگە ،
شاراپ –مەيگە ئاشىق بۇپ .ئىجاد ،مېھنەتتىن ئايرىلدىم.

چىن پۈتمە سەن ،يازغىنىم يالغان –ياسالما گەپ ،راسىت شۇ –
مېنى ئويغۇر قىلىپ تۇغقان چىن روھىمدىن ئايرىلدىم .

                     پىغان

يامانلاردىن بولاي دېدىم ،ياخشى مېنى يەكلىگەچ   ،
يامانمۇ ھىچ بولالمىدىم  ،ئۇلارمۇ ھەم چەكلىگەچ.

بۇ ئۆمرۈمدە كۆپ ئېزىقتىم ،كۆپ تېيىلدىم لاي ئارا ،
تۈن نىسبدە كۆپ يىغلىدىم ،نىگار دەرتكە يەتمىگەچ .

مەن ئۇلارغا كۆپ يېپىشتىم، ئاراڭىزغا قېتىڭچۇ دەپ ،
مانا ئەمدى زەپ زېرىكتىم ھىچبىر يېقىن ئەتمىگەچ .

ئويلا-ئويلا  ئاخىرى ،تاپتىم نەھايەت بۇ يولنى      ،
بىلگىنىمگە ماڭماقچىمەن ، تەندە دەرمان كەتمىگەچ .

                      ئۆگەن

يارەنلەر ئەمدى ھاي بەر ،تىلىڭدىن توختىسۇن ۋات-ۋات ،
ئىلىمنىڭ ئىشقىدا كۆيگىن ، زاماندىن قىلمىغىن پەريات.

بۇ دەۋران ئۇچۇرنىڭ دەۋرى ، ئەسلا كوت–كوتنىڭ ئەمەس ،
بۇندا مەدداھقا سۇرۇن يوق ،بۇ خۇي-پەيلىڭنى يوقات.

ئۇزۇندىن ئاختۇرۇپ كۆرسەك، تارىخ تولدى كۆز ياشقا ،
قالسا شۇ كۈنلەر ئەۋلاتقا، بىزگە بولمامدۇ ئۇيات  ؟

تالاشتۇق بىز تالاي يىللار، ئىت كەبى گوروھلۇشۇپ ،
قېزىشىپ ھەم ئورا-گوداڭ  ، دىيىشتۇق خۇداغا دات .

ئۇنۇتتى خۇدامۇ ھەم ،چۆچۈپ بۇ پىتنە ۋات-ۋاتتىن ،
ياياق ماڭدۇق چۈشۈپ ئاتتىن ،قۇيۇپ ئۆز-ئارا كاچات .

پىتنە خورلۇق ،غەيۋەت ،ھەسەت بىزگە بەرمىدى ھىچ نەپ ،
چىقمىساق بۇ مەرەز لايدىن  ،بۇلۇرمىز قوپالماس مات .

شوڭا دەيمەن ياران ئاڭلا ،تىرىش ، بۈگۈندىن قالما ،
نۇرلان – قۇياش كەبى پارلا ،خەق ئاڭا دىگەي ھەيھات .

بۈگۈن ئايغا توتاشتى يول ،بۇلۇر ئۇ قايناق بازار ،
ئۆگەن ، سەن ئەمدى چاققان بول ،ياسا ئىلىمدىن قانات .




تۆت كۈنلۈك بۇ ھايات ئۈتۈپ كېتىدۇ

باھار- ئۇ تولىمۇ قىسقا كېلىدۇ ،
كۈنلىرى شامالدەك تېز-تېز ئۆتىدۇ.
ئارقىدىن سارغىيىپ كۈزمۇ كېلىدۇ ،
تۇيىماي قالىسەن قارمۇ چۈشىدۇ .

«ئاھ»دەيسەن ،سەن كۈلگەن باھار ،ياز قېنى ؟
سەن ئېيتقان ئاشۇ  شوخ ناخشىلار قېنى ؟
بىر يەرگە پۈتتۈڭمۇ نام – نىشانىڭنى ؟
كاللاڭغا ئاشۇنداق خىيال كېلىدۇ .

پەپىلەپ ئولتۇرغاچ قارغىش نەۋرەڭنى ،
ئەسلەيسەن ئۆتكەن شۇ ھەربىر كۈنۈڭنى .
يۆتەللەر ئارلايدۇ قىلغان سۆزۈڭنى ،
ئاچچىق ياش كۆزۈڭنى ئورىۋالىدۇ .

مىنۇتلار بىر خىلدا ئۆتەر چىكىلداپ ،
چىۋىنلار بېشىڭدا ئۇچار  گىژىلداپ .
باللىرىڭ يېنىڭدا يىغلار مىشىلداپ ،
ئاھ، ئەمدى ئەزرائىل ئەگىپ يۈرۈيدۇ .

«ھە قانداق؟ »سورايدۇ مۇنكىر ۋە نىكىر،
ھىسابات بېرىسەن ئۇندا بىرمۇ بىر.
سەن ئىنسان زىممەڭدە ۋەزىپەڭ ئېغىر ،
تۆت كۈنلۈك بۇ ھايات ئۈتۈپ كېتىدۇ .
        
                يىغلىما


ئەي بۇرادەر  يىغلىما كۆپ ئاھ  ئۇرۇپ ،
تەنلىرىڭ ساق ،ئۆزۈڭ ھەم ياپياش تۇرۇپ .
تەكشى ئەمەس بۇ ھاياتنىڭ يوللىرى ،
ھىچ غەلبە يوق ،سەن داۋان ئاشماي تۇرۇپ .

ئېرت يېشىڭ ،تاشلا ئالغا دادىل قەدەم ،
تاۋلا ئۆزەڭنى قۇيۇن ،بوراندا ھەم  .
شۇندىلا سەندىن يوقايدۇ بارچە غەم،
ياشلىغىڭدا ئال بىلىم زېھنىڭ قۇيۇپ .

ئىش پۈتەمدۇ بۇنچە ئاھ ،پىغان بىلەن ،
دەرتلەر    تۈگەمدۇ ياشۇ ھەم قان بىلەن .
ئال كىتاپ ،قەددىڭنى رۇسلا ئەمدە سەن ،
بىلىم  ئالغان  بەكمۇ  تېز كەتتى ئۈزۈپ .


مەنبە:ئۆزەم


ئىللەت تۇزەلمەي

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15457
يازما سانى: 1165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13369
تۆھپە نۇمۇرى: 552
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 02:07:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىردىكى يىغلىما دىگەن شىئىرىڭىز ماڭا بەك يارىدى.

جەننەت ۋە دوزاخ _

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25248
يازما سانى: 995
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 21908
تۆھپە نۇمۇرى: 1462
توردا: 5106 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 03:03:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (nasih) نىڭ يازمىسىغا

ياخشى يېزىپسىز.....داۋامىلىق يېزىپ تۇرغايسىز.....

ئىبراھىمجان ئىر

باش رەسىمى نىقابلانغان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 3518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29442
تۆھپە نۇمۇرى: 3126
توردا: 6427 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-19 04:38:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش