ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 12قەۋەت jassur2 كە 2011-03-20 03:30 AMئەۋەتىلدى :
ناھايىتى قىستا-قىستاڭ بولۇپ كەتكەن لىفىت ئىچىدە گۈلبەشكەر توساتتىن ئارقىغا ئۆرۈلۈپ،مىرئادىلنى كېلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق سېلىپ لىفىتتىن چۈشۈپ كېتىپتۇ.
يېنىدىكى مۇسلىنە:<نېمىشقا ئۇنى ئۇرىدىغاندۇ؟>دەپ سوراپتۇ.مۇسلىنەنىڭ ئوغلى جاۋاپ بېرىپ:<نىمە ئۈچۈنلىكىنى مەن بىلىمەن،بايا ئۇ مىنىڭ پۇتۇمغا دەسسسىۋالغانىدى،مەن ئۇنى بىرنى چىمدىۋالدىم>دەپتۇ.
جەسسۇر سىزگىمۇ يۇمۇر كەتتى ئەمىسە:
جەسسۇر ھاراقنى بۇلۇشىغا ئىچىپ يۈرىدىكەن، ئۇنىڭ ئايالى جەسسۇرنى قورقۇتۇپ قويماقچى بولۇپ، بىر كۈنى ئالۋاستىدەك ياسىنىپ جەسسۇرنىڭ كىلىشىنى ساقلاپتۇ، جەسسۇر يەنە مەس ھالەتتە دەلدەڭشىپ بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ خانلەيلۇنغا توۋلاپ يىتىپ كەپتۇ، ئايالى دەرھال ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ :
-ھەي جەسۇرررر- مەن ئالۋاستى ، يەنە ھاراق ئىچسەڭ، جىنىڭنى ئالىمەن دەپتۇ.
جەسۇر بولسا: - ۋاي ۋاي قولاقنى ئاغرىتمىغىنا، مەن سىنىڭ ئاچاڭنى ئىلىپمۇ يەنە ھايات يۈرىۋاتىمەنغۇ مانا-،دىگۈدەك.