مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 686|ئىنكاس: 6

مىھىر-مۇھەببەت نەلەردە قالدى... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەلكىم تاشلار بى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3498
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9103
تۆھپە نۇمۇرى: 456
توردا: 839 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-20 04:41:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


گەپنى  قەيەردىن باشلاشنى ھىچ بىلمىدىم .......

لېكىن نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى زادىلا بىلمىدىم يېقىندىن بۇيان مۇشۇ جەمىيەتتىن تولىمۇ ئۆكۈنىدىغان بولۇپ قالدىم . ئەتراپىمدىكى بارلىق نەرسىلەر ساختىلىق بىلەن تولغاندەكلا بىلىندىغان بوپ قالدى . خۇددى ھەممە كىشىلار مىنى ئالداۋاتقاندەك ، خۇددى ھەممە كىشىلەر  قانداقتۇر  بىر مەقسەت بىلەن ماڭا يېقىنلىشىۋاتقاندەك ...........  بۇ  دۇنيادا  پۇللا  ھەممىدىن  يۇقىرى تۇردىغاندەك  پۇلى يوق كىشىلەر ھىچ كۆزگە ئىلىنمايدىغاندەك تۇيۇلدىغان بوپ قالدى .

مەن تۇيۇقسىز بىراۋنىڭ << پۇلىنى دىمىگەن بولسام ئۇنىڭ بىلەن ئارلاشمىغان بولاتتىم....>> دىگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم . نەچچە كۈن ئۆتمەيلا  <<  پۇل بولمىسا بەخىتمۇ بولمايدۇ ....>> دىگەن سۆزنى ئاڭلىدىم .  بۇ  سۆزلەرنى  قايتا - قايتا ئويلىغان بولساممۇ يەنىلە بىر زىدىيەت كاللامدا ئېسيان كۆتۈرەتتى ...  بۇلارنى كاللامدىن  ئۆتكۈزەلمەي تۇرغاندا بۈگۈن ئاپامدىن يەنە بىر گەپنى ئاڭلاپ قالدىم . ....

مەن كىچىكىمدىنلا ئۆز ئاكامدىن چارە كۆرۈدىغان بىر نەۋرە ئاكام بار ئىدى . لىكىن رەھىمسىز تەقدىر  ئۇنى كىچىكىدىلا يىتىم قىلىپ قويغان ئىدى . ئۇنىڭغا  تولىمۇ ھىستاشلىقىم كىلەتتى . ئۇنىڭ دادىسى تۈگەپ كەتكەندە قىلغان كۆز يېشى تا  ھازىرغىچە  يادىمدا ئىدى . ئۇنىڭ زار - زار يالىسى ئازابى ھەممەيلەننىڭ يۈرىگىنى ئەزگەن ئىدى . مانا ئەمدىلىكتىچۇ ؟؟ ھەممەيلەن  ئۇنى ئۇنتىدى .  ئۇنىڭ  بۇ دۇنيادا ھايات ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەن ئۇنتۇشتى ....  ئۇنىڭ  ئاپىسى ئۇنى  بۇرۇنلا  تاشلاپ  كەتكەن ئىدى . ئارقىدىنلا ئۇنىڭ دادىسى ئۇنى تاشلىۋەتتى .  << بوپتۇ بىز  بار ، بىز  باقىمىز  >>  دەپ مەيدىسىگە مۇشلىغانلارنىڭ ھەممىسى مانا ئەمدى ئۇنى ئۇنتۇشتى . ئۇنىڭ يېنىدا ھىچ كىشى قالمىدى . ئۇ شۇ تۈپەيلى ئوقۇش پۇلىنى ۋاقتىدا تۆلىيەلمىدى . ئۆگەي ئاپىسىنىڭ ئۇششاق ئىشلارنى قىلىپ تاپقان پۇلى ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ۋاقتىدا تۆلىيەلمەسلىكىگە سەۋەپ بولدى . شۇ  سەۋەپ بارلىق ساۋاقداشلىرى ، دوسلىرى ، ھەتتا بىز ئاغزى - ئاغزىمىزغا يەتمەي  مېھرىبان ، كۆيۈمچان ، بىزنىڭ ئىككىنجى ئانىمىز دەپ  تەرىپلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ  ئۇنى كۆزگە ئىلماس بولدى . ئۇنى قارىپ قويدى ، ئۇنى چەتكە قاقتى،  ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا كۆز يۇمدى . ئۇنى ھىچ كارغا كەلمەس قاتارغا چىقاردى ......  شۇ  تۈپەيلى ئۇ يالغۇزلۇق  زىندانىغا   ئۆزىنى  تاشلىدى . ھىچ كىشى بىلەن ئارلاشمىدى . ئارلاشقىسى  يوق  بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس ئەمدىلا 18~19  ياشلارغا كىرگەن ياشلىق جۇشقۇنلىقى  تولۇپ تاشقان بىر  كىشى بۇنداق بۇلۇشنى خالايدۇ دەمسىز ؟؟ ئۇنىڭ  ئەتراپىدىكى  كىشىلەر ئۇنى چەتكە قېقىپ ئۆزىنى قاچۇرۋاتسا  ئۇنىڭغا نىمە  ئامال ؟؟  <<  ھالىڭ  نەدىن ، نىمە سىنى بۇ كويغا چۇشۇردى ؟؟؟ >>  دىگىدەك  بىر كىشى بولمىسا  ئۇ مۇشۇ  يولنى تاللىماي  نە  چارە ؟  

بىر قېتىم ئاتا - ئانىلار  يىغىنىدا بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئىشى چىقىپ قېلىپ ھىچ كىم كىلەلمىدى ، ئەنە شۇ چاغدا مىنىڭ كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولغان ئىدى . قاتتىق يىغلىغان ئىدىم . لىكىن بۈگۈن ئاپامدىن << مۇشۇ كەمگىچە ئاكىڭىزنىڭ ئاتا - ئانىلار يىغىنىغا ھىچ كىم  كەپ  باقماپتۇ..........>>  دىگەننى  ئاڭلاپ كۆزلۈرۈم ياشقا تولدى . تولىمۇ ئازاپلاندىم . ئارقىدىنلا دادام - ئاپامنى ئەيىپلەپ كەتتىم . بەلكىم مىنىڭ ئۇلانى ئەيىپلىشىم خاتادۇ ، لىكىن مىنىڭ دادام ئۇنىڭ تاغىسى ئەمەسمۇ ؟ نىمىشقا  ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمايدۇ ؟ بۇلانى ئويلاپ ئۆزۈمنى قاتتىق گۇناھكار ھېس قىلدىم .<<  مەن نىمىشقا بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز قالدىم .........؟؟؟ >>  دەپ  ئۆزۈمدىن قاتتىق ئەيىپلىدىم .  بەلكىم ئارلىقىمىزنىڭ  يىراقلىقىدىن بولىشى  مۇمكىن .  لىكىن مەن ئارلىق يىراق دەپلا  ئۇنى تاشلىۋەتكىنىم خاتا .

لىكىن ئۇنىڭ يېنىدىكى مىھرىبانلاچۇ ؟ دادامدىن باشقا يەنە نەچچە تاغىللىرىمىز - ھامىللىرىمىز  بار ئىدىغۇ بىزنىڭ ....  ئەمدى ئۇلار نەگە كەتتى ؟؟؟   ئاكام ئىككىلىمىزنى كىچىكىمىزدە چوڭ ئاپام باققان ، تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى ، پىشانىللىرىمىزگە سۆيەتتى ....  ئەمدىچۇ ؟ نىمىشقا  ماڭا بۇرۇنقىدەكلا  ئامراق ؟؟  ئاكامنى  نىمىشقا  ئۇنتۇپ  كەتتى ؟؟؟  زادى  نىمىشقا  ؟؟؟   دادام ھەر ئايلىق مائاشىدىن  چوڭ ئاپامغا ئەۋەتىپ تۇرغاچقا مىنى شۇنداق ئەتىۋالامدۇ ؟؟؟  مەن مېھىر - مۇھەببەت  قوينىدا تۇرساممۇ  يەنە داۋاملىق مېھىرگە  ئېرىشىمەن ؟؟؟  مېھىر - مۇھەببەتكە ئەڭ تەشنا بولغان ئاكام  نىمىشقا  ئېرىشەلمەيدۇ ؟؟؟   بۇلار زادى نىمىشقا  ؟؟؟  بۇ  دۇنيا  راسلا پۇلى بارنىڭ بولۇپ كەتتىمۇ ؟؟؟؟؟   ئىنسانلاردا  مېھىر - مۇھەببەت ، ساداقەت ، ئىسانى غورۇر ، ئادىمىيلىك راسلا يوقاپ  كەتتىمۇ ؟؟؟؟

مەن  ئەڭ ئالدى بىلەن  ئۆزەمدىن ئاغرىنىمەن .  چۇنكى پاراغەت ئىچىدە ياشاپ ئاكامى ئۇنتۇپ  قالغىنىمدىن قاتتىق خىجىل بولىمەن . ئۆزۈمنى كەچۈرۈشكە ئامالسىزمەن .  

قەدىردانلا  ، سۆيۈملۇكلەر ، مېھرىبانلار ، ئەزىزلەر  ........ 
 ئەتراپىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار  بەلكىم سىلەر ئۇنۇتقان يېقىنلىرىڭلار  ، تۇققانلىرىڭلار ، دىلكەشلىرىڭلار .........  سىلەرگە مۇھتاج بولىۋاتقاندۇ . ئۇلاردا پۇل بولمىسا ھىچقىسى يوق ، ئۇلانى چەتكە قاقماڭلار ، ئۇلارنى تاشلىۋەتمەڭلار .....  ئۇلارغا كەلگەن كۈن سىلەرگە كەلمىسۇن ...  شۇكىرى قىلىش يۇزىسىدىن  ،  بىلىپ بىلمەي قىلغان گۇناھىڭلارغا  توۋا  قىلىش  ئۈچۈن بولسىمۇ  ئۇلارغا  ياردەم  قولۇڭلانى  سۇنۇپ  قويۇڭلار  ،  مېھىر  بېرىڭلار ......... 
   ئۇلارنىڭمۇ  دىلى  ئىللىسۇن ....  كۆڭلى  خوش  بولسۇن ....
قانداقتۇر  رەھىمسىز  تەقدىرگە  ،  ئادالەتسىز  جەمىئەتكە ئتتىرىپ  قويۇپلا  ئۆزەڭلارنى قاچۇرماڭلا !!!!!!! 

       مەنبە :  ئازاپلانغان قەلبىم .     <  غۇنچە >

ھەممەيلەنگە بەخىت سائادەت يار بولسۇن !!!!

ozung  bilgan  yolni atang

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19333
يازما سانى: 1235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4246
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 5838 سائەت
تىزىم: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-20 07:15:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەملەردىكى شەخسىيەتچىلىك كىشىلىك مىھىر- مۇھاببەتنى  ئۇنتۇلدۇردى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھەممىدە پايدىسى تىگىش- تەگمەسلىكنى ئۆلچەم قىلىدىغان بولۇپ كەتتى، ھەتتا قېرىنداشلار ئارىسىدىمۇ بەزىدە مەنپەئەتكە ئاساسەن مۇئامىلە قىلىش شەكىللىنىپ قالدى.
    ماقالىڭىزنى ئوقۇپ، نەۋرە ئاكىڭىزغا كۆيۇنىدىغان سىزدەك ، مىھرىبان سىڭلىسىنىڭ بارلىقىدىن سۆيۇندۇم، قولىڭىزدىن كىلىشىچە ياخشىلىق قىلىپ قويۇڭ، ئاللاھ رازى بولىدۇ ئەجرىڭىزگە.

ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

adam aldiha karap yaxixi kirak

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29569
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5939
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 3125 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2014-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-20 07:28:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ  توغرا يزىپسىز ، ھازىر جەمىيەتتىكى كىشىلەر خۇددى مۇشۇنىڭدەك بولۇپ كەتتى.
مىنىڭمۇ بىر تاغام باشقىلار تەرىپىدىن ئولتۇرۋىتىلىگەن ئىدى،باشتا يەڭگىمىز بالىنى ،<مەن بۇ ئۆيگە بالا بىلەن كەلمىگەن .>دەپ بالىنى چوڭ ئاپامغا تاشلاپ كەتتى.كىيىن سوتتا جىنايەتچىلەرگە بىر ئاز تۆلەم كىسىپ قويىۋىدى ،بالامنى ئۆزۈم باقىمەن، دەپ چوڭ ئاپامنى يىغلاپ -يالۋۇرىشىغا قارىماي ئىلىپ كەتتى.چۈنكى بالىنى كىم باقسا تۆلەم شۇنىڭغا بىرىلىدىكەن ،،،،،،،،،،،،،،ھەييييييييييي
ھازىر بۇ ئادەملەرگە بىر نىمە دىگىلى بولمىغىدەك.

تەڭ ئىدۇق ھەممىمىز تەڭرى ئالدىدا، ۋە لىكىن تەڭ ئەمەس دەۋىر ئالدىدا. كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن، ئاخىرى تەڭ بولىمىز قەۋرە ئالدىدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30973
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4092
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2011-2-19
ئاخىرقى: 2011-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-20 09:30:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ....................................   قانداق قىلىمىز بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىنى ،
ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەيلى   [s:135]

گۈلۈم ، كەتمە يېنىمدىن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1744
يازما سانى: 1871
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14104
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 1409 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-20 09:44:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھاببەت پەقەت يېنىمىزدىلا !

نە ئۈچۈن ياراتتىڭ ئەي ئۇلۇغ خۇدا ،
سۆيگەننى سۆيدۈرپ سۆيمىگەنلەرنى.
قىلساڭ بولماسمىدى جېنىدىن جۇدا ،
كۆيگەننى كۆيدۈرۈپ كۆيمىگەنلەرنى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27897
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6648
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 1702 سائەت
تىزىم: 2011-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-20 09:53:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ ،،،،،،
ھەي ،،،،،،،،راس دەيسىز ،بىز خۇشال- خۇرام يۇرگىنىمىز بىلەن نۇرغۇن بالىلارنىڭ كۆڭلى يىرىم ،كۆزىدە ياش ،ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك ياخشى تىما ئىكەن !
رەھمەت سىزگە .............

سىزگە ساتقىنلىق قىلغان ئادەمنى ئۇچراتقاندا ئۇنىڭغا كۇلۇمسىرەڭ !!!

كېچە بولغاچقىلا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29518
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5625
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 3066 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2012-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-20 11:03:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن،رەھمەت سىزگە~!~

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش