ئەسسامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار ،نۇرۇز بايرىمىڭلارغامۇبارەك بولسۇن
مەن تور كۈرۈۋېتىپ بۇ خەۋەرنى ئۇچىرىتىپ قالدىم .بىزنىڭ مىسرانىمنىڭ ئەزالىرى كۆپ بولغاچ ئۇلارنىمۇ خەۋەر تېپىپ قالسۇن دەپ ،تەربىيەۋى ئەھمىيتىمۇ باركەن دەپ يوللاشنى ئويلاپ قالدىم .
سوخۇ تورىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئىككى باي بىل.گېيتىس بىلەن ۋاررېن.باففېت سوخۇ تورىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئىككى باي بىل.گېيتىس بىلەن ۋاررېن.باففېت مۇشۇ ھەپتە ھىندىستانغا زىيارەتكە بېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ھىندىستاندىكى تېخىمۇ كۆپ بايلارنى تارتىپ چىقىرىپ، ئۇلار ئىئانە قىلغان پۇللارنى خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى ئىكەن.
بۇلتۇرمۇ بىل.گېيتىس بىلەن ۋاررېن.باففېت مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار دۇنيادىكى بىر قىسىم كۆزگە كۆرۈنگەن بايلارغا نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ مال مۈلكىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ياردەم قىلىشقا ئۈندىگەن ئىدى. نۆۋەتتە، ئامېرىكىدىكى59 نەپەر كاتتا باينى ئۈندەككە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ياردەم قىلىشقا كۆندۈرگەنىدى. ھازىر ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرىنى تېخىمۇ راۋاجلىنىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى بايلارنىڭمۇ دىققەت-ئېتىبارىغا سازاۋەر بولدى. ئەمما ھىندىستان قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى خىلى كۆپ بايلار تېخىچە بۇنىڭغا مۆرەپمۇ قويمىغان.
بىل.گېيتىس «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» دە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« مەن ۋاررېن.باففېت بىلەن ھىندىستانغا بېرىپ، ھىندىستاندىكى داڭلىق بايلار بىلەن ‹بىزنىڭ خەيرى-ساخاۋەتكە بولغان قىزغىنلىقىمىز ۋە ئۇنىڭ تەسىرى› توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىش ئېلىپ بارىمىز. مەن يەنە شۇنى كۆپچىلىكنىڭ ئېسىگە سېلىپ قويماقچىمەن، بىز تەرغىباتچى ئەمەس، بەلكى مەدەت بەرگۈچىلەر».
ئۇلار بۇلتۇر جۇڭگوغا كەلگەن بولۇپ، جۇڭگودىكى بايلارغىمۇ خىزمەت ئىشلىگەن ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قايتقانىدى.
مەنبە:
http://www.nur.cn/html/news/18959.shtml