مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4477|ئىنكاس: 56

«قۇرئان»نىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىرنى بىر دەيتمىز ماخما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10414
يازما سانى: 1429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15312
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 9549 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 08:32:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلاۋە: ماتىرىيالىمنى رەتلەۋېتىپ « ئاسىيا كىندىكى» گېزىتنىڭ 1995- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى بۇ ماقالە قولۇمغا چىقىپ قالدى. بۇنى كۈچۈرۈپ دوستلارنىڭ كۈرۈپ بېقىشىغا سۇندۇم.

«قۇرئان»نىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە

غالىپ خۇجابدۇل

[align=justify] 
«قۇرئان»دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىن، قانۇن ۋە دۇئا-تىلاۋەت دەستۇرىدۇر. «قۇرئان» قارا خانىيلار دەۋرىدە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان (مىلادى 955-956 -يىللىرى ۋاپات بولغان) زامانىسىدا سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىننى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەندىن بۇيانقى مىڭ يىلدىن ئارتۇق مەزگىلدە، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا كەڭ تارقالدى. شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەر ئىچىدە ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان «قۇرئان»دەك كۆپ تارقىتىلغان ۋە تەشۋىق قىلىنغان يەنە بىر كىتاپ بولمىسا كېرەك. بۇ كىتاپنىڭ شۇنچە ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنماي پەقەت 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا ئاندىن تەرجىمە قىلىنىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. «قۇرئان» خېلى بۇرۇنلا خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. ئېلىمىزنىڭ مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا (مىلادى 1628-1644) خەنزۇچىغا قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىنغان. تولۇق تەرجىمە نۇسخىلىردىن 1927-يىلدىكى «قۇرئان»، 1931-يىلدىكى «قۇرئان»نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى، 1932-يىلدىكى  «قۇرئان»نىڭ تەرجىمىسى ۋە ئىزاھات، 1943-يىلدىكى «قۇرئان»نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ۋە ئىلاۋەھە، 1946-يىلدىكى «قۇرئان»نىڭ تەرجىمىسى ۋە ئىزاھات، 1947-يىلدىكى «قۇرئان»نىڭ قىسقارتىلمىسى، 1952-يىلدىكى «قۇرئان»لار بار (خامىلىتون· ئا · گېببى« ئەرەپ ئەدەبىياتىنىڭ قىسقىچە تارىخى» 1984-يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى، (57-بەت). ئىسلام دىننىڭ تارقىلىش دەۋرى ۋە بىزگىچە يېتىپ كىلىش نۇقتىسىدىن «قۇرئان»نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسنىمۇ بالدۇر ئېلىپ بېرىلغان دېيىشكە بولمايدۇ. «قۇرئان»نى تەرجىمە قىلىشنىڭ شۇنچە كېچىكىپ كېتىىشى توغرىسىدا خىلمۇ-خىل قاراشلار بار. بەزىلەر، «قۇرئان» ئاللا تەرپىدىن چۈشۈرۈلگەن، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ تائىپلىرى تەرپىدىن يارالغان ئەمەس، دەپ قارالغاچقا ئۇنى تەرجىمە قىلىش چەكلەنگەن، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر «قۇرئان»نىڭ تىلى مىلادى 7-ئەسىردىكى ئەرەپ تىلى بولغاچقا ئۇنى باشقا تىللارغا  تەرجىمە قىلىشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان بۇلولۇشى مومكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى ۋاقىتلاردا لۇغەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققى قىلمىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر «قۇرئان»نى تولۇق مەنىسى بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىكتىن ئەنسىرەپ تەرجىمە قىلىشقا ئالدىراپ قول سالمىغان بولۇشى مومكىن دېيىشىدۇ. ئەنگىلىيىنىڭ مەشھۇر شەرىقشۇناس خامىلتون ئا · گىببىنىڭ قارىشىچە «قۇرئان» ئۆزىگە خاس ئىپادىلەش ماھارىتى جەھەتتە مىسلىسىز دەرىجىگە يەتكەن. مەيلى قەدىمكى ياكى ھازىرقى مۇسۇلمانلار بولسۇن«قۇرئان»نى مەزمۇن جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇسلۇب جەھەتتىنمۇ تەقلىد قىلىش مومكىن ئەمەس دېيىشىدۇ. قەدىمكى نەزىم نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئەدەبي جەھەتتىكى بىر مۇنچە ئالاھىدىلىكلەر تۈپەيلىدىن «قۇرئان»نى باشقا تىللارغا مۇۋاپىقىيەتلىك تەرجىمە قىلىش مومكىن ئەمەس دىيىشكە بولىدۇ. ئىسلام دىننىڭ ئەنئەنىۋى مەزھىپىدىكىلەر «قۇرئان»نى تەرجىمە قىلىش جەھەتتىكى ھەرقانداق ئۇرۇنۇشلارنى قەتئى رەت قىلىدۇ. چۇنكى ئۇلار تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ جىددى، جانلىق سۆزلىرى ئۆلۈك نەرسىگە ئايلىنىپ، گىرامماتىكىلىق قۇرۇلما جەھەتتە ئۇنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى يوقۇلۇپ كېتىشى، ئىستىلىستىكىلىق ئالاھىدىلىكى ئۆزگىرىپ كېتىشى، پەقەت قايتا تۈزۈپ چىققان، قۇرۇلمىسى چېچىلاڭغۇ، جانسز ھۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مومكىنكى، ئۇنىڭ بەدىئىيلىكى ئۈستىدە ئېغىز ئېچىش مومكىن ئەمەس دەپ قارايدۇ.

    مېنىڭچە ئەينى دەۋىرلەردە تارىخى شارائىت، دىنىي مۇھىت ۋە بىلىش جەھەتتىكى يۈزەكىلىك قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبىدىن «قۇرئان»نىڭ تەرجىمە قىلىنىشى كېچىككەن بولۇشى مومكىن. «قۇرئان»نىڭ 1984-يىلى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت مۇسۇلمان ئاممىسى ئۇزۇندىن بۇيان تولدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بىر بوشلۇقنى تولدۇردى. «قۇرئان»تەرجىمە قىلىنىشتىن ئىلگىرى دىنىي زاتلار ئىچىدە ئۇنى يادقا بىلىدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەنىسنى بىلىدىغانلار ناھايتى ئاز ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر «قۇرئان»نى مۇقەددەس دىنىي كىتاپ، سىرلىق دەستۇر دەپ تۇنىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ كونكىرىت مەنىسىنى بىلمەيتتى. شۇڭا بەزى دىنىي ئالدامچىلار خەلىقنىڭ بۇخىل ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ «قۇرئان»دىكى ھەرخىل ئايەت ۋە سۈرىلەرنىڭ مەنىسىنى بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىپ، ئۆزلىرنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلدى. بۇنىڭ بىلەن دىنىي ئەھكاملار شاخلاندۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخى ۋە پەلسەپىۋى پىكىرلىرنى، ئۇزۇن دەۋىرلەردىن بۇيانقى ئەنئەننىۋى قائىدە- پىرىنسىپلىرنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان رايۇنىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر قالايمىقان دىنىي پىرىنسىپ ۋە دىنىي مەزھەپلەرنىڭ قۇربىنىغا ئايلىنىپ كەتتى. «قۇرئان»نىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىىشى بۇخىل قالايمىقانچىلىققا خاتىمە بەردى. جەمئيىتىمىزدىكى ئېقىپ يۈرگەن سوپى-ئىشانلار ۋە روھانىيلارنىڭ دىنىي نىقابقا ئورنىۋېلىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالدى. خەلقىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندن بۇيانقى دىنىي پىرىنسىپلار بىلەن «قۇرئان»نىڭ ئۆزىگە ئىپادىلەنگەن پىرىنسىپلارنىڭ پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا يول ئاچتى. شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا نىسبەتەن توغرا ۋە ئىلمي مۇئامىلە قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارتىپ بەردى.

مەنبە:

«ئاسىيا كىندىكى» گېزىتى 1995-يىل6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى سانى


مۆھتىرەم تورداشلار: بۇ ماقالىنى يوللاپ ئۇزات ئۆتمەي بىر مەسلەكدىشىم تېلىفۇن قىلىپ: «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجخمىسى توغرىسىدا يەنە بىر ماتىرىيالدا باشقىچە مەلۇمات بارلىقىنى، يەنى: مىڭ يىل مابەينىدە « قۇرئان كەرىم» نەچچە قېتىم قىسمەن ۋە تۇلۇق ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىكىسى بولسا كىيىنكى تەرجىمە ئىكەنلىكىنى دىدى، لىكىن ئۇ شۇ ماتىرىيالنى تازا ئەسكە ئالالماي قاپتۇ. تورداشلاردا «قۇرئان كەرىم» نىڭ تەرجىمىسى توغرىلىق ماتىرىيال بولسا ئورتاقلاشساق دىگەن ئۈمىتتە مەن. رەھمەت!

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
baywatcha + 20 ياخشى
yaprah0999 + 50 رەھمەت سىىزگە، ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسى

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 70   باھا خاتىرىسى

قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!

nima disam bola amdi??

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31413
يازما سانى: 561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5570
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 08:51:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە مانداقمۇ تېما كۆرۇپ تۇرىلى مۇنبەردە  [s:132]

ھەربىر قەدەمنى ياخشى ئويلۇشۇپ ئال !بوممىسا مەڭگۈ پۇشايمان ئىچىدە ياشايسەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30224
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7555
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 2270 سائەت
تىزىم: 2011-2-13
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 08:52:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرئان ئەڭ مۇكەممەل كىتاپتۇر..ئاللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن...

يولىمىز يىراق،يۈكىمىز ئېغىر،ئېتىمىز ئورۇق!

ئۆلۈشكە ئەرزىگۈ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9760
يازما سانى: 1726
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33511
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 3450 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 08:53:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرئان توغرىلىق خېلى كۆپ ئىزدىنىپسىز ، ئاللاھ ئەجىرڭىزنى بەرگەي .
قۇرئاننى ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان كىشى مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىم شۇمۇيا ؟
كەينىدىكى ئىنكاس يازغۇچىلارغا:     مىللىي ،دىنى مەزمۇندىكى تىمىلارغا ھاياجىنمىزنى باسالماي قالايمىقان بىر نەرسىلەرنى يېزىپ قۇيۇپ تىمىنى تاقاپ قۇيىدىغان ئىشلارنى قىلمايلى ، سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئىنكاسىلىرمىز ئەلۋەتتە مۇنبىرمىزنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشىنىڭ ئاچقۇچى .
ئۆزىمىزنىلا ئويلىماي بارلىق مۇنبەرداشلارنى ئويلاپ قۇيايلى .

ئۆز ئاغزىغا ئىگە بۇلۇش ئىنسانلارنىڭ ئۆگىنۋېلىشقا تىگشىلىك ئەڭ گۈزەل ئەخلاقى .

كصشص كصشصگة مؤهت

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29944
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13678
تۆھپە نۇمۇرى: 561
توردا: 5821 سائەت
تىزىم: 2011-2-11
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 08:59:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرئاننىڭ تەرجىمە قىلىنىشى بىز ئۈچۈن بىر ياخشى ئىش دەپ قارايمەن،چۈنكى ئۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ،يەنە بىر ياخشى ئىش بۇرۇن ئاتا-بوۋىلىرىمىز قۇرئان ئوقۇشنى ئاساسەن دىگۈدەك بىلەتتىكەن لىكىن ھازىر بىلىدىغانلار ساناقلىقلا،شۇسەۋەپتىن ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئەسلىسىنى ئوقۇيالمىسىمۇ تەرجىمىسىنى بولسىمۇ  ئوقۇپ بىر تەرەپتىن كۆڭلى تەسكىن تاپسا يەنە بىر تەرەپتىن قەلبى ئازراق بولسىمۇ يورۇقلۇققا چىقىشى مۇمكىن.ئىشقىلىپ ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ.

كصشصنص كصشصگة مؤهتاج قصلصشتصن خؤدا ساقلصسؤن

كۈلىۋەرمە كۈلكى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29390
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5438
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 900 سائەت
تىزىم: 2011-2-6
ئاخىرقى: 2011-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 09:00:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify]شەرەپ سىز جېق ئىشلارنى بىلىدىكەنسىز، بۇقېتىمقى تېمىڭىزنىمۇ ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق ياخشى ئەھمىيەتلىك تېما يېزىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.


بېكارچى دېمەڭبىزنى، تېلىۋىزور كۆرەلەيمىز. جاننى قىينىماستىنلا، خوپ ھۇزۇر سۈرەلەيمىز.
تەكلىما بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 09:14:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەجەپ ئۇزۇن بولد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1655
يازما سانى: 827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5077
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 11130 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 09:33:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرئان كەرىمنى ئەڭ ئاۋال سابىت داموللام تۇرمىدە تەرجىمە  قىلغانغۇ دەيمەن

مەن ئاللاھتىن قورقمايدىغانلاردىن قورقمايمەن ، ئاللاھتىن قوققانلارنى ھۆرمەتلەيمەن .

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3009
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 09:40:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېمىكەن رەھمەت !

قۇرئانى كەرىم نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمغا ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن !

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

گاھى خۇشال كۈلەي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22657
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6904
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2066 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-21 09:43:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلامغا ئائىت بەزى تىمىلارنى چەكسە سانلىق مەلۇماتتا خاتالىق بار دەپ ئېچىلمايدىكەن

ئادەمسەن شەكسىز دۇر ئازماق ھەقىقەت، نىجادلىق ئىزدىسەڭ بار يەنە پۇرسەت تۆۋبىگە يېقىن بوپ ھۆرلۈك ئىزدىسەڭ   يىراقتۇرسىنىڭدىن بەلكىم ھالاكەت .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش